ھەشر سۈرىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

سۈرىگە، 2 – ئايىتىدە تىلغا ئېلىنغان ئاخىرەتكە مۇناسىۋەتلىك ھالدا ئىشلىتىلگەن « يىغىش، جەم قىلىش » مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان « ھەشر » كەلىمىسى ئىسىم قىلىپ قويۇلغان. مەزكۇر كەلىمە بۇ يەردە ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك ھالدا « ئۇرۇنۇش، قوزغىلىش، ئىسيان كۆتۈرۈش » مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ.

تىزمىزى رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە  سۈرە بۇ ئىسىم بىلەن ئاتالغان.

ئىبن ئابباسنىڭ، مەزكۇر سۈرىنى ھەشر دەپ ئاتىغان سەئىد بىن جۇبەيرنى « بەنى نادىر سۈرىسى » دەپ ئاتىشى ھەققىدە نەسىھەت قىلغانلىقى مەلۇم بولماقتا ( بۇخارى ). ئىبن ئابباسنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇنداق دېگەنلىكى كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. ئەسلىدە بۇ بىر ئېتىراز بولۇپ، بۇ ئېتىراز سۈرىنىڭ « ھەشر » ئىسمىگە قارىتىلماستىن، بەلكى بۇ ئىسىمنىڭ سۈرىنىڭ مەزمۇنى ۋە نازىل بولۇش سەۋەبىنى بىلمەيدىغان كىشىلەر تەرىپىدىن خاتا چۈشۈنۈپ قېلىش ئېھتىمالى نەزەردە تۇتۇلغان. بۇ سۈرىنىڭ ئىسمى سۈپىتىدە مەشھۇر بولغان ھەشر، كەڭ دائىرىدە قوبۇل قىلىنغان قىيامەتتىكى قايتىدىن تىرىلىشنى بىلدۈرىدىغان ھەشر ئەمەس. ئەكسىچە رەسۇلۇللاھ بىلەن بېتىم تۈزۈگەنلىكىگە قارىماستىن، ئىسيان كۆتۈرگەن يەھۇدىي قەبىلىسى بەنى نادىرنىڭ « ئىسيانى »نى بىلدۈرىدىغان « ھەشر »دۇر.

سۈرە مەدىنىدە نازىل بولغان. ئىبن ئابباس قويغان ئىسىم ۋە سۈرىنىڭ مەزمۇنى نەزەرگە ئېلىنغاندا، سۈرىنىڭ ھىجرى 4 – يىلى نازىل بولغانلىقى مەلۇم بولماقتا. بۇ تارىختا بەنى نادىر يەھۇدىيلىرى مەدىنىدىن سۈرگۈن قىلىنغانىدى. بۇ يەھۇدىي قەبىلىسى بۇ رايۇنغا 600 يىل ئىلگىرى، يەنە بىر رىۋايەتكە قارىغاندا ھەزرىتى مۇسا دەۋرىدە كەلگەن. بەنى نادىر، ئۆلىمالىرى ئۆز ئىچىدىن چىققان ھارۇن جەمەتىدىن كەلگەن بولۇپ، مەدىنىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلىرى بۇلارنىڭ مونۇپوللىقىدا ئىدى. سۈرىنىڭ نازىل بولۇش سەۋەبىمۇ بۇ مەسىلە بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

سۈرە ھەزرىتى ئوسمانغا نىسبەت قىلىنغان تەرتىپتە بەييىنە – نۇر سۈرىسى ئارىسىغا تىزىلغان. بۇ تىزىلىش توغرا بولمىغان. چۈنكى نۇر سۈرىسى، نازىل بولۇش سەۋەبىدىن مەلۇم بولغاندەك، بەييىنە سۈرىسىدىن بۇرۇن نازىل بولغان. نۇر سۈرىسى ھىجرى 3 – يىلىدا نازىل بولۇشقا باشلىغان بولۇپ، بەييىنە سۈرىسى ھىجرى 4 – يىلىدا نازىل بولغان. ئىبن ئابباس تەرتىۋىدە ئالئىمران – ئەھزاب سۈرىسى ئارىسىدا يەر ئالغان. بۇ تەرتىپ ئالدىنقىسىغا قارىغاندا تېخىمۇ توغرا ئەمەس. چۈنكى ئالئىمران سۈرىسى بىلەن ئەھزاپ سۈرىسىنىڭ نازىل بولۇش تارىخى ئوخشاشمايدۇ. سۈرە، بىزنىڭ تەرتىۋىمىزدە بەييىنە – مۇنافىقۇن سۈرىسى ئارىسىدا يەر ئالماقتا.

ھىجرەتتىن كېيىن رەسۇلۇللاھ، مەدىنىدىكى يەھۇدىيلار بىلەن بىر ئىتتىپاق ئەھدىنامىسى ( سەھىپە ) تۈزۈشكەن. بەدىر زەپىرىدىن كېيىن مەدىنە يەھۇدىيلىرىدىن بىر قىسمى، ئۆزلىكىدىن رەسۇلۇللاھنى تەۋراتتا غالىپ دەپ سۈپەتلەنگەن « كېلىشى ئېنىق بولغان پەيغەمبەر » نىڭ دەل ئۆزى ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى. لېكىن ئۇھۇدنى مەغلۇبىيەت دەپ قاراپ نانكورلۇق قىلىشى، ئۇلارنىڭ كۈچكە چوقۇنغانلىقىنى ئاشكارىلاپ قويدى. بەنى نادىر، تۈزۈلگەن ئەھدىنامىگە خىلاپلىق قىلىپ، قۇرەيش بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈشتى. ئۇلار ئەھدىنامىگە ئاساسەن، بىر مۇسۇلماننىڭ سەھۋەنلىكى سەۋەبىدىن ئوتتۇرىغا چىققان خۇن بەدىلىنى تۆلەشكە رىئايە قىلمىدى. بۇنىڭ بىلەنلا قالماي، رەسۇلۇللاھقا سۈيقەست قىلماقچى بولۇشتى. ئۇنىڭدىن باشقا رەئىسى كائاب بىن ئەشرەپ رەسۇلۇللاھنى قارىلاش ھەرىكىتىنى باشلىغان بولۇپ، مەككىلىك مۇشرىكلارنى مەدىنىدىكى مۇسۇلمانلارغا قارشى كۈشكۈرتكىنى ئازدەك، ئىسلام جامائىتى ئىچىدىكى ئەڭ ھۆرمەتلىك ئاياللارنى كەمسىتىدىغان ئاشق شېئىرلىرىنى يازغان. نەتىجىدە يېپىق شەكىلدىكى بىر ھەرىكەت بىلەن جازالاندى.

ئۇلارنىڭ بۇ خىيانىتى سەۋەپىدىن رەسۇلۇللاھ، ئۇلارغا ئىككى يولدىن بىرنى تاللاشنى شەرت قىلدى. يەنى، يا مەغلۇپ بولغۇچى ھەممە نەرسىسىدىن ئايرىلىپ قالىدىغان بىر ئۇرۇش ياكى بېساتىنى ئېلىپ مەدىنىدىن چىقىپ كېتىش. بەنى نادىر، بىر قارارغا كېلىشى ئۈچۈن ئون كۈن مۆھلەت سورىدى. قارارلىرى ھەققىدە جاۋاپ ئېلىش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن ئابدۇللاھ بىن ئۇبەي بىن سەلۇل، بويسۇنماسلىقى ۋە ئۆزىنىڭ ئۇلارغا ئىككى مىڭ كىشى بىلەن ياردەم قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەردى. شۇنىڭ بىلەن بەنى نادىر ئىسلامغا قارشى ئىسيان كۆتۈردى، شۇنىڭ بىلەن  ئالتە قەلئەسىنىڭ ھەممىسى مۇھاسىرىگە ئېلىندى. بىر قانچە ھەپتىلىك مۇھاسىرىدىن كېيىن، ياردەم ھەققىدىكى ۋەدىنىڭ يالغانلىقىنى كۆرۈپ يېتىپ تەسلىم بولدى. بۇ ۋەقە ھىجرى 4 – يىلى رەبىئۇلئەۋۋەل ئېيىدا يۈز بەردى. ھەر ئۈچ ئائىلىگە بىر تۆگە ئېلىپ مېڭىشقا رۇخسەت قىلىنىش نەتىجىسىدە، 600 تۆگىلىك بىر كارۋان بىلەن بەنى نادىر مەدىنىدىن كۆچۈپ كەتتى. ئۇلار ئۆيلىرىنى ئۆز قولى بىلەن چېقىپ تاشلاپ، ئىشىك – دەرىزىلىرىدىن تارتىپ قۇمۇرۇپ ئېلىپ كەتكەن بولۇپ، بىر قانچە ئائىلىنى ھېساپقا ئالمىغاندا، ھەممىسى سۈرىيەگە بېرىپ يەرلەشتى.

سۈرىدە تىلغا ئېلىنغان « فەي »، مانا بۇ بەنى نادىر ئېلىپ كېتەلمىگەن مۇقىم مۈلۈكلەر ئىدى. بۇ ئۇقۇم « غەنىمەت » مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان ئەنفال سۈرىسىدىن پەرقلىق ھالدا « تىنچ يول بىلەن ئېرىشكەن ئۇرۇش غەنىمەتلىرى » مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. رەسۇلۇللاھ بۇ ماللارنى ئەنسارلارغا بەرمەي، ئېتىقادى ئۈچۈن يۇرت – ماكانىنى تاشلاپ چىقىپ كەتكەن مۇھاجىرلارغا تەقسىم قىلىپ بەردى.

بۇ سۈرىدە، تىلغا ئېلىنغان مال – مۈلك ئارقىلىق ئەخلاقى نەسىھەت بەرمەكتە. بولۇپمۇ ئىنسان – مۈلك ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت ھەققىدە توختۇلۇپ، يەھۇدىيلىشىشنىڭ ئەڭ تىپىك ئالامەتلىرىدىن بىرسىنىڭ، مال – مۈلككە بېرىلىپ كېتىش ئىكەنلىكىگە كىشىنىڭ دىققىتىنى ئاغدۇرماقتا. بەنى نادىردىن قالغان « فەي »نىڭ مۇھاجىرلارغا بېرىلىشىنىڭ سەۋەبى، دەۋر ۋە ماكاندىن ھالقىغان تۆۋەندىكى پرىنسىپتۇر:

« ( ئاللاھ نىڭ بۇنداق قىلىشى ) مۈلكنىڭ، ئىچىڭلاردىكى بايلار ئارىسىدا قولدىن قولغا ئۆتۈپ يۈرمەسلىكى ئۈچۈندۇر » ( 7 ).

بۇ سۈرىنىڭ 9 – ئايىتى، قۇرئاندا « باشقىلارنىڭ مەنپەئەتىنى ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىدىن ئەلا بىلىش » دېيىشكە بولىدىغان « ئىسار » بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىردىنبىر ئايەتتۇر:

وَالَّذِينَ تَبَوَّءُوا الدَّارَ وَالْإِيمَانَ مِنْ قَبْلِهِمْ يُحِبُّونَ مَنْ هَاجَرَ إِلَيْهِمْ وَلَا يَجِدُونَ فِي صُدُورِهِمْ حَاجَةً مِمَّا أُوتُوا وَيُؤْثِرُونَ عَلَى أَنْفُسِهِمْ وَلَوْ كَانَ بِهِمْ خَصَاصَةٌ وَمَنْ يُوقَ شُحَّ نَفْسِهِ فَأُولَئِكَ هُمُ الْمُفْلِحُونَ

« ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇلار ( يەنى مۇھاجىرلار ) كېلىشتىن بۇرۇن ئۇلارغا ماكان تەييارلىغان ۋە قەلبىدە ئىماننى يەرلەشتۈرگەنلەرگە ( بېرىلىدۇ ). ئىمانى كۈچلۈك بولغانلار (يەنى ئەنسارلار) يېنىغا ھىجرەت قىلىپ كەلگەنلەرنى (يەنى مۇھاجىرلارنى) دوست تۇتىدۇ، ئۇلارغا بېرىلگەن نەرسىلەر ئۈچۈن ئىچى تارلىق قىلمايدۇ، ئۇلار موھتاج تۇرۇقلۇق باشقىلارنىڭ مەنپەئىتىنى ئۆزلىرىنىڭ مەنپەئىتىدىن ئەلا بىلىدۇ. باشقىلارنىڭ ئىلكىدىكىگە كۆز تىكىشتىن ساقلانغانلار، ئەنە شۇلار نىجاتلىققا ئېرىشكۈچىلەردۇر » ( 9 ).

ئوخشاش بىر ماكان ۋە زاماندا ياشىغان مۇئمىنلەرنىڭ ئۆزئارا مەسئۇلىيىتى بار، ئەلۋەتتە. بىراق ئوخشاش بىر ماكان ۋە زاماندا بىرلىكتە ياشمىسىمۇ، مۇئمىنلەرنىڭ ئۆزئارا مەسئۇلىيىتى بولىدۇ. بۇ مەسئۇلىيەتنىڭ ئەڭ ئالدىدا، ھاياتلارنىڭ باقىي ئالەمگە سەپەر قىلىپ كەتكەنلەرگە بولغان مەسئۇلىيىتى كەلمەكتە. شۇنداق، بىر مۇئمىن « تىرىكلەرنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلەرگە قارىتا نېمە مەسئۇلىيىتى بولىدۇ؟ » دېيەلمەيدۇ. تۆۋەندىكى ئايەت مانا بۇ مەسئۇلىيەتنى ئەسلەتمەكتە:

وَالَّذِينَ جَاءُوا مِنْ بَعْدِهِمْ يَقُولُونَ رَبَّنَا اغْفِرْ لَنَا وَلِإِخْوَانِنَا الَّذِينَ سَبَقُونَا بِالْإِيمَانِ وَلَا تَجْعَلْ فِي قُلُوبِنَا غِلًّا لِلَّذِينَ آَمَنُوا رَبَّنَا إِنَّكَ رَءُوفٌ رَحِيمٌ

ئۇلاردىن كېيىن كەلگەنلەر: « رەببىمىز! بىزگە ۋە بىزدىن ئىلگىرى ئىمان ئېيتىپ ۋاپات بولغان قېرىنداشلىرىمىزغا مەغپىرەت قىلغىن، دىللىرىمىزدا مۇئمىنلەرگە قارشى دۈشمەنلىك پەيدا قىلمىغىن، رەببىمىز! سەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىسەن، مېھرىبانسەن » دەيدۇ ( 10 ).

مۇناپىقلار بىلەن بەنى نادىر ئارىسىدىكى مەخپىي ئۇچرىشىشلارنى مۆجىزىۋى شەكىلدە ئاشكارلىغان ئايەتلەر، كاپىرلار ئارىسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ ئەسلىدە ناھايىتى ئاجىز ئىكەنلىكىنى بايان قىلماقتا: « ئۇلارنى ئۆم دەپ ئويلايسەن، ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ دىللىرى تارقاقتۇر » ( 14 ).

سۈرىنىڭ ئاخىرقى ئايەتلىرى، ئاللاھ قا ئىمان ئېيتىپ ئىشەنچ قىلغان ھەر مۇئمىنگە مەسئۇلىيىتىنى ئەسلىتىش ۋە ئاگاھلاندۇرۇشتۇر: « سىلەر اﷲ نى ئۇنتۇغان، شۇنىڭ بىلەن اﷲ ئۇلارغا ئۆزلىرىنى ئۇنتۇلدۇرغان كىشىلەردەك بولماڭلار،… » ( 19 ). مەسئۇلىيەتسىزلىكنىڭ ئەڭ چوڭى، ۋەھىيگە قارىتا كور ۋە گاستەك مۇئامىلە قىلىشتۇر. « ئەگەر بىز قۇرئاننى بىرەر تاغقا نازىل قىلساق، چوقۇم سەن ئۇنىڭ اﷲ تىن قورققانلىقتىن باش ئەگكەنلىكىنى، يېرىلىپ كەتكەنلىكىنى كۆرەتتىڭ،… » ( 21 ) دېيىش ئارقىلىق، ئىنسانغا: « ئى ئىنسان! سەن تاغدىن ۋە تاشتىنمۇ بەك ھېسسىزمۇ؟ » دېيىلمەكتە:

وَلَا تَكُونُوا كَالَّذِينَ نَسُوا اللَّهَ فَأَنْسَاهُمْ أَنْفُسَهُمْ أُولَئِكَ هُمُ الْفَاسِقُونَ (19) لَا يَسْتَوِي أَصْحَابُ النَّارِ وَأَصْحَابُ الْجَنَّةِ أَصْحَابُ الْجَنَّةِ هُمُ الْفَائِزُونَ (20) لَوْ أَنْزَلْنَا هَذَا الْقُرْآَنَ عَلَى جَبَلٍ لَرَأَيْتَهُ خَاشِعًا مُتَصَدِّعًا مِنْ خَشْيَةِ اللَّهِ وَتِلْكَ الْأَمْثَالُ نَضْرِبُهَا لِلنَّاسِ لَعَلَّهُمْ يَتَفَكَّرُونَ (21)

« سىلەر اﷲ نى ئۇنتۇغان، شۇنىڭ بىلەن اﷲ ئۇلارغا ئۆزلىرىنى ئۇنتۇلدۇرغان مەسئۇلىيەتسىز كىشىلەردەك بولماڭلار، ئەنە شۇلار پاسىقلاردۇر / توغرا يولدىن ئازغانلاردۇر. ئەھلى دوزاخ بىلەن ئەھلى جەننەت (قىيامەت كۈنى) باراۋەر بولمايدۇ، ئەھلى جەننەت بولسا نىجادلىققا ئېرىشكۈچىلەردۇر. ئەگەر بىز قۇرئاننى بىرەر تاغقا نازىل قىلساق، چوقۇم سەن ئۇنىڭ اﷲ تىن قورققانلىقتىن باش ئەگكەنلىكىنى، يېرىلىپ كەتكەنلىكىنى كۆرەتتىڭ، بىز بۇ مىساللارنى كىشىلەرگە ئۇلار ئۈستىدە پىكىر قىلسۇن دەپ بايان قىلىمىز » ( 19 – 21 ).

ۋەھىينىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى، ئاللاھ نىڭ ئۆز زاتى ھەققىدە سۆز قىلغان بۆلەكلىرىدۇر. بۇ سۈرىنىڭ ئاخىرقى ئۈچ ئايىتى مانا بۇ يۇقىرى پەللىلەردىن بىرىسى:

هُوَ اللَّهُ الَّذِي لَا إِلَهَ إِلَّا هُوَ عَالِمُ الْغَيْبِ وَالشَّهَادَةِ هُوَ الرَّحْمَنُ الرَّحِيمُ (22) هُوَ اللَّهُ الَّذِي لَا إِلَهَ إِلَّا هُوَ الْمَلِكُ الْقُدُّوسُ السَّلَامُ الْمُؤْمِنُ الْمُهَيْمِنُ الْعَزِيزُ الْجَبَّارُ الْمُتَكَبِّرُ سُبْحَانَ اللَّهِ عَمَّا يُشْرِكُونَ (23) هُوَ اللَّهُ الْخَالِقُ الْبَارِئُ الْمُصَوِّرُ لَهُ الْأَسْمَاءُ الْحُسْنَى يُسَبِّحُ لَهُ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَهُوَ الْعَزِيزُ الْحَكِيمُ (24)

« اﷲ تىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، ئۇ يوشۇرۇننى، ئاشكارىنى بىلگۈچىدۇر، ئۇ ناھايىتى شەپقەتلىكتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر (يەنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە) كەڭ رەھمەت ئىگىسىدۇر. اﷲ تىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، ئۇ (مۇتلەق) پادىشاھتۇر (يەنى پۈتۈن مەخلۇقاتنىڭ مالىكىدۇر)، پاكتۇر (يەنى ھەممە نۇقساندىن پاكتۇر)، (مۇئمىنلەرگە) سالامەتلىك بېغىشلىغۇچىدۇر، (دوستلارنى قورقۇنچتىن، ئازابتىن) ئەمىن قىلغۇچىدۇر، ھەممىنى كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر، غالىبتۇر، قەھر قىلغۇچىدۇر، ئۇلۇغلۇق ئىگىسىدۇر، (مۇشرىكلارنىڭ) شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىدىن پاكتۇر. اﷲ (ھەممىنى) ياراتقۇچىدۇر، (يوقلۇقتىن) پەيدا قىلغۇچىدۇر، (ھەممە نەرسىگە) سۈرەت (شەكىل) بېغىشلىغۇچىدۇر، ئەڭ چىرايلىق ئىسىملارغا ئىگىدۇر، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەر ئۇنىڭغا تەسبىھ ئېيتىپ تۇرىدۇ، ئۇ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر » ( 22 – 24 ).

رەسۇلۇللاھ، ئاللاھ نى تونۇشتۇرغان بۇ ئايەتلەرنى ھەر كۈنى سەھەردە ئوقۇشنى، يەنى مۇئمىننىڭ ھەر كۈنىنىڭ بىرىنچى كۈنتەرتىپىنىڭ ئاللاھ بولىشىنى ( ئوقۇشتىن مەقسەت بۇ ) تەۋسىيە قىلغان ( تىرمىزى ). بۇ تەۋسىيەدە، بۇ ئايەتلەرگە باشلىغاندا ئىستىئازە ( ئەئۇزۇ… ) ئوقۇشمۇ يەر ئالىدۇ. بۇ، زېھىنگە تەھەرەت ئالدۇرۇش، بولۇپمۇ مۇتلەق ھەقىقەت بولغان ئاللاھ ھەققىدە تەپەككۇر قىلغاندا، ئاللاھ قا سېغىنىش تەۋسىيەسىدۇر. بۇنىڭ مەقسىتى ناھايىتى ئېنىق: ئىنسان ئەقلى مۇتلەق زات بولغان ئاللاھ نى تەسەۋۋۇر قىلىشتىن ئاجىز بولغانلىقتىن، ئاللاھ نى ئەسما ۋە سۈپەتلىرى بىلەن بىلىش، تونۇش ۋە چۈشۈنۈشنى تەۋسىيە قىلماقتا. بۇ سەۋەپتىن مەزكۇر ئايەتلەردە ئاللاھ نى بىلىش، تونۇش ۋە چۈشۈنۈشىمىزگە ۋەسىلە بولىدىغان 16 ئىسىم – سۈپەت تىلغا ئېلىپ ئۆتۈلگەن.

بۇ ئايەتلەر، قۇرئاندا ئەڭ كۆپ ئىلاھىي ئەسما ئارقا – ئارقا تىلىغا ئېلىنغان ئايەتلەر بولۇپ، بۇ ئارقىلىق « دۇنيا پانى، ئاللاھ باقىي » دېمەكتە.