ئاللاھ ئازدۇرمايدۇ، ئىنسان ئۆزى ئازىدۇ

 ئەلبەسرى ھىدايەت ۋە زالالەت مەسىلىسىدىمۇ، قۇرئان بىلەن بەرپا بولغان بىر ئەقىل – ئىدراك بىلەن گەپ قىلىدۇ. ھىدايەت ئاللاھ نىڭ يول كۆرسىتىشىدۇر؛ زالالەت بۇ يول كۆرسىتىشكە ئىشەنمەسلىك ۋە بويۇن ئەگمەسلىكتۇر. ئاللاھ بەندىلەرگە ئاتا قىلغان فىترەت ( خاراكتېر ) ۋە ئەقىل بىلەن بىللە ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلەر ۋە نازىل قىلغان ۋەھىيلىرى ئارقىلىق يول كۆرسەتكەن. ئاللاھ يۇقىرقىدەك ۋاستىلار ئارقىلىق بىر توغرا يول يېتەكلەۋاتقان تۇرسا، ئىنسان قانداق قىلىپ « توغرا يولدىن ئېزىش »نى ئاللاھ قا ئارتىپ قويىدۇ؟ بۇنداق قىلغانلىق ئەلھادى ( ھىدايەت قىلغۇچى ) بولغان ئاللاھ قا بوھتان چاپلىغاندىن باشقا نەرسە ئەمەس.

ئەلبەسرى سۆزنىڭ دەل بۇ يېرىگە كەلگەندە، ئىنتايىن ئورۇنلۇق قىلىپ سەبە سۈرىسىنىڭ 50 – ئايىتىنى شاھىت قىلىپ كۆرسىتىدۇ. بۇ ئايەت ھىدايەتنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن، ئازغۇنلۇقنىڭ بەندە تەرىپىدىن بولىدىغانلىقىنى يارقىن گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدۇ. ئايەتتىكى كەسكىنلىك شۇكى، ئايەت، ئىنسانلار ئىچىدە ئازغۇنلۇقتىن ئەڭ يىراق بولغان پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىچىدىن، ئالەملەرگە رەھمەت سۈپىتىدە ئەۋەتىلگەن ھەزرىتى پەيغەمبەرگە « ئەگەر ئازسام ئازغانلىقىمنىڭ زىيىنى ئۆزەمگىدۇر » دېگىن دەيدۇ. قۇرئان بۇ ھەقىقەتنى ئېلان قىلىش ئۈچۈن بۇنىڭدىنمۇ كۈچلۈك تەسىرگە ئىگە يەنە نېمە دېسۇن؟ « ئەگەر مەن ئازغان بولسام » دېيىشى تەلەپ قىلىنغان كىشى، پەيغەمبەرلىك زەنجىرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ھالقىسى ئىدى. پۈتۈن ئىنسانىيەت ئازغان تەقدىردىمۇ ئۇ ھەرگىزمۇ ئازمايدۇ. لېكىن ئايەت « دېيەلىمكى شۇنداق ئەھۋال يۈز بەرسە ….»گە ئوخشاش بىزنى تەپەككۈرغا ۋە ئويلۇنۇشقا چاقىرىدۇ. مەزمۇن جەھەتتىن ئېيتىدۇكى؛ شۇنداق ئەھۋال يۈز بەردى دەپ پەرەز قىلغان تەقدىردىمۇ، ئەي ئىنسانلار، سىلەر « ئاللاھ نىڭ پەيغەمبىرى! باردۇر بىر ھېكمىتى! » دېمەڭلار، بۇنداق ئەھۋال ئاستىدىمۇ ھەرگىز « ئازغۇنلۇقنى » ئاللاھ قا ئارتىپ قويۇپ، ئاللاھ قا ئىنساننى ئازدۇرۋەتكەنلىك بۆھتىنىنى چاپلىماڭلار!

سۇئال: « ئاللاھ نىڭ ھىدايىتىنى » قانداق چۈشۈنۈش كېرەك؟

جاۋاپ: تۆۋەندىكى ئايەتلەر بۇ سوئالنىڭ جاۋابىدۇر: « رەببىمىز شۇنداق زاتتۇركى، ھەممە نەرسىگە (ئۆزىگە مۇناسىپ) شەكىل ئاتا قىلدى، ئاندىن ئۇلارنى يارىتىلىش مەقسىتىگە يۈزلەندۈردى » (تاھا، 50). « شۈبھىسىزكى، ئۇنىڭغا ( ئىنسانغا ) بىز ( ئەلچىلەر ئەۋەتىش بىلەن ياخشى – يامان ) يولنى كۆرسەتتۇق ( ھەدەينا )، ئىمان ئېيتقان ياكى ئىنكار قىلغان بىرى بولۇشنى ( ئۆز ئىختىيارىغا تاپشۇردۇق ) » ( ئىنسان، 3 ). « ئاللاھ سىلەرنى خەلق ئەتتى، ئاراڭلاردا مۇئمىنلەرمۇ بار، كاپىرلارمۇ بار » ( تەغابۇن، 2 ).

ئاللاھ نىڭ خەلق ئېتىشى، ئاللاھ نىڭ بىر شەيئىنى ياراتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئاللاھ نىڭ فىترىتى ياراتقان تۈرلەرگە، زاۋۇت پىروگراممىسىغا ئوخشاش ئىلاھى پىروگرامما يۈكلىشى ۋە يارىتىلىش غايىسى تەيىن قىلىشىدۇر. ئاللاھ نىڭ تەۋسىيىسى، مەخلۇقاتنى يارىتىلىش مەقسىتىگە ماس ھالغا كەلتۈرۈشىدۇر. ئاللاھ نىڭ ھىدايىتى، مەۋجۇداتنى يارىتىلىش غايىسىگە مۇناسىپ يولغا يۈزلەندۈرۈشىدۇر. بۇ يەردە ھىدايەتنىڭ « يۈزلەندۈرۈش » بىلەن ئىپادىلىنىشى مەسىلىنىڭ ئەڭ نىگىزلىك نوقتىسىدۇر. چۈنكى « يۈزلەندۈرۈش » بىلەن « يەتكۈزۈش » بىر – بىرىگە ئوخشىمايدۇ. ئىنسانغا ئوخشاش ئىرادىگە ئىگە مەۋجۇداتلار ئۈچۈن، ئاللاھ نىڭ ھىدايىتى، ئۇنى « ئىلاھى بىر ۋاستە »گە ئولتۇرغۇزۇپ تاكى جەننەتكىچە ئاپىرىپ قويۇش ئەمەس. ئۇنىڭغا توغرا يولنى كۆرسىتىش، ئۇنى ئاخىرقى ئۇچى جەننەتكە تۇتىشىدىغان بىر يولغا يۈزلەندۈرۈشتۇر. ئۇ يولدا مېڭىش – ماڭماسلىقنى ئىرادىلىك مەۋجۇداتنىڭ ئۆز ئىختىيارىغا قويۇپ بېرىشتۇر.

بۇ سەۋەپتىن، قۇرئاندا نۇرغۇن ئورۇندا تىلغا ئېلىنغان « يَهْدِي مَن يَشَاء ( يەھدى مەن ياشائ ) » ئىبارىلىك ئايەتلەردە « يَشَاء » پېئىلى ئىككى ئىگىنى بىرلىكتە ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان بىر ئورۇنغا قويۇلغان (مەسىلەن، نەھل 93) بولۇپ، بۇ ناھايىتى ئورۇنلۇق يەرلەشتۈرۈشتۇر. « يَشَاء (خالايدىغان، خالىغان، خالايدۇ) » پېئىلىنىڭ قارىتىلمىسى بولغان ئىككى ئىگىنىڭ بىرسى « خالىغان / ئارزۇ قىلغان ئىنسان ( مَن ) »، يەنە بىرسى « ئارزۇ قىلغان / ئۈمىد قىلغان ئاللاھ » (يۇشۇرۇن « ھۇۋە – ئۇ ». بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ئۈچۈن « ھايات كىتابى قۇرئان » ناملىق ئەسەرنىڭ، 13:27 دە بېرىلگەن 9 – نۇمۇرلۇق ئىزاھاتقا قاراڭ ). بۇنىڭغا ئاساسەن ئاللاھ نىڭ ھىدايىتى بۇ ئۇسلۇپتا ئىپادىلەنگەن بارچە ئورۇنلاردىكى توغرا مەنا « ئاللاھ خالىغىنىنى ( تاللىغىنىنى ) ھىدايەتكە ئېرىشتۈرىدۇ » بولمايدۇ. چۈنكى بۇ « يَشَاء » پېئىلىنىڭ ئىككى ئىگىنى كۆرسەتكەن ئىككى كۆزدىن بىرنى قۇيىۋەتكەنلىك بولىدۇ. « يَشَاء » پېئىلىنىڭ ئىككى ئىگىنى كۆرسەتكەنلىكى نەزەرگە ئېلىنغان ھالدا قىلىنغان تەرجىمىسى مۇنداق بولىدۇ: « نىجات تېپىشىنى ئارزۇ قىلغان كىشىگە ئاللاھ ھىدايەت ئاتا قىلىدۇ ». بۇنىڭ تېخىمۇ يارقىن ئىپادىلىسەك: « ئۇ ( ئاللاھ )،  نىجات تېپىشىنى ئارزۇ قىلغان كىشىگە ھىدايەت قىلىشنى خالايدۇ ».

سوئال: ھىدايەت ئاللاھ تىن، زالالەت – ئازغۇنلۇق ئاللاھ تىن ئەمەس ئىكەن. ئۇنداقتا قۇرئاندىكى « يُضِلُّ مَن يَشَاء ( يۇدىللۇ مەن يەشائ ) » ئىبارىسى تىلغا ئېلىنغان ئايەتلەرنى قانداق چۈشۈنىمىز؟

جاۋاپ: بۇنى ھەرگىزمۇ « ئاللاھ خالىغىنىنى ئازدۇرىدۇ / گۇمراھ قىلىدۇ » دەپ چۈشەنمەيمىز. چۈنكى ئاللاھ نىڭ مۇرات – مەقسىتى بەندىلىرىنى ئازدۇرۇش ئەمەس، ئەكسىچە توغرا يولغا يۈزلەندۈرۈشتۇر. ئىچىدە « يَهْدِي مَن يَشَاء » ئىبارىسى بولغان ئايەتلەردە « يَشَاء » پېئىلى ئىككى ئىگىنى بىرلىكتە ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان بىر ئۇسلۇپتا ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان. بۇ ئايەتلەر ئىپادىلىگەن ھەقىقەت شۇكى: « ئاللاھ ئېزىشنى خالىغان كىشىنىڭ ئېزىشىغا رۇخسەت قىلىدۇ ». چۈنكى ئاللاھ كىمنى گۇمراھ قىلىدىغانلىقىنى ( ئېزىشىغا رۇخسەت قىلىدىغانلىقىنى ) قۇرئاندا بايان قىلغان. يەنى، « ئاللاھ يولدىن چىققانلاردىن باشقىسىنى ئازدۇرمايدۇ » (بەقەرە؛ 26). تۆۋەندىكى ئايەت، « يَشَاء » پېئىلىنىڭ ئىككى ئىگىنى بىرلىكتە ئىپادىلەپ بېرىدىغانلىقىنىڭ ئەڭ تىپىك دەلىلى بولغان ئايەتلەردىن بىرى:

« ئاللاھ، ئېزىشنى خالىغان كىشىنى گۇمراھ قىلىدۇ، تەۋبە قىلغانلارنى ھىدايەت قىلىدۇ » دېگىن ( رەئىد، 27 ).

ئاللاھ نىڭ ھىدايىتى ۋە زالالىتى مەسىلىسى ساھابە دەۋرىدە توغرا چۈشۈنۈلگەن ئىدى. شۇڭا بۇ ھەقتە ھېچقانداق مۇنازىرە بولمىغان. بىراق ئەمەۋىلەرنىڭ قەدەرچىلىكنى دۆلەت ئىدىئولوگىيىسى قىلىۋېلىشىدىن كېيىن كىشىلەرنىڭ زېھنىدە قايمۇقۇش پەيدا بولدى. قۇرئاندا ئېنىق كۆرسىتىلگەن بۇ ئاساسلىق ھەقىقەت، زۇلۇم سىياسىتى بىلەن تەڭ غۇۋالاشتى، زېھنلاردا مۇجمەللىك پەيدا بولدى. رىسالە يېزىلغان ۋاقىت، رەسۇلۇللاھنىڭ ۋاپاتىغا تېخى ئەمدىلا 55 – 60 يىل بولغان بىر مەزگىل ئىدى. رىسالىنىڭ ئاپتۇرى دەل بۇ زېھنى مۇجمەللىكنى ئايدىڭلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان. ھەسەن ئەلبەسرىنىڭ رەھبىرى قۇرئان ئىدى. ئۇنىڭغا قارشى چىققۇچىلار، قۇرئاننىڭ ئۆزلىرىنى قوللىمايۋاتقانلىقىنى تونۇپ يېتىپ، ئىنتايىن خەتەرلىك بىر ئۇسلۇبقا مۇراجەت قىلدى. ئۆزلىرىنىڭ جاھىلىيەت چۈشەنچىللىرىنى رىۋايەت ئەدەبىياتىنىڭ ئۆشنىسىگە ئارتىپ، ئۈممەتنىڭ ئەقىدە دەرياسىنى لېيىتتى.