نىسا سۈرىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى 1

سۈرە، سۈرىنىڭ بېشىدا يەر ئالغان خانىم – قىزلارنىڭ ھەق – ھوقۇقى ۋە مەسئۇلىيىتىنى بايان قىلغان ئايەتلەرگە ئاساسەن « ئاياللار » مەنىسىدىكى « نىسا » كەلىمىسى بىلەن ئاتالغان.

سۈرە ساھابىلەر مەزگىلىدىلا بۇ ئىسىم بىلەن ئاتالغان بولۇپ، « قىسقا نىسا سۈرىسى » دەپ ئاتالغان تالاق سۈرىسىدىن ئايرىش مەقسىتىدە، « ئۇزۇن نىسا سۈرىسى » دەپ ئاتىغانلارمۇ بولغان ( بەسائىر ).

ئاياللارنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنمايدىغان بىر جەمىئىيەتتە، خانىم – قىزلارنىڭ ھەق – ھوقوقى ۋە مەسئۇلىيىتى ھەققىدە توختالغان بىر سۈرىنىڭ بولىشى، قۇرئان ۋۇجۇدقا چىقارغان ئىجتىمائىي ئىسلاھاتلاردىن بىرسىدۇر. قۇرئان خانىم – قىزلارغا بىر سۈرە ئايرىغان. بۇنى كۈنىمىز زامانىۋىيلىقىدىكىدەك « ئايال » بولغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى « ئىنسان » بولغانلىقى ئۈچۈن قىلغان. بۇ مەقسەت، سۈرىنىڭ تۇنجى ئايىتىدىلا « ئى ئىنسانلار! سىلەرنى بىر مەۋجۇدىيەتتىن ياراتقان، ئۇنىڭدىن (يەنى ئۆز جىنسىدىن) ئۇنىڭ جۈپتىنى ياراتقان ۋە ئۇلاردىن نۇرغۇن ئەر ـ ئاياللارنى ياراتقان… » دېيىش ئارقىلىق بايان قىلغان. بۇ ئارقىلىق قۇرئان ئاساس قىلغان پرىنسىپنىڭ ئەركەكلىك ياكى ئاياللىق ئەمەس، بەلكى « ئادىمىيلىك » ئىكەنلىكىنى، ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئورتاق پايدىنىڭ ھەر دائىم ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلىشى كېرەك ئىكەنلىكىنى، ھاياتنىڭ بۇ ئورتاق پايدا ئۈستىدە بەرپا قىلىنىشى كېرەكلىكىنى، جىنسىيەت پەرقىنىڭ ئايرىمچىلىققا سەۋەپ بولماسلىقىنى، ئۇنىڭ فىترى بىر ۋەزىپە تەقسىماتى ئىكەنلىكىنى ئىما قىلماقتا.

سۈرە مەدىنىدە نازىل بولغان بولۇپ، بۇنىڭدا شۈبھە يوق. ھەزرىتى ئوسمانغا نىسبەت قىلىنغان تەرتىپتە ئەنفال – ئەھزاپ؛ ئىبن ئابباسقا نىسبەت قىلىنغان تەرتىپتە ئەنفال – ھەشر، يەنى 86 – ئورۇنغا؛ يەنە ئىبن ئابباسقا نىسبەت قىلىنغان باشقا بىر تەرتىپتە مۇمتەھىنە سۈرىسىنىڭ ئارقىسىغا تىزىلغان. ئىبن ئابباس مەدىنىدە نازىل بولغان سۈرىلەرنى بەقەرە، ئەنفال، ئالئىمران، ئەھزاپ، مۇمتەھىنە ۋە نىسا سۈرىسى شەكلىدە تىزغان. ئىمام جافەرگە نىسبەت قىلىنغان تەرتىپتە ئەنفال – ئەھزاپ سۈرىسى ئارىسىغا، 88 – ئورۇنغا تىزىلغان.

يۇقىرىدىكى مەلۇماتلاردىن مەلۇم بولغاندەك، بۇ ئۈچ تەرتىپتە سۈرىنىڭ ئورنى پەرقلىق. بىزنىڭچە ئەڭ مۇۋاپىق يەر، مۇنافىقۇن – مۇجادىلە سۈرىسىنىڭ ئارىسىدۇر. چۈنكى نىسا سۈرىسى خەندەك ئۇرۇشىدىن كېيىنلا نازىل بولۇشقا باشلىغان بولسا كېرەك. بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا بۇ تارىخ ھىجرى 4 – يىلىغا توغرا كېلىدۇ. ئەگەر يېتىملارنىڭ مال – مۈلكى ھەققىدىكى 2 – ئايەت، ئۇھۇد يېتىملىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا، سۈرىنىڭ نازىل بولۇش ۋاقتى 4 – يىلىنىڭ بېشىدا، ھەتتا 3 – يىلنىڭ ئاخىرىدا نازىل بولغان بولىشى مۇمكىن. ئەگەر، 2 – ئايەتتىكى يېتىملار، بەزى رىۋايەتلەردە بايان قىلىنغاندەك غاتافانلىق ( مۇشرىك ئەرەپ قەبىلىلەر ئىتتىپاقىنىڭ ئىسمى ) بىر ئادەمنىڭ جىيەنىدىن قالغان يېتىملىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا، سۈرىنى خەندەك ئۇرۇشى بولغان ھىجرى 5 – يىلىدا نازىل بولۇشقا باشلىغان دېيىشكە بولىدۇ. غاتافانلىقلار ئەڭ بالدۇر بولغاندا، خەندەك ئۇرۇشىدىن كېيىن مۇسۇلمان بولغان ئىدى.

ئاجىز بىر ئېتىماللىق نەزەردە تۇتۇلغاندا، سۈرىنىڭ باش قىسمىنىڭ ھىجرى 6 – يىلدىكى ھۇدەيبىيە سۈلھىسىدىن كېيىن نازىل بولغان دېيىشكىمۇ بولىدۇ. ئالئىمراندىن كېيىن نازىل بولغانلىقى ئېنىق. چۈنكى « تەيەممۇم ئايىتى » دېيىلگەن 43 – ئايەت، ھىجرى 5 – يىلىدىكى مۇرەيس غازىتىدىن كېيىن نازىل بولغان.

سۈرىنىڭ تاماملىنىشى ئەڭ بالدۇر بولغاندا ھىجرى 7 – يىلىغا توغرا كېلىدۇ. ھەتتا ئامانەتنى ئەھلىگە قايتۇرۇش ھەققىدىكى ( 58 )، ئۇرۇشنى كۆڭلى تارتمىغانلارنى ئاگاھلاندۇرغان ( 75 ) ۋە قەلالە ئايەتلىرىنىڭ ( 176 ) نازىل بولۇش سەۋەبى نەزەرگە ئېلىنغاندا، سۈرىنىڭ ھىجرى 8 – يىلىغىچە داۋام قىلغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ. ئامانەتنى ئەھلىگە تاپشۇرۇشقا بۇيرىغان 58 – ئايەتنىڭ نازىل بولۇش سەۋەبى سۈپىتىدە كۆرسىتىلگەن ۋەقە، مەككىنىڭ فەتھى جەريانىدا، رەسۇلۇللاھنىڭ كەبەنىڭ ئىچىگە كىرمەكچى بولىشى سەۋەبىدىن يۈزبەرگەن. بەزىلەر قەلالە ئايىتىنى قۇرئاندا ئەڭ ئاخىرقى قېتىمدا نازىل بولغان ئايەت دەپ ئېلان قىلىشى، سۈرىنىڭ تاماملىنىشىنى رەسۇلۇللاھنىڭ ۋاپاتىغىچە ئېلىپ بارىدۇ. لېكىن قەلالە ئايىتى مۇتلەق مەنىدە ئەڭ ئاخىرقى قېتىم نازىل بولغان ئايەت ئەمەس، ئەڭ ئاخىرقى قېتىم نازىل بولغان ئەھكام ئايەتلىرىدىن بىرسى دەپ قاراش تېخىمۇ مۇۋاپىق.

سۈرە بىر پۈتۈن گەۋدە ھالىتىدە تۆۋەندىكىدەك بەش ئاساسلىق ئامانەتنى مۇھاپىزەت قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ:

  1. جان
  2. ئەقىل
  3. دىن
  4. نەسىل / ئەۋلاد
  5. مال – مۈلك

سۈرىنىڭ ئانا تېمىسىنى ئادالەت ۋە قانۇن تەشكىل قىلماقتا. قانۇن ئاساسىنىڭ « ئىنسانىيەت »نىڭ ئورتاق پايدىسى ۋە مەسئۇلىيەت ئەخلاقى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئايەت بىلەن سۈرە باشلانغان. بۇ ئايەت مۇھاتابلىرىنى ئاللاھ ئالدىدا مەسئۇلىيەتچان بولۇشقا چاقىرىش بىلەن بىرگە، كىشىنىڭ دىققەت نەزرىنى ھەم ئىنسانىيەتنىڭ ھەم مەرھەمەتنىڭ سىمۋولى بولغان « رەھىم ( بالاياتقۇ )داشلىق »قا ئاغدۇرىدۇ.

يَا أَيُّهَا النَّاسُ اتَّقُوا رَبَّكُمُ الَّذِي خَلَقَكُمْ مِنْ نَفْسٍ وَاحِدَةٍ وَخَلَقَ مِنْهَا زَوْجَهَا وَبَثَّ مِنْهُمَا رِجَالًا كَثِيرًا وَنِسَاءً وَاتَّقُوا اللَّهَ الَّذِي تَسَاءَلُونَ بِهِ وَالْأَرْحَامَ إِنَّ اللَّهَ كَانَ عَلَيْكُمْ رَقِيبًا

« ئى ئىنسانلار! سىلەرنى بىر مەۋجۇدىيەتتىن ياراتقان، ئۇنىڭدىن (يەنى ئۆز جىنسىدىن) ئۇنىڭ جۈپتىنى ياراتقان ۋە ئۇلاردىن نۇرغۇن ئەر ـ ئاياللارنى ياراتقان رەببىڭلار ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىڭلارنى ئۇنتۇماڭلار. بىر ـ بىرىڭلاردىن نەرسە سورىغاندا نامى بىلەن سورايدىغان اﷲ ۋە بۇ ئىنسانلىق رىشتىڭلار ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىڭلارنى ئۇنتۇشتىن ساقلىنىڭلار. اﷲ ھەقىقەتەن سىلەرنى (يەنى پۈتۈن ئەھۋالىڭلارنى) كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر » ( 1 ).

ئاندىن كېيىن ئائىلە ھەق – ھوقۇقىنى چۆرىدىگەن ھالدا يېتىملارنىڭ ھەققىگە رىئايە قىلىشقا بۇيرۇلغان ئايەتلەر بايان قىلىنغان ( 2 – 7 ). خاس ھالدا يېتىملار، ئومۇمىي جەھەتتىن « ئىگە – چاقىسىزلار » مەسىلىسى ھەر قانداق بىر جەمىئىيەتنىڭ قاناۋاتقان يارىسىدۇر. يېتىملار دېيىلگەندە، ئۇقۇم جەھەتتىن بۇ دائىرىگە تۇللار ۋە جەمىئىيەتتىكى باشقا ئىگە – چاقىسىزلارمۇ كىرىدۇ. يېتىملار مەسىلىسىنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ ئەڭ ئالدىدىكى سەۋەپلەردىن بىرسى ئۇرۇش بولۇپ، بۇ ئايەتلەرنىڭ نازىل بولىشىغا سەۋەپ بولغان دەۋر ئارقا كۆرنۈشىدە ئارقا – ئارقىدىن يۈز بەرگەن ئۇرۇشلار ۋە ئۇنىڭدىن قالغان يارىلار ياتماقتا. ئۇرۇشنىڭ سەلبىي تەسىرىگە ئۇچرىغۇچىلار ئاساسەن بالىلار ۋە ئاياللار بولۇپ، ئەگەر ئاياللار بالا – چاقىلىق بولغانلار بولسا، دەردى ئىككى قات ئېغىر بولماقتا. بالا – چاقىلىق ئانىلار ۋە ئاتىسىدىن ئايرىلىپ قالغان يېتىم قىزلارنىڭ ھەق – ھوقۇقىنى قانداق قوغداش مەسىلىسى، ھەر ئۇرۇشتىن كېيىن بىر تەرەپ قىلىنىشى زۆرۈر بولغان بىرىنچى دەرىجىلىك مەسىلىدۇر. ئەگەر بۇ مەسىلە مۇۋاپىق شەكىلدە بىر تەرەپ قىلىنمىسا، ئۇنىڭ ئىجتىمائىي چىرىكلىشىشتىن ئەخلاقى بۇزۇقچىلىققا، ھەق – ھوقوق دەپسەندىچىلىكىدىن مىراس مەسىلىسىگىچە بىر قاتار مەسلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى ئېنىق. قۇرئان، خاس ھالدا يېتىملار، ئومۇمىي جەھەتتىن ھىمايە قىلىنىشقا ۋە يار – يۆلەك بولۇشقا مۇھتاج بولغان، ئۇرۇشنىڭ تالاپىتىگە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش تەدبىرلىرىنى كۆرسەتمەكتە. بۇلاردىن بىرسى 3 – ئايەتتە بايان قىلىنغان « كۆپ ئاياللىق بولۇش » مەسىلىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك تەدبىردۇر. مەيلى قانداق بىر ھاكىمىيەت تەرىپىدىن بىكىتىلگەن بولىشىدىن قەتئىينەزەر، ھەر قانۇنى ھەق – ھوقوق تەدبىرلىرىنىڭ يوللۇق بولىشى، بىر تەرەپنىڭ مەنپەئەتىنى نەزەردە تۇتمايدۇ. چۈنكى ھەر ھەق – ھوقوق مەسىلىسى ئۆزىنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشىنى، ئۇ قانۇننى ئىجرا قىلىدىغان ئىنسانلارنىڭ ۋىجدانىدىن ئالىدۇ. شۇڭا قۇرئان ھەر ھەق – ھوقۇق مەسىلىسىدە بىر بەلگىلىمە بېكىتكەندىن كېيىنلا ئىنساننىڭ ۋىجدانىغا خىتاپ قىلىدۇ. مانا بۇ سەۋەپتىن، 3 – ئايەتنىڭ ئاخىرىدىمۇ مۇھاتابلارنى ئاللاھ ئالدىدا مەسئۇلىيەتچان بولۇشقا چاقىرغان ۋە ئاللاھ نىڭ دائىم ئىنساننى نازارەت قىلىپ تۇرىدىغانلىقى ئەسلىتىلگەن.

« يېتىملار مەسىلىسى قۇرئاندا مۇشۇنداق مۇھىم مەسىلە قاتارىدىن ئورۇن ئالغان. ئۇنداقتا فىقىھتا » بوۋا يېتىمى » دەپ ئاتالغان ۋە ۋاپات بولغۇچىنىڭ ئۇنىڭدىن بۇرۇن ۋاپات بولغان بالىسىنىڭ يېتىملىرىغا ( يەنى مىراس ئىگىسىنىڭ يېتىم ۋە ئىگە – چاقىسىز نەۋرىلىرىگە ) نېمە ئۈچۈن مىراستىن نېسىۋە بېرىلمىگەن؟ » سوئالى كىشىنىڭ ئەقلىگە كېلىشى مۇمكىن. شۇنداق، مىراس نىسبىتى بايان قىلىنغان 11 ۋە 12 – ئايەتلەردە تىلغا ئېلىنغانلار ئارىسىدا يېتىملار يوق. بۇ ئايەتلەر يېتىملارنىڭ زىيىنىغا ئەمەس، ئەكسىچە پايدىسىغا بولۇپ، 8 – ئايەتتە مىراس تەقسىملەشتە، يېتىملارغا بىر نېسىۋە بېرىشكە بۇيرۇلغان، بىراق قانچە ئۈلۈش ئالىدىغانلىقى بەلگىلەنمىگەن. مىراستىن بېرىلىدىغان ھەققىنىڭ ئېنىق بەلگىلەنمىگەنلىكى يېتىملارنىڭ زىيىنىغا ئىشلىتىلمەسلىكى كېرەك. چۈنكى مىراستىن ئالىدىغان مىقدارنى بەلگىلەيدىغان ئايەتلەر 11 ۋە 12 – ئايەتتۇر، 8 – ئايەت يېتىملارغا نېسىۋە بېرىشكە بۇيرىيدۇ. يەنى بۇ، يېتىملار مىراستىن ھەققى بەلگىلەنگەنلەردىن ئالدىنقى ئورۇندا دېگەنلىكتۇر. چۈنكى مىراس بۆلۈنگەندىن كېيىن ھېچنەرسە قالمايدۇ. شۇڭا يېتىملارغا مىراستىن ھەق بېرىلىدىغان بولسا، مىراس تەقسىم قىلىنىشتىن بۇرۇن بېرىلىدۇ. مىقدارىنىڭ بەلگىلەنمىگەن بولىشى، يېتىملارنىڭ زىيىنىغا سۈيئىستىمال قىلىنماسلىقى لازىم. ئەنئەنىۋىي چۈشەنچە مەسىلىگە بۇ نوقتىدىن قارىمىغان بولسا، بۇ قۇرئاننىڭ مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى ئەنئەنىنىڭ مەسىلىسىدۇر. قۇرئان پەقەت كېلەچەكنىلا ئەمەس، ئەنئەنىنىمۇ يېڭىدىن شەكىللەندۈرگۈچىدۇر.

فىقىھ ئىلىمىدە مىراس تەقسىماتى « فەرائىز »، مىراس ئايەتلىرى « فەرائىز ئايەتلىرى » دەپ ئاتالغان ۋە بۇ ئىسىم بىلەن مەشھۇر بولغان. بۇ نوقتىدا شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كېرەككى، كۆرۈنۈشتە مىراس ۋە ۋەسىيەت بەلگىلىمىسى تىلغا ئېلىنغان 7 – 21 – ئايەتلەر ئارىسىدىكى بۆلەكنىڭ ئاساسلىق تېمىسى « مىراس » ئەمەس، بەلكى « ئايال »نىڭ ھەققىدۇر. بولۇپمۇ 7 – 10 – ئايەتلەر ئايال كىشىنىڭ ھەققىنى بايان قىلىدۇ ۋە بۇ ھەقنى دەپسەندە قىلغۇچىلارنى قورقۇنچ ئاقىۋەت بىلەن ئاگاھلاندۇرىدۇ:

إِنَّ الَّذِينَ يَأْكُلُونَ أَمْوَالَ الْيَتَامَى ظُلْمًا إِنَّمَا يَأْكُلُونَ فِي بُطُونِهِمْ نَارًا وَسَيَصْلَوْنَ سَعِيرًا

« زۇلۇم قىلىپ يېتىملەرنىڭ مال ـ مۈلكىنى (ناھەق) يەۋالىدىغانلار، شۈبھىسىزكى، قورسىقىغا (قىيامەت كۈنى يېنىپ تۇرىدىغان) ئوتنى يەۋالغان بولىدۇ، ئۇلار يېنىپ تۇرغان ئوتقا (يەنى دوزاخقا) كىرىدۇ » ( 10 ).

ئايەتتە ھەققى ھىمايە قىلىنغان « يېتىملار » بىلەن تۇل بولسۇن – بولمىسۇن ئاياللارنىڭ نەزەردە تۇتۇلغانلىقى مەلۇم بولماقتا. قۇرئاننىڭ بۇ مەسىلىنى « مەخسۇس ئاياللار مەسىلىسى » سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويماسلىقى ۋە بۇنداق ئايرىماسلىقىنى، ئايەت نازىل بولغان مەزگىلدىكى كىشىلەر ياشىغان دۇنيانىڭ، بۈگۈنكى « زامانىۋىي دۇنيا » ئىنسانلىرىغا ئوخشاش جىنسىي كىملىكنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويغان دۇنيا بولمىغانلىقى بىلەن ئىزاھلاش مۇمكىن. بۇ ھەرگىزمۇ ئۇ كۈننىڭ دۇنياسىدا ئاياللارغا قارىتا ئايرىمچىلىق قىلىنمىغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ، ئەلۋەتتە. شۇنداقتىمۇ، جاھىلىيەت ئىنسانلىرىدا بۇ ئايرىمچىلىققا قارىماستىن، قۇرئان نازىل بولغان مۇھىتتىكى ئىنسانلار زېھنىدە، كۈنىمىز ئىنسانلىرىغا قارىغاندا جىنىسىيەت ئايرىمچىلىقنىڭ ئاز ئىكەنلىكى مەلۇم بولماقتا.

يۇقىرىدىكى ئايەتتىن كېيىن، مىراس بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر كېلىدۇ ( 11 – 12 ). بۇ بۆلەكنىڭ ئاداققى غايىسى ۋە مەقسىتى مىراس نىسبىتىنى رەقەملىك شەكىلدە بەلگىلەشتىن زىيادە، ھەقسىزلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئادالەتنى بەرپا قىلىشتۇر. بۇ نىسبەتلەر ئىچىدە، ئۆز ۋاقتىدىكى جەمىئىيەتتە بىر ئىسلاھات مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان بىر ئىجرائات باشلانغان. يەنى، ئايال كىشىگە ئەر كىشى ئالغان مىراسنىڭ يېرىمىچىلىك مىراس ئېلىش ھەققى بېرىلگەن ( 11 ). ئايال كىشى مىراستىن نېسىۋە ئالالمىغان، قىز بوۋاقلار تىرىك كۆمۈۋېتىلگەن، ئۆلگەن ئاتىلىرىنىڭ ئاياللىرىمۇ ئوغۇللىرىغا مىراس قالغان، ئايال كىشىگە ئېلىپ – سېتىلىدىغان تاۋار كۆزى بىلەن قارايدىغان بىر دۇنيادا، ئايال كىشىگە مىراستىن نېسىۋە بېرىشنىڭ ئۆزى، سىزچە ئىسلاھات بولماي نېمە؟ بۇ ھۆكۈمنى چۈشۈنۈپ يېتىشتە ئاچقۇچ، ۋەھىينىڭ قانۇن تۇرغۇزۇش ئالاھىدىلىكىدۇر. ۋەھىي تەڭ بۆلۈشۈلگەن بىر مىراسنى ئىككىدەنبىرگە چۈشۈرۈپ قويمايدۇ، ئەكسىچە پەقەت بېرىلمىگەن مىراستىن ئاياللارغا ئۈلۈش ئايرىيدۇ. يەنى مۇھاتابلىرىغا بۇ نوقتىدا رىئايە قىلىشى كېرەك بولغان بەلگىلىمىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ۋەھىينىڭ بۇ ھۆكمىنىڭ سەۋەبى بارلىقىنى، مەزكۇر سۈرىنىڭ 32 – ئايىتىدىن كۆرىۋالالايمىز: « ئەرلەرنىڭ تاپىۋىتىدىن ئۆزىگە بىر ھەسسە باردۇر، ئاياللارنىڭمۇ تاپاۋىتىدىن ئۆزىگە بىر ھەسسە باردۇر ». ئۆز دەۋرىنىڭ ئىنسانلىرى مىراستىن ئاياللارغا ئۆزلىكىدىن ھەسسە بېرىدىغان ھالدا ئەمەس ئىدى. ئۇرۇش، تىجارەت ۋە مىراستىن تەشكىل تاپقان ئاساسلىق كىرىم ئەرلەرنىڭ ئىلكىدە بولۇپ، بۇنداق بىر جەمىئىيەتتە ئاياللارنى مال – مۈلك ئىگىسى قىلىشنىڭ ھەق – ھوقۇق نوقتىسىدىكى ئەھمىيىتىنى ئىنكار قىلغىلى بولمايدۇ.

كۆزى، كۆڭلى ۋەياكى پۇتى تالادا بولغان ئۆي – ئوچاقلىق خانىملار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر، يەنە مىراس دائىرىسى ئىچىدە تىلغا ئېلىنغان. چۈنكى، جەمىئىيەتتە ئەڭ چوڭ ئىختىلاپلار مال – مۈلكنى بۆلۈشەلمەسلىك سەۋەبىدىن چىقماقتا، قان داۋالىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىمۇ بۇ مەسىلە سەۋەبىدىن چىقماقتا. مانا بۇ مەسلىلەرنىڭ مەركىزىدە جەمىئىيەتتە ئاجىز ھالغا چۈشۈرۈپ قويۇلغان بىر گورۇپپىنىڭ ھەق – ھوقۇقى ھىمايە قىلىنغان. مەسىلەن، 19 – ئايەتتە مۇنداق دېيىلگەن: « ئى مۇئمىنلەر! ئاياللارغا زورلۇق قىلىپ، ئۇلارنى مىراس قىلىپ ئېلىش (يەنى بىر ئادەمنىڭ قولىدىن يەنە بىر ئادەمنىڭ قولىغا ئۆتۈپ تۇرىدىغان مال ئورنىدا قىلىۋالماق) سىلەرگە دۇرۇس بولمايدۇ ». شۇنداق، مۇشتۇمزور ئەرلەر كۆپىنچە ئەھۋالدا ئاياللارغا مىراسچى بولىۋالاتتى، ھەتتا ئايال كىشىنىڭ ۋۇجۇدىنى بىر مىراس دەپ چۈشۈنەتتى.

ئاندىن ئائىلە قۇرۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر كېلىدۇ ( 22 – 42 ). بۇ بۆلەكتە ئۆز ئارا توي قىلىش ھارام قىلىنغانلارنىڭ كىملەر ئىكەنلىكى تەپسىلى بايان قىلىنىدۇ ( 23 – 25 ). دىققەت قىلىدىغان بولساق، بۇ بۆلەكنىڭ تېمىسىمۇ ھەق – ھوقۇق بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. بۇ نوقتىدا مۇنداق بىر سوئال ئەقلىمىزگە كېلىدۇ: ئاللاھ بۇ خىل بەلگىلىمىلەرنى نېمە ئۈچۈن ئىنسانلارنىڭ ئۆزىگە قويۇپ بەرمەي، ۋەھىي يولى بىلەن ئۆزى بەلگىلەيدۇ؟ بۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى يەنە نىسا سۈرىسىنىڭ بۇ بۆلىكىدىن تاپىمىز. چۈنكى ئىنساننىڭ ھېس – تۇيغۇسىغا ئەسىر بولىشى ئېھتىمالى يۇقىرى. بۇ ئەھۋالدا بەلگىلىنىدىغان ھەر پرىنسىپ، « بەندىگە قۇل بولۇش » پرىنسىپىدۇر. نەپسىگە، ھېس – تۇيغۇسىغا ۋە شەيئىلەرگە قۇل بولۇش بۇنىڭغا ئەگىشىپ كېلىدۇ. بۇنداق بىر قانۇنىي ئۆلچەم، تەدبىقلىغۇچى ۋە تەدبىقلانغۇچى ئىنسان ئۈچۈنمۇ يۈكتۇر. تۆۋەندىكى ئايەتلەر بۇ ھەقىقەتنى بايان قىلىدۇ:

وَاللَّهُ يُرِيدُ أَنْ يَتُوبَ عَلَيْكُمْ وَيُرِيدُ الَّذِينَ يَتَّبِعُونَ الشَّهَوَاتِ أَنْ تَمِيلُوا مَيْلًا عَظِيمًا (27) يُرِيدُ اللَّهُ أَنْ يُخَفِّفَ عَنْكُمْ وَخُلِقَ الْإِنْسَانُ ضَعِيفًا (28)

« ﷲ سىلەرنىڭ تەۋبەڭلارنى قوبۇل قىلىشنى خالايدۇ، شەھۋەتلەرگە ئەگىشىدىغانلار سىلەرنى توغرا يولدىن چىقىرىۋېتىشنى ( ئۆزلىرىگە ئوخشاش فاجىر بولۇشۇڭلارنى ) خالايدۇ. ﷲ سىلەرنىڭ يۈكۈڭلارنى يېنىكلىتىشنى خالايدۇ. ئىنسان (نەپسى خاھىشىغا خىلاپلىق قىلىشتىن) ئاجىز يارىتىلدى » ( 27 – 28 ).

34 – ئايەت ئائىلىدە ساداقەتسىزلىك ۋە ئىپپەتسىزلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر چىقىشالماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئادەتتىكى بىر چىقىشالماسلىقتا ئەقلىگە ئەڭ باشتا كېلىدىغان ئىش، ئايالىنى ئۇرۇش بولغان بىر جەمىئىيەت ئەرلىرىگە، بۇنىڭدىن باشقا تېخىمۇ ئىنسانىي ئۇسلۇب ۋە يوللارنىڭ بارلىقىنى ئەسلىتىدۇ.

سۈرىنىڭ بۇ يەرگىچە بولغان قىسمىدىكى مەقسەتنى مۇنداق ئىخچاملاشقا بولىدۇ: پاك بىر ئەقىدە، پاك بىر ئاڭ، پاك بىر شەخسىيەت، پاك بىر ئائىلە، پاك بىر مال – مۈلك ۋە پاك بىر جەمىئىيەت بەرپا قىلىش. 43 – ئايەت بىلەن باشلىغان ۋە داۋام قىلغان بۆلەكلەرنىڭ ئاخىرقى مەقسىدىمۇ پاك بىر جەمىئىيەت بەرپا قىلىش بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر.