ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر، 

23-ئاپرىل دۇنيا كىتاپ كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئاللاھنىڭ ئۆز كىتابى بولغان قۇرئاننى قانداق تەرىپلىگەنلىكىنى پىروففسىور دوكتور مەھمەت ئوقۇيان ئۇستازنىڭ « قۇرئاندىن ھاياتقا ئەنۋارۇل قۇرئان » ناملىق تەپسىرىنى باشلىغاندا سۆزلىگەن« قۇرئاننىڭ قۇرئاندىكى ئىسىملىرى» دەرسىدىن ئارىيەنى سۇنىمىز. 

 بۇ دەرسنىڭ تامتەسۋىر ھۆججىتى يەنى PPT سىنى« قۇرئاننى چۈشۈنۈش ھەققىدە تام تەسۋىرلەر» تېمىسىدىن چۈشۈرۈۋېلىڭ. 

ئۇلانمىسى: https://yuzlen.net/?p=442  

YouTube دىن ئۇيغۇرچە خەتلىك دەرسىنى كۆرۈشنى خالىسىڭىز:   http://youtu.be/kXuMW74_N2Q

قۇرئاندا قۇرئاننىڭ ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلگەن ئىسمى ئەل – كىتاپ كەلىمىسىدۇر. ئىككىنجى سۆز ئەل – كىتاپتۇر.

ئەل – كىتاپ ھەم بۇ شەكىلدە ھەم كۇتۇب شەكلىدە ھەم مەكتۇب شەكلىدە قۇرئاندا 262 قېتىم ئۆتىدۇ. لېكىن، ئۆتكەن ھەر يەردە قۇرئان مەنىسىنى بىلدۈرمەيدۇ. ھەزرىتى مۇساغا بېرىلگەن كىتاپ مەنىسىدىمۇ ئىشلىتىلىدۇ، ھەزرىتى ھارۇنغا بېرىلگەن مەنىدىمۇ ئىشلىتىلىدۇ، ھەزرىتى ئىساغا بېرىلگەن مەنىدە پۈتۈن پەيغەمبەرلەرگە بېرىلگەن ئىلاھ ۋەھىي مەنىسىدە ئىشلىتىلىدۇ. لېكىن، ئاساسىي جەھەتتىن ھەزرىتى مۇھەممەدكە بېرىلگەن ئىلاھى ۋەھىي مەنىسىدە ئىشلىتىلىدۇ ئەل – كىتاپ كەلىمىسى.

نېمە ئۈچۈن ئىلاھى ۋەھىيگە ئەل – كىتاپ دېيىلىدۇ؟

ئەل – كىتاپ سۆزى بىلەن قۇرئان سۆزىنىڭ مەنا جەھەتتىن قانداق مۇناسىۋىتى بار؟

كىتاپ سۆزى، يان – يانغا تىزىش، بىر پۈتۈن گەۋدىنى شەكىللەندۈرۈشكە ئوخشاش مەنىدىن كېلىدۇ ئەل – كىتاپ كەلىمىسى.  ھەرپلەرنى يان – يانغا تىزسىڭىز جۈملە بولىدۇ، جۈملىلەرنى بىرلەشتۈرسىڭىز بىر پۈتۈن بولىدۇ، ئۇ پۈتۈننىڭ گەۋدىگە كىتاپ دېيىلىدۇ.

قۇرئاندىمۇ ھەقىقەتلەر ئارقىمۇ – ئارقا يان – تانغا تىزىلىدۇ، جەملىنىدۇ. بۇ ئارقىلىق بىر كىتاپ بولىدۇ. ئەمما، مەقسەت بۇ شەكىلدە بىر كىتاپ مەنىسىنى بېرىش ئەمەس.

نەمىل سۈرىسىدە ئىككى تانە ئۆزگىچە ئىشلىتىلگەن شەكلى بار ئەل – كىتاپ كەلىمىسىنىڭ. مەنچە، قۇرئانغا كىتاپ ئىسمىنى بېرىشنىڭ ئەسلى ھېكمىتى ئۇ يەردە.

نەمىل سۈرىسىدىكى ئىشلىتىش قانداق؟

 قاراڭلار، نەمىل سۈرىسى 28 ۋە 29 – ئايىتىگە، كىتاپ سۆزى ئۆتىدۇ. ئىككى كەلىمە بار بۇ كىتاپ كەلىمىسى قۇرئان مەنىسىدە ئەمەس. ئادەتتىكى يېزىلىش شەكلى كتب شەكلىدە.  

بۇلارنىڭ بىرسىدە جانابى ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ:

بۇ كىتاپنى ئاپارغىن، بۇنى ئۇلارغا يەتكۈزۈپ بەر، ئاندىن قايتىپ كەل.

بىر مەكتۇپ ھەققىدە توختىلىۋاتىدۇ، يەنى ھەزرىتى سۇلايمان بىلقىسقا يازغان مەكتۇب ھەققىدە توختىلىۋاتىدۇ.

ئۇ مەكتۇپ ئۈچۈن قۇرئان ” مكتب “  شەكلىنى ئەمەس ” كتب “ شەكلىنى ئىشلىتىدۇ.

بىلقىسمۇ مەكتۇپنى ئالغاندىن كېيىن مۇنداق دەيدۇ:

– ئى ئۇلۇغلار، ماڭا ھەقىقەتەن ناھايىتى قىممەتلىك بىر كىتاپ يەتكۈزۈلدى، يەنى بىر مەكتۇب يەتكۈزۈلدى.

 

كىتاپ دېگەنلىك ئەسلىدە مەكتۇپ دېگەنلىكتۇر.

ئۇنداقتا، مەكتۇب نېمە ئۈچۈن يېزىلىدۇ؟ مەقسەت نېمە؟

مەكتۇپنىڭ رولى، يازغۇچىنىڭ ئارزۇسىنى تەلىپىنى تاپشۇرۋالغۇچىغا يەتكۈزۈش ۋە ئۇنىڭدىن جاۋاپ ئېلىش ئۈچۈن يېزىلىدۇ. مەكتۇپ بۇ مەقسەتتە يېزىلىدۇ.

 

قۇرئانى كەرىم، ئاللاھ تائالانىڭ ئىنسانلاغا يازغان ئاخىرىقى مەكتۇبىدۇر، قۇرئان ئەڭ ئاخىرقى مەكتۇبتۇر. رەببىمىز ئىنسانلارغا مەكتۇپ ئەۋەتمەيدۇ. يېقىنلىرىمىزدىن تاپشۇرۋالغان مەكتۇپلار بىزنى قانداق ھاياجانلاندۇرىدىغان بولسا، قۇرئاننى ئۇنىڭ بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە نەزەرگە ئېلىشىمىز لازىم.

ئۇ مەكتۇپنى ( قۇرئاننى ) ئېلىپ ئاچىمىز، ئوقۇيمىز. مەكتۇپتا يېزىلغانلارنى چۈشۈنىمىز يېزىلغانلارنى ئىجرا قىلىمىز. ئاندىن مەكتۇپ ئەۋەتكۈچىگە جاۋاپ يازىمىز.

جاۋابىمىز يېڭىدىن بىر كىتاپنى قەلەمگە ئېلىش بىلەن ئەمەس، ئۇنىڭ كۆرسەتملىرىنى ھاياتىمىزغا تەدبىقلاش ئارقىلىق جاۋابىمىزنى ئاللاھقا ئەۋەتىمىز. بۇ مەكتۇپقا بېرىلىدىغان جاۋاپلار ئەمەللىرىمىزدىن تەشكىل قىلىنىدۇ، ئەمەللىرىمىز جاۋاپلىرىمىز بولىدۇ.

رەببىمىز بىزگە ئاخىرقى مەكتۇبىنى ئەۋەتتى، بىزدىن، ھەر بىرىمىزدىن جاۋاپ كۈتمەكتە. جاۋابىمىز تۇتقان ئەستايىدىل مۇئامىلىمىز ۋە ئەمەللىرىمىز بىلەن بولىدۇ.

شۇڭا، قۇرئانغا كىتاپ، ئەل – كىتاپ دېيىلىشىنىڭ سەۋەبى، ماڭا كۆرە بۇ.

بىزدىن جاۋاپ كۈتىۋاتىدۇ، ھەر كىشى ئۆزىگە كەلگەن مەكتۇبنىڭ جاۋابىنى ئۆزى بېرىدۇ. بۇ پەرز كۇپايىگە ئوخشاش بىر ئىش ئەمەس. ئىككى كىشىنىڭ جاۋاپ بېرىشى بىلەن قالغانلارمۇ جاۋاپ بەرگەن بولمايدۇ، ھەر كىشىدىن ئايرىم – ئايرىم ھالدا جاۋاپ كۈتۈلىۋاتىدۇ.

بىز مۇشۇنداق ھاۋالە قىلىشقا كۆنۈپ قاپتۇق.

شۇنداق ئەمەسمۇ؟ بىزنىڭ پەرز كۇپايە دەيدىغان بىر ئاتالغۇمىز بار

ئۈچ كىشى قىلىدۇ، قالغانلاردىن ساقىت بولىدۇ. قانداق بولىدىكىن تاڭ بۇ ئىش.

مەن سۈ ئىچسەم، سەن تويامسەن؟

– ياق.

قېنىشىڭ ئۈچۈن سېنىڭمۇ سۇ ئىچىشىڭ لازىم. مېنىڭ سۇ ئىچىشىم، سېنىڭ ئۇسسۇزلىقىنىڭ قاندۇرمايدۇ.

شۇڭا ھەممە ئادەم، ئاللاھ ئەۋەتكەن ۋەھىي بۇلىقىدىن ئۆزى ئېچىشى، ئۇسسۇزلىقىنى ئۆزى قاندۇرىشى كېرەك.

 

پروفېسسور دوكتۇر مەھمەت ئوقۇيان

تۈركىيە 19  مايىس ئۇنىۋېرسىتى ئىلاھىيەت فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى

تەرجىمە  باتۇر قاراخانلې