ئەلبەسرى مەكتۇبىنىڭ 4 – ئابزىسى ۋە شەرھىسى

elbesri 4

جانابى ئاللاھ ئېيتىدۇكى: « ئاللاھ نىڭ ئەمرى ئەزەلدىنلا بېكتىلىپ كەتكەن (ئۆزگەرمەس) ھۆكۈمدۇر » (ئەھزاپ، 38). چۈنكى ئۇنىڭ ئەمرى قەدەردۇر، قەدەرى ئەمرىدۇر. ئاللاھ يامانلىق ۋە ھاياسىزلىققا بۇيرىمايدۇ. مۇنداق دېگەن قەۋمنى ئاللاھ شۇ سۆزلىرى بىلەن قامچىلايدۇ:

« ئۇلار ئاتا – بوۋىلىرىمىزنىڭ مۇشۇنداق قىلغانلىقىنى كۆرگەن ئىدۇق، ئاللاھ بىزنىمۇ شۇنداق قىلىشقا بۇيرىغان » دەيدۇ. ئېيتقىنكى:

« ئاللاھ ( بەندىلىرىنى ) ھەقىقەتەن يامان ئىشقا بۇيرىمايدۇ، ئۆزلىرىڭلار بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى ئاللاھ نامىدىن يالغان ئېيتامسىلەر؟ » (ئەئراف، 28).

ئاللاھ نىڭ كىتابى قاراڭغۇلۇققا نىسبەتەن نۇر، ئۆلۈمگە نىسبەتەن ھاياتتۇر. ئاللاھ بەندىلىرى ئۈچۈن كىتاپ ۋە ئەلچىلەردىن باشقا دەلىل قالدۇرمىغان. « ھالاك بولىدىغانلار روشەن دەلىل بىلەن ھالاك بولسۇن، ياشايدىغانلارنىمۇ روشەن دەلىل بىلەن ياشىسۇن » (ئەنفال، 42).

 

 ئاللاھ نىڭ تەقدىرى – ياخشىلىققا بۇيرۇش ۋە يامانلىقتىن توسۇشتۇر، ياخشىلىققا بۇيرۇش ۋە يامانلىقتىن توسۇش تەقدىرىدۇر
ئاللاھ نىڭ ئەمرى تەقدىرى، تەقدىرى ئەمرىدۇر. يەنى، قازايى – قەدەر ئاللاھ نىڭ بۇيرۇق ۋە چەكلىمىلىرى بولغان بولىدۇ. تۆۋەندىكى ئايەتكە ئاساسەن، توغرا بولغان ئىشنى قىلىش ئاللاھ نىڭ قەدەرىگە رازى بولغانلىقتۇر:

ئېيتقىنكى: « رەببىم! مېنى ئادىل بولۇشقا بۇيرىدى » ( ئەئراف، 29 ).

ئۇنىڭدىن باشقا، تۆۋەندىكى بۇ ئايەتكىمۇ ئاساسەن قەبىھ ( سۆز – ھەرىكەتلەر )دىن، يامان ئىشلاردىن ۋە زۇلۇم قىلىشتىن يىراق تۇرۇش ئاللاھ نىڭ قەدەرىگە رازى بولغانلىقتۇر:

« ئاللاھ سىلەرنى قەبىھ ( سۆز – ھەرىكەتلەر)دىن، يامان ئىشلاردىن ۋە زۇلۇم قىلىشتىن توسىدۇ، نەسىھەتنى قوبۇل قىلسۇن دەپ، ئاللاھ سىلەرگە پەندى – نەسىھەت قىلىدۇ »  (نەھل، 90 ).

ئەلبەسرىنىڭ قەدەر رىسالىسىدىن كۆرۈۋالالايمىزكى، ئاللاھ نىڭ قۇدرىتى بىلەن ئىنساننىڭ قۇدرىتىنى بەسلەشتۈرۈش، قۇرئان تەربىيىلەپ چىققان ساھابە ۋە تابىئىن نەسلىدىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان كالامى بىر بىدئەتتۇر.

بەزى ئاتاغلىق كالامچىلارنىڭ، ئىنسان ئىرادىسى ئوتتۇرىغا چىقارغان قۇدرەتنى ئىنسانغا چېتىپ قويماسلىق ئۈچۈن قىلمىغان قىلىقلىرى قالمىغان. ئاللاھ ئىنسانغا ئامانەت قىلغان قۇدرەتنى ئىنكار قىلىدىغان بۇ ئېقىم « ئىش – ھەرىكەت ئۈستىدە ئىنساننىڭ قۇدرىتى يوقتۇر » چۈشەنچىسىگە ئىگە. بۇ ساغلام بولمىغان دۇنيا قاراشنىڭ پەردە ئارقىسىدا ياتقان ھەقىقى سەۋەپ ئىنتايىن « بىغۇبار »دۇر. چۈنكى ئۇلار ئاللاھ نىڭ قۇدرىتىنى ھىمايە قىلىش ھەلەكچىلىكىگە گىرىپتار بولغان. بۇ سەۋەپتىن « ئاللاھ نىڭ قۇدرىتى »گە داغ تەگمىسۇن دېگەن ئەندىشە بىلەن ئىلاھى قۇدرەتنى، ئاللاھ نىڭ باشقا ھەممە سۈپەتلىرىدىن ئۈستۈن تۇتقان. ئىلاھى قۇدرەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ئەسما ( ئاللاھ نىڭ ئىسىم – سۈپەتلىرى)نى، باشقا ئەسمانىڭ ئالدىغا ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئىككىلەنمىگەن. ئاللاھ نىڭ قۇدرىتىگە داغ يېتىپ قېلىش ئەندىشىسى بىلەن ئالەمنى مالەم قىلىۋەتكەنلەر، يالغۇز ئۆزىنىڭلا تەڭپۇڭلىقىنى يوقۇتۇپلا قالماي، سۆزلىرىنى مۆتىۋەر ھېساپلاپ ئەگىشىدىغان ئاممىنىڭمۇ ئەقىدە تەڭپۇڭلىقىنى بۇزۇپ تاشلىدى.

بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئىلاھى قۇدرەتنى قۇتقۇزۋېلىش مۇسابىقىسى باشلانغان بولۇپ، بىر تەرەپتىن ئاللاھ نىڭ قۇدرىتىنىڭ چەكسىز ئىكەنلىكىنى چىڭ تۇتقاندا، يەنە بىر تەرەپتىن خۇددى قۇدرىتى چەكسىز ئاللاھ ئۆزىنى ھىمايە قىلىشتىن ئاجىز كەلگەندەك پوزىتسىيدە بولۇشنىڭ ئەڭ چوڭ زىتلىق ئىكەنلىكى ئەقلىگە كەلمىگەن.

« قۇدرەتچىلىك » دەپ ئاتاشقا بولىدىغان بۇ ھەرىكەتمۇ، خۇددى ھەر ئىدىئولوگىيلىك ھەرىكەتلەردىكىگە ئوخشاش قۇتۇپلىشىش، نورماللىقتىن چەتنەپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. نورماللىقتىن چەتنىگەن بۇ مۇئامىلە، قارشى تەرەپتە ئەكس تەسىر پەيدا قىلىپ ئۇنى كۈچەيتىۋەتكەن ياكى دۇنياغا ھەددىدىن زىيادە ئەھمىيەت بېرىپ كەتكەنلەرنىڭ، ئاخىرەتنى ئۇنتۇشىغا سەۋەپ بولغان.

بۇ ئەھۋال، ئاللاھ بىلەن ئۇنىڭ قۇدرىتىنىڭ ئەڭ بۈيۈك نامايەندىسى بولغان ئىنساننى قارمۇ – قارشى قىلىپ قويىدىغان دەھشەتلىك ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇ خىل چۈشەنچە ئاللاھ نى ئىنسان بىلەن، ئاللاھ نىڭ چەكسىز قۇدرىتىنى ئىنساننىڭ ھۆر ئىرادىسى بىلەن قارمۇ – قارشى نوقتىغا تىزىپ قويغان. ھالبۇكى، بۇ ئىككى قۇدرەت بىر – بىرىنىڭ زىتى ياكى رەقىبى ئەمەس. چۈنكى ئاللاھ نىڭ قۇدرىتى مۇتلەق، ئىنساننىڭ قۇدرىتى مۇقەييىت ( شەرتكە باغلانغان ). ئاللاھ نىڭ قۇدرىتى چەكسىز، ئىنساننىڭ قۇدرىتى چەكلىك. ئاللاھ نىڭ قۇدرىتى ئۆز زاتىدىن، ئىنساننىڭ قۇدرىتى ئاللاھ تىندۇر. ئىنسانغا خالاش ۋە ۋۇجۇتقا چىقىرىش قۇدرىتىنى يەنىلا ئاللاھ ئاتا قىلغان بولۇپ، ئىنسان ئاللاھ تەرىپىدىن ئامانەت قىلىنغان بۇ قۇدرەتنى ئىشلىتىپ – ئىشلەتمىگەنلىكىدىن ۋە قانداق ئىشلەتكەنلىكىدىن جاۋاپكارلىققا تارتىلىدۇ. ئىنسانغا بېرىلگەن بۇ قۇدرەت ئېتىراپ قىلىنماي تۇرۇپ، ئىنساننى قىلمىشى سەۋەبىدىن جاۋاپكارلىققا تارتقىلى بولمايدۇ. ئىنسان قىلمىشى سەۋەبىدىن جاۋاپكارلىققا تارتىلمايدىغان بىر دۇنيادا، ياخشى يامان بىلەن، ئادالەت زۇلۇم بىلەن، توغرا خاتا بىلەن، ئىمان كۇفۇر بىلەن، ھەق باتىل بىلەن ئوخشاش دەپ قارىلىدىغان چۈشەنچە ھاكىم بولىدۇ. مانا بۇ ئاللاھ قا چاپلانغان ئەڭ ئېغىر بوھتاندۇر.

ئاللاھ نىڭ چەكسىز قۇدرىتى ۋە ئىنساننىڭ ئەركىن ئىرادىسى، قۇدرەت مەسىلىسىدە قارمۇ – قارشى قىلىپ قويۇلغانلىق سەۋەبىدىن، « ئىنساننىڭ ئەركىن – ھۆر ئىرادىسى »دىن سۆز ئېچىش « قۇدرەتچىلەر »نىڭ ئوغىسىنى قاينىتىدىغان، غەزىۋىنى كەلتۈرىدىغان بىر ئامىلغا ئايلىنىپ قالغان. مەسىلە تېخى ئۇنىڭلىق بىلەنلا توختاپ قالماي، سۈيئىستمال قىلىنىپ ھېچ مۇناسىۋەتسىز  بولغان « ئىلاھى ئىرادە » بىلەن « ئىنسانى ئىرادە » قارمۇ – قارشى قىلىپ قويۇلغان. ئاللاھ نىڭ قۇدرىتى دېيىلگەندە ھېچكىم ئېغىز ئاچالمىغانلىقتىن، بۇ نورماللىقتىن چەتنەپ خۇدىنى يوقۇتۇپ قويغان جاناپلار پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ، ئاللاھ نىڭ قۇدرىتىنى ھىمايە قىلىش بايرىغى ئاستىدا، ھەم ئۆزلىرىنىڭ كالامى نەزىرىيىسىنى ھىمايە قىلغان، ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ قارشى پىكىردىكىلەرنى ئاللاھ نامىدىن قانغۇچە دۇمبالاش ھوقۇقى بارلىقىغا جەزىم قىلىشقان. ھەتتا ئۇلارنى « ئاللاھ نىڭ قۇدرىتىگە مۇش ئاتقۇچىلار » قىلىپ كۆرسىتىشتىن تەپ تارتمىغان.

مۇبارەك قۇرئاننىڭ ئىپادىسى بىلەن  « ھەر پىرقە ئۆز دىنى بىلەن ماختىنىدىغان » بولغان. لېكىن يوشۇرۇپ قۇيۇلغان ۋە پارچە – پارچە قىلىۋېتىلگەن يەنىلا « ھەقىقەت » بولغان ئىدى. ئاللاھ نىڭ قۇدرىتىگە داغ تەگمىگەن ئىدى، ئەلۋەتتە. داغ تىگىشى، مەرتىۋىسى چۈشۈپ كېتىشى مۇمكىن ئەمەس.  مۇسۇلمانلار ئىچىدە ئاللاھ نىڭ قۇدرىتىنى ئېلىپ قاچقان ياكى ئاللاھ نىڭ قۇدرىتىدىن شۈبىھىلىنىدىغان ھېچكىم يوق. چۈنكى بۇنداق قىلغان كىشىنىڭ ئىسلام بىلەن مۇناسىۋىتى تۈگىگەن بولىدۇ.

يۇقىرىدىكىسى مەسىلىنىڭ بىر تەرىپى. يەنە بىر تەرىپى بولسا شۇدۇركى؛ ئاللاھ ئۆزىنىڭ قۇدرىتىنى ھىمايە قىلىشقا قادىر. قۇدرىتىگە قارشى كېلىدىغان ھەر قانداق تەھدىتنى قادىر ئىسمى بىلەن بىتچىت قىلىدۇ. ئاللاھ نىڭ قۇدرىتىگە جەزمەن ئىمان ئېيتقان بىر كىشىنىڭ: « ئەييۇھانناس! ياردەم قىلىڭلار، ئاللاھ نىڭ قۇدرىتى يوقاپ كېتىۋاتىدۇ! » پىسخىكىسى ئىچىدە ئەندىشىگە چۈشۈپ قېلىشى، ئەسلىدە ئۇ كىشىنىڭ ئاللاھ نىڭ قۇدرىتىدىن شۈبھىلەنگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بىر تەرەپتىن ئاللاھ نىڭ قۇدرىتىگە ئىشىنىپ، يەنە بىر تەرەپتىن، ئاللاھ نى ئۆزىنى ھىمايە قىلىش ۋە مۇداپىئە قىلىشتىن ئاجىز كېلىپ قالغاندەك تۇيغۇدا بولۇشنىڭ، جىڭغا ئولتۇرغىدەك بىر تەرىپى يوق. بۇ ئوپ – ئوچۇق بىر زىتلىقتۇر.

ئەھۋال بۇنداق بولغان تەقدىردە، بۇ يەردىكى ئىلاھى قۇدرەتنى قوللاپ قۇۋۋەتلەش، ھىمايە قىلىش قالپىقى ئاستىدا، ھىمايە قىلىنغان ئەسلىدە باشقا بىر نەرسىدۇر. يەنى كالام مەزھەپلىرىنىڭ رەقىپلىرىگە قارشى ئۈستۈنلىكنى ئىگەللەش سەۋداسىدۇر. بۇ كالامى تالاش – تارتىشلاردا ئاللاھ ۋە ئىسىم – سۈپەتلىرىنى سۈيئىستىمال قىلىشقا تەمشىلىش، مەسىلىنىڭ قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان بىر تەرىپىدۇر. ئاللاھ ۋە سۈپەتلىرىنى قالقان قىلىپ تۇرۇپ، مۇخالىپلىرىنى دۇمباللاشقا ئۇرۇنۇش ئەخلاققا ئۇيغۇن بولمىغاندەك، ئىلمىيلىككىمۇ ئىگە ئەمەس. ئەپسۇسكى رىئاللىق مانا مۇشۇنداق. ئىسلام كالامى مەزھەپلىرىنىڭ بۇ قىلمىشى، ئىختىلاپ ئەخلاقىنىڭ چىرىكلىشىشى بىلەن نەتىجىلەنگەن. « ئۇسسۇلىددىن » دەپ نام ئالغان كالامنىڭ، ئىلىم ئەخلاقىدىن مەھرۇم بولىشى، ئۇنىڭ نابۇت بولىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. چۈنكى ئاللاھ بەرىكىتىنى ۋە ھىمايىسىنى بۇ ئىلىم ئېقىمى ئۈستىدىن كۆتۈرۈۋەتكەن.