wpid-2015-04-10-21.57.21.png.png
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمۇتۇللاھى ۋەبەرەكەتەھۇ، سۆيۈمۈلك ئوقۇرمەن قېرىنداشلىرىم
يېشىم ئادەم بولۇش يېشىمغا بىر نەچچە كۈن قالغىنىدا ئىخلاسمەن قېرىنداشلىرىمىزدىن بىرى ئۈزى تەييارلىغان ئەپكىتاپنى توربېتىمىز ۋەيا چەمبىرەكىمدە ئېلان قىلىپ قويۇشىنى ئۆتۈنگەن ئىدى. ناھايىتى ئاممىباب ۋە چۈشۈنۈشلۈك ھالدا يېزىلغان ھەمدە چىرايلىق تەرجىمە قىلىنىپ، ئۆزۋاقتىدا شىپىگىراف باسمىدا تارقىتىلىپ مېنىڭ قولۇمغا  19 يىل بۇرۇن چۈشكىنىدە مېنى مۇسۇلمان قىلغان ئۇستاز ئەبۇ ئەلا مەۋدۇدىنىڭ ئۇشبۇ « ئىسلام پىرىنسىپى » دېگەن كىتابىنىڭ ئەپكىتابىنى ئەلبەتتە سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىشنى مېنىڭ ئەڭ شەرەپلىك ئىشلىرىمدىن بىرى دەپ بىلىپ سىزلەر بىلەن پايلاشتىم.
  ئىشقىلىپ كىتاپنى داڭلاپ ئوتتاغىنىمىدىن بەكراق، سىلەرنىڭ ئوقۇشۇڭلارنى قولايلاشتۇرۇپ، قولۇڭلارغا تۇتقۇزۇشنى ئاقىلانىلىك دەپ بىلىمىز. ئەگەر كىتاپ دىتىڭلارغا يېقىپ قالغان بولسا، باشقىلارغىمۇ تەۋسىيە قىپ قويغايسىزلەر! 2015 ئۇيغۇرلاردىكى كىتاپ ئوقۇش يىلى، ئاللاھنىڭ تۇنجى ئەمرى « ئوقۇ!» نىڭ ئىجراسى بوپقالغۇسى! بۇ ئوقۇش، ئاللاھنىڭ ئىنسان، كائىنات ۋە ھادىسىلەر كىتابىنى توغرا ئوقۇشقا يېتەكلايدىغان قۇرئان كىتابىغا يېتەكلىگۈسى.
  بىر ئېغىز گەپ بىلەن تەسىراتىڭنى سۆزلە دېسەڭلا، خۇلاسە كالام شۇ: مېنى 20 يىللىق ھاياتىمدا ئىسلامغا قانائەت قىلالمىغان ئەتراپىمدىكى ئەنئەنىۋى دىننىڭ مىراسچىلىرى قارى-ئاخۇن تۇققانلىرىمنىڭ ئورنىغا، مەۋدۇدىنىڭ « ئىسلام پىرىنسىپى » ناملىق كىتابى ئاللاھنىڭ دىنى ئىسلامنى شۇنچىلىك قولاي چۈشۈنۈپ، ھەقىقىي تۈردە ئىمان ئېيتىشىمغا سەۋەپ بولغان ئىدى. ئەمدىكىسى سىزنىڭ خۇلاسىڭىز.
  سىزنىڭمۇ « ئىسلام پىرىنسىپى » ئەپكىتابىنى ئوقۇپ، ھاياتىڭىزغا ھايات كىتابى قۇرئاننى نۇرانە چىراق قىلىپ، دىللارنى ئاللاھنىڭ ئەڭ گۈزەل ھەدىسى يەنى سۆزى بىلەن روھىڭىزنى زىننەتلىۋېلىشىڭىزنى ئۈمىت قىلىپ پىرىنسىپ ئەپكىتابىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇندۇق.
  ئەپكىتاپ ياسىغۇچە قېرندىشىمىزدىن ئاللاھ 2 ددۇنيا رازى بوپكەتسۇن! بىزگە نۇرانە چىراق بولغان قۇرئاننى قالدۇرۇپ كەتكەن ۋە ئۇنى ئۇنىڭ ۋارىسى سۈپىتىدە بىزلەرگە يەتكۈزگەن بارلىق ئۇستازلارغا ئاللاھنىڭ سالامى بولسۇن!
  « ئىسلام پىرىنسىپى » ئەپكىتابى چۈشۈرۈش ئادرىسى: bilimilim.org/kaznak/pirinsip.apk

wpid-screenshot_2015-04-10-21-31-35.png wpid-screenshot_2015-04-10-21-31-48.png wpid-screenshot_2015-04-10-21-32-11.png wpid-screenshot_2015-04-10-21-32-20.png wpid-screenshot_2015-04-10-21-32-30.png wpid-screenshot_2015-04-10-21-32-46.png wpid-screenshot_2015-04-10-21-32-55.png wpid-screenshot_2015-04-10-21-33-05.png wpid-screenshot_2015-04-10-21-33-13.png