مۇمتەھانە سۈرىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

سۈرىگە 10 – ئايەتنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن « سىنالغان ئايال » مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان « مۇمتەھانە » ئىسمى قويۇلغان:

« ئى مۇئمىنلەر! سىلەرگە مۇئمىن ئاياللار ھىجرەت قىلىپ كەلسە، گەرچە اﷲ ئۇلارنىڭ ئىمانىنى ئوبدان بىلسىمۇ، سىلەر يەنىلا ئۇلارنى سىناپ كۆرۈڭلار » ( 10 ).

ئەگەر سۈرىنىڭ ئىسمى مۇمتەھانە شەكلىدە تەلەپپۇز قىلىنسا، توغرا تەلەپپۇز قىلىنغان ۋە ئىسمى ھەم سۈرىنىڭ مەزمۇنى بىلەن، ھەم لەبزى بىلەن بىر پۈتۈن گەۋدىگە ئايلانغان بولىدۇ.

سۈرە مەزمۇنىغا ماس بولمىغان شەكىلدە مۇمتەھىنە دەپ ئاتالغان. بۇ ئەھۋالدا ئېمتىھان، سۈرىگە نىسبەت قىلىنىپ « ئېمتىھان قىلغان سۈرە »، يەنى « ئېمتىھان سۈرىسى » مەنىسىگە بىلدۈرىدۇ. ئەگەر بۇ نەزەردە تۇتۇلغان بولسا، بۇ يەردە بىر خاتالىق بار دېمەكتۇر. چۈنكى فىرۇزئابادىنىڭ بايانىغا ئاساسەن سۈرىنىڭ ئۈچ ئىسمىدىن ئىككىنجىسى « ئېمتىھان سۈرىسى » بولۇپ، بىۋاستە مۇشۇنداق دېيىلسە تېخىمۇ توغرا بولىدۇ. مۇمتەھانەنىڭ مۇمتەھىنە دەپ ئوقۇلىشىنى ئىبارە خاتالىقى دەپ قاراشقا بولىدۇ. چۈنكى سۈرىنىڭ ئىسمىنى مۇمتەھىنە دەپ تەلەپپۇز قىلىشنى تەقەززا قىلىدىغان بىر مەزمۇنى يوق. مەزمۇنغا مۇۋاپىق بولغان ئىسمى مۇمتەھانەدۇر.

بۇنىڭدىن باشقا سۈرە، مەزكۇر سۈرىدە ئۈچ قېتىم تىلغا ئېلىنغان « مەۋەددە – سۆيگۈ / مۇھەببەت » كەلىمىسى بىلەنمۇ ئاتالغان ( 1، 7 ).

سۈرىنىڭ نازىل بولۇشىغا سەۋەب بولغان ۋەقە مۇنداق:

ھىجرى 4 – يىلىدا ئەبۇ لەھەبنىڭ سارە ئىسىملىك مۇشرىك دېدىكى مەدىنىگە كېلىپ ياردەم سورايدۇ. ئۇنىڭغا ياردەم قىلىنىدۇ. بۇ ئايال ھۇدەيبىيەدىن كېيىن مەككىگە قايىتقاندا، خاتىپ ئۇنىڭغا بىر مەكتۇپ بېرىدۇ. خاتىپ، ئۆزى ھىجرەت قىلغان بولسىمۇ ئانىسى، باللىرى ۋە قېرىنداشلىرى مەككىدە ھىمايىسىز قالغان بىر كىشى ئىدى. مېنىڭچە، ئۇ ئايال، مەككىلىكلەر جاسۇسلۇق ئۈچۈن ئەۋەتكەن ئايال بولۇپ، خاتىپنىڭ ئەقلىنى قايمۇقتۇرغان ئىدى.

بۇ ئايال كۇپرىدا چىڭ تۇرغان ۋە كاپىر ھالىتىدە ئۆلتۈرۈلگەن. بۇ ئايالنىڭ، فەتىھتىن كېيىن « ئامانلىق » بېرىلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلگەن ئىككى ئايالدىن بىرسى بولىشى بۇ قاراشنى كۈچلەندۈرمەكتە. خاتىپنىڭ ئۇھۇد ئۇرۇشىدا « يېرىڭلاردىن ئايرىلماڭلار » دېگەن بۇيرۇق بىلەن ئوقچىلار تۆپىسىگە يەرلەشتۈرۈلگەنلەر ئىچىدىن، بۇيرۇققا خىلاپلىق قىلىپ ئورنىدىن ئايرىلغانلار كىشىلەردىن بىرى ئىكەنلىكى نەزەردىن ساقىت قىلىنماسلىق كېرەك. ئۇ مەكتۇبدا مۇنداق يازغان:

« رەسۇلۇللاھ كېچىدە تۇيۇقسىز كەلگەن سەلگە ئوخشايدىغان قوشۇن بىلەن سىلەرگە قاراپ كېلىۋاتىدۇ، بۇنىڭدىن خەۋرىڭلار بولۇپ قالسۇن. ئاللاھ قا قەسەم بولسۇنكى، ئۇ ئۆزى يالغۇز ھالدا سىلەرگە قاراپ ئاتلانغان تەقدىردىمۇ، ئاللاھ ئۇنىڭغا نۇسرەت ئاتا قىلىدۇ. چۈنكى ئۇ، ئاللاھ نىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن ۋەدىسىگە نائىل بولىدۇ » ( ئالۇسى ).

رەسۇلۇللاھ بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ھەزرىتى ئەلى باشچىلىقىدا تۆت كىشىنى بۇ ئايالنى تۇتۇپ كېلىشكە ئەۋەتىدۇ. ئۇلار راۋزائى ھاھ دېگەن جايدا بۇ ئايالغا يېتىشىدۇ ۋە تەھدىد قىلىپ مەكتۇبنى تاپشۇرۇشقا مەجبۇرلايدۇ. ئۇ ئايال ئامالسىز مەكتۇبنى يوشۇرۇپ قويغان جايىدىن ئېلىپ ئۇلارغا تاپشۇرىدۇ. رەسۇلۇللاھ خاتىپنى چاقىرتىدۇ. خاتىپ:

« ئى رەسۇلۇللاھ، مېنىڭ زىيىنىمغا ھۆكۈم بېرىشتە ئالدىرمىغىن. مەن قۇرەيىشتىن ئەمەس، قۇرەيىىشنىڭ ياللانمىچىسى. سەن بىلەن بىرگە كەلگەن مۇھاجىرلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ مەككىدە يېقىنلىرى بار. ئۇلار مەككىدە قالغان ئائىلىسىنى ھىمايە قىلىدۇ. ئەمما مېنىڭ ئائىلەمنى ھىمايە قىلىدىغان كىشىلەر بولمىغانلىقتىن، بۇ يول بىلەن ئۇلارنى ھىمايە قىلىشنى مەقسەت قىلدىم. بۇنى، ئىنكار قىلغانلىقىم ياكى دىنىمدىن يۈز ئۆرىگەنلىكىم ۋەياكى ئىسلامدىن كېيىن كۇپۇرغا رازى بولغانلىقىم ئۈچۈن قىلمىدىم » دەيدۇ.

رەسۇلۇللاھ « راست گەپ قىلدى » دەيدۇ ۋە ئۇنى ئەپۇ قىلىدۇ ( تابارى ).

سۈرىنىڭ مەدىنىدە نازىل بولغانلىقى ھەققىدە ئۆلىمالار ھەمپىكىر. بىراق نازىل بولغان ۋاقتىنى بەلگىلەشتە ئىختىلاپ بار. بۇ ئىختىلاپ، سۈرىنىڭ كىرىش قىسمىدا بايان قىلىنغان خاتىپ ۋەقەسىنىڭ، مەككە فەتھى ھارپىسىدا يۈز بەرگەنلىكىنى قوبۇل قىلىشتىن كېلىپ چىققان. بۇنىڭغا قارىغاندا، رەسۇلۇللاھ مەككە سەپىرى ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتقاندا، نىشاننى خەيبەر قىلىپ كۆرسىتىپ ھەربىي تاكتىك ئىشلەتكەنىدى. ھالبۇكى، خەيبەر مەككە فەتىھ قىلىنىشتىن بىر يىل بۇرۇن فەتىھ قىلىنغان. سۈرىگە ئىسمى قويۇلغان ۋەقە ( 10 ) ھۇدەيبىيە سۈلھىسىدىن كېيىن يۈز بەرگەنىدى.

ئەگەر سۈرىنىڭ مەككە فەتھى ھارپىسىدا نازىل بولغانلىقى قوبۇل قىلىنسا، سۈرىنى ئىچكى جەھەتتىن ھۇدەيبىييەدىن كېيىنكى ( 10 – 12 ) ۋە فەتىھتىن بۇرۇن ( 1 – 9 ) دەپ ئىككى بۆلەككە ئايرىشقا توغرا كېلىدۇ. لېكىن سۈرىنىڭ ئاخىرىدىكى باياننىڭ يەنە كىرىشتىكى تېمىغا قايتىشى، سۈرىنىڭ ئىچكى جەھەتتىن بىر پۈتۈن ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

خاتىپ بىن ئەبى بەلتەئانىڭ مەكتۇبىنى، مەككىلىكلەرنى كۈتىۋاتقان مۇقەررەر ئاقىۋەت ھەققىدە ئالدىن بېرىلگەن « بىشارەت » دەپ قاراش مۇۋاپىق. مەكتۇبنى ئېلىپ ماڭغان ئايالنىڭ مەدىنىگە ھىجرى 4 – يىلى كەلگەنلىكى ۋە ھۇدەيبىيە سۈلھىسى بىلەن نەتىجىلەنگەن ئۆمرە ھەججىنى بىر « ھەربىي يۈرۈش » دەپ قارىساق، سۈرىنى ھۇدەيبىيە يىلى دەپ ئاتالغان ھىجرى 6 – يىلى نازىل بولغان دېيىشكە بولىدۇ.

ھەزرىتى ئوسمان تەرتىۋىدە ئەھزاپ – نىسا؛ ئىبن ئابباس تەرتىۋىدە نۇر – فەتىھ سۈرىسى ئارىسىغا تىزىلغان. ئالدىنقىسى كېيىنكىسىگە قارىغاندا بىر ئاز توغرىدەك تۇرىدۇ. بىزنىڭچە بۇ سۈرىنىڭ ئورنى مائىدە – فەتىھ سۈرىسىنىڭ ئارىسىدۇر. مەزكۇر سۈرىنىڭ ئەھزاپ سۈرىسىدىن كېيىن نازىل بولغانلىقى تارىخىي مەلۇماتلار بىلەن ئېنىق.

سۈرە جەڭ ئەخلاقى ھەققىدە توختىلىدۇ. بولۇپمۇ ئىسلام جامائىتى بىلەن كاپىرلار ئارىسىدىكى ھېسسى ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەر ھەققىدە رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك پىرىنسىپلارنى بەلگىلەيدۇ ( 1 – 3 ). سۈرىنىڭ بىرىنچى ئايىتى، ھەر دەۋر مۇئمىنلىرىنىڭ قۇلىقىدا چىڭ تۇرۇشى كېرەك بولغان تۈردىكى ئايەتلەردىن بىرى:

يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آَمَنُوا لَا تَتَّخِذُوا عَدُوِّي وَعَدُوَّكُمْ أَوْلِيَاءَ تُلْقُونَ إِلَيْهِمْ بِالْمَوَدَّةِ وَقَدْ كَفَرُوا بِمَا جَاءَكُمْ مِنَ الْحَقِّ يُخْرِجُونَ الرَّسُولَ وَإِيَّاكُمْ أَنْ تُؤْمِنُوا بِاللَّهِ رَبِّكُمْ إِنْ كُنْتُمْ خَرَجْتُمْ جِهَادًا فِي سَبِيلِي وَابْتِغَاءَ مَرْضَاتِي تُسِرُّونَ إِلَيْهِمْ بِالْمَوَدَّةِ وَأَنَا أَعْلَمُ بِمَا أَخْفَيْتُمْ وَمَا أَعْلَنْتُمْ وَمَنْ يَفْعَلْهُ مِنْكُمْ فَقَدْ ضَلَّ سَوَاءَ السَّبِيلِ

« ئى مۇئمىنلەر، مېنىڭ دۈشمىنىمنى ۋە سىلەرنىڭ دۈشمىنىڭلارنى دوست تۇتماڭلار! سىلەر ئۇلارغا دوستلۇق يەتكۈزىسىلەر، لېكىن ئۇلار سىلەرگە كەلگەن ھەقىقەتنى ( يەنى ئىسلامنى، قۇرئاننى ) ئىنكار قىلىپ، پەقەت رەببىڭلار اﷲ قا ئىمان ئېيتقىنىڭلار ئۈچۈن اﷲ رەسۇلىنى ۋە سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقاردى. ( ئۆز ۋاقتىدا ) سىلەر مېنىڭ يولۇمدا ۋە رازىلىقىمنى تىلەپ قىلغان بىر جىھاد نەتىجىسىدە ( يۇرتۇڭلاردىن ) چىققان ئىدىڭلار. ( ئەمما بۈگۈن )، فىترى رىشتىنى باھانە قىلىپ ئۇلارغا سىر بېرىۋاتىسىلەر. مەن سىلەر يوشۇرغان ۋە ئاشكارىلىغان نەرسىلەرنى بىلىپ تۇرىمەن، كىمكى شۇنداق قىلىدىكەن ( يەنى ئۇلارنى دوست تۇتۇپ، ئۇلارغا اﷲ رەسۇلىنىڭ خەۋەرلىرىنى يەتكۈزىدىكەن )، ئۇ ھەقىقەتەن توغرا يولدىن ئازغان بولىدۇ » ( 1 ).

ھەزرىتى ئىبراھىمنىڭ ئەتراپىدىكىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، بىر مۇستەسنا ئەھۋالنى نەزەرگە ئالمىغاندا، بۇ نوقتىدا ئۆرنەكتۇر ( 4 ). ئاللاھ تەرىپىدىن مۇئمىنلەرگە ئۆرنەك قىلىپ كۆرسىتىلگەن ئۇ ئۆرنەكتىكى مۇستەسنا ئەھۋال، ئۇنىڭ دادىسىغا دۇئا قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بېرىشى ۋە بۇت ياسىغۇچى دادىسىنىڭ كۇپۇر ئۈستىدە ئۆلگەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، بۇ ۋەدىسى سەۋەبىدىن ئۇنىڭغا مەغپىرەت تىلەش تەلىپىنى توختاتماسلىقى ئىدى:

قَدْ كَانَتْ لَكُمْ أُسْوَةٌ حَسَنَةٌ فِي إِبْرَاهِيمَ وَالَّذِينَ مَعَهُ إِذْ قَالُوا لِقَوْمِهِمْ إِنَّا بُرَآَءُ مِنْكُمْ وَمِمَّا تَعْبُدُونَ مِنْ دُونِ اللَّهِ كَفَرْنَا بِكُمْ وَبَدَا بَيْنَنَا وَبَيْنَكُمُ الْعَدَاوَةُ وَالْبَغْضَاءُ أَبَدًا حَتَّى تُؤْمِنُوا بِاللَّهِ وَحْدَهُ إِلَّا قَوْلَ إِبْرَاهِيمَ لِأَبِيهِ لَأَسْتَغْفِرَنَّ لَكَ وَمَا أَمْلِكُ لَكَ مِنَ اللَّهِ مِنْ شَيْءٍ رَبَّنَا عَلَيْكَ تَوَكَّلْنَا وَإِلَيْكَ أَنَبْنَا وَإِلَيْكَ الْمَصِيرُ

ئىبراھىم ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان (مۇئمىنلەر) سىلەرگە ھەقىقەتەن ئوبدان نەمۇنىدۇر، ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار قەۋمىگە:

« ھەقىقەتەن بىز سىلەردىن ۋە سىلەر اﷲ نى قويۇپ ئىبادەت قىلىۋاتقان بارلىق نەرسەڭلاردىن ئادا ـ جۇدامىز، بىز سىلەرنىڭ ( تۇرمۇش ئادىتىڭلارنى ) رەت قىلىمىز. سىلەر بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزدىكى ئاداۋەت ۋە ئۆچمەنلىك تاكى سىلەر يالغۇز بىر اﷲ قا ئىمان ئېيتقىنىڭلارغا قەدەر ئەبەدىي ساقلىنىپ قالىدۇ » دېدى.

پەقەت ئىبراھىمنىڭ ئاتىسىغا ئېيتقان « ئەلۋەتتە ساڭا مەغپىرەت تىلەيمەن، اﷲ نىڭ ئازابىدىن ھېچ نەرسىنى سەندىن دەپئى قىلالمايمەن» دېگەن سۆزىنى سىلەرنىڭ نەمۇنە قىلىشىڭلارغا بولمايدۇ. ( سىلەر قىلىشقا تىگىشلىك ئىش ):

« رەببىمىز ساڭا تەۋەككۈل قىلدۇق، ساڭا قايتتۇق، ئاخىر قايتىدىغان جاي سېنىڭ دەرگاھىڭدۇر » دەپ ( ئىلتىجا قىلىشتۇر ) ( 4 ).

مىللەتلەر / قەۋملەر ئارىسىدىكى ياخشى مۇناسىۋەتكە توسالغۇ بولغان ئەسلى سەۋەپ ھەقىقەت ( ئىسلام )نى ئىنكار قىلىش ئەمەس، ئەكسىچە ئېتىقادقا قارىتا بېسىم قىلىش ۋە تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشتۇر. پەرقلىق ئېتىقادقا ئىگە مىللەتلەر ئارىسىدا ئۆز ئارا دوستلۇق، مەرھەمەت، ياخشىلىق ۋە ئادالەتنى ئاساس قىلغان خوشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتى قۇرۇشقا بولىدۇ. ئىسلامدا ئۇرۇشنىڭ يوللۇق بولغان ئىككى سەۋەبىنىڭ بارلىقىنى تۆۋەندىكى ئايەتلەردىن كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. يەنى، ئېتىقادقا بېسىم قىلىش ۋە يۇرت ماكانىدىن چىقىرىۋېتىلىش. بۇنىڭدىن باشقا سەۋەپلەر، بولۇپمۇ پەرقلىق ئېتىقادقا ئىگە بولۇش ئۇرۇش باھانىسى بولالمايدۇ. پەرقلىق ئېتىقادقا مەنسۇپ كىشىلەر بىلەن ئۆزئارا دوستانە مۇناسىۋەت قۇرۇشنى ئاللاھ توسمايدۇ.

عَسَى اللَّهُ أَنْ يَجْعَلَ بَيْنَكُمْ وَبَيْنَ الَّذِينَ عَادَيْتُمْ مِنْهُمْ مَوَدَّةً وَاللَّهُ قَدِيرٌ وَاللَّهُ غَفُورٌ رَحِيمٌ (7) لَا يَنْهَاكُمُ اللَّهُ عَنِ الَّذِينَ لَمْ يُقَاتِلُوكُمْ فِي الدِّينِ وَلَمْ يُخْرِجُوكُمْ مِنْ دِيَارِكُمْ أَنْ تَبَرُّوهُمْ وَتُقْسِطُوا إِلَيْهِمْ إِنَّ اللَّهَ يُحِبُّ الْمُقْسِطِينَ (8) إِنَّمَا يَنْهَاكُمُ اللَّهُ عَنِ الَّذِينَ قَاتَلُوكُمْ فِي الدِّينِ وَأَخْرَجُوكُمْ مِنْ دِيَارِكُمْ وَظَاهَرُوا عَلَى إِخْرَاجِكُمْ أَنْ تَوَلَّوْهُمْ وَمَنْ يَتَوَلَّهُمْ فَأُولَئِكَ هُمُ الظَّالِمُونَ (9)

« بەلكىم اﷲ، سىلەر دۈشمەن دەپ قارايدىغان ئادەملەر بىلەن ئاراڭلاردا دوستلۇق پەيدا قىلىشى مۇمكىن، اﷲ ( بۇنىڭغا ) قادىردۇر، اﷲ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر.

(كۇففارلاردىن) سىلەر بىلەن دىنى ئېتىقاد سەۋەبىدىن ئۇرۇش قىلمىغان ۋە سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقارمىغانلارغا كەلسەك، اﷲ ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىشىڭلاردىن، ئۇلارغا ئادىل بولۇشۇڭلاردىن سىلەرنى توسمايدۇ، شۈبھىسىزكى، اﷲ ئادىللارنى دوست تۇتىدۇ.

اﷲ، دىن ئۈچۈن سىلەر بىلەن ئۇرۇشقان، سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقارغان ۋە سىلەرنى ھەيدەپ چىقىرىشقا ياردەملەشكەنلەرنى دوست تۇتۇشۇڭلاردىن سىلەرنى توسىدۇ، كىمكى ئۇلارنى دوست تۇتىدىكەن، ئۇلار زالىملاردۇر » ( 7 9 ).

بۇ ئايەتلەر، قۇرئاننىڭ ۋەھىينىڭ ئۇرۇش مەسىلىسىدە، يوللۇق بولغان ئۇرۇشنىڭ دائىرىسىنى بەلگىلەپ بەرگەن ئايەتلەردۇر. بۇ مەسىلىدە بارلىق مۇلاھىزىلەر بۇ ئايەتلەرگە ئاساسلانغان ھالدا ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك.

10 11 ئايەتلەر، ئىنكاردا چىڭ تۇرغان جۇپلار بىلەن بولغان ئەر ئاياللىق مۇناسىۋەتنى ئۈزۈشكە بۇيرىيدۇ. بۇ ۋەھىينىڭ ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنىڭ بىر ئىپادىسى. باشقا نوقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ ئايەت ئىسلام جەمىئىيىتىنىڭ ئىمان ئاساسىدا قۇرۇلغان ئائىلە بىلەن يۇقىرى كۆتۈرۈلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئارقىلىق مۇسۇلمان ئائىلىنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشى مەقسەت قىلىنماقتا. ئىسلام گۈللەنگەن بىر مۇھىتتا، بۇ ئەمىرنى سۈيئىستىمال قىلغۇچىلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، سۈرىدە « بەيئەت / ساداقەت قەسىمى » پىرىنسىپى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ( 12 ).

سۈرىدە ئۈمىدسىزلىك ئىپادىسى بولغان يەھۇدىيلار ۋە ئۇلار بىلەن بەلگىلىك مەقسەتتە ھەمكارلاشقانلارنىڭ، ئۇلاردىن قەلب رىشتىنى ئۈزۈشى تەۋسىيە قىلىنغان ( 13 ).

مانا بۇ شەكىلدە « ئىسلام جامائىتى » بىناسىنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشىدىكى ئاخىرقى كېسەك ئورنىغا قويۇلغان.