سەف سۈرىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

 سۈرە، 4 – ئايىتىدە تىلغا ئېلىنغان « بىرلىك روھى » ۋە « كۆرەش نىزامى » مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان « سەف » كەلىمىسى بىلەن ئاتالغان.

« شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئۆزىنىڭ يولىدا مۇستەھكەم بىنادەك سەپ بولۇپ بىرلىك ئىچىدە كۆرەش قىلغانلارنى دوست تۇتىدۇ » ( 4 ).

قۇرئاندا پەرىشتىلەر ئۈچۈن ئىشلىتىگەن سەف، ئادەتتىكى بىر « سەپ بولۇپ تىزىلىشنى » كۆرسەتمەيدۇ، ئەكسىچە ۋەھىي بەرپا قىلماقچى بولغان كائىنات مىزانى بىلەن ماسلىشىش ئىچىدىكى ئىجتىمائىي تەرتىپكە مۇناسىۋەتلىك « تۈزۈلۇشنى » كۆرسىتىدۇ. بۇ سەپ، ئۆزىگە خاس بىر سىياسەت ۋە ئىدارە قىلىش شەكلىنى، يەنى سەپ سىستېمىسىنى ئىما قىلىدۇ. سەپ سىستېمىسى ئادالەت، لاياقەت، ئەھلى بولۇش، پۇرسەت باراۋەرلىكى ۋە ھەققانىيەتنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ سىستېمىدا بەسلىشىش، ياخشىلىقتا قېرىنداشلىرىدىن ئېشىپ كېتىشنى بىلدۈرىدۇ. نامازدىكى سەپ، بۇ سىستېمىنىڭ ئىبادەتتىكى نامايەندىسىدۇر. ئىمام بىر قەدەم ئالدىدا تۇرىدۇ. ئىمامنىڭ دەرىجىسى ئارقىسىدىكىلەر بىلەن ئوخشاشتۇر. ئارىسىدا ماقام، دەرىجە پەرقى يوقتۇر. ئەگەر ئىمام خاتالىشىپ قالسا ياكى ۋەزىپىسىگە لايىق بولمىغان بىر ئەھۋال كۆرۈلسە، دەرھال ئارقىدىكىلەر ئەسلىتىدۇ ياكى بىر قەدەم ئېلىپ ئالدىغا ئۆتىدۇ. سەپ سىستېمىسىنىڭ قارشى قۇتۇبىدا « پىرامىت سىستېمىسى » يەر ئالىدۇ. بۇ پىرئەۋن سىستېمىسىدۇر. سەپ سىستېمىسىنىڭ زىتى بولغان بۇ سىستېمىدا يۇقىرى ئۆرلەش ئۈچۈن باشقىلارنىڭ بېشىغا دەسسەشكە توغرا كېلىدۇ. بۇ سىستېمىدا يەر ئالغۇچىلارنىڭ ئالدىدا ئېزىش ياكى ئېزىلىشتىن باشقا بىر يول يوقتۇر.

سۈرە، ساھابىلەر زامانىدا بۇ ئىسىم بىلەن ئاتالغان. ھەۋارىيلەر تىلغا ئېلىنغان تۇنجى سۈرە بولغانلىقى ئۈچۈن، ھەۋارىييۇن ۋەياكى ئىسا سۈرىسى دەپ ئاتىغانلارمۇ بولغان ( سۇيۇتى ۋە ئالۇسى ). سۈرە ھەۋارىييۇن ئىسمىنى شۇ ئايىتى سەۋەپلىك ئالغان:

ئى مۇئمىنلەر! خۇددى ئۆز ۋاقتىدا مەريەمنىڭ ئوغلى ئىسا ھەۋارىيۇنلاردىن:

« اﷲ قا يۈزلەنگەن يولدا كىملەر ماڭا بارلىقى بىلەن ياردەمچى بولىدۇ؟ » دەپ سورىغاندا، ھەۋارىيۇنلار: « بىز اﷲ يولىنىڭ خالس ياردەمچىلىرىمىز » دەپ جاۋاپ بەرگىنىگە ئوخشاش، سىلەرمۇ اﷲ يولىنىڭ ياردەمچىلىرى بولۇڭلار! … ( 14 ) سۈرىگە « ئىسا » ئىسمى يەنە بۇ ئايەتكە ئاساسەن بېرىلگەن.

سۈرە مەدىنىدە نازىل بولغان.

قاچان نازىل بولغانلىقى ھەققىدە ئېنىق بىر نەرسە دېيىش قېيىن بولسىمۇ، يۇمشاق – قاتتىق ئۇسلۇبى نەزەرگە ئېلىنغاندا، ئوھۇد ئۇرۇشىدىن كېيىنكى روھى – ھالەتنى ئوڭشاش مەقسەت قىلىنغانلىقى ئېنىق.

ئىبن ئابباستىن كەلگەن نۇزۇل سەۋەبى رىۋايەتلىرىمۇ بۇنى تەستىقلايدۇ. بۇ ئەھۋالدا سۈرە ھىجرەتنىڭ 3 – يىلىنىڭ ئاخىرى 4 – يىلىنىڭ بېشىدا نازىل بولغان بولسا كېرەك.

سۈرە كىرىش ۋە مەزمۇن جەھەتتىن ھەشر، ھەدىد، تەغابۇن ۋە جۇمە سۈرىلىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. دەسلەپكى تەرتىپتىكى ئورنى بۇنى تەستىقلايدۇ. ھەزرىتى ئوسمان تەرتىۋىدە تەغابۇن – جۈمە سۈرىسى، ئىبن ئابباس تەرتىۋىدە تەغابۇن – مائىدە سۈرىسى ئارىسىدا يەر ئالىدۇ. تۇنجى تەرتىپلەرنى نەزەردە تۇتقان ئاساستا تەييارلىغان تەرتىۋىمىزدە ئالئىمران – جۇمە سۈرىسى ئارىسىدا يەر ئالماقتا.

سۈرە، ئىسلام جەمىئىيىتىنىڭ بىرلىك ۋە ھەمكارلىقى ھەققىدە توختالغان بولۇپ، ئانا تېمىسى ئىسلامنىڭ زەپەر ۋە فەتىھ چۈشەنچىسىنى شەكىللەندۈرۈشتۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن تۇنجى قەدەمدە يوق قىلىنىشى كېرەك بولغان سۆز – ھەرىكەتتە بىردەك بولماسلىق ئىللىتى ئىدى. بۇ ئايەت بۇ ھەقىقەتنى تەكىتلەيدۇ:

« ئى مۇئمىنلەر! نېمە ئۈچۈن سۆزلىرىڭلار بىلەن ھەرىكىتىڭلار بىر – بىرىگە ماس كەلمەيدۇ؟ » ( 2 ).

بۇ ئايەتتىن كېيىن ئۇرۇش ئىنتىزامى ھەققىدە توختالغان بولۇپ، ھەزرىتى مۇسا ئۆرنىكى ئارقىلىق ئۇھۇد ئۇرۇشىدىكى ئىنتىزامسىزلىق ئىما قىلىپ ئۆتۈلگەن ( 3 – 5 ). بىر تەرەپتىن ئۇھۇدتىن كېيىن چۈشۈپ كەتكەن روھى – كەيپىياتنى ئوڭشاش، يەنە بىر تەرەپتىن مۇھاتاپلىرىغا « يەھۇدىيلەشمەڭلار! » دېيىش مەقسىتىدە ۋەھىي مۇنداق دەيدۇ:

وَإِذْ قَالَ مُوسَى لِقَوْمِهِ يَا قَوْمِ لِمَ تُؤْذُونَنِي وَقَدْ تَعْلَمُونَ أَنِّي رَسُولُ اللَّهِ إِلَيْكُمْ فَلَمَّا زَاغُوا أَزَاغَ اللَّهُ قُلُوبَهُمْ وَاللَّهُ لَا يَهْدِي الْقَوْمَ الْفَاسِقِينَ

( سىلەرنىڭ بۇ ھالىتىڭلار ) ئۆز ۋاقتىدا مۇسانىڭ قەۋمىگە:

« ئى قەۋمىم! مېنىڭ اﷲ نىڭ سىلەرگە ئەۋەتكەن رەسۇلى ئىكەنلىكىمنى بىلىپ تۇرۇپ ماڭا نېمىشقا ئازار بېرىسىلەر؟» دېگەن ھالىنى ئەسلىتىدۇ.

ئۇلار (ھەقتىن) بۇرۇلۇپ كەتكەندىن كېيىن، اﷲ ئۇلارنىڭ دىللىرىنى ھىدايەتتىن بۇرىۋەتتى، اﷲ يولدىن چىققان قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ ( 5 ).

بۇ سۈرىدە رەسۇلۇللاھ ھەزرىتى ئىسانىڭ ئاغزى ئارقىلىق « ئەھمەد » دەپ خوشخەۋەر بېرىلىدۇ ( 6 ). بۇ خوشخەۋەر بىلەن بىرگە كېلەچەككە مۇناسىۋەتلىك باشقا خوشخەۋەرلەرمۇ تىلغا ئېلىنىدۇ ( 7 – 8 ). ئاندىن سۆز ئاللاھ داۋاسى يولىدا ئۇرۇشقا كەلتۈرۈلۈپ، ھەقىقىي زەپەرنىڭ، ھەقىقەتنى كۈچ بىلەن قوللاش ۋە ھىمايە قىلىش نەتىجىسىدە قولغا كېلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتىدۇ. مال ۋە جان بىلەن جىھاد، ئىنساننىڭ ئاللاھ بىلەن قىلغان پايدىلىق تىجارىتى دەپ سۈپەتلىنىدۇ. بۇ پەقەت زەپەرنىڭلا ئەمەس، ئەبەدىي سائادەتنىڭمۇ ئاچقۇچى بولىدۇ ( 10 – 13 ).

سۈرىنىڭ ئاخىرقى ئايىتىنىڭ ھەزرىتى ئىسا بىلەن ھەۋارىيلىرى ئارىسىدىكى دىئالوگغا ئايرىلىشى، ئاللاھ يولىدا كۆرەش قىلىشنىڭ ھەقىقىي غايىسىنىڭ، قەلبلەرنى ئىمانغا ئېچىش ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ھەۋارىيلار تەسەۋۋرىمىزدىكى جەڭ ئەزىمەتلىرى ئەمەس، ئەبەدىي ھەقىقەتنىڭ قەلب دەۋەتچىلىرى ئىدى. ھەزرىتى ئىسامۇ تەسەۋۋۇرىمىزدىكى ھەرقانداق بىر ئۇرۇشنىڭ تەرەپتارى بولمىغانىدى. ھەۋارىيلارمۇ ئۇستازىغا ئوخشاش تىنچ يوللار بىلەن دەۋىتىنى داۋاملاشتۇرغان، ئۆزلىرىگە قارىتىلغان ھەر تۈرلۈك جىسمانىي ئەزىيەتلەرگە قارشىلىق بىلدۈرمىگەنىدى. ئاللاھ داۋاسىغا ياردەم بېرىشنى ۋەدە قىلغان ھەۋارىيلار، ھەقىقىي بىر « تىنچلىق ئەلچىلىرى » ئىدى. سۆز بۇ يەرگە كەلگەندە « ھەۋارىي » كەلىمىسىنىڭ مەنىسى ھەققىدە توختىلىشقا توغرا كېلىدۇ. راغىپ بۇ كەلىمە « ئوۋچى » مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ دەيدۇ. كەلىمە ئۆزى ئائىت بولغان ئارامى تىلىدىمۇ بۇ مەنىنى بىلدۈرىدۇ. لېكىن كەلىمىنى ئەرەپچە سۆز دەپ قارىغانلار، ئۇنى « ئاق » دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان « ھۇر » سۆز يىلتىزىغا نىسبەت قىلىدۇ. ھەۋارىيلارنىڭ ئوۋچىلىقى ئەلۋەتتە « بېلىق ئوۋچىلىقى » ئەمەس، بەلكى « قەلب ئوۋچىلىقى » ئىدى. ئايەت ئۇلارنىڭ بۇ سايىدە غالىپ كەلگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك ئېغىز جازا، ئەزىيەتكە ئۇچرىغانلىقى، بەزىلىرىنىڭ رەھىمسىزلىك بىلەن قەبىھ ئۇسلۇپتا ئۆلتۈرۈلگەنلىكى بىزگە مەلۇم. شۇنداقتىمۇ، غالىپ كەلگەنىدى. ئاللاھ « نەزەر تاشلا » دېگەن يەردىن قارىغان كىشىنىڭ، غالىبىيەت ۋە مەغلۇبىيەتكە بەرگەن مەنىسى باشقىلارنىڭكىدىن پەرقلىق بولىدۇ. سۈرىنىڭ ئاخىرقى ئايىتى، بىزنىڭمۇ بۇ سۈرە ھەققىدىكى ئاخىرقى سۆزىمىز بولسۇن:

يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آَمَنُوا كُونُوا أَنْصَارَ اللَّهِ كَمَا قَالَ عِيسَى ابْنُ مَرْيَمَ لِلْحَوَارِيِّينَ مَنْ أَنْصَارِي إِلَى اللَّهِ قَالَ الْحَوَارِيُّونَ نَحْنُ أَنْصَارُ اللَّهِ فَآَمَنَتْ طَائِفَةٌ مِنْ بَنِي إِسْرَائِيلَ وَكَفَرَتْ طَائِفَةٌ فَأَيَّدْنَا الَّذِينَ آَمَنُوا عَلَى عَدُوِّهِمْ فَأَصْبَحُوا ظَاهِرِينَ

ئى مۇئمىنلەر! خۇددى ئۆز ۋاقتىدا مەريەمنىڭ ئوغلى ئىسا ھەۋارىيۇنلاردىن:

« اﷲ قا يۈزلەنگەن يولدا كىملەر ماڭا بارلىقى بىلەن ياردەمچى بولىدۇ؟ » دەپ سورىغاندا، ھەۋارىيۇنلار:

« بىز اﷲ يولىنىڭ خالس ياردەمچىلىرىمىز » دەپ جاۋاپ بەرگىنىگە ئوخشاش، سىلەرمۇ اﷲ يولىنىڭ ياردەمچىلىرى بولۇڭلار!

ئىسرائىل ئەۋلادىدىن بىر تائىپە ( ئۇنىڭغا ) ئىمان ئېيتتى، يەنە بىر تائىپە كاپىر بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىز مۇئمىنلەرگە ئۇلارنىڭ ئۆز دۈشمەنلىرىگە قارشى تۇرۇشىدا يار ـ يۆلەكتە بولدۇق، شۇنىڭ بىلەن مۇئمىنلەر غالىب بولدى ( 14 ).