ھەسەن ئەلبەسرىنىڭ ئابدۇلمەلىككە يازغان مەكتۇبىنىڭ 5 – ئابزىسى

elbesri5

ئى مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى! جانابى ئاللاھ نىڭ « سىلەردىن ( جەننەتكە ) ئىلگىرلەشنى خالىغان ياكى ( دوزاختىن ) چېكىنىشنى خالىغان ئادەمنى ئاگاھلاندۇرغۇچىدۇر » ( مۇددەسسىر، 37 ) دېگەن سۆزىنى تەپەككۇر قىلىپ باققىن! بۇ، ئاللاھ ئۇلارغا كۈچ – قۇدرەت بەرگەنلىك سەۋەبىدىن ئىلگىرلەيدۇ ۋەياكى چېكىنىدۇ دېگەنلىكتۇر. نەتىجىدە ياخشى ئىشلار بىلەن شۇغۇللانغانلار جەننەتكە ئېرىشىدۇ، يامانلىق بىلەن شۇغۇللانغانلار دوزاخقا كىرىدۇ. ئەگەر مەسىلە ( ئىنساننىڭ مەسئۇليىتىنى / ئىرادە – تاللاش ئەركىنلىكىنى ) ئىنكار قىلىۋاتقانلار ئىلگىرى سۈرگەندەك بولغان بولسا ئىدى، ئۇلارنىڭ ئىلگىرلەش ۋە چېكىنىش ئىمكانىيىتى بولمايتتى. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، ئىلگىرلىگەنلەر ئالقىشقا، ياخشى ئىش قىلماي چېكىنگەنلەر ئەيىبلىنىشكە ئۇچرىمايتتى. چۈنكى ئۇلارنىڭ چۈشەنچىسىگە ئاساسەن بۇ ( ئىلگىرلەش ۋە چېكىنىش ) ئەھۋالى، ئۇلارنىڭ قۇدرىتىنىڭ نەتىجىسىمۇ ئەمەس، شۇنداقلا ئۇلارغا ئاتا قىلىنغان قۇدرەتنىڭ نەتىجىسىمۇ ئەمەس. بۇ پەقەت ئۇلارغا قىلدۇرۇلغان بىر ئىشتىنلا ئىبارەت بولىدۇ. ئەگەر مەسىلە ئۇلارنىڭ گۇمان قىلغاندەك بولسا ئىدى، ئۇلارغا ( جەھەننەم ئەھلىگە ) بېرىلگەن جازا ھەققىدە توختالغاندا، ئاللاھ « ئۇلارغا قىلدۇرغان ئىشلار سەۋەبىدىن… » ۋە « ئۇلارغا ئەزەلدە مەن يېزىپ پۈتىۋەتكەن ئىشلار سەۋەبىدىن… » دېيىشى كېرەك ئىدى. ھەرگىزمۇ « ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرىگە مۇكاپات يۈزىسىدىن… » دېمىگەن بولاتتى ( سەجدە، 17 ).

توغرىسىنى ئېيتقاندا، ئى ئەمىرۇلمۇئمىيىنىن، بۇ كىشىلەر ( مۇشۇنداق قىلىش بىلەن ) ئاللاھ نىڭ كىتاۋىغا قارشى چىقتى ۋە ئۇنى بۇرمىلىدى. ئاللاھ نىڭ سۆزلىرىنىڭ [ بىر قىسمى ] يەنە بىر قىسمىنى يالغانغا چىقارمايدۇ. ئەكسىچە قۇرئان ئاللاھ تەرىپلىگەندەك « ئاللاھ سۆزلەرنىڭ ئەڭ چىرايلىقى بولغان قۇرئاننى نازىل قىلدى، ئۇنىڭ بەزىسى بەزىسىگە ئوخشاپ كېتىدۇ » ( زۈمەر، 24 ). بىر قىسمى يەنە باشقا قىسمىغا ئوخشايدۇ، ھەرگىزمۇ بىر قىسمى يەنە بىر قىسمىغا زىتلىق تەشكىل قىلمايدۇ. چۈنكى ئۇ « ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى، مەدھىيەگە لايىق ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر » ( فۇسسىلەت، 42 ).

ئى مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى، ئاللاھ نىڭ شۇ سۆزىدە تەكىتلىگەن مەسىلە ئۈستىدە تەپەككۇر قىلغىن: « روھ بىلەن ۋە ئۇنى ( ئىنساننى ) چىرايلىق قىلىپ ياراتقان، ئۇنىڭغا ياخشىلىق ۋە يامانلىقنى بىلدۈرگەن زات بىلەن قەسەمكى / ئىنسان فىترىتى ۋە ئۇنى يارىتىلىش مەقسىتىگە مۇۋاپىق ھالدا شەكىللەندۈرۈلىشى شاھىت بولسۇنكى،… » ( شەمس، 7-8 )، ئاللاھ ئىنساننىڭ تەبىئىتىگە ياخشى -ياماننى پەرىقلەندۈرەلەيدىغان قابىليەتنى يەرلەشتۈرگەن بولۇپ، بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: « روھىنى پاك قىلغان ئادەم چوقۇم مۇرادىغا يېتىدۇ، نەفسىنى ( كۇفرى ۋە فىسقى – فۇجۇر بىلەن ) كەمسىتكەن / كىرلەتكەن ئادەم چوقۇم نائۈمىت بولىدۇ » ( شەمس، 10 ). ئەگەر ئۇنى فىسقى – فۇجۇر بىلەن كىرلەتكۈچى ئاللاھ بولغان بولسا ئىدى، « نائۈمىت » بولۇشنى بەندىسىگە نىسبەت قىلمىغان بولاتتى.

ئى مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى، ئاللاھ نىڭ شۇ سۆزى ھەققىدىمۇ پىكىر يۈرگۈزگەيسەن: « ئۇلار (ئەگەشكۈچىلەر): رەببىمىز! بىزگە بۇ ئازاپنى ئېلىپ كەلگەن ئادەمگە دوزاخ ئازابىنى ئىككى ھەسسە زىيادە قىلغىن » دەيدۇ ( ساد، 61 ). ناۋادا ئۇلارنىڭ بېشىغا بۇ ئازاپنى ئېلىپ كەلگۈچى ئاللاھ بولسا ئىدى …..[ لېكىن ئاللاھ بىزگە، ئۇلارنىڭ بۇ جازاغا مۇپتىلا بولىشىغا كىمنىڭ سەۋەپچى بولغانلىقى ۋە ئۇلارنى كىم يولدىن چىقىرۋەتكەنلىكىنى شۇ سۆزلىرى ئارقىلىق بايان قىلىدۇ: « ئۇلار: رەببىمىز! بىز ھەقىقەتەن باشلىقلىرىمىزغا، كاتتىلىرىمىزغا ئىتائەت قىلدۇق، ئۇلار بىزنى توغرا يولدىن ئازدۇرۋەتتى، رەببىمىز! ئۇلارغا ئازاپنى ئىككى ھەسسە بەرگىن ۋە ئۇلارغا قاتتىق لەنەت قىلغىن، دەيدۇ » ( ئەھزاپ، 67). باشلىقلار ۋە كاتتىلار ئۇلارنى توغرا يولدىن ئاداشتۇرۇپ، كۇپۇرغا باشلىغان ۋە ئۇلارنى توغرا يولدىن ئازدۇرىۋەتكەن ].

 

ئىزاھات:

قوليازمىدا [ ] ئىچىدىكى سۆز ۋە جۈملىلەر، نۇسخىنى كۆچۈرۈپ يازغۇچى كاتىپتىن چىققان سەھۋەنلىك بىلەن بولسا كېرەك، تولۇق يېزىلماي يېرىم قالغان. بۇ تىرناق ئىچىدىكى جۈملىلەر، ھەججاجنىڭ مەكتۇبىدا ( ب نۇسخىدا ) ئېلىنغان ئۈزۈندىگە ئاساسەن تولۇقلاندى.