ئالئىمران سۈرىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

سۈرە 33 – ئايىتىگە ئاساسەن « ئىمران ئائىلىسى » دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان « ئالئىمران » ئىسمى بىلەن ئاتالغان.

بۇ ئايەت بىلەن باشلانغان بۆلەك، ھەزرىتى ئىسا، ئۇنىڭ ئانىسى مەريەم، ھەزرىتى مەريەمنىڭ دادىسى ئىمران، ئانىسى ھاننە ( ئانناھ )، ھاممىسى ئېلزابىت، ھاممىسىنىڭ ئېرى ھەزرىتى زەكەرىيا ۋە ئۇلارنىڭ ئوغلى ھەزرىتى يەھيادىن تەركىپ تاپقان ئىمران ئائىلىسى، ئىنسانىيەتكە ئۆرنەك قىلىپ كۆرسىتىلگەن قىسسىنى بايان قىلىدۇ. ھەزرىتى مەريەمنىڭ دادىسى « ئىمران » ئىسمىنى بوۋىسىنىڭ بوۋىسى بولغان ھەزرىتى مۇسانىڭ دادىسىدىن ئالغانىدى. سۈرىگە بېرىلگەن « ئىمران ئائىلىسى » ئىسمىدىكى ئائىلە ئارقىلىق، ھەزرىتى مۇسانىڭ دادىسىنىڭ ئائىلىسى نەزەردە تۇتۇلغان ئەمەس. چۈنكى قىسسە « ئىمراننىڭ ئايالى » دەپ باشلانغان بولۇپ، ئۇ ھەزرىتى مەريەمنىڭ ئانىسى ھاننە ئىدى.

سۈرە رەسۇلۇللاھنىڭ دەۋرىدىلا بۇ ئىسىم بىلەن ئاتالغان ( مۇسلىم، تەپسىر، 1 ). مەزكۇر ھەدىستە بەقەرە بىلەن بىرلىكتە « ئىككى گۇل » ۋەياكى « ئېچىلىش ئالدىدىكى ئىككى ئۆسۈملۈك ( ئەز زەھراۋەين ) » دەپ تەرىپلىنىشى بېرىلگەن ئىسىم بولماستىن، بەلكى بىر سۈپەتتۇر. سۈرىگە كەنز، ئەمان، مۇجادىلە، ئىستىغفار دېگەندەك ئىسىملارمۇ قويۇلغان. لېكىن بۇلارنىڭ ھېچقايسىسى ئالئىمران قەدەر كەڭ دائىرىدە ئىشلىتىلمىگەن.

سۈرە بىر قاراشقا ئاساسلانغاندا بەقەرە سۈرىسىدىن، يەنە بىر قاراشقا ئاساسلانغاندا بەقەرە ۋە ئەنفال سۈرىسىدىن كېيىن مەدىنىدە نازىل بولغان. ھەزرىتى ئوسمان، ئىبن ئابباس ۋە ئىمام جافەرگە نىسبەت قىلىنغان تەرتىپلەرنىڭ ھەممىسىدە ئەنفال سۈرىسىنىڭ ئارقىسىغا تىزىلغان. بىراق بۇ ئېتىرازغا ئوچۇق بىر ئەھۋال. چۈنكى بەقەرە سۈرىسى ھىجرەتنىڭ 1 –  يىلىدا نازىل بولۇشقا باشلىغان بولۇپ، رامىزان روزىسى پەرز قىلىنغان ئايەتنىڭ بۇ سۈرىدە يەر ئېلىشى بۇنىڭ دەلىلى. بەقەرە سۈرىسى نازىل بولۇشقا باشلىغاندىن كېيىن ئەنفال سۈرىسى نازىل بولۇشقا باشلىغان بولۇپ، بۇ ھىجرەتنىڭ 2 – يىلى رامىزان ئېيىغا توغرا كېلىدۇ. چۈنكى ئەنفال سۈرىسى بەدىر سۈرىسىدۇر. بەدىر زەپىرى ھىجرى 2 – يىلى رامىزاننىڭ 17 – كۈنى قولغا كەلتۈرۈلگەن. ئەنفال سۈرىسىنىڭ ئارقىسىدىنلا بىر ئوھۇد سۈرىسى بولغان ئالئىمراننى تىزىش بىر مۇنچە مەسىلىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەپ بولماقتا. بۇلاردىن بىرسى، يەنە بىر بەدىر سۈرىسى بولغان ھەدىد سۈرىسىنى قەيەرگە تىزىش كېرەك؟ ئەگەر ھەدىد سۈرىسىنى ئەنفال بىلەن ئالئىمران ئارىسىغا تىزمىساق، ئوتتۇرىغا بىر بوشلۇق چىقىدۇ ۋە بىر زامان تىلىمىنى ئاتلاپ ئۆتۈپ كەتكەن بولىمىز. بۇ سەۋەپتىن ھەدىد سۈرىسى ئەنفال سۈرىسىنىڭ ئارقىسىغا تىزىلىشى كېرەك. بۇ نۇر سۈرىسى ئۈچۈنمۇ شۇنداق بولۇپ، نۇر سۈرىسى ھىجرەتنىڭ 3 – يىلىدا نازىل بولۇشقا باشلىغان بولۇپ، سۈرە رەجى ۋەقەسى ھەققىدە توختالغان. رەجى ۋەقەسىنىڭ ئۇھۇد ئۇرۇشىدىن كېيىن بولغانلىقى ئېنىق. بۇ ئەھۋالدا ئەنفال بىلەن ئالئىمران سۈرىسى ئارىسىدا ئەڭ ئاز ئىككى سۈرە بولسا كېرەك، يەنى ھەدىد ۋە نۇر سۈرىسى. يىغىنچاقلىغاندا، ئالئىمران سۈرىسى نۇر سۈرىسىنىڭ ئارقىسىغا تىزىلىشى كېرەك.

سۈرىنىڭ نازىل بولىشىغا سەۋەپ بولغان ئىككى ۋەقە

سۈرىنىڭ نازىل بولىشىغا ئىككى ۋەقە سەۋەپ بولغان. بۇلاردىن بىرسى ئۇھۇد ئۇرۇشى بولۇپ، ھىجرەتنىڭ 3 – يىلى شەۋۋال ئېيىنىڭ 10 – كۈنى يۈز بەرگەن. بۇ ئېنىق. ئىككىنچى ۋەقە، خىرىستىيان نەجران ھەيئىتىنىڭ كېلىشى ئىدى. سۈرىنىڭ مەركىزىدە بۇ ئىككى ۋەقە بار بولۇپ، سۈرىنىڭ باشلىنىش بۆلىكى ۋە 118 – 195 – ئايەتلىرى ئۇھۇد ئۇرۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بۇنىڭ دەلىلى 121 ۋە 144 – ئايەتلەردۇر. 16 – 117 ۋە 196 – 200 ئارىسىدىكى بۆلەك نەجران ھەيئىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. 20، 64، 79 ۋە 113 – ئايەتلەر بۇنىڭ روشەن دەلىلىدۇر. سۈرىنىڭ نازىل بولۇشقا باشلىغان ۋاقتى ئۇھۇد ئۇرۇشى بولغان ھىجرى 3 – يىلى شەۋۋال ئېيى بولۇپ، نەجران ھەيئىتى كەلگەن مەزگىل سۈرىنىڭ ئاخىرلاشقان ۋاقتىدۇر. نەجران ھەيئىتىنىڭ « ئەلچىلەر يىلى » دەپ ئاتالغان ھىجرى 9 – يىلىدا كەلگەنلىكى ئىسلام ئالىملىرى تەرىپىدىن بىردەك قوبۇل قىلىنغان. لېكىن ئىبن ئاشۇر سىيەرجىلەر ( رەسۇلۇللاھنىڭ ھاياتىنى تەتقىق قىلغۇچىلار )نىڭ بۇ قارىشىنى مۇۋاپىق ئەمەس دەپ قارىغان ۋە ئالئىمران سۈرىسىنىڭ مەدىنىدە نازىل بولغان تۇنجى سۈرە ئىكەنلىكىدە بىرلىككە كەلگەنلىكىنى ئېيتقان. ئۇ بۇ ۋەقەلەرنىڭ بىلىنگەن ۋاقىتتىن تېخىمۇ بۇرۇن يۈز بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

نەجران، شائىر ئائ شا ئېيتقاندەك ئەرەپ يېرىم ئارىلى خىرىستىيانلىرىنىڭ كەبىسىگە ئىگە ئىدى. 60 كىشىلىك بىر ھەيئەت مەدىنىگە كەلگەن بولۇپ، يېنىدا پاپالىرىمۇ بار ئىدى. ئۇلار رەسۇلۇللاھ بىلەن ھەزرىتى ئىسانىڭ تەڭرى ئىكەنلىكى ھەققىدە مۇنازىرە قىلىشقان.

ئۇلاردىن دەلىل تەلەپ قىلىنغاندا كۇپۇرلىرىدا چىڭ تۇرغان بولۇپ، رەسۇلۇللاھ ئۇلارنى مۇباھەلە ( قەسەم ئىچىشكە ) دەۋەت قىلغان:

فَمَنْ حَاجَّكَ فِيهِ مِنْ بَعْدِ مَا جَاءَكَ مِنَ الْعِلْمِ فَقُلْ تَعَالَوْا نَدْعُ أَبْنَاءَنَا وَأَبْنَاءَكُمْ وَنِسَاءَنَا وَنِسَاءَكُمْ وَأَنْفُسَنَا وَأَنْفُسَكُمْ ثُمَّ نَبْتَهِلْ فَنَجْعَلْ لَعْنَةَ اللَّهِ عَلَى الْكَاذِبِينَ

سەن ئىسا توغرۇلۇق ھەقىقىي مەلۇماتقا ئىگە بولغىنىڭدىن كېيىن، كىملەركى سەن بىلەن مۇنازىرىلەشسە، سەن ئۇلارغا: « كېلىڭلار، ئوغۇللىرىمىزنى ۋە ئوغۇللىرىڭلارنى، ئاياللىرىمىزنى ۋە ئاياللىرىڭلارنى، ئۆزلىرىمىزنى ۋە ئۆزلىرىڭلارنى يىغىپ، اﷲ نىڭ لەنىتى يالغانچىلارغا بولسۇن، دەپ اﷲ قا يالۋۇرۇپ دۇئا قىلايلى » دېگىن ( 61 ).

ھەيئەت باشتا قەسەم قىلىش تەكلىۋىنى قوبۇل قىلغان بولسىمۇ، كېيىن بېشىغا بىرەر بالا كېلىپ قېلىشىدىن قورقۇپ ۋازكەچكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار، رەسۇلۇللاھنىڭ جىزىيە بېرىش شەرتى بىلەن « ئامانلىقى »غا كاپالەتلىك قىلىش ھەققىدە بەرگەن تەكلىۋىنى قوبۇل قىلىپ يۇرتىغا قايتىپ كەتكەن.

سۈرە، دەماللىققا پەرقلىق تېمىلار ھەققىدە توختالغاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئانا تېما ئەقىدە، ئىجتىمائىي ئەخلاقنىڭ بۇزۇلىشى ۋە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىغا قارشى ئېلىنىدىغان تەدبىرلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بەقەرە سۈرىسىدىكى « يەھۇدىيلەشمەڭلار! » ئاگاھلاندۇرۇشى، بۇ سۈرىدە « خىرىستىيانلاشماڭلار! » شەكلىدە تەكىتلەنگەن. بۇ ئىككى ئازغۇنلۇق تۈرىنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك شەكىلدە بايان قىلغان نوقتىسى « رەسۇل » چۈشەنچىسىدۇر. يەھۇدىيلىشىپ يولدىن چىقىپ كېتىشتە، ئاللاھ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ئەلچىلەر خارلانغان ۋە ئۆلتۈرۈلگەن. خىرىستىيانلىشىپ يولدىن چىقىپ كېتىشتە، ئەلچىلەر ئىنسانلىقتىن ھالقىغان بىر ئورۇنغا ئىگە قىلىنىپ تەڭرىلەشتۈرۈلگەن.

قۇرئاننى مەھكەم ۋە مۇتەشابىھ دەپ ئىككى خىل كاتىگورىيىگە ئايرىغان بىردىنبىر ئايەت بۇ سۈرىدە يەر ئالغان:

هُوَ الَّذِي أَنْزَلَ عَلَيْكَ الْكِتَابَ مِنْهُ آَيَاتٌ مُحْكَمَاتٌ هُنَّ أُمُّ الْكِتَابِ وَأُخَرُ مُتَشَابِهَاتٌ فَأَمَّا الَّذِينَ فِي قُلُوبِهِمْ زَيْغٌ فَيَتَّبِعُونَ مَا تَشَابَهَ مِنْهُ ابْتِغَاءَ الْفِتْنَةِ وَابْتِغَاءَ تَأْوِيلِهِ وَمَا يَعْلَمُ تَأْوِيلَهُ إِلَّا اللَّهُ وَالرَّاسِخُونَ فِي الْعِلْمِ يَقُولُونَ آَمَنَّا بِهِ كُلٌّ مِنْ عِنْدِ رَبِّنَا وَمَا يَذَّكَّرُ إِلَّا أُولُو الْأَلْبَابِ

ئۇ (اﷲ) ساڭا كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) نازىل قىلدى. ئۇنىڭدا مەھكەم (يەنى مەنىسى ئوچۇق) ئايەتلەر باركى، ئۇلار كىتابنىڭ (يەنى پۈتۈن قۇرئاننىڭ) ئاساسىدۇر؛ يەنە باشقا مۇتەشابىھ (كۆرۈنۈشتە ئوخشاش ئەمما ئەسلى ماھىيىتى كۆرۈنگەندىن پەرقلىق بولغان ئوخشاشلىق ) ئايەتلەر باردۇر. دىللىرىدا ئەگرىلىك بار (يەنى گۇمراھلىققا مايىل) كىشىلەر پىتنە قوزغاش ۋە ئۆز رايى بويىچە مەنە بېرىش ئۈچۈن، مۇتەشابىھ ئايەتلەرگە ئەگىشىدۇ (يەنى مۇتەشابىھ ئايەتلەرنى ئۆز نەپسى خاھىشى بويىچە چۈشەندۈرىدۇ). بۇنداق ئايەتلەرنىڭ (ھەقىقىي) مەنىسىنى پەقەت اﷲ بىلىدۇ. ئىلىمدا توشقانلار ئېيتىدۇ: « ئۇنىڭغا ئىشەندۇق، ھەممىسى پەرۋەردىگارىمىز تەرىپىدىن نازىل بولغان. (بۇنى) پەقەت ئەقىل ئىگىلىرىلا چۈشىنىدۇ » ( 7 ).

ئالئىمران سۈرىسىنىڭ دېمەكچى بولغىنى – خىرىستىيانلاشماڭلار!

بۇ مەزمۇندىكى بىر ئايەتنىڭ نېمە ئۈچۈن ئانا تېمىسى « خىرىستىيانلاشماڭلار! » بولغان بىر سۈرىدە يەر ئالغانلىقى كىشنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. بۇنىڭ قايىل قىلارلىق جاۋابى، خىرىستىيانلىشىش مايىللىقىدا ئەڭ كۆپ ئىشلىتىدىغان ۋاستە « تەۋىل » ۋە « مەجاز » بولۇپ، بۇ خەتەرلىك مايىللىققا قاراپ تەۋىل ۋە مەجازغا دۈشمەن بولۇش، ساختىپەز پەيغەمبەرلەرگە قاراپ نۇبۇۋۋەتكە دۈشمەن بولغاندەك ھاماقەتلىكتۇر. تەۋىل ۋە مەجاز ئاساسەن مۇتەشابىھ بىلەن ئوخشاش بىر دائىرىگە كىرىدۇ.

مۇتەشابىھلىق، مەنانىڭ دەماللىققا بىلگىلى بولمايدىغان دەرىجىدە يېپىق بولىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بۇ خۇددى ئاخىرەتنى بايان قىلغان ئايەتلەردىكىگە ئوخشاش، تېما ئىنسان ئىدراكىدىن ھالقىغان بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا خىتابنىڭ مۇتەشابىھ بىر تىل بىلەن ئىپادىلىنىشى مۇقەررەردۇر.

بەقەرە سۈرىسىنىڭ كىرىش بۆلىكىدە، ئىمان، ئىنكار ۋە نىفاق ئۈستىدە توختالغان. بۇ سۈرىنىڭ كىرىش قىسمىدا پۇختا بىر ئېتىقادنىڭ بۇزۇلۇش سەۋەبلىرى ھەققىدە توختالغان. بۇلارنىڭ ئەڭ ئالدىدا ۋەھىينىڭ ئەسلى ئوچۇق ھۆكۈملىرىنى ئىجرا قىلىشنى تاشلاپ قويۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا تارماق مەسلىلەر ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈش كەلمەكتە. مەھكەم ۋە مۇتەشابىھ ھەققىدە توختالغان 7 – ئايەت بۇ ھەقىقەتكە كىشىنىڭ دىققىتىنى ئاغدۇرىدۇ.

خىرىستىيانلارنىڭ ھەزرىتى ئىسانى ئىلاھلاشتۇرۇشى مانا مۇشۇنداق بىر باسقۇچنىڭ نەتىجىسىدۇر. چۈنكى ئىساۋىلارنىڭ ھەزرىتى ئىسانى ئىلاھلاشتۇرۇش باسقۇچى « دادا – ئوغۇل » مەجازىنى ھەقىقەت دەپ چۈشۈنۈش ۋە ئىزاھلاش بىلەن باشلانغان. مەجاز مۇتەسسىپلەرنىڭ ۋە سۈيئىستىمالچىلارنىڭ قولىدا ھەقىقەتكە ئايلاندۇرۇلماقچى بولغاندا، « ئىنسان بالىسى » ئىسانى، « تەڭرى ئوغلى » ئىساغا ئايلاندۇرۇش يولى ئېچىلىدۇ. قۇرئاندىكى مەھكەم ۋە مۇتەشابىھ ئايەتلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىردىنبىر ئايەتنىڭ بۇ سۈرىدە يەر ئېلىشىنىڭ سەۋەبى بۇ بولسا كېرەك.

جىھاد ئاللاھ داۋاسى يولىدا، ئىنساننىڭ بارلىق تىرىشچانلىقىنى كۆرسىتىشى بولۇپ، ئۇنىڭ مەقسىتى ئىنسان بىلەن ئاللاھ ئوتتۇرىسىدىكى بارلىق توساقلارنى ئۆرۈپ تاشلاشتۇر. « ئاللاھ داۋاسى » نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟ ئاللاھ داۋاسى بەندىنىڭ بەخت – سائادىتىدۇر. بەندىلەرنىڭ ئەبەدىي سائادىتىنى ئاللاھ ئۆزىگە داۋا قىلغان. شۇڭا ئاسمان – زېمىن، قوياش ۋە ئاينى بەندىلەرنىڭ ئەمرىگە بويسۇندۇرۇپ بەرگەن. شۇڭا ئىنسانغا ئەقىل، ئىرادە ۋە ۋىجدان بەرگەن. شۇڭا ئەلچىلەر ۋە كىتاپلار ئەۋەتكەن. شۇڭا پەرىشتىلىرىنى ئىنسانغا سەجدە قىلدۇرغان. مانا بۇ سەۋەپتىن بەندىنىڭ داۋاسىمۇ « ئاللاھ نىڭ رازىلىقى » بولىشى كېرەك. ئىنسان ئاللاھ داۋاسى يولىدا جىھاد قىلغاندا، ئاداققى نىشان ئاخىرەت يۇرتىدىكى ئەبەدىي سائادەت بولىشى كېرەك. ئەگەر بۇنداق قىلمىسا، ئۆتكۈنچى دۇنيا زىننەتلىرى ئۇنى مەھلىيا قىلىپ، ئۇنىڭ ئاداققى نىشانغا يېتىشىگە توسالغۇ بولىدۇ. چۈنكى:

زُيِّنَ لِلنَّاسِ حُبُّ الشَّهَوَاتِ مِنَ النِّسَاءِ وَالْبَنِينَ وَالْقَنَاطِيرِ الْمُقَنْطَرَةِ مِنَ الذَّهَبِ وَالْفِضَّةِ وَالْخَيْلِ الْمُسَوَّمَةِ وَالْأَنْعَامِ وَالْحَرْثِ ذَلِكَ مَتَاعُ الْحَيَاةِ الدُّنْيَا وَاللَّهُ عِنْدَهُ حُسْنُ الْمَآَبِ

« ئاياللار، ئوغۇللار، ئالتۇن ـ كۈمۈشتىن توپلانغان كۆپ ماللار، ئارغىماقلار، چارۋىلار ۋە ئېكىنلەردىن ئىبارەت كۆڭۈل تارتىدىغان نەرسىلەرنىڭ مۇھەببىتى ئىنسانلارغا چىرايلىق كۆرسىتىلدى. ئۇلار دۇنيا تىرىكچىلىكىدە مەنپەئەتلىنىدىغان (باقاسى يوق) شەيئىلەردۇر؛ اﷲ نىڭ دەرگاھىدا بولسا قايتىدىغان گۈزەل جاي (يەنى جەننەت) باردۇر (شۇنىڭ ئۈچۈن باشقىغا ئەمەس، جەننەتكە قىزىقىش كېرەك) » ( 14 ).

ئىسلام دېيىلگەندە ئەقىلگە نېمە كېلىشى كېرەك؟ بۇ سوئالنىڭ كامىل بىر جاۋابى بۇ سۈرىنىڭ 19 – ئايىتىدە بېرىلگەن:

إِنَّ الدِّينَ عِنْدَ اللَّهِ الْإِسْلَامُ وَمَا اخْتَلَفَ الَّذِينَ أُوتُوا الْكِتَابَ إِلَّا مِنْ بَعْدِ مَا جَاءَهُمُ الْعِلْمُ بَغْيًا بَيْنَهُمْ وَمَنْ يَكْفُرْ بِآَيَاتِ اللَّهِ فَإِنَّ اللَّهَ سَرِيعُ الْحِسَابِ

« ھەقىقەتەن اﷲ نىڭ نەزىرىدە مەقبۇل دىن ئىسلام (دىنى) دۇر. كىتاب / ۋەھىي بېرىلگەنلەر پەقەت ئۆزلىرىگە ئىلىم كەلگەندىن كېيىنلا ئۆزئارا ھەسەت قىلىشىپ بىر – بىرى بىلەن ئىختىلاپ قىلىشتى ( پەرقلىق قاراشلارغا ئىگە بولدى )، كىمكى اﷲ نىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلىدىكەن (اﷲ ئۇنى يېقىندا جازالايدۇ)، اﷲ تېز ھېساب ئالغۇچىدۇر » ( 19 ).

بۇ جاۋاپتىن ئىسلامنىڭ ھەزرىتى مۇھەممەدكە كەلگەن ۋەھىي بىلەن باشلانغان بىر دىن ئەمەسلىكى مەلۇم بولماقتا. بارلىق ۋەھىيلەر ئىسلام ۋەھىيسىدۇر. ئىنسانىيەت تارىخ يارىتىشقا ئىسلام بىلەن، يەنى ۋەھىي بىلەن باشلىغان. ئىنسانىيەت تارىخىدىكى بارلىق ئېزىپ كېتىشلەر، ئەسلىدە ئىسلامدىن چىقىپ كېتىشتۇر.

قۇرئاننىڭ ئەڭ تىپىك ئايەتلىرىدىن ئىككىسى بۇ سۈرىدە يەر ئالغان. بۇ ئىككى ئايەت، ئاللاھ ۋە ئىنسان، ئامانەت ۋە مۈلكىيەت، ئۆزگەرمەسلەر ۋە ئۆزگۈرۈشچانلار دېگەندەك تېمىلارنىڭ ھەممىسىنى بىر يەرگە جەم قىلغان ئايەتلەردۇر. بۇ ئايەتلەرنىڭ مەنىسى ئوكيانۇسلاردىنمۇ چوڭقۇردۇر:

قُلِ اللَّهُمَّ مَالِكَ الْمُلْكِ تُؤْتِي الْمُلْكَ مَنْ تَشَاءُ وَتَنْزِعُ الْمُلْكَ مِمَّنْ تَشَاءُ وَتُعِزُّ مَنْ تَشَاءُ وَتُذِلُّ مَنْ تَشَاءُ بِيَدِكَ الْخَيْرُ إِنَّكَ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ (26) تُولِجُ اللَّيْلَ فِي النَّهَارِ وَتُولِجُ النَّهَارَ فِي اللَّيْلِ وَتُخْرِجُ الْحَيَّ مِنَ الْمَيِّتِ وَتُخْرِجُ الْمَيِّتَ مِنَ الْحَيِّ وَتَرْزُقُ مَنْ تَشَاءُ بِغَيْرِ حِسَابٍ (27)

ئېيتىقىنكى، « پادىشاھلىقنىڭ ئىگىسى بولغان ئى اﷲ! خالىغان ئادەمگە پادىشاھلىقنى بېرىسەن، خالىغان ئادەمدىن پادىشاھلىقنى تارتىپ ئالىسەن؛ خالىغان ئادەمنى ئەزىز قىلىسەن، خالىغان ئادەمنى خار قىلىسەن؛ ھەممە ياخشىلىق سېنىڭ ئىلكىڭدىدۇر. سەن ھەقىقەتەن ھەممىگە قادىرسەن. كېچىنى كۈندۈزگە كىرگۈزىسەن، كۈندۈزنى كېچىگە كىرگۈزىسەن؛ جانلىقنى جانسىزدىن چىقىرىسەن، جانسىزنى جانلىقتىن چىقىرىسەن؛ ئۆزۈڭ خالىغان كىشىگە ھېسابسىز رىزىق بېرىسەن » ( 26 – 27 ).