ھەسەن ئەلبەسرىنىڭ ئابدۇلمەلىككە يازغان مەكتۇبىنىڭ 6 – ئابزىسى

elbesri 6

[ئى مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى! يەنە ئويلاپ كۆرگەيسەن ] ئاللاھ نىڭ بۇ سۆزىنى: « رەببىمىز! ئىنسانلاردىن ۋە جىنلاردىن بىزنى ئازدۇرغانلارنى بىزگە كۆرسەتكىن، ( ئۇلار ) ئەڭ خارلىرىمىزدىن بولۇشى ئۈچۈن ئۇلارنى ئاياقلىرىمىز ئاستىدا چەيلەيمىز، دېدى » ( فۇسسىلەت،  29 ). يەنە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: « شۇبھىسىزكى، بىز ئۇنىڭ ( ئىنسان )غا ئەلچىلەر ئەۋەتىش بىلەن ياخشى – يامان يولنى كۆرسەتتۇق، ( ئۇ مۇئمىن بولۇپ ياخشى يولدا مېڭىپ، ئاللاھ نىڭ نېئمىتىگە) شۈكۈر قىلغۇچىدۇر ياكى ( فاجىر بولۇپ يامان يولدا مېڭىپ ) كۇفۇرلۇق قىلغۇچىدۇر » ( ئىنسان، 3). يەنى ئاللاھ، بىز ئىنسانغا يولنى كۆرسەتتۇق، ئۇ شۈكۈر قىلسا بىز ئۇنى مۇكاپاتلايمىز؛ ئەگەر ئۇ كۇفرانى نېئمەت قىلسا / ئىنكار قىلسا، بىز ئۇنى كۇفرى سەۋەپلىك جازالايمىز، دەيدۇ:

« كىمكى شۈكۈر قىلىدىكەن ئۆزى ئۈچۈن قىلغان بولىدۇ، كىمكى كۇفۇرلۇق قىلىدىكەن، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ( بەندىلەردىن ) بىھاجەتتۇر، مەدھىيەگە لايىقتۇر » ( لوقمان، 12 ). [ جانابى ئاللاھ نىڭ بۇ سۆزىمۇ يۇقىرىدىكى مەنانى ئىپادىلەيدۇ: « فىرئەۋىن ئۆز قەۋمىنى ئازدۇردى، ( ئۇلارنى ) توغرا يولغا باشلىمىدى » ( تاھا، 79 ).

ئى مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى! سەنمۇ خۇددى ئاللاھ ئېيتقاندەك « قەۋمىنى ئازدۇرغان كىشى فىرئەۋىندۇر » دېگىن! ئاللاھ قا، كالامى توغرىسىدا قارشى چىقمىغىن! ئاللاھ قا ئۆزىنىڭ زاتى ئۈچۈن مۇناسىپ كۆرگىنىدىن باشقىنى نىسبەت قىلما. چۈنكى ئۇ مۇنداق دېگەن: « توغرا يولنى كۆرسۈتۈشكە شەك – شۈبھىسىز بىز مەسئۇلمىز، دۇنيا ۋە ئاخىرەت شەك – شۈبھىسىز بىزنىڭ ئىلكىمىزدىدۇر » ( لەيل، 12-13). ھىدايەت ئاللاھ تىن، زالالەت بەندىلەرنىڭ ئۆزىدىندۇر. ئى مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى ئاندىن يەنە بۇ سۆزنىمۇ ئويلاپ كۆرگىن: « بىزنى پەقەت گۇناھكارلارلا ئازدۇردى » ( شۇئەرا، 99 ). يەنە « ئۇلارنى سامىرى ئازدۇردى » ( تاھا، 85 ) دېگەن سۆزىنى ۋە شۇنداقلا « شەيتان ئىنسانغا ھەقىقەتەن دۈشمەندۇر » ( ئىسرا، 53) دېگەن سۆزلىرىنىمۇ ئويلاپ كۆرگىن ]. ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن: « سەمۇدقا بولسا توغرا يولنى كۆرسەتتۇق، ئۇلار ھىدايەتتىن كورلۇق ( يەنى گۇمراھلىق )نى ئارتۇق بىلدى، قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن، ئۇلارنى خار قىلغۇچى چاقماق ئازابى ھالاك قىلدى » ( فۇسسىلەت، 17 ). كۆرگىنىڭىدەك ھىدايەتنىڭ باشلانغۇچى ئاللاھ تىن، بىراق ئۇلارنىڭ گۇمراھلىققا مۇپتىلا بولۇشى، ئازغۇن ئارزۇ – ھەۋەسلىرىگە ئەگەشكەنلىكىدىندۇر.

 

ئىزاھات:

بىرىنچى ئابزاستا [ ] ئىچىدە بېرىلگەن جۈملە، ئەسلى تېكىستتە چالا بولغانلىقى ئۈچۈن، رىسالىنىڭ يېزىلىش ئۇسلۇبىغا مۇۋاپىق ھالدا تولۇقلاندى.

ئىككىنچى ئابزاستا باشلىنىپ ئۈچىنچى ئابزاستا ئاخىرلاشقان [ ] ئىچىدىكى بۆلەك، ئاياسوفيا ( ب ) نۇسخسى ۋە « ئەلمۇنىيە »دىكى تېكىستكە ئاساسەن تولۇقلاندى.