ئاللاھ « سىلەرگە يېزىۋەتكىنىمگە / پۈتۈۋەتكىنىمگە ئاساسەن » دېمەستىن « قىلغان ئەمەللىرىگە مۇكاپات يۈزىسىدىن » دېدى

 ئەلبەسرى رىسالىنىڭ بۇ بۆلۈمىدىمۇ ئىنساننىڭ ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئىرادىسى ۋە كۈچ – قۇدرىتىگە كىشىنىڭ دىققىتىنى ئاغدۇرىدۇ. يەنى قۇرئاننىڭ مەسىلىنى مۇشۇنداق مۇلاھىزە قىلغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.  قۇرئان پالانچىنى « ئاللاھ ئالدىغا ئۆتكۈزۈپ قويىدۇ » ياكى « ئارقىدا قالدۇرىدۇ » دېمەيدۇ. بۇنىڭ دەل ئەكسىچە « ئالدىغا ئۆتۈش (ئىلگىرلەش) » ياكى « ئارقىدا قېلىش » پېئىللىرى ئىگىسىنىڭ ئىنسان ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ. ئىنسان جەننەت ياكى جەھەننەمگە، ئاللاھ نىڭ « بۇ جەننەتلىكتۇر » ياكى « بۇ جەھەننەملىكتۇر » دەپ يازغانلىقى تۈپەيلىدىن كىرمەيدۇ. سەجدە سۇرىسىنىڭ 17- ئايىتىدە ئوچۇق بايان قىلىنغىنىدەك « ھۆر ئىرادىسى بىلەن تاللاشنىڭ ۋە بۇ تاللاشقا مۇناسىپ ھالدا قىلغان ئەمەللىرىنىڭ بىر نەتىجىسى سۈپىتىدە » بۇلاردىن بىرسىگە لايىق بولىدۇ.

رىسالىدىكى « مۇبتىلۇن – المبطلون ( بىكار قىلىۋەتكەنلەر ) » ئىبارىسى، ھەججاجنىڭ رىسالىنى يىغىنچاقلىغان مەكتۇبىدا سىېيلىقلاشتۇرۇلۇپ « مۇختىئۇن ( خاتا قىلغانلار ) »دەپ يېزىلغان. بىكار قىلىۋەتكەنلەر دېيىلىشىدە ئىككى ئېھتىماللىق بار:

1) ھۆر ئىرادىنى بىكار قىلىۋەتكەنلەر.

2) ئىنساننىڭ مەسئۇليىتىنى بىكار قىلىۋەتكەنلەر.

شۇنداقتىمۇ ھەر ئىككى ئىپادىدە ئوخشاش بىر نوقتىغا بېرىپ تاقىلىدۇ. يەنى، « مۇبتىلۇن » دەپ ئوقۇلغاندا، ئەجنەبىلەرنىڭ ئىپادىسى بىلەن « نىھىلىست ( مۇتلەق يوق ) » مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. ئەل بەسرىنىڭ قەدەرپەرەستلىك ئازغۇنلىقىغا قارشى بۇنچىۋالا قاتتىق كۆرەش قىلىشىنىڭ سەۋەبىمۇ دەل بۇ ئىدى. چۈنكى ھەر قانداق ئەخلاقىي چىرىكلىشىشنىڭ تىگىدە مەسئۇليەتسىزلىك ياتىدۇ. قەدەرچىلىك مەسئۇليەتنىڭ ئورنىغا مەجبۇرىيەتنى، ئىرادىنىڭ ئورنىغا « قەدەر »نى قويىدىغان چۈشەنچىدۇر. ھالبۇكى، قۇرئان « ھەر ئىنسان قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن مەھبۇستۇر » دەيدۇ (مۇددەسسىر، 38)، ( نۇر، 21).

ئەلبەسرى قەدەرچى چۈشەنچىنى ھىمايە قىلىۋاتقانلارنى « قەۋم » دەپ تەرىپلەيدۇ. بۇ، ھاكىمىيەت ئارقا تېرىكى بولغان مەزكۇر چۈشەنچىنى ھىمايە قىلىۋاتقانلارنىڭ تەشكىللىك ھەمدە ھەممىگە مەلۇم ئىجتىمائىي سىنىپ ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

ئىنسان ئەمەللىرىنىڭ ئىگىسىدۇر. ئىبنۇلجەۋزى، ئىمام ئەلبەسرىگە مۇناسىۋەتلىك ئەسىرىدە ئۇنىڭ ئەمەل توغرىسىدا قىلغان سۆزلىرىنى مۇنداق نەقىل قىلغان:

« ئى ئىنسان! مەن يېڭى بىر كۈن، قىلمىشلىرىڭغا شاھىتلىق قىلىمەن. سەندىن ئايرىلغىنىمدا ھەرگىز يەنە بىر قېتىم قايتىپ كەلمەيمەن. شۇڭا نېمە قىلساڭ ھازىرلا قىلىۋال. چۈنكى كەلگۈسىدە ھازىر قىلمىشلىرىڭ بىلەن ئۇچرىشىسەن، خالىغىنىڭنى بىرىكتۈرگىن. بىراق شۇنى بىلگىنكى بۇ پۇرسەت يەنە بىر قېتىم قايتا قولۇڭغا كەلمەسلىكى مۇمكىن ».

ئەلبەسرى 13 يېرىم ئەسىر بۇرۇن قەدەر رىسالىسى ئارقىلىق ئېيتقان بۇ ھەقىقەتنى، ئۇنىڭدىن 13 ئەسىر كېيىن ياشىغان قۇرئان شائىرى مەھمەت ئاكىف شېئىرىدىكى شۇ مىسرالار بىلەن مۇنداق ئىپادىلىگەن:

ئاللاھ قا يۆلەندىم دەپ، سەن قوپما كارۋاتتىن،

تەۋەككۇلنىڭ مەنىسى بۇمۇ ھەي ئىست نادان!

دۇنيا يۈگرەۋاتىدۇ گەپمۇ، بىللە يۈگرەيتتىڭ،

ئەپسۇسكى پۈتكۈل غەيرىتىڭنى ئارقاڭغا تاشلىۋەتتىڭ.

ئاللاھ قا يۆلەن، تىرىشچان بول، ھېكمەتكە رام بول!

يول بۇدۇر، بىلمەيمەن باشقا چىقىش يول.

دۆلەت نابۇت بولماقتا، دىنمۇ ھەم شۇنداق،

سىلەرگە قۇرئان، پەقەتلا ئۇزاقتىن قاراڭلا دەمدۇ؟

 

تەرك قىل ئىشلەشنى، بۇيرۇق چۈشۈر تۇرغان يىرىڭدىن!

ھارمىغىن ئۇنداق ( جاپا تارتىپ )، مەۋلا ( ئەمەل قىلماي ياتساڭمۇ ) ئەجىر بەرگۈچىڭ بولغاندىكىن.

ھەممە ئىشلارنى رەببىم ھەل قىلىدۇ، ۋەزىپىسىدۇر!

يۈكۈڭ يەڭگىللىدى، سەن ئەمدى ئۇدۇل قەھۋەگە بار!

ئاي ئىشلەۋاتىدۇ، ئاسمان يەر ئىشلەۋاتىدۇ،

كۈن ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ، سەييارىلەرمۇ ھەم.

ئىشلە / ئەمەل قىلى دېگەنسىرى شەرىئەت، ئىشلىمەي ياتتىڭ،

ئۇنىڭ ئورنىغا نۇرغۇن خۇراپە ئويدۇردۇڭ.

ئاخىرى تېخى « تەۋەككۇل » قىستۇرۇپ ئارىغا.

بىچارە دىننى ئايلاندۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن، قويدۇڭ كۈلكىگە!

يەر ئىشلىسۇن، ئاسمان ئىشلىسۇن، ئىچىڭ پۇشمىسا ئولتۇر!

بۇلار ھەققىدە بىر باھانەڭ بارمۇ؟ تۇر!

ماسىۋا ( كائىناتتىكى ھەممە )نى قۇيايلى، بىكار تۇرمايدۇ خالىقمۇ،

قارا، تەجەللى قىلىدۇ مىڭ بىر تۈرلۈك شانۇ – شەۋكەت ھەر كۈنى.

ئەي پۈتۈن دۇنيا ۋە ئىچىدىكىلەر ئورنىدىن تۇرسىمۇ ياتقۇچى!

تاپىمۇ سەن قىمىلدىمايسەن، ھېچ بولمىسا خىجىل بول ئاللاھ تىن!