مۇجادىلە سۈرىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

سۈرىنىڭ ئىسمى بولغان « مۇجادىلە » ئادالەت ئىزدەپ، ھەققىنى تەلەپ قىلىپ « ئېتىراز قىلغان ئايال » دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. بىرىنچى ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان « تۇجادىلۇ » پېئىلىگە ئاساسەن سۈرىگە بۇ ئىسىم قويۇلغان:

« اﷲ ھەقىقەتەن ئېرى توغرىسىدا ساڭا ئېتىراز قىلغان ( تۇجادىلۇ ) ۋە ئىشىنى اﷲ قا ھاۋالە قىلغان ئايالنىڭ سۆزىنى ئاڭلىدى / مۇراجىتىنى قوبۇل قىلدى » ( 1 ).

سۈرە « مۇجادەلە » دەپ ئاتالغان بولۇپ، بۇ ئەھۋالدا كەلىمە « مۇنازىرلىشىش » مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. لېكىن سۈرىگە ئىسم قىلىپ قويۇلغان ئىبارىنىڭ باغلىنىشى، مۇجادىلە ئىسمىنى كۈچلەندۈرىدۇ. مۇجادەلە ئىسمى سۈرىنىڭ ئەسلى باغلىنىشى بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولۇپ، خۇددى ئوتتۇرىدا بىر – بىرىنى يەڭمەكچى بولغان ئىككى تەرەپ باردەك تۇيغۇ بېرىدۇ. ھالبۇكى، ئۇنداق بىر ئەھۋال يوق. ئەگەر شۇنداق بولغان بولسا، ئايەتلەردە ئاللاھ شىكايىتىنى قوبۇل قىلىپ قوللىغان ئايالنىڭ قارشى تەرىپىدە رەسۇلۇللاھ بولىشى كېرەك. يەنى، بۇ ئەھۋالدا « مۇجادەلە قىلغۇچى ئىككى تەرەپ – ئاللاھ قوللىغان ئايال ۋە رەسۇلۇللاھتۇر » دېيىشكە مەجبۇر بولۇپ قالىمىز. بۇ ئەھۋال توغرا ئەمەس، ھەم ۋەقەنىڭ رىئاللىقىغىمۇ ماس كەلمەيدۇ. ئوتتۇرىدا ئېرى تەرىپىدىن ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىغان ۋە ھەققىنى تەلەپ قىلغان بىر ئايال بار. بۇ مەسىلە مۇراجەت قىلىنغان رەسۇلۇللاھتىن ھالقىغان بىر مەسىلە بولۇپ، مانا بۇ نوقتىدا ۋەھىي ئارىغا كىرىدۇ ۋە مەسىلە يىلتىزىدىن ھەل بولىدۇ. سۈرە بۇ ۋەقەنى تېما قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئىسمى « ھەققىنى تەلەپ قىلغان ئايال » مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان « مۇجادىلە » شەكلىدە تەلەپپۇز قىلىنىشى كېرەك. ئەگەر « مۇجادەلە » شەكلى، ئەر كىشى ھۆكۈمران بولغان بىر ئەنئەنىنىڭ ئەسەرى بولمىسا، ھېچ بولمىغاندا خاتا چۈشۈنۈپ قېلىشنىڭ ئەسەرىدۇر. چۈنكى بۇ ئىسىم سۈرىنىڭ نازىل بولۇشىغا سەۋەپ بولغان ۋەقەگە مۇۋاپىق كەلمەيدۇ.

سۈرە بىر پۈتۈن ھالدا مەدىنىدە نازىل بولغان. بۇنىڭ ئەكسىنى ئىلگىرى سۈرگەن قاراشلار مەۋجۇت بولسىمۇ، ئەنئام سۈرىسىدىكى ئۆلچەملەر بۇ قاراشلارنى رەت قىلماقتا. ئەھزاپ سۈرىسى 4 – ئايەتنىڭ « زىھار » تۈرىدىكى تالاقنى رەت قىلغانلىقى نەزەردە تۇتۇلغاندا، بۇ سۈرە ئەھزاپ سۈرىسىدىن بۇرۇن نازىل بولغان بولسا كېرەك. بۇنىڭغا ئاساسەن سۈرىنى ھىجرى 5 – يىلىنىڭ بېشىدا نازىل بولغان دېيىشكە بولىدۇ.

دەسلەپكى مەزگىلدىكى بارلىق تەرتىپلەردە سۈرىنىڭ مۇنافىقۇن سۈرىسىنىڭ ئارقىسىغا تىزىلغانلىقى، يۇقىرىدىكى يەكۈننى تەستىقلايدۇ. سۈرە، بىزنىڭ تەرتىۋىمىزدە نىسا – ئەھزاپ سۈرىسىنىڭ ئارىسىدا يەر ئالىدۇ. چۈنكى نىسا سۈرىسى ئۇھۇد ئۇرۇشىدىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان ئىجتىمائىي مەسلىلەر ھەققىدە توختىلىدۇ. نىسا سۈرىسى ھىجرى 4 – يىلىدا نازىل بولغان ئاخىرقى سۈرە بولۇش ئېھتىمالى يۇقىرى بولۇپ، مۇجادىلە سۈرىسى 5 – يىلىدا نازىل بولغان تۆت سۈرىنىڭ تۇنجىسىدۇر.

سۈرە، ئىسلامىيەتتىن بۇرۇن ئەنئەنىگە ئايلىنىپ قالغان بىر ھەقسىزلىق ۋە ئايرىمچىلىق ئۆرنىكىنى تىلغا ئېلىپ، ئاياللارغا قارىتىلغان زۇلۇمنى رەت قىلىدۇ. بۇ، ئايالىنى ئانىسىنىڭ ئورنىغا قويۇپ، ئۇنى ھەقلىرىدىن مەھرۇم قالدۇرۇش ئەنئەنىسى بولغان « زىھار » ئىدى. بۇ خىل ھەقسىزلىقنى رىئال ھاياتتا يۈز بەرگەن بىر ۋەقە ئارقىلىق رەت قىلغان ۋەھىي، بۇ ئەنئەنىنى داۋاملاشتۇرغۇچىلارنى جازا سۈپىتىدە كاپارەت ئۆتەش بۇيرىيدۇ ( 1 – 6 ).

بۇ ھەقسىزلىققا ئۇچرىغان خانىم ھاۋلە بىنتى سائ لەبە بولۇپ، ئېرى ئەۋس بىن سامىت « سەن مەن ئۈچۈن ئانامنىڭ ئۇچىسىغا ئوخشاش! » دەپ زىھار قىلىدۇ. ئاندىن كېيىن ھاۋلە بىلەن بىرگە بولۇشنى تەلەپ قىلغاندا، ھاۋلە ئېرىنىڭ تەلىپىنى رەت قىلىدۇ ۋە « ھۆكۈمنى رەسۇلۇللاھ بەرسۇن » دەيدۇ. ئېرى « رەسۇلۇللاھقا بۇنى دېيەلمەيمەن » دەپ جاۋاپ بېرىدۇ. ھاۋلە، « ئۇنداقتا مەن ئېيتىمەن » دەيدۇ ۋە ۋەقەنى رەسۇلۇللاھقا ئېيتىدۇ. رەسۇلۇللاھ بىلەن ھاۋلە بىنتى سائ لەبە ئارىسىدىكى دىئالوگ مۇنداق بولغان:

  • ئى رەسۇلۇللاھ! ئېرىم مېنى نىكاھىغا ئالغاندا ياش، چىرايلىق، جەلىپ قىلارلىق ئىدىم. ئۇنىڭغا بىر قانچە بالا تۇغۇپ بەردىم، يېشىممۇ چوڭىيىپ قالدى. ئۇ ۋاقىتتا سۆيگەن يارى ئىدىم، ئەمدى « ئانىسى » بولدۇم، مېنى كوچىغا چىقىرىۋەتتى.
  • ھازىر سەن ئۇنىڭغا ھالال ئەمەس.
  • ئاللاھ بىلەن قەسەمكى تالاق قىلمىدى.
  • ھازىر سەن ئۇنىڭغا ھالال ئەمەس. بۇ ھەقتە بىر نەرسە نازىل بولمىدى.
  • نېمە بولىدۇ، ئوبدان ئويلىنىپ باققىن، ساڭا پىدا بولاي ئى رەسۇلۇللاھ!
  • مېنىڭ شەخسى قارىشىم مۇشۇنداق!
  • ئەمما ماڭا مۇھتاج كىچىك بىر بالام بار. ئەگەر ئۇنىڭ بەرسەم قېيلىنىپ قالىدۇ، مەن يېنىمغا ئالسام ئاچ قالىدۇ.
  • …..
  • ئاللاھىم! دەردىمنى ساڭا، پەقەت ساڭا ھاۋالە قىلىمەن.

بۇ دىئالوگلاردىن بىر مۇددەت ئۆتكەندىن كېيىن، ھاۋلە بۇ ئايەتلەرنىڭ نازىل بولغانلىقى خوشخەۋرىنى ئالىدۇ. رەببى ھەقلىق بولغۇچى ۋە ھەقىقەت تەرەپتە تۇرغۇچىدۇر. رەببى ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىغان ھاۋلە تەرەپتە تۇرغۇچىدۇر. ھەممىسىدىن زىيادە ئۇنىڭ « ھەق – ھوقۇقىنى تەلەپ قىلغان ئايال » سۈپىتىدە ھەم قۇرئاندا ھەم تارىختا نىشانى قالىدۇ. ھەققىنى تەلەپ قىلىشتا پاسسىپ مۇئامىلىدە بولغان سانسىزلىغان ئەركەكلەرگە بىر ئايال كىشى ئۆرنەك بولىدۇ.

ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلەكتە، كىشىنى بىئارام قىلغۇچى ۋەياكى سۈيئىستىمال قىلىنىش ئېھتىمالى يۇقىرى بولغان « ئايرىم كۆرۈشۈش » ياكى « پىچىرلىشىش » مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان نەجۋا ئادىتى تىلغا ئېلىنىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن ۋازكەچتۈرىدىغان بىر جازا سۈپىتىدە « مەجبۇرىي سەدىقە » بېرىش بىكتىلىدۇ ( 7 – 13 ). بۇ ھەر دەۋردە يېتەكچى ۋە باشلامچى بولغان كىشىلەرنى بىئارام قىلىدىغان مەسىلىدۇر. قۇرئان بۇ مەسىلىگە قارىتا ئېلىپ كەلگەن ھەل قىلىش تەدبىرى ئارقىلىق، پەقەت ئۇ دەۋردىلا مەۋجۇت بولغان بىر مەسىلىنى ئەمەس، بارلىق دەۋرلەردە ئالدىمىزغا چىقىدىغان بىر مەسىلىگە قارىتا، قۇرئانى ھەل قىلىش تەدبىرىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

سۈرىنىڭ ئاخىرقى بۆلىكى، ئىسلام جامائىتىگە دۈشمەن بولغانلارنى سىرداش ۋە يولداش قىلىۋېلىش بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر.

مۇئمىنلەرنىڭ بۇنداق قىلىشى مەنئى قىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىككى يۈزلىمىچىلىك بولىدىغانلىقى ئىما قىلىنغان. ئاللاھ قا ئىمان ئېيتىپ ئىشەنچ قىلغان بىر كىشىنىڭ، ئەڭ يېقىن تۇققانلىرى بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇلارنى ئاللاھ ۋە ئەلچىسىنىڭ دوستلىقىدىن ئەلا بىلمەسلىكى تەكىتلەنگەن:

لَا تَجِدُ قَوْمًا يُؤْمِنُونَ بِاللَّهِ وَالْيَوْمِ الْآَخِرِ يُوَادُّونَ مَنْ حَادَّ اللَّهَ وَرَسُولَهُ وَلَوْ كَانُوا آَبَاءَهُمْ أَوْ أَبْنَاءَهُمْ أَوْ إِخْوَانَهُمْ أَوْ عَشِيرَتَهُمْ أُولَئِكَ كَتَبَ فِي قُلُوبِهِمُ الْإِيمَانَ وَأَيَّدَهُمْ بِرُوحٍ مِنْهُ وَيُدْخِلُهُمْ جَنَّاتٍ تَجْرِي مِنْ تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ خَالِدِينَ فِيهَا رَضِيَ اللَّهُ عَنْهُمْ وَرَضُوا عَنْهُ أُولَئِكَ حِزْبُ اللَّهِ أَلَا إِنَّ حِزْبَ اللَّهِ هُمُ الْمُفْلِحُونَ

« اﷲ قا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدىغان بىر قەۋمنىڭ اﷲ بىلەن ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى بىلەن قارشىلاشقانلارنى ـ ئۇلارنىڭ ئانىلىرى، ئوغۇللىرى، يا قېرىنداشلىرى، يا ئۇرۇق ـ تۇغقانلىرى بولغان تەقدىردىمۇ ـ دوست تۇتقانلىقىنى كۆرمەيسەن (يەنى ئۇلارنى دوست تۇتۇشى مۇمكىن ئەمەس)، ئەنە شۇلارنىڭ دىللىرىدا اﷲ ئىماننى مەھكەم قىلدى ۋە ئۆز دەرگاھىدىن بولغان مەنىۋى كۈچ بىلەن ئۇلارنى كۈچەيتتى، اﷲ ئۇلارنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ، ئۇلار جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ، اﷲ ئۇلاردىن رازى بولىدۇ، اﷲ تىن ئۇلارمۇ مەمنۇن بولىدۇ، ئەنە شۇلار اﷲ تەرىپىدە تۇرغۇچىلاردۇر. بىلىڭلاركى، اﷲ تەرىپىدە تۇرغۇچىلار نىجادلىققا ئېرىشكۈچىلەردۇر » ( 22 ).

تۆۋەندىكى ئايەت، ئاللاھ نىڭ غەزىپىگە ئۇچرىغۇچىلارغا قارىتىلغان ئىلاھىي تەھدىتنىڭ بىر ئىپادىسىدۇر:

« مەن ۋە ئەلچىلىرىم ئەلۋەتتە غەلىبە قىلىمىز! » ( 21 ).

بۇنىڭدا ھېچ شۈبھە يوقتۇر يا رەببى!

ئامەننا ۋە سەددەقنا.