مەسئۇلىيەتنىڭ ئورنىغا مەجبۇرىيەتنى قويۇش، يامانلىق بىلەن ياخشىلىقنى تەڭ ئورۇنغا قويغانلىق بولىدۇ
بۇ بۆلۈمنىڭ تۇنجى ئايىتى فۇسسىلەت سۈرىسىنىڭ 29- ئايىتى بولۇپ، بۇ ئايەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پاراگرافلارنىڭ ئانا تېمىسىنى « ياخشى ئىش بىلەن يامان ئىش باراۋەر بولمايدۇ » ( فۇسسىلەت، 34 ) دېگەن ئايەتتىن كۆرىمىز.

« ياخشى ئىش بىلەن يامان ئىش باراۋەر بولمايدۇ » دېگەنلىك نېمىدىن دىرەك بېرىدۇ؟

بۇ، « ئىنسان قىلغان بارلىق ياخشىلىقلىرى ۋە يامانلىقلىرىدىن جاۋاپكاردۇر » دېگەنلىكتۇر. شۇنداقلا، « جانابى ئاللاھ ئىنسانغا ياخشىلىق ۋە يامانلىقنى قىلدۇرغۇچى ئەمەس، بەلكى ئىنساننى قىلغان ياخشىلىق ۋە يامانلىقىغا قارىتا جاۋاپكارلىققا تارتقۇچىدۇر » دېگەنلىكتۇر. ياكى تەتۇرسىنى ئېيتقاندا، ئىنساننى قىلمىشلىرىدىن جاۋاپكار ئەمەس، بەلكى قىلىشقا مەجبۇر دېيىش، ئەمىليەتتە ياخشىلىق بىلەن يامانلىقنى ئوخشاش ئورۇنغا قويغانلىقتۇر. ئەگەر بۇنى ئاللاھ قا نىسبەت قىلغان بولسا، ئاللاھ نى ياخشىلىق بىلەن يامانلىقنى باراۋەر كۆرىدۇ دېگەن ۋە بۇ ئارقىلىق ئاللاھ قا بۆھتان چاپلىغان بولىدۇ. ۋاھالەنكى، ئاللاھ ئىنساننى توغرا يولغا يۈزلەندۈرگەن. ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلار ئىنساننىڭ ئۆزىگە باغلىق: « خالىسا شۈكۈر قىلغۇچى بولىدۇ، خالىسا كۇفۇرلۇق قىلغۇچى بولىدۇ » ( ئىنسان، 3 ). « كىمكى شۈكرى قىلىدىكەن، ئۆزى ئۈچۈن قىلغان بولىدۇ، كىمكى كۇفۇرلۇق قىلىدىكەن، شۈبھىسىزكى، ئۆز زىيىنىغا تۇزكورلۇق قىلغان بولىدۇ »( لوقمان، 12 ).

قۇرئان فىرئەۋننىڭ ئۆز قەۋمىنى ئازدۇرغانلىقىنى بايان قىلماقتا. ھەقىقەت مۇشۇنداق تۇرۇغلۇق بىرسى چىقىپ، ئاللاھ نىڭ ۋەھىيسىنى يالغانغا چىقارغاندەك قىلىپ « ياق، ئۇلارنىڭ ئېزىپ كېتىشى / شەقى بولىشى، تا ئادەم ئەلەيھىسسالام يارىتىلىشتىن بۇرۇن پۈتۈۋېتىلگەن ئىدى » دېسە، فىرئەۋننىڭ ۋابالىنى ئاللاھ قا ئارتىپ قويغان بولىدۇ. ئۇنىڭغا بېرىلىدىغان جاۋاپ شۇكى، ئاللاھ تىن ھايا قىلغىن! بۇ سۆزنى سەن ئاغىزىغا سېلىپ قويىۋاتقان ھەزرىتى رەسۇلۇللاھتىن ھايا قىلغىن! ئاللاھ تائالا بىلەن رەسۇلۇللاھنى بىر – بىرىگە قارمۇ – قارشى قىلىپ تەسۋىرلەشتىن ھايا قىلغىن!

جانابى ئاللاھ « توغرا يولنى كۆرسىتىشكە شەك شۈبھىسىزكى بىز مەسئۇلمىز » ( لەيل، 12 ) دېگەن تۇرۇغلۇق، بىرسى چىقىپ « ياق، پەقەت ھىدايەتلا ئاللاھ تىن ئەمەس، بەلكى زالالەتمۇ ئاللاھ نىڭ ئىشى » دېسە، « ئاللاھ تىن قورققىن! ئاللاھ قا تۆھمەت قىلما! » دېيىش بىلەن بىرگە، ئاللاھ نىڭ كالامىنى ئەسلىتىمىز: « بىزنى ئازدۇرغانلار، گۇناھقا چۆمگەن شۇ كىشىلەر ئىدى » ( شۇئەرا، 19 ).

ئاللاھ فىرئەۋىننىڭ زۇلمىدىن قۇتۇلدۇرغان بەنى ئىسرائىلنى سامىرنىڭ ئازدۇرغانلىقىنى بايان قىلىدۇ ( تاھا، 85)، بىرى چىقىپ « ياق، ئۇلارنىڭ ئېزىپ كېتىدىغانلىقى ئۇلار تېخى يارىتىلماستىنلا پۈتۈلۈپ كەتكەن » دېسە، بىز ئۇنىڭغا: « » ئۇلارنى سامىر ئازدۇردى » دېگەن ئاللاھ توغرا ئېيتقان، سەن يالغان ئېيتتىڭ » دەيمىز. ئاللاھ نى يالغانچىغا چىقارغان ئادەمنى يالغانچىغا چىقىرىشنى ئىمانىمىزنىڭ بۇرچى دەپ بىلىمىز.

رىسالىدە پەقەت باش قىسمى ئورۇن ئالغان فۇسسىلەت سۈرىسىنىڭ 17- ئايىتى مۇنداق ئاخىرلىشىدۇ: « قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن ئۇلارنى خار قىلغۇچى چاقماق ئازابى ھالاك قىلدى». بۇ شۇ مەنانى بىلدۈرىدۇ: ھالاك بولغان سەمۇد قەۋمى، ئاللاھ نىڭ ئەزەلدىن پۈتىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن ئەمەس، ئەكسىچە ئۆزلىرىنىڭ قىلمىشى سەۋەپلىك ھالاك قىلغۇچى ئازاپقا دۇچار بولدى. لېكىن بىرسى چىقىپ « بىراق ئاللاھ، ئۇلارنىڭ شۇنداق قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئاخىرىدا ئازاپقا دۇچار بولىدىغانلىقىنى بىلەتتى » دېسە، مەسىلىنى باشقا ياققا بۇرمىلىغان بولىدۇ. چۈنكى ئاللاھ نىڭ بۇ مەسىلىنى قۇرئاندا كۈن تەرتىپكە ئېلىپ كېلىشىدىكى مەقسىتى، چەكسىز ئىلمىنى تەكىتلەش ئەمەس. بەلكى بەندىلىرىنى قىلمىشلىرىنىڭ مەسئۇليىتىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشقا چاقىرىشتۇر. چۈنكى بۇ ئايەتلەر نازىل بولغان مۇھىتتا، ئاللاھ نىڭ چەكسىز ئىلمىنى ئىنكار قىلىشتىن ئىبارەت بىر مەسىلە يوق ئىدى. دېمەك، قۇرئاننىڭ مەۋجۇت بولمىغان بىر مەسىلىنى خۇددى باردەك قىلىپ ئوتتۇرىغا قۇيىشىمۇ قەتئى مۇمكىن ئەمەس.