1950 – يىلىدا  بىرسى چىقىپ يېرىم ئەسىردىن كېيىن ياپۇنىيە ۋە گىرمانىيىنىڭ دۇنيانىڭ ئىككىنجى ۋە ئۈچىنچى ئىقتىسادى كۈچى بولىدىغانلىقىنى ئېيتسا ئۇنىڭغا ھېچكىم ئىشەنمەيتتى. 1970 – يىلىدا جوڭگونىڭ 2007 – يىلىدا دۇنيانىڭ تۆتىنجى چوڭ ئىقتىسادى كۈچى بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان كىشىنى خىيالپەرەست دېيىشەتتى. 1800 – يىللىرىدا ئا ق ش نىڭ 1900- يىللىرىدا بىر دۇنياۋى كۈچ بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان كىشىگە ئىشىنىدىغانلار چەكلىك بولاتتى. ھەممە نەرسە ئۆزگىرىدۇ ۋە ھېچ ئويلاپ باقمىغان ئىشلار يۈز بېرىپ تۇرىدۇ.

بۇ سەۋەپتىن 2007 – يىلدا مېكسىكىنىڭ ئاۋۇستېرالىيىنىڭ ئارقىسىدا، دۇنيانىڭ چوڭ ئىقتىسادى كۈچلىرى ئارىسىدا 15 – ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى بىلىش مۇھىم. كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان مىللىي دارامەت جەھەتتە خېلى ئارقىدا تۇرىدۇ. دۇنيا بانكىسى ستاستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان مىللىي دارامەت 12 مىڭ دوللار ئەتراپىدا بولۇپ، تۈركىيە بىلەن ئوخشاش ئورۇندا تۇرىدۇ، لېكىن چوڭ ئىقتىسادى كۈچ بولغان جوڭگونىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ.

كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان مىللىي دارامەت مۇھىم، لېكىن خەلقئارالىق كۈچ بولۇش ئۈچۈن ئىقتىسادنىڭ جۇغلانما ھالدىكى چوڭلىقى ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. كەمبەغەللىك ھەقىقەتەن بىر مەسىلە، ئەمما مۇداپىئە ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ساھەلەرگە ئايرىلىدىغان راسخوت ئىقتىسادنىڭ چوڭلىقىغا قاراپ ھېسابلىنىدۇ. سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە جوڭگودا كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان مىللىي دارامەت ناھايىتى ئاز، لېكىن بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىنىڭ چوڭلىقى ئۇلارنى چوڭ كۈچلەرگە ئايلاندۇردى. ئىقتىسادنىڭ چوڭلىقى ۋە نوپۇسنىڭ كۆپلىكى تارىختا بەزى دۆلەتلەرنى كەمبەغەل بولىشىغا قارىماستىن مۇھىم ئورۇنغا ئىگە قىلغان.

مېكسىكىنىڭ 1950 – يىللاردا تەخمىنەن 27 مىليون بولغان نوپۇسى، ئەللىك يىلدا تەخمىنەن 100 مىليونغا چىقتى ۋە 2005 – يىلى 107 مىليون بولدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەرنىڭ تەخمىنىگە كۆرە، 2050 – يىلىدا 114 – 139 مىليون ئارىسىدا بولۇپ، 114 مىليون بولۇش ئېھتىمالى يۇقىرى. كېيىنكى ئەللىك يىلدا تەخمىنەن تۆت ھەسسە ئاشقان مېكسىكا نوپۇسى كەلگۈسى ئەللىك يىلدا بىر ئىزدا تۇرۇپ قالىدۇ. لېكىن سانائىتى تەرەققىي قىلغان ئەللەر مۇھەققەق دۇچ كېلىدىغان نوپۇسى ئازىيىپ كېتىش مەسلىسىگە دۇچار بولمايدۇ. مېكسىكا  كېڭەيمىچىلىككە(سىرتقا چىقىشقا) ئىھتىياج تۇيىدىغان بىر ئەمگەك كۈچىگە ئىگە. مېكسىكا نوپۇس ۋە ئەمگەك كۈچى جەھەتتىن چوڭ بىر دۆلەت، لېكىن زەھەرلىك چىكىملىك ئەتكەسچىلىرى ۋە قارا گوروھلارنى تازىلاش بىلەن ئاۋارە. 1970 – يىللىرىدا جوڭگومۇ مالىمانچىلىقلار  ئىچىدە ئىدى، لېكىن ھازىر مەسلىلىرىنى ھەل قىلغاندەك تۇرىدۇ.

مېكسىكىغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان باشقا دۆلەتلەرمۇ بار، ئەلۋەتتە. لېكىن، ئۇلارنى چاك سىزىقلىرى قاتارىدا كۆرۈش مۇۋاپىق ئەمەس. مېكسىكا برازىلىيە ياكى ھىندىستانغا ئوخشايدۇ، ئەمما ئۇلاردىن كۆپ پەرق قىلىدۇ. مېكسىكا شىمالىي ئامېرىكىغا جايلاشقان بولۇپ، بۇ رايون ھازىر خەلقئارا سىستېمىنىڭ مەركىزىگە ئايلاندى. مېكسىكىنىڭ ئاتلانتىك ۋە تىنچ ئوكيانغا تۇتىشىدىغان قىرغىقى، ئا ق ش بىلەن تۇتاشقان ئۇزۇن بىر چىگرىسى بار. مېكسىكا بۇرۇن شىمالىي ئامېرىكىنى ھاكىمىيىتى ئاستىغا ئېلىش ئۈچۈن ئا ق ش بىلەن ئۇرۇشقان ۋە مەغلۇپ بولغانىدى. كۈنىمىزدە مېكسىكا خەلقى ۋە ئىقتىسادى ئا ق ش غا بېقىنىپ قالغان. مېكسىكىنىڭ ستىراتېگىيلىك ئورنى ۋە دۆلەت سۈپتىدە كۈندىن كۈنگە ئېشىۋاتقان ئەھمىيىتى، ئۇنى ئاكتىپ بىر چاك سىزىقىغا ئايلاندۇرماقتا.

بۇنىڭ سەۋەبىنى بىلىش ئۈچۈن چىگرا مەسلىسىگە بىر ئاز قاراپ باقايلى. ئا ق ش ۋە مېكسىكا ئارىسىدا، ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن تەۋەلىك ئالماشتۇرغان بىر رايون بار. بۇ ھەر خىل مىللەت ۋە مەدەنىيەت تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان رايون. بۇنىڭغا فىرانسىيە ۋە گىرمانىيە ئارىسىدىكى ئالساس – لوررېين رايونىنى مىسال كەلتۈرسەك مۇۋاپىق بولىدۇ. بۇ رايوندا ئوخشىمايدىغان مىللەت ۋە مەدەنىيەت تەڭ مەۋجۇت بولۇپ، بۇ رايوندا فىرانسىزچە، نىمىسچە ۋە بۇ تىللاردىن چاڭلاشقان بىر رايون تىلى شەكىللەنگەن. رايون ھازىر فىرانسىيىنىڭ باشقۇرىشى ئاستىدا بولۇپ، ھەر ۋاقىت ئىككى مەدەنىيەت ئارىسىدىكى بىر توقۇنۇش نوقتىسى بولۇپ تۇرىۋاتىدۇ. دۇنيادا بۇنىڭغا ئوخشايدىغان بەك كۆپ چىگرا رايونى بار. بۇنىڭغا يەنە ئەنگىلىيە بىلەن ئىرلاندا ئارىسىدىكى شىمالى ئىرلاندا مىسال بولالايدۇ. كەشمىر، ھىندىستان بىلەن پاكىستان ئارىسىدىكى بىر چىگرا رايونى. روسسىيە بىلەن پولشا چىگرىسى، كوسوۋا، سىربىستان –  ئارناۋۇتلۇق چىگرىسى قاتارلىق مىساللار بار. كانادانىڭ فىرانسىزچە قىسمى بىلەن ئا ق ش نىڭ چىگرىسى يەنە بىر مىسال بولالايدۇ. بۇ چىگرا رايونلىرىنىڭ توقۇنۇش دەرىجىسى ئوخشاش ئەمەس.

ئا ق ش ۋە مېكسىكا ئارىسىدا ئامېرىكىلىقلار ۋە مېكسىكىلىقلارنىڭ مەدەنىيەتلىرىدىن ئورتاق بەھرىمان بولغان بىر رايون بار. بۇ رايون رەسمىي چىگرىنىڭ ھەر ئىككى تەرىپىدە بولۇپ، ئا ق ش تەرىپىدىكى قىسمى ئا ق ش غا، مېكسىكا تەرىپى مېكسىكىغا ئانچە ئوخشاپ كەتمەيدۇ. بۇ يەر ئالاھىدە رايون بولۇپ، چىگرىنىڭ ئىككى تەرىپىدە ياشايدىغان مېكسىكىلىقلار مېكسىكىغا، ئامېرىكىلىقلار ئامېرىكغا قارايدۇ. ئىقتىسادى ۋە مەدەنىي قايناشمىنىڭ ئاستىدا ھەر دائىم سىياسىي سۈركىلىش بولىدۇ. مېكسىكىلىقلار دائىم بۇ رايوندا چىگرىدىن ئۆتۈپ ئا ق ش غا تارقىلىپ كېتىدۇ، لېكىن ئامېرىكىلىقلار ئۇنداق قىلمايدۇ، ئۇلار مېكسىكىغا قانۇنسىز ھالدا كىرمەيدۇ.

بۇنىڭغا ئوخشايدىغان چىگرا رايونلىرىدا ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن بىر قانچە قېتىم تەۋەلىك ئالمشىشى مۇمكىن، لېكىن مېكسىكا – ئا ق ش چىگرا رايونى ھازىرغىچە پەقەت بىر قېتىم تەۋەلىك ئالماشتى.

مېكسىكا زېمىنى 1835 – 1836 – يىلىدىكى تېكساس ئىنقىلابىدىن تارتىپ ئا ق ش نىڭ قولىغا ئۆتۈشكە باشلىدى ۋە 1846 – 1848 مېكسىكا – ئا ق ش ئۇرۇشى بىلەن ئىستىلا ئاخىرىلاشتى. بۇلار ھازىرقى ئا ق ش نىڭ غەربىي جەنۇنىي قىسمىدىكى جايلار ئىدى. رىئو گراند چىگرا قىلىپ بەلگىلەندى ۋە كېيىن ئارىزونانىڭ جەنۇبىغا تارتىلدى. يەرلىك مېكسىكىلىقلار يەرلىرىدىن ھەيدەلمىدى، لېكىن بۇ رايونغا كېيىنكى زامانلاردا ئامېرىكىلىقلار كۆپلەپ كېلىپ يەرلەشتى. 20 – ئەسىرنىڭ ئىككىنجى يېرىمىدا چىگرا رايونغا ۋە ئا ق ش نىڭ ئىچكى قىسمىغا مېكسىكىلىقلار كەڭ كۆلەمدە كۆچتى، شۇنىڭ بىلەن نوپۇس قۇرۇلمىسى تېخىمۇ مۇرەككەپلىشىپ كەتتى.

ئەنئەنىۋى كۆچ بىلەن چىگرا رايونىدىكى كۆچلەر بىر بىرىگە ئوخشىمايدۇ. بىر دۆلەتكە كۆچكەن كىشىلەر ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى كۆچۈپ بارغان دۆلەتنىڭ مەدەنىيىتى ۋە ئىقتىسادى شارائىتىغا ماس ھالدا چوڭ بولىدۇ. لېكىن، چىگرا رايونلىرىدىكى كۆچلەردە كىشىلەر ئانا ۋەتىنىدىن پۈتۈنلەي ئايرىلىپ كەتمەيدۇ. بۇ چىگرالار مەدەنىي ۋە ئىقتىسادى ئەمەس، پەقەت سىياسىي چىگرالار بولۇپ، كۆچكەنلەر ۋەتەنلىرىدىن بەك ئۇزاققا كەتمەيدۇ. ئۇلار جىسمانىي جەھەتتىن ۋەتەنلىرىگە باغلانغان بولۇپ، ساداقەت جەھەتتە ناھايىتى مۇرەككەپ ۋە باشقىچە بولىدۇ.

چىگرا رايونىغا يەرلەشكەن مېكسىكىلىقلارنىڭ تۇرمۇش ئادىتى چىكاكودا ياشايدىغانلارغا ئوخشىمايدۇ. چىكاكوغا يەرلەشكەن مېكسىكىلىقلار ئەنئەنىۋى كۆچمەنلەرگە ئوخشاش ياشايدۇ. چىگرا رايونىدا ياشايدىغانلار ئۆزىنى يات ئەلدە ئەمەس، بەلكى باشقىلار تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان يۇرتىدا ياشاۋاتقاندەك ھىسسىياتتا بولىدۇ. تېكساسقا يەرلەشكەن ئامېرىكىلىقلار ئۈچۈنمۇ بۇ ھىس – تۇيغۇنى ئېيتىش مۇمكىن. ئۇلار باشتا مېكسىكا پۇقراسى ئىدى، لېكىن ئۆزلىرىنى ھەر دائىم ئامېرىكىلىق دەپ قارىدى ۋە بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىنى باشلاپ ئاخىرى تېكساسنى مېكسىكىدىن بۆلۈپ چىقتى.

miksika

چىگرا رايونلىرى بەلگىلىك شەرت – شارائىتلاردا ھەربىي ۋە سىياسىي كۈچ ئىشلىتىشنى تەقەززا قىلىدۇ. چىگرا يونلىرى ئادەتتە كۈچلۈك دۆلەتكە تەۋە بولىدۇ ۋە كۈچ مەسلىسى زېمىن ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. سىياسىي چىگرا 1848 – يىلىدىن تارتىپ چوڭ كۈچ بولغان ئا ق ش تەرىپىدىن بەلگىلىنىپ كېلىندى. بۇ رايوننىڭ نوپۇسىدا ئۆزگۈرۈش بولىشى، ئەتكەسچىلىك ۋەقەلىرى ئېشىپ بېرىشى مۇمكىن. لېكىن، سىياسىي چىگرىنىڭ بەلگىلىنىشى قوراللىق كۈچنىڭ كۈچىگە مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.

بۇ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا بۇ چىگرا 200 يىلدىن بۇيان ئۆزگەرمىگەن ھالدا تۇرىدۇ. ئەگەر ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ مېكسىكىنىڭ ھەربىي كۈچى ئاشسا، چىگرا رايوننىڭ ئامېرىكا تەرىپىدىكى نوپۇس تەركىبىدە چوڭ ئۆزگۈرۈش يۈز بەرسە، سىياسىي چىگرىدا ئۆزگۈرۈش بولىشى مۇمكىن. ئۇ ۋاقىتتا مېكسىكىمۇ ئىقتىسادى ئەڭ كۈچلۈك ئون دۆلەت قاتارىغا كىرگەن بولىدۇ. ئۆتمۈشتە ئاجايىپ ۋەقەلەر يۈز بەرگەن بولۇپ، ئا ق ش بىلەن ئەركىن تىجارەتنىڭ راۋاجلىنىشىغا ھەسسە قوشقانىدى. كۈنىمىزدە ئىقتىسادى جەھەتتىن مېكسىكىنىڭ ئالدىدا تۇرىدىغان بەزى ياۋروپا ئەللىرىدىمۇ نوپۇس تەركىبىدە جىددى ئۆزگۈرۈشلەر يۈز بەرمەكتە.

ئا ق ش – مېكسىكا چىگرىسىدا ھازىرچە بىرەر مەسىلە يۈز بەرمىگەن بولسىمۇ، بۇ رايوننىڭ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ بىر چاك نوقتىسىغا ئايلىنىش ئىھتىمالىنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق كېرەك.

 

خۇلاسە

 

ئا ق ش ۋە جىھادچىلار ئارىسىدىكى ئۇرۇش ئاخىرىلاشقاندىن كېيىن، يېڭى خىرىسلار ئىزدەشكە توغرا كەلسە، بەلگىلىك ئىككى نوقتىغا قاراش كېرەك. مېكسىكا ۋە تۈركىيە ھازىرچە يەر شارى خاراكتېرلىق رول ئوينىغىدەك دەرىجىدە ئەمەس. ياۋروپامۇ ئۆز ئىچىگە بىكىنگەن ۋە ئۆز ئالدىغا ئايرىم ھالدا مەۋجۇدلىقىنى داۋاملاشتۇرىدۇ ( مەسلىلەرگە ئارىلىشىدۇ، لېكىن مەسىلە پەيدا قىلمايدۇ). بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ئىككى چاك نوقتىسى سۈپتىدە تىنچ ئوكيان ۋە ئاسيا ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. بۇ 2020 – يىلىغىچە جوڭگو ۋە روسسىيىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىشقا تىگىشلىك مەسىلە ئىكەنلىكىدىن دىرەك بېرىدۇ. بۇ مەزگىلدە ياپۇنىيىمۇ مەسىلە تۇغدۇرىشى مۇمكىن، لېكىن بۇ جوڭگونىڭ ئەھۋالىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان بولىدۇ. بۇ سەۋەپتىن، قايسى چاك نوقتىسىنىڭ باشتا يېرىلىدىغانلىقىنى تەخمىن قىلىش ئۈچۈن، جوڭگو ۋە روسسىيىنىڭ جۇغراپىيىلىك سىياسىي ۋەزىيىتىنىڭ تەتقىق قىلىنىشى ۋە قايسىسىنىڭ ئالدىمىزدىكى مەزگىلدە ئا ق ش بىلەن توقۇنىشىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنىشى كېرەك.

بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان مەسىلە، جۇغراپىيەلىك سىياسەت سۈپتىدە « سىستېمىلىق » دەپ ئاتالغان مەسىلىلەر بولۇپ، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى بىر سىستېمىلىق توقۇنۇش ئىدى. بۇ توقۇنۇش ئىككى چوڭ كۈچنى بىر – بىرىگە قارشى تۇرغۇزدى ۋە پۈتۈن خەلقئارالىق سىستېمىمۇ بۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى. بۇ جەرياندا باشقا مەسلىلەرمۇ يۈز بەردى، ئەمما ئۇلار بۇ چوڭ توقۇنۇشنىڭ كۆلەڭگىسى ئاستىدا قېلىپ كۆزگە چىلىقمىدى، غايىپ بولدى. مۇشۇنداق قىلىپ ئەرەب – ئىسرائىل ئۇرۇشلىرى، چىلىدىكى ئىچكى مەسلىلەر، كونگونىڭ مۇستەقىللىق كۆرىشى ۋە بۇنىڭغا ئوخشاش مەسلىلەر سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئىچىگە سۆرەپ كىرىلدى ۋە ئۇنىڭغا قارىتا شەكىللەندى. ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشىمۇ سىستېمىلىق توقۇنۇش ئىدى.

بۇنداق توقۇنۇشلاردا دەۋرنىڭ چوڭ ۋە ھاكىم بىر كۈچى بولغان بولىدۇ. بۇ سەۋەپتىن ئا ق ش بۇنداق مەسلىلەرگە مەجبۇرىي تارتىپ كىرىلىدۇ. روسسىيە ۋە جوڭگو ئارىسىدا بىر سۈركىلىش چىقىپ قالسا، ئا ق ش نىڭ بۇنىڭغا قول قوشتۇرۇپ قاراپ تۇرۇش ئېھتىمالى يوق دېيەرلىك بولىدۇ. مۇشۇنداق بىر توقۇنۇشنىڭ ئاقىۋىتى ئا ق ش ئۈچۈن زىيانلىق بولىدۇ. جوڭگو ۋە روسسىيىمۇ ئا ق ش نىڭ ئارىلاشماسلىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلماي تۇرۇپ توقۇنۇشمايدۇ. ئا ق ش ناھايىتى كۈچلۈك بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ بىلەن ئىتتىپاقلاشقان تەرەپ توقۇنۇشنىڭ غالىپى بولىدۇ.

كەلگۈسىدە جوڭگو ۋە روسسىيىدىن قايسىسى ئا ق ش غا خىرىس قىلار؟ كۆرۈنۈپ تۇرغان ھەقىقەت شۇكى، مەيلى قايسىسى بولمىسۇن، ئا ق ش نىڭ ياۋرو – ئاسيادىكى مەنپەئەتلىرىگە خىلاپ بىر ھەرىكەت قىلمىغىچە، ئا ق ش مەسىلە پەيدا قىلغان تەرەپ بولمايدۇ. بۇ سەۋەپتىن، كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك ۋەزىيەت تەھلىلى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن جوڭگو ۋە روسسىيىنىڭ پوزىتسىيىسىنى يېقىندىن كۆزىتىش كېرەك. بۇ سۇئالغا جاۋاپ بېرىش ئۈچۈن، ھەممە دىققەت بىلەن كۆزىتىۋاتقان بىر كۈچ – جوڭگو بىلەن ئىشنى باشلىساق بولىدۇ.