خىلاپەت ۋە سەلتەنەت ( داۋامى )

 ھەزرىتى ئوسمان دەۋرىدە، دۆلەتنىڭ مۇھىم ئورۇنلاردىكى ئىدارى ئىشلىرىغا مەسئۇل بولغان ئۇمەييە جەمەتىگە تەۋە كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى « تۇلەقا »لاردىن ئىدى. تۇلەقا: ئاخىرىغىچە رەسۇلۇللاھ ۋە ساھابىلىرى بىلەن تىركىشىپ، فەتىھتىن كېيىن « كەچۈرۈم قىلىش تەلەپلىرى » رەسۇلۇللاھ تەرىپىدىن قوبۇل كۆرۈلگەن ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن ئىسلامغا تەسلىم بولغانلارغا بېرىلگەن ئىسىم ئىدى. تۇلەقە دېيىلگەندە بەنى ئۇمەييەنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى كىشىلىرىدىن مۇئاۋىيە، سائاد بىن سارھ، ۋەلىد بىن ئۇقبە، مەرۋان بىن ھەكەملەر ئەڭ باشتا ئەقىلىمىزگە كېلىدۇ. تۇلەقادىن بولۇپ قېلىشنىڭ ئۆزىلام ئەيىبلەش ئۈچۈن يېتەرلىك سەۋەپ ئەمەس. ئەسلى مەسىلە، نە ئۇلارنىڭ خەلىپىنىڭ يېقىن تۇققانلىرىدىن بولۇشلىرى ۋەيا « تۇلەقا »دىن بولۇشى ئەمەس ئىدى. رەسۇلۇللاھنىڭ بىر قوللۇق تەربىيىسىدىن ئۆتكەن كېرەملىك ساھابىلەر، ئەلۋەتتە ئىنسانلارنى تۇلەقا بولغانلىقلىرى ئۈچۈنلا يەكلىمىگۈدەك دەرىجىدە تولغان كىشىلەر ئىدى. يەنە كېلىپ سائاد بىن ئەبى ۋەققاس، ھەزرىتى ئائىشە، ھەزرىتى تەلھا، ھەزرىتى زۇبەيىر بىن ئەۋۋام، ھەزرىتى ئەلى، ھەزرىتى ئابدۇللاھ بىن مەسئۇدقا ئوخشاش تاللانغان ساھابىلارنىڭ، مانا مۇشۇنداق ئاددى بىر سەۋەپتىنلا ھەزرىتى ئوسماننى تەنقىتلەش ۋە ئۇنىڭدىن خوشنۇتسىز بولۇشتەك تۇيغۇلارغا كېلىپ قېلىشىنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس. ئەسھابقا مۇنداق بىر نەرسىنى نىسبەت قىلىش ھەرگىزمۇ توغرا بولمايدۇ. ئەسلى سەۋەپ، سابىكۇندىن، بەدىر ئەھلىدىن بولغان ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ تىزى ئالدىدا يېتىشىپ، ئۇنىڭ تەربىيەسىدىن ئۆتكەن ئىنسانلار تۇرغان يەردە، « تۇلەقا »لارنىڭ، دۆلەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئىدارى ماقاملىرىدا ۋەزىپىگە قويۇلىشى بولۇپ، بۇلارمۇ ھەر سۆز – ھەرىكەتلىرىدە ئۆزلىرىنى ئۇ ماقامغا كەلتۈرگۈچىلەرنى ئوڭايسىز ھالغا چۈشۈرۈپ قويغانىدى. بىز بۇلاردىن ئۈچ كىشىگە كۆز يۈگۈرتۈپ چىقايلى:

  1. ئابدۇللاھ بىن سائاد بىن ئەبى سارىھ

بۇ زات ( ئامىر بىن ئاسنىڭ ئورنىغا مىسىر ۋالىلىقىغا تەيىنلەنگەن. ھەزرىتى ئوسماننىڭ ئاكىسى ) ھەققىدە ئىسلام دىنىنىڭ تۇنجى مەنبەلىرىدە تۈۋەندىكىدەك مەلۇماتلار بار:

باشتا مۇسۇلمان بولدى، كېيىن ئىرتىدات ئەتتى ( مۇرتەد بولدى ). مۇرتەد بولۇشتىن بۇرۇن بىر مەزگىل رەسۇلۇللاھنىڭ ۋەھىي كاتىپلىقىنى قىلىپ، ۋەھىينىڭ نازىل بولىشىغا ئۆز كۆزى بىلەن شاھىت بولغان ئىدى. مۇرتەد بولغاندىن كېيىن بىلىدىغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى، مەككە مۇشرىكلىرىگە رەسۇلۇللاھنى مەسخىرە قىلىدىغان خام ماتېرىيال بولسۇن دەپ ئېيتىپ بەرگەن ۋە ئۆزىمۇ پۇرسەت تاپسىلا مەسخىرە قىلغان بولۇپ، رەسۇلۇللاھنى ئەڭ كۆپ رەنجىتكەنلەردىن بىرى ( « ئاللاھ قا يالغان چاپلىغان ياكى ئۆزىگە ھېچنەرسە ۋەھىي قىلىنمىغان تۇرۇقلۇق، ماڭا ۋەھىي قىلىندى دېگەن، ياكى ئاللاھ نازىل قىلغاندەك مەنمۇ كىتاپ نازىل قىلالايمەن دېگەن كىشىلەردىنمۇ زالىم كىشىلەر بارمۇ؟ »، ئەنئام، 93. ئىبنى كەسىر بۇ ئايەتنىڭ ئىبنۇ ئەبى سارھ ھەققىدە نازىل بولغانلىقى، تابارىنىڭمۇ بۇ قاراشتا ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، سۇددىدىن مۇنۇلارنى نەقىل قىلىدۇ: ئىبنۇ ئەبۇ سارىھ دەيدۇكى: ئەگەر مۇھەممەدكە ۋەھىي كەلسە، ماڭىمۇ ۋەھىي كېلىدۇ. ئەگەر ئاللاھ نازىل قىلغان بولسا، مەنمۇ ئۇنىڭ نازىل قىلغىنىغا ئوخشاش نازىل قىلدىم. مۇھەممەد « سەمىئۇن ئەلىم » دېدى، مەن « ئالىمۇن ھەكىم » دېدىم دەيتتى. « ئبنى كەسىر »، تەفسىر، سابۇنى ) ئىدى. رەسۇلۇللاھ بۇ زات ھەققىدە « كەبىنىڭ يوپۇقلىرىنىڭ ئارقىسىغا ئۆتىۋالغان تەقدىردىمۇ ئۆلتۈرۈڭلار! » دېگەنىدى. فەتىھتىن كېيىن ھەزرىتى ئوسمان ئۇنىڭ بىر قوشۇق قېنىنى تىلىدى ۋە ئۇنى ھىمايە قىلىپ ساقلىدى. مۇۋاپىق بىر ۋاقىتتا نەبىنىڭ يېنىغا ئېلىپ كەلدى ۋە ئەپۇ قىلىشىنى ئۆتۈنۈپ، بەيئىتىنىڭ قوبۇل قىلىنىشى ئۈچۈن يالۋۇردى. ئەمما رەسۇلۇللاھ ھېچقانداق جاۋاپ بەرمىدى. بۇ ئىلتىماس 3 قېتىم تەكرارلانغاندىن كېيىن، ئاندىن رەسۇلۇللاھ ئىبىن ئەبى سارھنىڭ بەيئىتىنى قوبۇل قىلدى. رەسۇلۇللاھ ساھابىلىرىغا قاراپ:

– بەيئەت قىلىشتىن بۇرۇن، ئىچىڭلاردىن بۇ ئادەمنى قەتلى قىلغۇدەك بىر ئادەم چىقمىدىمۇ؟ – دەپ سورىدى. ئۇلارمۇ:

– بىز ئىشارىتىڭىنى كۈتۈۋاتقان ئىدۇق، دەپ جاۋاپ بەردى. رەسۇلۇللاھ بۇنىڭغا جاۋابەن:

» – بىر پەيغەمبەر ئىما بىلەن ئادەم ئۆلتۈرمەيدۇ، گەپنى ئوچۇق قىلىدۇ » دېدى ( ئىبن سائاد، « تاباقات »، 141/11؛ ئۇنىڭدىن باشقا ئەبۇ داۋۇت، سۇنەن، « بابۇل ھۇكم فىي مەن ئىرتەددە »؛ نەسائىي، سۇنەن، « بابۇل ھۆكۈم فىل مۇرتەد »؛ ھاكىم، مۇستەدرەك، « كىتابۇل مەغازى »؛ ئىبنى ھىشام، ئەسسىرە؛ ئىبىن ھەجەر، « ئەلھىسابە » ).

ئىبنى ئەبى سارھنىڭ ئىسلامغا تەسلىم بولىشى مانا مۇشۇنداق ئىدى.

  1. مەرۋان بىن ھەكەم

بۇ زات، ھەزرىتى ئوسماننىڭ تاغىسىنىڭ ئوغلى بولۇپ، كېيىن خەلىپىنىڭ باش كاتىپى بولغانىدى.

دادىسى ھەكەم بىن ئەبىلئاس تۇلەقالاردىن ئىدى. فەتىھتىن كېيىن مۇسۇلمان بولۇپ مەدىنىگە كۆچتى. رەسۇلۇللاھ بۇ زاتنى تائىپقا سۈرگۈن قىلىپ، ئۇ يەردە مەجبۇرى ئولتۇراقلاشتۇرۇلدى. رەسۇلۇللاھنىڭ ئۇنى سۈرگۈن قىلىش سەۋەپلىرى ئوخشىمىغان مەنبەلەردە ھەرخىل شەكىلدە رىۋايەت قىلىنغان. مەرۋان، دادىسى مەدىنىدىن سۈرگۈن قىلىنغاندا 7 ياشتا ئىدى.

ھەزرىتى ئەبۇ بەكىر خەلىپىلىك مەزگىلىدە، ھەكەمنىڭ مەدىنىگە قايتىش تەلىپى رەت قىلىندى. ئوخشاش ئىلتىماس ھەزرىتى ئۆمەرگىمۇ سۇنۇلدى، ئۇمۇ رەت قىلدى. ھەزرىتى ئوسمان خەلىپە بولغاندىن كېيىن ئاتا – بالىنىڭ مەدىنىگە قايتىىشىغا رۇخسەت قىلدى.

دادىسى ھەكەمنىڭ تەربىيىسىدە يېتىشكەن مەرۋان، بىر مەزگىلدىن كېيىن خەلىپىلىكنىڭ ئەڭ مۇھىم ماقامىغا ۋەزىپىگە تەيىنلەندى. خەلق تېخىچە ھاياتتا ۋە نەبىنىڭ جازاسىغا دۇچار بولغان ھەكەمنىڭ ئوغلىغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىشىدىن ئەندىشە قىلىپ، رەسۇلۇللاھنىڭ ئۆز قولى بىلەن تەربىيىلىگەن نۇرغۇن ساھابىلار بار تۇرۇغلۇق، ئۇنىڭ مۇشۇنداق مۇھىم بىر ئورۇندا ۋەزىپىگە قويۇلىشىنى قوبۇل قىلالمىغان ئىدى. مەرۋان بىن ھەكەمنىڭ ئىجرائاتلىرىدا، ھەزرىتى نائىلەمۇ ئېرىنىڭ بېشىغا بىر ئىش كېلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، دائىم ئېرىگە مۇنداق دەيتتى:

–   سەن مەرۋانغا ئىتائەت قىلغانسېرى ئۇ سېنى خالىغىنىچە ئوينىتىدۇ.

  • قانداق قىلاي؟
  • بىر بولغان ۋە شېرىكى بولمىغان ئاللاھ تىن قورقىسەن ۋە سەندىن بۇرۇنقى ئىككى قېرىنداشلىرىڭنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىسەن. ئەگەر مەرۋانغا بويسۇنۇشقا داۋام قىلساڭ، ئۇ سېنى ھالاكەتكە ئېلىپ بارىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا مەرۋاننىڭ ئىنسانلار نەزىرىدە ھۆرمىتى، ھەيۋىتى، مۇھەببىتى يوق. خەلق ئۇنىڭ قىلمىشلىرى تۈپەيلى سېنى تەرك قىلىدۇ. ئەلىگە خەۋەر ئەۋەت، ئۇنىڭدىن ئەھۋالنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ياردەم تەلەپ قىلغىن. چۈنكى ئۇ ساڭا يېقىندۇر. ھەمدە خەلق ئۇنىڭغا ئىسيان قىلمايدۇ ( تابەرى، تارىخ، 327-IV/326  (.

تارىخى مەنبەلەر، ئۇمەييە جەمەتى خەلىپىلىكنى چاڭگىلىغا كىرگۈزگەندىن كېيىن، خەلىپىلىك ماقامىغا ئولتۇرىدىغان مەرۋاننىڭ، جەننەت بىلەن خوشخەۋەر بېرىلگەنلەردىن ھەزرىتى تالھا ئۇبەيدۇللاھنى بىر ئوقيا بىلەن شېھىت قىلغانلىقىنى نەقىل قىلىشىدۇ. قىسقىسى، مەرۋان بىن ھەكەم، ھەزرىتى ئوسماننىڭ سۈيقەست قىلىنىشىغا سەۋەپ بولغان بىر قانچە ۋەقەلەرنىڭ ئارقىسىدىكى كىشى بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.

  1. ۋەلىد بىن ئۇقبە بىن ئەبى مۇئايت

سائاد بىن ئەبى ۋاققاس ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىپ، ئورنىغا ھەزرىتى ئوسماننىڭ ئانا بىر قېرىندىشى كۇفە ۋالىسى بولدى.

بۇ زاتمۇ تۇلەقالاردىن ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى زاكات مەمۇرى سۈپىتىدە مۇستالىق ئوغۇللىرى يۇرتىغا ئەۋەتكەنىدى. ئۇ بۇيرۇلغان يەرگە بارماستىن كەينىگە يېنىپ، ئۆزىنىڭ قاتتىق ئەزىيەتكە ئۇچرىغانلىقىنى ۋە مۇستالىق ئوغۇللىرىنىڭ زاكات بېرىشتىن قاچقانلىقىنى ئېيىتتى. بۇنى ئاڭلاپ رەسۇلۇللاھنىڭ بەك ئاچچىقى كەلدى ۋە بۇ قەبىلىگە بىر قوشۇن ئەۋەتىشنى ئەمىر قىلدى. ئىسلام قوشۇنى مۇستالىق ئوغۇللىرىنىڭ يۇرتىغا ئاز قالغاندا، مەسەلىنىڭ ھەقىقى ئەھۋالى ئايدىڭ بولدى. قەبىلە باشلىقى رەسۇلۇللاھنىڭ ھۇزۇرىغا كېلىپ ئۇ كىشىنىڭ ئۆزلىرىگە يېتىپ كەلمىگەنلىكىنى، ھېچكىم بىلەن ئالاقە قىلمغانلىقىنى، زاكات يىغىش ئۈچۈن بىرسىنىڭ كېلىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى ئېيىتتى.

بۇ سەۋەپتىن مۇنداق ئايەت نازىل بولدى:

« ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئەگەر بىر پاسىق ئادەم سىلەرگە بىر خەۋەر ئېلىپ كەلسە ( ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى ) بىلمەستىن بىرەر قەۋمنى رەنجىتىپ قويۇپ، قىلمىشىڭلارغا پۇشايمان قىلىپ قالماسلىقىڭلار ئۈچۈن، ( ئۇ خەۋەرنى ) ئېنىقلاپ كۆرۈڭلار » ( ھۇجۇرات، 6 ).

بۇ زات، ئالدىنقى ئىككى خەلىپە دەۋرىدە بەزى كىچىك ۋەزىپىلەردىن باشقا ۋەزىپىلەرگە قويۇلمىدى. ھەزرىتى ئوسمان خەلىپە بولغاندىن كېيىن، سائاد بىن ئەبى ۋاققاسنىڭ ئورنىغا كۇفەگە ۋالىي قىلىپ تەيىنلەندى. بۇ زات ھاراققا ئامراق بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ قىلمىشى ئاشكارىلىنىپ قېلىپ، ھەممە تەرەپكە پۇر كەتتى. ساھابىلەردىن بەزىلىرى ھەزرىتى ئوسماننى ئاگاھلاندۇرغاندىن كېيىن، خەلىپە بىر شۇرانىڭ قۇرۇلىشىنى ئەمىر قىلدى. بۇ شۇرادا ئېلىنغان قارارلارغا ئاساسەن، ئالاھىدە بىر مەھكىمىدە جىنايەت بېكىتىلدى. ھەزرىتى ئوسمان بېرىلىدىغان جازا ھەققىدىكى ئىشنى ھەزرىتى ئەلىگە ھاۋالە قىلدى. ھەزرىتى ئەلى ئۇنىڭغا 40 دەررە ئۇرۇشقا ھۆكۈم قىلدى ( بۇخارى، سەھىھ، كىتابۇ فەدائىلس ساھابە، ھەدىس نۇمۇرى: 3696،3872،3927؛ مۇسلىم، سەھىھ، شەرھى نەبەۋى، كىتابۇل ھۇدۇد « ھاددۇل ھەمىر » ).

بۇخارى ۋە مۇسلىمدا نەقىل قىلىنغان بۇ ۋەقەدىن مەلۇم بولغىنىدەك، ھەزرىتى ئوسمانغا تۇيۇلغان نارازىلىقلارنىڭ تەكتىدە، ئەسىلىدە بۇ زاتلارنىڭ مۇئامىلىسى ۋە قىلمىشلىرى سەۋەبىدىن ئاۋام ئارىسىدا پەيدا بولغان ئىشەنچسىزلىك بار ئىدى. بەزى تارىخچىلار، نەبەۋى خىلاپەتنىڭ كېيىنكى مەزگىلدە ئېغىر يارا ئېلىشىغا ۋە خىلاپەت چۈشەنچىسىدە ئېغىپ كېتىشنىڭ پەيدا بولىشىغا سەۋەپ سۈپىتىدە، شام ۋالىيسى ھەزرىتى مۇئاۋىيەنىڭ 12 يىل بۇ رايۇندا ناھايىتى كەڭ ھوقوققا ئىگە بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

بۇ سەۋەپلەرنىڭ ھەممىسى بىر يەرگە جەم بولغاندا، نارازلىق پىكرى مەيداندىن ھالقىپ، ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلانغانىدى. مالىمانچىلىق پەيدا قىلىپ، توپىلاڭدىن توغاچ ئوغرىلىماقچى بولغانلارنىڭ غەيرىتى بىلەن ئىسلامدا تۇنجى پىتنە قوپتى ۋە خۇلەفائى راشىدىننىڭ ئۈچىنچىسى ۋە ساھابىلارنىڭ مۆتىۋىرى بولغان ھەزرىتى ئوسمان، خىلاپەت خىزمىتى ئۈستىدە، ھەمدە قۇرئان ئوقۇۋاتقان ۋاقتىدا پاساتچىلار تەرىپىدىن قەتلى قىلىندى. گەرچە ھەزرىتى ئەلى ۋە زەيد بىن سابىت قاتارلىق ساھابىلەر قاتتىق تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئىسلام سىياسەت تارىخىدا بۇرۇلۇش نوقتىسى بولغان بۇ ۋەقەنىڭ ئالدىنى ئالالمىدى.