ئۆزىگە « زالىم » دېگۈزمەيدىغان بەندە، نېمىشقا  « زۇلۇم »نى ئاللاھ قا نىسبەت قىلىدۇ؟

 

ئىمام ئەلبەسرى قەتىئىيلىك بىلەن ماۋزۇدىكى سوئالنى سورايدۇ ۋە ئاندىن مۇنداق دەيدۇ: « ياقتۇرمىغانلىرىنى ئاللاھ قا نىسبەت قىلغان كىشىلەر، ياقتۇرغانلىرىنى بولسا ئۆزلىرىگە نىسبەت قىلىدۇ ». بۇ مۇشرىكلارنىڭ قىز پەرزەنتلىرى ھەققىدىكى پوزىتسىيىسىنى ئەسلەتمەمدۇ؟ ئۇلارغا قىز پەرزەنت خەۋرى خۇددى بىر پالاكەت خەۋرىدەك تۇيۇلاتتى. بىراق ئاللاھ قا شېرىك قىلىۋالغان بۇتلىرىنى ۋە پەرىشتىلەرنى « ئايال » دەپ بىلەتتى ۋە شۇنداق تەسۋىرلىشەتتى. قۇرئان ئۇلارنى مۇنداق تەنقىد قىلىدۇ: « ( سىلەرچە ياخشى ھېساپلانغان ) ئۇغۇل پەرزەنت سىلەرگە خاس، ( سىلەرچە يامان ھېساپلانغان ) قىز پەرزەنت ئاللاھ قا خاس، شۇنداقمۇ؟ » ( نەجم، 21 ).

ئۇ، قەدەرچىلەرنىڭ « ئۇ ( ئاللاھ ) خالىغىننى / خالىغاننى ھىدايەت قىلىدۇ، خالىغىننى / خالىغاننى گۇمراھ قىلىدۇ » ( رەئىد، 27 ) مەنىسىدىكى ئايەتلەرنى سۈيئىستىمال قىلغانلىقىنى ئېيتىدۇ. بۇ ۋە بۇنىڭغا ئوخشاش ئايەتلەرنىڭ دەل باش ۋە ئاخىرىدا گۇمراھلىق ۋە ھىدايەت سەۋەپلىرى مۇتلەق رەۋىشتە تىلغا ئېلىنىدۇ. بۇ ھىدايەت ياكى گۇمراھلىقنىڭ ھەممىسى، ئىنساننىڭ ئۆز ئىختىيارلىقىغا باغلىق ئەمەللەردۇر. دېمىسىمۇ ئارقىدىنلا كەلگەن ئىبراھىم سۈرىسى 27 – ئايەتتە، ئاللاھ نىڭ ئىمان ئېيتقانلارنى ھىدايەتكە يۈزلەندۈرىدىغانلىقى، زالىملارنى پۇتلىرىنىڭ قېيىشىغا رۇخسەت قىلىدىغانلىقى بايان قىلىنغان. ئاندىن بىر قاتار ئايەتلەرنى تىلغا ئېلىپ، ئاللاھ نىڭ خالىشىنىڭ كەلسە – كەلمەس ئەمەس، بەلكى ئۆزى بەلگىلىگەن پىرىنسىپلار ئاساسىدا بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان.

ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ خىلدىكى ئايەتلەرنىڭ ھەممىسىدە « يَشَاء – خالىسا » پېئىلىنىڭ ئوخشاش بىر ۋاقىتتا، بىرى ئىنساننى ( من – مەن )، يەنە بىرى ئاللاھ نى كۆرسىتىدىغان يوشۇرۇن ئالماش ( ھۇ –ئۇ ) تىن ئىبارەت ئىككى ئىگىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن ئىدۇق. بۇ ئەھۋال ئاستىدا، بۇ خىلدىكى ئىبارىلەرنىڭ ھەممىسى « ئاللاھ ئېزىشنى خالىغان كىشىنىڭ گۇمراھ بولىشىنى ( ئېزىشىنى ) خالايدۇ / رۇخسەت قىلىدۇ. توغرا يولغا مېڭىشنى خالىغان كىشىنىڭ ھىدايەت تېپىشىنى خالايدۇ / رۇخسەت قىلىدۇ » شەكلىدە چۈشۈنىلىشى تىل جەھەتتىنمۇ بىر زۆرۈرىيەتتۇر.

قۇرئان تۆۋەندىكىدەك ئايەتلەر بىلەن تولۇپ – توشقان تۇرۇغلۇق، كىممۇ ئەمەللىرىنىڭ مەسئۇليىتىنىڭ ئورنىغا قەدەرنىڭ مەجبۇرىيىتىنى قويالىسۇن:

« بىز ھەرقانداق ئەلچى / رەسۇلنى پەقەت ئىتائەت قىلىنىشى ئۈچۈنلا ئەۋەتتۇق، ئۇلار ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغاندا، ساڭا كېلىپ ئاللاھ تىن مەغپىرەت تىلىسە ئىدى ۋە رەسۇلمۇ ئۇلارنىڭ مەغپىرەت قىلىنىشى تىلەپ دۇئا قىلغان بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە ئۇلار ئاللاھ نى كەچۈرۈم قىلغۇچى، ناھايىتى مېھرىبان تاپاتتى » ( نىسا، 64 ).

«… ئاللاھ سىلەرگە ئاسانلىقنى خالايدۇ، تەسلىكنى خالىمايدۇ، ( ئاغزىڭلار ئوچۇق يۈرگەن كۈنلەرنىڭ قازاسىنى قىلىش بىلەن رامىزان روزىسىنىڭ ) سانىنى تولدۇرۇشۇڭلارنى، سىلەرنى ھىدايەت قىلغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھ نى ئۇلۇغلىشىڭلارنى خالايدۇ، مۇشۇنداق قىلساڭلار شۈكۈر قىلغان بولىسىلەر » ( بەقەرە، 185 ).

« ئى ئادەم! سەن ئايالىڭ بىلەن ئىككىڭلار بىللە جەننەتتە تۇرۇڭلار، جەننەتنىڭ مېۋىلىرىدىن خالىغىنىڭلارچە يەڭلار، بۇ دەرەخكە يېقىنلاشماڭلار، بولمىسا زالىملاردىن بولۇپ قالىسىلەر » ( ئەئراف، 19 ).

قۇرئاننىڭ بۇ ۋە بۇنىڭغا ئوخشاش يۈزلەرچە ئايىتىدە، ئىنساننىڭ ئەركىن تاللىشىغا ۋە ئىنساننى كۈتۈپ تۇرغان ئاقىۋەتنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى، بۇ تاللاشنىڭ بەلگىلەيدىغانلىقى ئىشارەت قىلىنغان.