ئەلبەسرىنىڭ ئابدۇلمەلىككە يازغان مەكتۇبىنىڭ 3 – ئابزىسى

elbesri3

ئى مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى، مانا بۇ ئاللاھ سۆزلىگەن كىتاپ، ئاللاھ تىنمۇ بەكرەك توغرا سۆزلەيدىغان كىم بار؟ « ئۇ (ئاللاھ)كى تەقدىر قىلدى ۋە ھىدايەت بەردى » (ئەئلا، 3). ئەمما « تەقدىر قىلدى ۋە ئازدۇردى » دېمىدى. شۈبھىسىزكى ئاللاھ بەندىلىرىگە بۇنى بايان قىلىپ بەرگەن بولۇپ، ھەرگىزمۇ ئۇلارنى دىنلىرىدا ئارسالدىلىقتا، شەك – شۈبھىدە ۋە گۇماندا تاشلاپ قويمىغان. ھەتتا ئاللاھ، « ئېيتقىنكى: ئەگەر ئازسام ئازغۇنلىقىمنىڭ زىيىنى ئۆزەمگىدۇر، ئەگەر ھىدايەت تاپسام ( بۇ) رەببىمنىڭ ماڭا ۋەھىي قىلغان قۇرئاننىڭ سەۋەبىدىندۇر » (سەبە: 50) دېيىش ئارقىلىق ھىدايەتنى زاتىغا، زالالەتنى رەسۇلىغا ( ئازغۇچىنىڭ ئۆزىگە ) يۈكلىگەن. ئى مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى ئېزىپ كېتىشنى مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامدىن سادىر بولۇش ئېھتىماللىقىغا رازى بولىسەن – يۇ، نېمە ئۈچۈن ئوخشاش ئەھۋالنىڭ بىزلەردىنمۇ سادىر بولۇش ئېتىماللىقىنى قوبۇل قىلمايسەن؟ جانابى ئاللاھ: « توغرا يولنى كۆرسۈتۈشكە شەك – شۈبھىسىز بىز مەسئۇلمىز » ( لەيىل، 12) دېدى، ئەمما « ئازدۇرۇشقا بىز مەسئۇلمىز » دېمىدى.

ئى ئەمىرۇلمۇئمىنىن! ئاللاھ نىڭ كىتابىغا غادېيىپ قاراشتىن ھەزەر ئەيلە! ئۇنىڭ كۆرسەتمىسىگە رىئايە قىلغىن، ئۇنى ئۆز تەۋئىلىدىن چىقىرىپ بۇرمىلىما، ئۆزگەرتمە! جانابى ئاللاھ نىڭ بەندىلىرىگە كۆرۈنۈشتە بىر ئشتىن چەكلەپ، ئاندىن كېيىن ئۇ ئىشنى خۇپىيانە تەقدىر قىلىشى مۇمكىن ئەمەس. ناۋادا ئەھۋال شۇنداق بولسا ئىدى، « خالىغىنىڭلارنى قىلىڭلار » (فۇسىلەت، 40) دېمەستىن، بەلكى « مەن سىلەر ئۈچۈن تەقدىر قىلغانلىرىمنى قىلىڭلار! » دېگەن بولاتتى. يەنە « خالىغان ئادەم ئىمان ئېيتسۇن، خالىغان ئادەم كاپىر بولسۇن » (كەھىف، 29) دېمىگەن، بەلكى دەل ئەكسىچە « كىمنى خالىغان بولسام ئۇ ئىمان ئېيتسۇن، كىمنى خالىسام ئۇ كاپىر بولسۇن » دېگەن بولاتتى.