مائىدە سۈرىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

مائىدە « ( ئەرشتىن چۈشكەن ) دوستىخان » مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. 112 – 114 – ئايەتلەر ئارىسىدا ھەۋارىيۇنلارنىڭ ھەزرىتى ئىسانىڭ ھوزۇرىدا بايان قىلغان ئارزۇسى نەقىل قىلىنغان. ئەنە شۇ ئارزۇ سۈرىگە ئىسىم قىلىپ قويۇلغان. رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، سۈرە ساھابىلەر دەۋرىدىلا بۇ ئىسىم بىلەن ئاتالغان ( ئىبن ھەنبەل ).

سۈرە بىرىنچى ئايىتىدە تىلغا ئېلىنغان ۋە « ئەھدىلەر، ۋەدىلەر » مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان « ئۇقۇد » كەلىمىسى بىلەنمۇ ئاتالغان. ئۇنىڭدىن باشقا « قۇتقازغۇچى » مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان « مۇنقىزە » ئىسمى بىلەنمۇ ئاتالغان.

سۈرە مەدىنىدە ھۇدەيبىيە سۈلھىسىدىن كېيىن نازىل بولۇشقا باشلىغان بولۇپ، بىر قېتىمدىلا نازىل بولماستىن، زامانغا يېيىلغان ئاساستا قەدەممۇ – قەدەم نازىل بولغانلىقى ئېنىق.

نازىل بولۇشقا باشلىغان يىلى ۋە يىللار ھەققىدە پەرقلىق قاراشلار مەۋجۇت. قەدىمكى نازىل بولۇش تەرتىپلىرىدە سۈرە بىر – بىرىدىن پەرقلىق ئورۇنغا تىزىلغان. ھەزرىتى ئوسمانغا نىسبەت قىلىنغان نازىل بولۇش تەرتىۋىدە 112 – ئورۇن، فەتىھ – تەۋبە سۈرىسى ئارىسىدا؛ ئىبن ئابباس تەرتىۋىدە 108 – ئورۇن، سەپ – تەۋبە سۈرىسى ئارىسىدا؛ ئىمام جافەر تەرتىۋىدە تەۋبە سۈرىسىنىڭ ئارقىسىغا تىزىلغان بولۇپ، ئارقىدىن سانىغاندا ئىككىنجى سۈرە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

قەدىمكى تەرتىپلەردىكى بۇ ئورۇن، سۈرىنىڭ مەزمۇنى نەزەردە تۇتۇلغاندا، تازا مۇۋاپىق بولمىغاندەك تۇرىدۇ. چۈنكى سۈرىنىڭ يەھۇدىيلارغا مۇناسىۋەتلىك بۆلىكى ( 42 – 71 )، بولۇپمۇ 42 – 50 – ئايەتلەر ئارىسىدىكى بۆلەكتە مۇسۇلمان – يەھۇدىي ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر ئېنىق چىقىپ تۇرىدۇ. قەدىمكى تەرتىپلەردە سۈرىنىڭ تىزىلغان ئورنىغا قارالغاندا، سۈرىنىڭ نازىل بولۇش مەزگىلى ھىجرى 10 – يىلىغا توغرا كەلمەكتە، بۇ مەزگىلدە مۇسۇلمانلار بىلەن يەھۇدىيلار ئارىسىدا بۇنداق بىر مۇناسىۋەت يوق. بۇ، سۈرىدە تىلغان ئېلىنغان مۇناپىقلار ۋە ئۇلارغا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر ئۈچۈنمۇ ئوخشاش بىر ئەھۋال. بۇ سەۋەپتىن جابەرى ئارقىلىق يېتىپ كەلگەن جابىر بىن زەيد تەرتىۋىدە سۈرە ئەھزاپ – مۇمتەھىنە سۈرىسى ئارىسىغا تىزىلغان. بۇ ئورۇننى سۈرىنىڭ مەزمۇنى توغرىلىماقتا. بۇ سۈرىدە ھىجرەتتىن كېيىنلا مۇسۇلمانلار بىلەن يەھۇدىيلار ئارىسىدا تۈزۈلگەن « مەدىنە ۋەسىقىسى / بېتىمى » ئىما قىلىنغان بۆلەكلەر مەۋجۇت. بولۇپمۇ 42 – 71 – ئايەتلەر ئارىسىدىكى بۆلەك بىلەن، مۇئمىنلەر ۋە يەھۇدىيلار ئارىسىدا ھىجرەتتىن كېيىن تۈزۈلگەن مەدىنە ۋەسىقىسى ئارىسىدىكى ئوخشاشلىق كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. ئەگەر بۇ يىپ ئۇچىنى ئاساس قىلساق، سۈرىنى ھىجرەتتىن كېيىنلا نازىل بولۇشقا باشلىغان سۈرىلەر ئارىسىغا تىزىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇنداق بولغاندا، باشقا بىر مەسىلە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. يەنى ئۇنىڭدىن كېيىنكى مەزگىللەرنى ئىشارەت قىلغان باشقا بۆلەكلەر…  بۇ ئەھۋالدا بۇ مەسلىلەرنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشنىڭ بىردىنبىر چارىسى، سۈرىنىڭ بىر قېتىمدىلا نازىل بولماستىن، زامانغا يېيلغان ھالدا نازىل بولغانلىقىنى قوبۇل قىلىشتۇر. بىزنىڭچە بۇ، توغرا بولغان ئۇسلۇب.

يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكىنىمىزدەك سۈرىنىڭ بىر قېتىمدىلا نازىل بولمىغانلىقى ئېنىق. يۇقىرىدىكى بايانلارمۇ بۇنى تەستىقلايدۇ. سۈرىنىڭ بىر قانچە بۆلىكى مەدىنە دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە نازىل بولغان بولسا كېرەك. ھەتتا بۇ ساھەدىكى نوپۇزلۇق شەخسلەرنىڭ بايانىغا ئاساسلانغاندا، قۇرئاندا ئەڭ ئاخىرىدا نازىل بولغان ئايەتلەر بۇ سۈرىدە يەر ئالماقتا. ھەزرىتى ئائىشە ۋە ئىبن ئۆمەرگە نىسبەت قىلىنغان رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، مائىدە سۈرىسى قۇرئاننىڭ ئەڭ ئاخىرقى سۈرىسىدۇر. قۇرئاندىن ئەڭ ئاخىرىدا نازىل بولغان ئايەتلەرنىڭ بۇ سۈرىدە ئورۇن ئالغانلىقى سەۋەبىدىن بەلكىم مۇشۇنداق دېيىلگەن بولسا كېرەك. رەبى بىن ئەنەسنىڭچە سۈرە ۋىدا ھەججىدە نازىل بولغان. ئەسما بىنتى يەزىد مىنادا نازىل بولغانلىقىنى ئېيتقان. مۇجاھىدنىڭچە، 3 – ئايەتنىڭ ئاخىرقى يېرىمى مەككىنىڭ فەتھى قىلىنىشىدىن كېيىن، باشقىلارنىڭچە ۋىدا ھەججىدە نازىل بولغان. 3 – ئايەتنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا نازىل بولغان ئايەت ئىكەنلىكى بىردەك ئېتىراپ قىلىنغان. « ئەڭ ئاخىرىدا نازىل بولغان ئايەت قايسى؟ » دېگەن سوئالغا پەرقلىق جاۋاپلار بېرىلگەن. بۇ ساھەدە نوپۇزلۇق شەخسلەردىن بىرى بولغان ئبىن ئابباستىنمۇ پەرقلىق ئىككى رىۋايەت يېتىپ كەلگەن. بىراق مەزمۇنغا قارالغاندا، « بۇ ئەڭ ئاخىرقى ئايەت » دېگىلى بولىدىغان ئايەت، مەزكۇر سۈرىنىڭ 3 – ئايىتىدۇر:

الْيَوْمَ أَكْمَلْتُ لَكُمْ دِينَكُمْ وَأَتْمَمْتُ عَلَيْكُمْ نِعْمَتِي وَرَضِيتُ لَكُمُ الْإِسْلَامَ دِينًا

« بۈگۈن سىلەرنىڭ دىنىڭلارنى پۈتۈن قىلدىم، سىلەرگە نېئمىتىمنى تاماملىدىم، ئىسلام دىنىنى سىلەرنىڭ دىنىڭلار بولۇشقا تاللىدىم » ( 3 ).

ئايەت دىننىڭ « پۈتۈن »، نېئمەتنىڭ « تاماملانغانلىقى »نى بايان قىلماقتا. بىر نەرسىنى « پۈتۈن قىلىش »، ئۇنىڭ جەۋھىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك تەرەپلىرىنىڭ تولۇق شەكىللىنىشىنى، بىر پۈتۈن ئوتتۇرىغا چىقىرىلىشىنى بىلدۈرىدۇ. بىر نەرسىنى « تاماملاش » ئۇنىڭ جەۋھىرى تاماملانغان بولسىمۇ، مۇناسىۋەتلىك قىسمىنىڭ تېخى تولۇقلانمىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئاللاھ دىنىنى ھەر جەھەتتىن مۇكەممەللەشتۈرگەن. بۇ سەۋەپتىن كېيىن دىنغا بىر نەرسىلەرنى قوشۇپ قويۇش ( بىدىئەت ) رەسۇلۇللاھ تەرىپىدىن « ئازغۇنلۇق » ( زالالەت ) دەپ ئاتالغان. چۈنكى بۇ خىل قىلمىش، دىننىڭ پۈتۈن قىلىنغانلىقىدىن ئىبارەت ئىلاھىي بۇيرۇققا قارشى چىققانلىق مەنىسىنى ئىپادىلەيدۇ. لېكىن نېئمەت پۈتۈن قىلىنمىغان، تاماملانغان، نېئمەتنى تاماملاش ۋەزىپىسى بۇ ئۈممەتنىڭ ئالىملىرىنىڭ، يېتەكچىلىرىنىڭ ۋە رەھبەرلىرىنىڭدۇر. ئىلىم ساھەسىدە ئىجتىھاد، مۇجادىلە ساھەسىدە جىھاد، قەلب ساھەسىدە مۇجاھەدە ( نەپسىگە قارشى كۆرەش قىلىش )، ھايات ساھەسىدە جەھد ( كۈچىنىڭ يېتىشىچە تىرىشىش ) بىلەن بۇ ۋەزىپە ئادا قىلىنىدۇ.

مائىدە سۈرىسى بەلگىلىمىلەر ۋە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك رامكىلار بەلگىلەنگەن سۈرە بولۇپ، قۇرتۇبى پەقەت بۇ سۈرىنىڭ ئۆزىدىلا تىلغا ئېلىنغان 19 پەرزىنى ئېنىقلاپ چىققانلىقىنى ئېيتقان. سۈرە، ئىنساندا ئۆزىنى باشقۇرغان ۋە بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلغان ئاساستا ياشاش ئېڭىنى شەكىللەندۈرۈشنى مەقسەت قىلماقتا. چۈنكى بىر چەك – چېگرا بولمىسا، چەكسىزلىك بولىدۇ، ئىنسان چەكسىزلىك ئىچىدە ئۆزىنى يوقۇتۇپ قويىدۇ.

سۈرە ئاللاھ – بەندە ئارىسىدىكى ئەھدىگە ۋاپا قىلىش ھەققىدىكى تەلىمات بىلەن باشلىنىدۇ. غىزانىڭ ھالال – ھارام دائىرىسىنى بەلگىلەپ بېرىدۇ. پەقەت جانلا بوغازدىن كەلمەيدۇ، شەيتانمۇ بوغازدىن كېلىدۇ. ھالال ۋاپادار، ھارام ۋاپاسىزدۇر. بوغازدىن كىرگەن ھەر ھارام لوقما چىقىدىغان ھارام يەرنى ئىزدەيدۇ. ھارامدىن كەلگەن كىرىم، چىقىش ئۈچۈن ھارام جاينى ئىزدەيدۇ.

قۇرئان ھارامنىڭ ھالال قىلىنىشى ھەققىدە بىر قېتىم توختالسا، ھالالنىڭ ھارام قىلىنىشى ھەققىدە ئون قېتىم توختىلىدۇ. بۇ سەۋەپتىن سۈرە سېغىر تۈرىدىكى ھايۋانلارنىڭ ھالال قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر بىلەن باشلىنىدۇ. ئۆز دەۋرىدە يەھۇدىيلار ۋە مەزكۇر رايۇندىكى باشقا مەدەنىيەتلەردە ئۆز مەيلىچە بەزى ھالاللارنى ھارام قىلىدىغان ئادەت بار ئىدى. بۇ ھۆكۈملەر مەزكۇر خاتا « ھاراملارنى » ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. سۈرىنىڭ 4 – ئايىتى بۇ ھەقىقەتنى بايان قىلىدۇ:

يَسْأَلُونَكَ مَاذَا أُحِلَّ لَهُمْ قُلْ أُحِلَّ لَكُمُ الطَّيِّبَاتُ

ئۇلار سەندىن ئۆزلىرىگە (يېمەك ـ ئىچمەكتىن) نېمىلەرنىڭ ھالال قىلىنغانلىقىنى سورايدۇ.

ئېيتقىنكى، « سىلەرگە پاك نەرسىلەر ۋە ياخشى بولغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ھالال قىلىندى » ( 4 ).

يۇقىرىدا كۆرۈلگەندەك، ئايەت ھالاللارنى ساناپ ئۆتمەيدۇ. ئومۇمىي دائىرىنى بەلگىلەش بىلەن كۇپايىلىنىدۇ. ئىسلام فىقىھىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈملىرىمۇ بۇ ئايەتلەرنى ئاساس قىلغان ھالدا بەلگىلەنگەن. بۇ پرىنسىپقا ئاساسلانغاندا شەيئىلەردە ئەسلى مەقسەت ئەركىن – ئازادە بولۇش بولۇپ، بۇ سەۋەپتىن ھارام قىلىنغان نەرسىلەر تىلغا ئېلىپ ئۆتۈلىدۇ، ھالال قىلىنغان نەرسىلەر تىلغا ئېلىنمايدۇ. بىر نەرسە چەكلەنمىگەن بولسا، ئەركىن قويۇپ بېرىلگەن بولىدۇ.

سۈرىنىڭ 5 – ئايىتىدە ئەھلى كىتاپنىڭ يېمەك – ئىچمىكىنىڭ ۋە ئاياللىرىنىڭ ھالال قىلىنغانلىقى بايان قىلىنغان. بۇنىڭدىن، قۇرئاننىڭ كىتاپ ئەھلى دەپ تونۇشتۇرغان يەھۇدىيلار ۋە خىرىستىيانلار ئۈچۈن ئالاھىدە بىر بەلگىلىمىنى بىكىتكەنلىكىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ:

الْيَوْمَ أُحِلَّ لَكُمُ الطَّيِّبَاتُ وَطَعَامُ الَّذِينَ أُوتُوا الْكِتَابَ حِلٌّ لَكُمْ وَطَعَامُكُمْ حِلٌّ لَهُمْ وَالْمُحْصَنَاتُ مِنَ الْمُؤْمِنَاتِ وَالْمُحْصَنَاتُ مِنَ الَّذِينَ أُوتُوا الْكِتَابَ مِنْ قَبْلِكُمْ إِذَا آَتَيْتُمُوهُنَّ أُجُورَهُنَّ مُحْصِنِينَ غَيْرَ مُسَافِحِينَ وَلَا مُتَّخِذِي أَخْدَانٍ وَمَنْ يَكْفُرْ بِالْإِيمَانِ فَقَدْ حَبِطَ عَمَلُهُ وَهُوَ فِي الْآَخِرَةِ مِنَ الْخَاسِرِينَ

« بۈگۈن سىلەرگە پاك نەرسىلەر ھالال قىلىندى، كىتاب بېرىلگەنلەر (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) نىڭ تامىقى سىلەرگە ھالالدۇر ۋە سىلەرنىڭ تامىقىڭلار ئۇلارغا ھالالدۇر، مۇئمىنلەردىن بولغان ئەفىفە ئاياللارنىڭ، سىلەردىن ئىلگىرى كىتاب بېرىلگەنلەر (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) دىن بولغان ئەفىفە ئاياللارنىڭ مەھرىنى بەرسەڭلار، ئىپپەتلىك بولغىنىڭلار ۋە ئاشكارا ـ يوشۇرۇن پاھىشىنى كۆزلىمىگىنىڭلار ھالدا (ئۇلارنى ئالساڭلار)، ئۇلار سىلەرگە ھالالدۇر، كىمكى ئىماننى ئىنكار قىلىدىكەن، ئۇنىڭ ئەمەلى (نىڭ ساۋابى) يوققا چىقىرىلىدۇ، ئاخىرەتتە ئۇ زىيان تارتقۇچىلاردىن بولىدۇ » ( 5 ).

ئايەتنىڭ ئاخىرىدا مەلۇم بولغاندەك بۇنىڭ سەۋەبى « ئۇلارنىڭ ئىمانىنى ئىنكار قىلماسلىق »تۇر. چۈنكى « كىم ئىماننى ئىنكار قىلسا ئەمەلى بىكار بولۇپ كېتىدۇ ». ئىنكار قىلىنماسلىقى تەلەپ قىلىنغان بۇ ئىمان، ئايەتنىڭ نازىل بولۇش سەۋەبىدىنمۇ مەلۇم بولغىنىدەك يەھۇدىي ۋە خىرىستىيانلارنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان ۋە ئىچىگە باشقا نەرسىلەر قوشۇلۇپ كەتكەن ئىمانىدۇر. بۇ نوقتىدا كىشىنىڭ ئەقلىگە مۇنداق بىر سوئال كېلىدۇ: « قۇرئان يەھۇدىي ۋە خىرىستىيان بىرسىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان ئىمانىنى ئىنكار قىلىشنى، ئىماننى ئىنكار قىلغانلىق دەپ تىلغا ئالىدۇ. ئۇنداقتا مۇئمىننىڭ ئىمانىنى ئىنكار قىلىشنىڭ ۋابالى قانچىلىك ئېغىر بولار؟ ».

ئالىدىغان ساۋاق: مۇئمىننى تەكفىر، قۇرئانغا ئاساسەن ئىماننى ئىنكار قىلغانلىق بولىدۇ.

سۈرىدە غىزا مەسىلىسى تەۋھىدنى چۆرىدىگەن ئاساستا قايتا تىلغا ئېلىنىدۇ. سۈرىدە باشتىن ئاياغ تىلغا ئېلىنغان ھەر تېمىدىن كېيىن، سۆز ئىسلامنىڭ ئەڭ چوڭ پرىنسىپى بولغان تەۋھىدكە كېلىدۇ.

قۇرئاندا ئەڭ ئاخىرىدا نازىل بولغان 3 – ئايەتنىڭ ئاخىرقى قىسمى، سۈرىنىڭ دەسلەپكى بۆلىكى نازىل بولغان مەزگىل ھەققىدە يىپ ئۇچى بەرمەكتە. ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان « بۈگۈن »، رەسۇلۇللاھ ۋاپات بولۇشتىن تەخمىنەن ئىككى ئاي بۇرۇنقى ۋىدا ھەججىنى كۆرسەتسە كېرەك.

قۇرئاندا تاھارەت ۋە تەيەممۇمنىڭ قانداق ئېلىنىدىغانلىقى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلگەن ئايەتلەر بۇ سۈرىدە يەر ئالىدۇ. بۇ ئايەتلەر تۆۋەندىكىچە:

يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آَمَنُوا إِذَا قُمْتُمْ إِلَى الصَّلَاةِ فَاغْسِلُوا وُجُوهَكُمْ وَأَيْدِيَكُمْ إِلَى الْمَرَافِقِ وَامْسَحُوا بِرُءُوسِكُمْ وَأَرْجُلَكُمْ إِلَى الْكَعْبَيْنِ وَإِنْ كُنْتُمْ جُنُبًا فَاطَّهَّرُوا وَإِنْ كُنْتُمْ مَرْضَى أَوْ عَلَى سَفَرٍ أَوْ جَاءَ أَحَدٌ مِنْكُمْ مِنَ الْغَائِطِ أَوْ لَامَسْتُمُ النِّسَاءَ فَلَمْ تَجِدُوا مَاءً فَتَيَمَّمُوا صَعِيدًا طَيِّبًا فَامْسَحُوا بِوُجُوهِكُمْ وَأَيْدِيكُمْ مِنْهُ مَا يُرِيدُ اللَّهُ لِيَجْعَلَ عَلَيْكُمْ مِنْ حَرَجٍ وَلَكِنْ يُرِيدُ لِيُطَهِّرَكُمْ وَلِيُتِمَّ نِعْمَتَهُ عَلَيْكُمْ لَعَلَّكُمْ تَشْكُرُونَ

« ئى مۆمىنلەر! (سىلەر تاھارەتسىز بولۇپ) ناماز (ئوقۇماقچى بولۇپ) تۇرغىنىڭلاردا، يۈزۈڭلارنى يۇيۇڭلار، قولۇڭلارنى جەينىكىڭلار بىلەن قوشۇپ يۇيۇڭلار، بېشىڭلارغا مەسھى قىلىڭلار، پۇتۇڭلارنى ئوشۇقۇڭلار بىلەن قوشۇپ يۇيۇڭلار، ئەگەر جۇنۇپ بولساڭلار پاكلىنىڭلار (يەنى غۇسلى قىلىڭلار)، ئەگەر كېسەل بولساڭلار (سۇ زىيان قىلىدىغان بولسا)، ياكى سەپەر ئۈستىدە بولۇپ (سۇ تاپالمىساڭلار)، ياكى سىلەرنىڭ بىرسىڭلار ھاجەتخانىدىن كەلگەن (يەنى تاھارەت سۇندۇرغان) بولساڭلار، ياكى ئاياللىرىڭلار بىلەن يېقىنچىلىق قىلغاندىن كېيىن (غۇسلى تاھارەت ئۈچۈن) سۇ تاپالمىساڭلار، پاك تۇپراقتا تەيەممۇم قىلىڭلار، ئۇنىڭ بىلەن يۈزۈڭلارغا، قولۇڭلارغا مەسھى قىلىڭلار، اﷲ سىلەرگە مۇشەققەتنى خالىمايدۇ، لېكىن اﷲ شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرنى پاك قىلىشنى، (ئىسلام شەرىئىتىنى بايان قىلىش بىلەن) نېمىتىنىڭ ھەممىسىنى سىلەرگە بەخش ئېتىشنى خالايدۇ » ( 6 ).

قۇرئاننىڭ ئادالەت ھەققىدىكى تەلىماتلىرىدىن بىرسى بۇ سۈرىدە يەر ئالغان:

يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آَمَنُوا كُونُوا قَوَّامِينَ لِلَّهِ شُهَدَاءَ بِالْقِسْطِ وَلَا يَجْرِمَنَّكُمْ شَنَآَنُ قَوْمٍ عَلَى أَلَّا تَعْدِلُوا اعْدِلُوا هُوَ أَقْرَبُ لِلتَّقْوَى وَاتَّقُوا اللَّهَ إِنَّ اللَّهَ خَبِيرٌ بِمَا تَعْمَلُونَ

« ئى مۇئمىنلەر! اﷲ ئۈچۈن ھەق تەرەپتە تۇرۇپ ئادالەتنىڭ سىمۋولى بولۇڭلار، بىرەر قەۋمگە بولغان ئۆچمەنلىكىڭلار (ئۇلارغا) ئادىل بولماسلىقىڭلارغا سەۋەب بولمىسۇن، (دۈشمىنىڭلارغا) ئادىل بولۇڭلار، بۇ (يەنى ئۇلارغا ئۆچمەن تۇرۇپ ئادىل بولۇشۇڭلار) تەقۋادارلىققا ئەڭ يېقىندۇر، اﷲ ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىڭلارنى ئۇنتۇماڭلار، اﷲ ھەقىقەتەن قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر » ( 8 ).