مۇنافىقۇن سۈرىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

سۈرە مەزمۇنىغا ئاساسەن « ئىككى يۈزلىمىچى كىشىلەر / مۇناپىقلار » مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان « مۇنافىقۇن » كەلىمىسى بىلەن ئاتالغان.

سۈرىدە ھەر دەۋر ۋە ماكاندا ئۇچراپ تۇرىدىغان ئىككى يۈزلىمىچى شەخسلەرنىڭ روھى – ھالىتى ئانالىز قىلىنغان بولۇپ، تۇنجى نەسىل تەرىپىدىن بۇ ئىسىم بىلەن ئاتالغان.

سۈرە مەدىنىدە نازىل بولغان بولۇپ، تەبۇك غازىتى جەريانىدا نازىل بولغانلىقى ھەققىدىكى رىۋايەتلەرنى ۋەقە تەستىقلىمايدۇ. چۈنكى بۇ غازات ئېلىپ بېرىلغان ھىجرى 9 – يىلىدا، مەدىنىدە مۇناپىقلار نوپۇزىنى يوقاتقانىدى. سىيەر ۋە تەپسىر ساھەسىدىكى نوپۇزلۇق شەخسلەرنىڭ بايانىغا قارىغاندا، مۇناپىقلارنىڭ كاتىۋېشى ئىبن ئۇبەيگە ئائىت بولغان 8 – ئايەتتىكى سۆزىنى، بەنى مۇستەلىققا ئېلىپ بارغان غازاتتا دېگەنىدى. ئۇ مۇنداق دېگەنىدى: « مەدىنىگە / شەھەرگە قايتساق، ئەڭ ئەزىز ئادەم (يەنى ئابدۇللاھ ئىبن ئۇبەي ۋە مۇناپىقلارنىڭ ئۆزلىرىنى دېمەكچى) ئەڭ خار ئادەمنى (يەنى رەسۇلۇللاھنى، مۆمىنلەرنى دېمەكچى) مەدىنىدىن چىقىرىۋېتىدۇ » (8 ). ۋەقەلىك بۇنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى تەستىقلىماقتا.

بۇنىڭغا ئاساسەن سۈرىنىڭ ھىجرى 5 – يىلىدا نازىل بولغانلىقى مەلۇم بولماقتا. سۈرىنى نىسا سۈرىسىنىڭ ئالدىغا تىزىشقا بولىدۇ.

سۈرىنىڭ نازىل بولىشىغا سەۋەپ بولغان ۋەقەلىك تۆۋەندىكىچە:

بەنى مۇستالىق غازىتى جەريانىدا ئەنسارلاردىن بىر كىشى بىلەن، مۇھاجىرلاردىن بىر كىشى ئارىسىدا سۇ نۆۋىتى سەۋەبىدىن غەۋغا چىقىدۇ. مۇناپىقلارنىڭ كاتىۋېشى ئابدۇللاھ بىن ئۇبەي بىن سەلۇل، بۇ غەۋغانى رەزىل غەرىزى ئۈچۈن تېپىلغۇسىز پۇرسەت دەپ قاراپ، بۇ جىدەلنى سۈيئىستىمال قىلىپ ئەنسار تەرەپتە تۇرىدۇ. ئۇ مۇھاجىرلارغا بولغان ناخوشلىقىنى ئىپادىلەيدۇ ۋە مەدىنىگە قايتىپ بارغاندا « شەھەرنىڭ ئەڭ ئەزىز ئادىمى، ئەڭ خار ئادەمنى چىقىرىۋېتىدىغانلىقىنى » ئېيتىدۇ.

بۇ خەۋەر رەسۇلۇللاھقا يەتكەندىن كېيىن، رەسۇلۇللاھ ئۇنى چاقىرىتىپ سۆزنىڭ ئەسلىنى ئۇنىڭدىن سورايدۇ، لېكىن ئۇ ئىنكار قىلىدۇ. ۋەھىي ئۇنىڭ يالغانچىلىقىنى پاش قىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا رەسۇلۇللاھتىن كەچۈرۈم سوراش تەكلىپى بېرىلىدۇ، ئەمما ئۇ قوبۇل قىلمايدۇ ( ئىبن كەسىر ). نىفاق، ئىمانغا سەل قاراش، « ئىمان ئەخلاقىدىن » مەھرۇم بولۇشتۇر. بۇ تەرىپى نەزەردە تۇتۇلغاندا، مۇناپىقلىق بىر ئەقىدە مەسىلىسى بولۇشتىن زىيادە ئەخلاق مەسىلىسىدۇر. بۇنىڭ تەكتىدە توغرا بولمىغان ئاللاھ تەسەۋۋۇرى ۋە ئاخىرەتكە ئىشەنمەسلىك چۈشەنچىسى ياتىدۇ. قۇرئان ئىنسانلارنى ئېتىقاد نوقتىسىدىن مۇئمىن، كاپىر ۋە مۇناپىقتىن ئىبارەت ئۈچ تۈرگە ئايرىيدۇ. مۇناپىق تاشقىي كۆرۈنۈشى جەھەتتىن مۇئمىنگە، ئىچىكى دۇنياسى نوقتىسىدىن كاپىرغا ئوخشايدۇ. تاشقىي كۆرۈنۈشىنىڭ مۇئمىنگە ئوخشاش بولىشى، بىراۋنى مۇئمىن قىلىشقا كۇپايە قىلمايدۇ. ئەمما، نىفاقى بىراۋنى كاپىردىنمۇ خەتەرلىك ھالغا كەلتۈرۈشكە يېتىپ ئاشىدۇ.

سۈرە، بىر شەخسىيەتنىڭ پارچىلىنىشنى بولغان نىفاقنى، تارىخىي ئۆرنەكلەر ۋە شەخسلەر ئارقىلىق چۈشەندۈرۈپ ئۆتىدۇ. ئۇلار ئىشەندۇق دېگەندە يالغان ئېيتقانىدى، ھەتتا يالغاندىن قەسەم قىلماقتا:

إِذَا جَاءَكَ الْمُنَافِقُونَ قَالُوا نَشْهَدُ إِنَّكَ لَرَسُولُ اللَّهِ وَاللَّهُ يَعْلَمُ إِنَّكَ لَرَسُولُهُ وَاللَّهُ يَشْهَدُ إِنَّ الْمُنَافِقِينَ لَكَاذِبُونَ (1) اتَّخَذُوا أَيْمَانَهُمْ جُنَّةً فَصَدُّوا عَنْ سَبِيلِ اللَّهِ إِنَّهُمْ سَاءَ مَا كَانُوا يَعْمَلُونَ (2)

مۇناپىقلار سېنىڭ ئالدىڭغا كەلگەن چاغدا: « گۇۋاھلىق بېرىمىزكى سەن ھەقىقەتەن اﷲ نىڭ ئەلچىسىدۇرسەن » دەيدۇ، سېنىڭ ھەقىقەتەن اﷲ نىڭ ئەلچىسى/ رەسۇلى ئىكەنلىكىڭنى اﷲ بىلىدۇ، اﷲ گۇۋاھلىق بېرىدۇكى، مۇناپىقلار ھەقىقەتەن يالغانچىلاردۇر. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ يالغان قەسەملىرىنى قالقان قىلىۋالدى، بۇ ئارقىلىق اﷲ نىڭ يولىدىن ئازدۇردى، ئۇلارنىڭ قىلمىشى نېمىدېگەن يامان! ( 1 – 2 ).

نىفاقنى ئۆزىگە سىڭدۈرىۋالغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ قەلبلىرى مۆھۈرلەنگەن ( 3 ). ئۇلار تاشقى كۆرۈنۈش ۋە كىيىنىشىدىن تارتىپ، ھەممە تەرىپىنى ئادامچىلىق ئاساسىغا قۇرغان بولۇپ، قۇئاننىڭ بۇلار ھەققىدىكى ئوخشىتىشى كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ:

« گويا ئۇلار تامغا يۆلەپ قويۇلغان (چىرىپ قالغان) ياغاچلاردۇر » ( 4 ).

ئۇلار ئۈچۈن مەغپىرەت تىلىگۈچى ئاللاھ رەسۇلى بولغان تەقدىردىمۇ، مۇناپىقلار ھەرگىزمۇ ئاللاھ نىڭ ئەپۇسىغا نائىل بولالمايدۇ ( 6 ).

سۈرىنىڭ ئاخىرقى بۆلىكى ئىنفاق بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، دەماللىققا ئىنفاق بىلەن نىفاق ئارىسىدا بىر مۇناسىۋەت يوقتەك تۇيۇلسىمۇ، ھەم تىل ھەم ماھىيەت جەھەتتىن بىر – بىرى بىلەن مۇناسىۋىتى بار. بۇ مۇناسىۋەت زىتلارنىڭ مۇناسىۋىتى بولۇپ، نىفاق ئىككى يۈزلىمىچىلىكتۇر. ئىككى يۈزلىمىچى بولغانلارنىڭ تەك دۇنياسى بولىدۇ. ئىنفاق ئىككى دۇنيالىق بىر ئىماننىڭ ئەسەرىدۇر:

يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آَمَنُوا لَا تُلْهِكُمْ أَمْوَالُكُمْ وَلَا أَوْلَادُكُمْ عَنْ ذِكْرِ اللَّهِ وَمَنْ يَفْعَلْ ذَلِكَ فَأُولَئِكَ هُمُ الْخَاسِرُونَ (9) وَأَنْفِقُوا مِنْ مَا رَزَقْنَاكُمْ مِنْ قَبْلِ أَنْ يَأْتِيَ أَحَدَكُمُ الْمَوْتُ فَيَقُولَ رَبِّ لَوْلَا أَخَّرْتَنِي إِلَى أَجَلٍ قَرِيبٍ فَأَصَّدَّقَ وَأَكُنْ مِنَ الصَّالِحِينَ (10)

ئى مۇئمىنلەر! ماللىرىڭلار ۋە بالىلىرىڭلار سىلەرنى اﷲ نىڭ زىكرىدىن (يەنى اﷲ نىڭ تائەت ـ ئىبادىتىدىن) غەپلەتتە قالدۇرمىسۇن، كىملەركى شۇنداق قىلىدىكەن، ئۇلار زىيان تارتقۇچىلاردۇر. بېرىڭلارغا ئۆلۈم كېلىپ: « رەببىم! نېمىشقا مېنى ( يەنى ئەجىلىمنى ) بىر ئاز كېچىكتۈرمىدىڭ، سەدىقە قىلىپ ياخشىلاردىن بولار ئىدىم » دېيىشتىن بۇرۇن، ئۆزۈڭلارغا رىزىق قىلىپ بېرىلگەن نەرسىلەرنى سەدىقە / ئىنفاق قىلىڭلار ( 9 – 10 ).

نەتىجە: ئىنفاق نىفاقنىڭ ۋاكسىنىسىدۇر.