ھەسەن ئەلبەسرىنىڭ ئابدۇلمەلىككە يازغان مەكتۇبىنىڭ 7 – ئابزىسى

elbesri 7

ئى مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى! سۆزۈم ۋە مەكتۇبۇم ساڭا ئۇزۇن كۆرۈنمىسۇن. چۈنكى بۇ مەكتۇپتا زۇلۇمنى ئاللاھ قا ئارتىپ قويۇپ، ئۆزلىرىگە چاڭ قوندۇرمايدىغان كىشىلەر ئۈچۈن ئوچۇق ۋە روشەن دەلىللەر بار. ئەگىشىشكە ئەڭ مۇۋاپىق بولغان ئاتىمىز ئادەمنىڭ [ يولىغا ئەگەشكىن ]: ئۇ رەببىگە ئاسىيلىق قىلغان ۋاقىتتا « رەببىمىز بىز ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز زۇلۇم قىلدۇق، ئەگەر سەن بىزگە مەغفىرەت قىلمىساڭ، بىزگە رەھىم قىلمىساڭ بىز چوقۇم زىيان تارتقۇچىلاردىن بولىمىز » ( ئەئراف، 23 ) دېگەن ئىدى. ئۇ ( ئادەم ) « ئاللاھىم بۇ سېنىڭ قازايى قەدەرىڭدۇر » دېمىگەندى. شۇنداقلا مۇسامۇ بىر جانغا زامىن بولغاندا مۇنداق دېگەندى: « » بۇ شەيتاننىڭ ئىشىدۇر، شۈبھىسىزكى شەيتان ئازدۇرغۇچى ئاشكارا دۈشمەندۇر « ۋە » رەببىم! مەن ھەقىقەتەن ئۆزۈمگە زۇلۇم قىلدىم، ماڭا مەغفىرەت قىلغىن » دېدى، ئاللاھ ئۇنى مەغفىرەت قىلدى » ( قەسەس، 16 ). مۇسا « بۇ شەيتاننىڭ ئىشىدۇر » دېسە، نادان ئىنسان « بۇ قىلمىشنى راھماننىڭ ئىشى » دەيدۇ.

ئاللاھ كىتاۋىدا بىزگە ( بۇ شەكىلدە ) قىسىسىنى بايان قىلىپ بەرگەنلەر ئىچىدىن، بۇ ھەقىقەتنى ئېتىراپ قىلمىغان ھېچكىم يوق! جانابى ئاللاھ ئېيتتىكى: « ئۇ ( قابىل )نىڭ نەپسى ئۇنىڭغا قېرىندىشى ( ھابىل )نى ئۆلتۈرۈشنى چىرايلىق كۆرسەتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇنى ئۆلتۈرۈپ ( دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە )زىيان تارتقۇچىلاردىن بولدى » ( مائىدە، 30 ). ئىنسانلارنىڭ ھېچبىرى ئۆزىگە قارىتا « سەن زالىمسەن، زۇلۇمنىڭ سادىر بولىشىغا سەن سەۋەپچى بولدۇڭ » دېيىلىشتىن مەمنۇن بولمايدۇ. ئەمما خۇرسەن بولمىغانلىرىنى ئاللاھ قا نىسبەت قىلىدۇ، خۇرسەن بولغانلىرىنى بولسا ئۆزلىرىگە نىسبەت قىلىدۇ. بۇ ھەقتە پەقەت « دىللىرىدا ئەگرىلىك بار ( يەنى گۇمراھلىققا مايىل ) كىشىلەر پىتنە قوزغاش ۋە ئۆز رايى بۇيىچە مەنا بېرىش ئۈچۈن مۇتەشابىھ ئايەتلەرگە ئەگىشىدۇ » ( ئالىئىمران، 7 ). بىر گۇرۇھ ھالاك بولدى. ئۇلار جىدەللىشىپ، « ئاللاھ قۇرئاندا « ئۇ خالىغىننى / خالىغاننى ئازدۇرىدۇ، خالىغىنىنى / خالىغاننى ھىدايەت قىلىدۇ »  ( رەئىد، 27 ) دېگەن » دېيىشىدۇ. لېكىن ئۇلار ئايەتنىڭ باغلىنىشىغا قارىمايدۇ. مۇبادا بۇ خىل ئايەتلەرنىڭ ئالدى ۋە ئارقىسىدا ئورۇن ئالغان ئايەتلەرنىڭ نېمىگە دالالەت قىلغانلىقى ھەققىدە ئويلانغان بولسا، بۇنداق خاتالىققا چۈشمىگەن بولاتتى.

جانابى ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: «  ئاللاھ مۇئمىنلەرنى مۇستەھكەم ئىمان بىلەن دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە مەھكەم تۇرغۇزىدۇ، ئاللاھ زالىملارنى گۇمراھ قىلىدۇ، ئاللاھ خالىغىننى قىلىدۇ » ( ئىبراھىم، 27 ). يەنى « ئۇ ( ئاللاھ )نىڭ خالىشى » ئەسلىدە [ مۇنداق دېگەنلىكتۇر ]: « ئىمان ئېيتقانلارنىڭ ئىمانلىرى ۋە ياخشىلىقلىرى سەۋەپلىك، ئاللاھ ئۇلارنىڭ قەدەملىرىنىڭ مۇستەھكەم قىلىشنى خالايدۇ. زالىملارنى يامانلىقلىرى ۋە زالىملىقلىرى تۈپەيلىدىن گۇمراھ قىلىشنى خالايدۇ ». ئاللاھ يەنە مۇنداق دەيدۇ: « ئۇلار ( ھەقتىن ) بۇرۇلۇپ كەتكەندىن كېيىن، ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىللىرىنى ھىدايەتتىن بۇرىۋەتتى » ( سەپ، 5 ). ئۇلار بۇرۇلغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھ مۇ دىللىرىنى بۇرىۋەتكەن. ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ: « ئاللاھ بۇ مىسال ئارقىلىق نۇرغۇن كىشىلەرنى ( ئۇنى ئىنكار قىلغانلىقتىن ) ئازدۇرىدۇ ۋە نۇرغۇن كىشىلەرنى ( ئۇنى تەستىقلىغانلىقتىن ) ھىدايەت قىلىدۇ، شۇ ئارقىلىق پەقەت پاسىقلارنىلا ئازدۇرىدۇ. پاسىقلار ئاللاھ ( فىترەت ) ۋەدىسى ئالغاندىن كېيىن بەرگەن ۋەدىسىنى بۇزىدۇ، ئاللاھ ئۇلاشقا بۇيرىغان شەيئىنى ( يەنى سىلە رەھىمنى ) ئۈزۈپ قويىدۇ، يەر يۈزىدە بۇزۇقچىلىق قىلىدۇ، ئەنە شۇلار زىيان تارتقۇچىلاردۇر » ( بەقەرە، 26-27 ). ئۇلار مۇنازىرە تېمىسى قىلىۋالغان ئايەتلەردىن يەنە بىرى بۇ ئايەتتۇر: « كىمگە ئازاپ ۋەدىسى تىگىشلىك بولسا ( ئۇ چوقۇم دوزاخقا كىرىدۇ سەن دوزاختىكى ئادەمنى قۇتقۇزالامسەن؟ » ( زۈمەر، 19 ). ئىنسانلار ئىچىدىن ئازاپنىڭ كىمگە تىگىشلىك بولىدىغانلىقىنى ئاللاھ مۇنداق بايان قىلغان: « شۇنىڭدەك ( يەنى ئىلگىركى ئۇممەتلەرگە تىگىشلىك بولغىنىدەك ) رەببىڭنىڭ ئازابى كاپىرلارغا / ئىنكار قىلغۇچىلارغا تىگىشلىك بولدى، ئۇلار دوزاخ ئەھلىدۇر » ( غافىر، 6 ). دېمەك، ئۇلارغا كەلگەن ئازاپ، ئۇلارنىڭ پاسىق ئەمەللەرنى قىلغانلىقى ئۈچۈن ئازاپ كەلگەن.

 

ئىزاھات:

ئايەت تېكىستىدە يەر ئالغان [ ] ئىچىدىكى كەلىمە قوليازما نۇسخىدا ئۆچۈپ كەتكەندەك تۇرىدۇ.