قەدەرگە ئىمان ئېيتىش ماددىسى رىۋايەتلەرگە قانداق كىرگۈزۈلگەن؟

قۇرئان ئوچۇق ئېيتىدۇكى: « سەن (ۋەھىيدىن ئىلگىرى) قۇرئاننىڭ ۋە ئىماننىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتىڭ  » (شۇئەرا: 52).

سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز ئىمان ۋە ئۇنىڭ شەرتلىرىنى قۇرئاندىن ئۆگەنگەن ئىدى. چۈنكى قۇرئاننىڭ شاھىتلىقىغا ئاساسلانغاندا، پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئىلگىرى « ئىمان نېمە؟ » ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغانلىقىنى قۇرئان ئېنىق بايان قىلىۋاتىدۇ.

قۇرئان پەيغەمبىرىمىزگە مۇشۇنداق دەيدۇ، باشقا بىرسى كېلىپ قۇرئان بەش دەپ سانىغان ئىماننىڭ شەرتلىرىگە ئىلاۋە قىلغان 6 – ماددىنى ئاللاھ رەسۇلىنىڭ ئاغزىغا سېلىپ، خۇددى رەسۇلۇللاھ مۇشۇنداق دېگەندەك تۇيغۇ پەيدا قىلىپ قويىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن « سەدەقاللاھۇلئەزىم  – ئاللاھ توغرا ئېيتتى » دېيىشىدۇ. ئاللاھ توغرا ئېيتقان، لېكىن بۇنداق دېگۈچى كىشىلەر ئاللاھ قا تۆھمەت قىلغان بولىدۇ.

سوئال: ئىماننى قۇرئاندىن ئۆگەنگەن ھەزرىتى نەبىنىڭ قۇرئانغا ئىماننى ئۆگەتمەكچى بولىشى مۇمكىنمۇ؟

جاۋاپ: توۋا ھەرگىزمۇ مۇمكىن ئەمەس! ھەممە ئادەم ئاللاھ نىڭ ئالدىغا ئۆتۈۋالغان تەقدىردىمۇ، رەسۇلۇللاھ ھەرگىز ئۆتمەيدۇ.

ئۇنداقتا رىۋايەتلەردە بايان قىلىنغان ۋە قۇرئاندىكى شەرتلەرگە قوشۇپ قويۇلغان « قەدەرگە ئىمان » ماددىسى رىۋايەتلەرگە قانداق كىرگەن؟

بۇ نوقتىدا شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتەيلىكى: ھەدىس ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ سەھىھى دەپ قوبۇل قىلىنغان بۇخارىدا ( ۋاپات، 256/869 ) دە « قەدەر » بىلەن « ئىمان »نى بىر ئورۇندا تىلغا ئالغان ۋە « قەدەرگە ئىمان ئېيتىشنى » بىر ئىمان ئاساسى سۈپىتىدە بايان قىلغان بىرەر ھەدىسمۇ يەر ئالمايدۇ. بۇخارى، مەشھۇر جىبرىئىل ھەدىسىگە ( مەسىلە بار بولسىمۇ ) كىتابىدا ئورۇن بەرگەن (ئىمان، 47) بولۇپ، ئۇ يەردە 5 ئىمان ئاساسى ساناپ ئۆتۈلگەن، « قەدەرگە ئىمان ئېيتىش » ماددىسى ئورۇن ئالمىغان.

بۇ ھەدىسنىڭ ھەممە ۋارىيانتلىرىنى ئۆزئارا سېلىشتۇرغان ۋاقتىمىزدا ھەدىسنىڭ بېشىدىن نۇرغۇن ئىسسىق – سۇغۇق، بالا – قازا ئۆتكەنلىكىنى بىلىۋالالايمىز. « جىبرىئىل ھەدىسى » سۈپىتىدە باشلانغان رىۋايەتنىڭ بېشىدىن شۇنچە كۆپ ئىش ئۆتكەن بولۇپ، دەسلەپتە يالغۇز ھالدا يولغا چىقىپ، يولنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە سىراتى مۇستەقىمدىن چىقىپ كېتىپ، ئونلارچە بىر – بىرىگە ئوخشىمايدىغان ۋارىيانتلىرى پەيدا بولغان.

مەسىلەن: يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن « قەدەرگە ئىمان » ئىلاۋىسىدىن خالىي بۇخارى رىۋايىتىنى مىسالغا ئالايلى. بۇ رىۋايەتتە قۇرئاندا ئۈچ يەردە يانمۇ – يان تىلغا ئېلىنغان 5 ئىمان ئاساسىنىڭ نەقلىدىلا، راۋىلەرنىڭ قالايمىقانلىقى كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. بۇخارىدىكى بەش ئاساستىن ئىككىسى شۇ: « ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىدىغانلىقىغا » ۋە « ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشكە » ئىمان، ھالبۇكى بۇ ئىككىسى بىر نەرسە. ئۇنىڭدىن باشقا، قۇرئان تىلغا ئالغان « كىتاپلارغا ئىمان » شەرتى چۈشۈپ قالغان بولۇپ، قۇرئاندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بەش رەقەمگە ئۇدۇل كەلتۈرۈلگەن. بىراق مەزمۇننى ھېچقانداق بىر تەۋىل بىلەنمۇ قۇرئاندىكى بەش ئاساس بىلەن بىردەكلىككە ئىگە قىلغىلى بولمايدىغان ھالغا كەلگەن.  بۇخارى رىۋايىتىنىڭ ئەھۋالى بۇ.

ئەمدى مۇسلىم ( ۋاپات، 261 / 874 ) رىۋايىتىگە بىر قاراپ باقايلى…

بۇخارى رىۋايەت قىلغان ھەدىسنى تالىپى مۇسلىممۇ نەقىل قىلغان، ھەمدە ئۈچ ئوخشىمىغان ئىسىم زەنجىرى بىلەن ( سەھىھ، ئىمان، 1، 5، 7 ). بىرىنچى زەنجىردىكى تۆت راۋى بۇخارى بىلەن بىردەكلىككە ئىگە بولۇپ، تېكىستتە « قەدەرگە ئىمان » ئىلاۋىسى يوق، بۇ قۇرئانغا ئەڭ ئۇيغۇن « جىبرىئىل ھەدىسى ». رىۋايەت قۇرئان تىلغا ئالغان بەش ئىمان ماددىسىنى تولۇق ساناپ ئۆتىدۇ. بىراق ئىككىنجى ۋارىيانتتا، بۇخارى بىلەن بىردەكلىككە ئىگە راۋى سانى ئۈچكە؛ ئۈچىنچى ۋارىيانتتا، راۋى سانى ئىككىگە چۈشۈپ قالغان. دەل بۇ يەردە مەسىلە قالايمىقانلىشىپ كەتكەن. قۇرئاندا بولمىغان « قەدەرگە ئىمان » بۇ يەرگە ئىلاۋە قىلىنغان. يىغىنچاقلىغاندا، مۇسلىم ئوخشاش ھەدىسنى ئۈچ ئورۇندا نەقىل قىلغان، بىرىدە « قەدەرگە ئىمان » مەسىلىسى تىلغا ئېلىنمىغان، باشقا ئىككى ھەدىستە ئورۇن ئالغان. مۇشۇنداق رىۋايەتلەر باشقا ھەدىس مەجمۇئەلىرىدىمۇ ئورۇن ئالىدۇ ( قازايى قەدەرگە ئائىت ھەدىسلەر ئۈستىدە تەتقىقات ۋە ھەدىسلەرنىڭ ئەقىدە بەلگىلىيەلمەيدىغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك ئۆمەر ئايدىننىڭ « قۇرئان نۇرى ئاستىدا قەدەر ۋە ئەركىنلىك » ناملىق كىتاۋىغا قارالسۇن. بايان نەشىرىياتى. 17-21 بەت. ئىستانبۇل، 1998 ). بۇنىڭدىن باشقا، ئوخشاش ھەدىسكە « قەدەرگە ئىمان » ئىلاۋىسى بولمىغان ئاساستا ئىبنى ماجە، ئىبنى ھىببان ۋە ئىبنى مەندەگە ئوخشاش باشقا ھەدىسشۇناسلارمۇ ئەسەرلىرىدە ئورۇن بەرگەن.

قۇرئانغا زىت بولغان بۇ رىۋايەتنىڭ يالغۇز تېكىستىلا ئەمەس سەنەدىدىمۇ مەسىلە بار. « قەدەرگە ئىمان » رىۋايىتىنىڭ ئەڭ كۈچلۈكى ھەزرىتى ئۆمەر – ئىبنى ئۆمەر – يەھيا بىننى يەئمەر – ئابدۇللاھ بىننى بۇرەيد زەنجىرى شەكلىدە ئالدىمىزغا ئۇچرايدۇ. ئىبنى ھەنبەل بۇنىڭ ئاخىرىدىكى ئىسىمنى ئىشەنچىسىز دەپ قارىغان ( تەزھىب،  158, V ).

سوئالىمىز: ئىمانىمىزنى بۇخارىغا ياكى مۇسلىمدىن قايسىسىغا ئاساسەن شەكىللەندۈرسەك توغرا بولىدۇ؟ ئەگەر مۇسلىمغا ئاساسەن دېسەك، ئۇنداقتا مۇسلىمدىكى قايسى رىۋايەتكە ئاساسلىنىمىز؟

مۇئمىننىڭ ئىمانىنى ئاللاھ شەكىللەندۈرىدۇ. بىراق زىتلىققا ئىگە رىۋايەتلەردىن بىرىنى تاللايمەن دەپ تۇرىۋالسا، ئەلۋەتتە قۇرئانغا ماس كەلگەننى تاللىشى كېرەك.

ئۇنداقتا قۇرئاندا بولمىغان بىر ئىمان ماددىسىنى تەشەببۇس قىلىدىغان بىر رىۋايەتنى بىر مۇئمىن قايسى جۈرئەت بىلەن تاللايدۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە « قەدەرگە ئىمان » نە قۇرئان، نە ھەزرىتى پەيغەمبەر، نە ساھابىلەرنىڭ مەسىلىسى ئەمەسلىكى مانا مەن دەپ تۇرسا؟ كېيىنكى مەزگىلدە ئىلاۋە قىلىنغانلىقى قوياشتەك ئاشكارە بولغان بۇ ئاتالمىش ئىمان شەرتىنىڭ سىياسى ۋە كالامى سەۋەپلەر تۈپەيلى ئوتتۇرىغا چىققانلىقى ئايان بولۇپ تۇرسىمۇ، يەنە قايسى جۈرئەت بىلەن تاللايدۇ؟

گەپنىڭ قىسقىسى: قۇرئاندا تىلغا ئېلىنغان بەش شەرتنىڭ سىرتىدىكى « قەدەرگە ئىمان » شەرتى كېيىنكى مەزگىللەردە رىۋايەتلەرگە قىستۇرۇپ قويۇلغان. بۇ شۇنداق ئېنىقكى ئەكسىنى ئىلگىرى سۈرۈش، رىۋايەتنىڭ نوپۇزىنى ھەقىقەت ( قۇرئان )نىڭ نوپۇزىدىن ئۈستۈن دەپ بىلگەنلىكتۇر. بۇنداق قىلغان كىشىنى ئاللاھ نىڭ كىتابىغا ھاۋالە قىلىشتىن باشقا ئامال يوق: « ئېيتقىنكى، سىلەر ئاللاھ قا دىنىڭلارنى ئۆگەتمەكچى بولىۋاتامسىلەر؟ » (ھۇجرات، 16). ئاللاھ دىنىنى پۈتۈن قىلغانلىقىنى ئېيتمىغانمىدى: « بۈگۈن دىنىڭلارنى پۈتۈن قىلدىم » (مائىدە، 3). ئۇنداقتا تاماملانغان، پۈتۈنلىنىپ بولغان بىر دىنغا بىر نەرسە ئىلاۋە قىلىپ قويۇشنىڭ ھېساۋىنى ئاللاھ قا كىم، قانداق بېرىدۇ؟

قۇرئاندا بولمىغان بىر شەرتنى ئىمانغا كىرگۈزۈشتە چىڭ تۇرغان ئادەمنىڭ ھەم ئاللاھ بىلەن، ھەمدە ئاللاھ ئىماننى قۇرئاندىن ئۆگەنگەنلىكىنى بايان قىلغان رەسۇلۇللاھ بىلەن، شۇنداقلا ئىماننىڭ شەرتلىرىنى بەلگىلەشتە يىگانە ئۆلچەم بولغان قۇرئان بىلەنمۇ ئەلۋەتتە مەسىلىسى بار دېگەنلىكتۇر. ئىماننىڭ شەرتلىرىنى بەلگىلەش يالغۇزلا ئاللاھ نىڭ ھەققىدۇر. چۈنكى ئىمان گۇمانى « ناس » بىلەن ئەمەس، قەتئى « ناس » ئارقىلىق بېكىتىلىدۇ. قەدەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەر « قەتئى » ئەمەس، « گۇمانى »دۇر، بۇ ھەقتە ئەڭ سەھىھ ھەدىس ئۈنىۋانىغا ئىگە جىبرىئىل ھەدىسىمۇ، بارلىق تەۋاتۇر ئىددىئالىرىغا قارىماي، خەبەرى ۋاھىتتۇر ۋە گۇمانى ئىپادىدۇر ( بۇ ھەدىسنىڭ ئەھەد ئىكەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مۇسا باغچىنىڭ « ئىنساننىڭ قازايى قەدەرى – ھەدىسلەر بايان قىلغان قەدەر چۈشەنچىسى » ناملىق ئەسىرىگە قارالسۇن 80-81- بەت، ئەنقەرە مەكتىۋى، 2009 ). ئەگەر بىر تەۋاتۇردىن سۆز ئېچىشقا توغرا كەلسە، بۇ تەۋاتۇر مەزكۇر ھەدىس ۋارىيانتلىرىنىڭ بىر – بىرى بىلەن زىتلىقىدۇر. يەنى بۇ رىۋايەتلەرنىڭ ئۆز ئارا زىتلىقى تەۋاتۇر ئارقىلىق سابىتتۇر. يەنە كېلىپ، مەزكۇر ھەدىس يۇقىرىدا بايان قىلىپ ئۆتكىنىمىزدەك مۇدرەج، يەنى « كېيىنچە ئىلاۋىگە مۇپتىلا » بولغان. گۇمان بىلەن ئەقىدە بەرپا قىلىنمايدۇ. يەكۈنلىگەندە، قۇرئاندا ئورۇن ئالمىغان بىر ئىمان ئاساسىنى ھېچبىر ھەدىس ئارقىلىق ئىمانغا كىرگۈزۈلۈشكە بولمايدۇ. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئىلگىرى بىلمىگەن ئىماننى ئاللاھ ئۆگەتكەنىدى. بۇ ۋەھىي بىلەن قەيت قىلىنغان ھەقىقەتتۇر. ئىماننىڭ شەرتلىرى ئىچىدە ئاللاھ تىلغا ئالمىغان تۇرۇپ، رەسۇلۇللاھ ۋەز قىلغان بىرەر شەرت ئەسلا مەۋجۇت ئەمەس.

سوئال؛ ئىسلام تارىخىدا ئۆتمۈشتە ياشىغان ئۆلىمالار ئىچىدە بۇ ھەقىقەتنى تونۇپ يەتكەنلەر يوقمىدى؟

جاۋاپ: ئەلۋەتتە بولغان. ئۇشبۇ ماۋزۇنىڭ پىشىۋاسى بولغان بىر ئالىمنىڭ تىلى بىلەن نەقىل كەلتۈرەيلى:

« ماتۇرىدىنىڭ ئەڭ مەشھۇر كالام ئۆلىماسى ئەبۇ مۇئىن ئەننەسەخى ( ۋاپات، 508/1115 ) يازغان چوڭ ھەجىملىك كالام كىتاۋى « تەبسىراتۇلئەدىللە » ناملىق ئەسەرنىڭ 18 يازما نۇسخىسىنى بايقاپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ قەدىمقى 8 نۇسخىسىنى ئۆز ئارا سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق، توغرا بىر تېكىستنى ئوتتۇرىغا چىقاردىم. بىرىنجى جىلىتىنى دىيانەت ئىشلىرى باشقارمىسى نەشىر قىلدۇردى (1993). پروفېسور دوكتۇر شابان ئالى دۈزگۈن بىلەن بىللە ئىككىنجى جىلىتنىڭ تەھرىرلىك خىزمىتىنى ئېلىپ باردۇق، دىيانەت ئىشلىرى باشقارمىسى ئۇنىمۇ نەشىر قىلدى (2003). بۇ ئىككىنجى جىلىتتا مۇنۇ ئىبارىنى كۆردۈم. ئەبۇلمۇئمىن ئەننەسەفى دەيدۇكى: « ئېيتىمىزكى، ئېتىقادقا كەلسەك، دىيانەتلىك كىشىلەرنىڭ قارىشىچە بۇلار بەش ئاساسقا بۆلىنىدۇ:

  1. ئاللاھ قا ئىمان
  2. پەرىشتىلەرگە ئىمان
  3. كىتاپلارغا ئىمان
  4. پەيغەمبەرلەرگە ئىمان
  5. ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان

ئىبادەتلەرمۇ بۇنىڭغا ئاساسەن بەش تۈرگە بۆلىنىدۇ:

  1. ناماز
  2. زاكات
  3. روزا
  4. جىھاد
  5. ھەج »  ( نەسەفى، « تەبسىراتۇلئەدىللە » 2، 92 )

دىمەك: 37 يىل بۇرۇن ئېنىقلاپ چىققان بىر ھەقىقەتنىڭ 9 ئەسىر ئىلگىرى ياشىغان سۈننى بىر كالامچىنىڭمۇ ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى، 37 يىلدىن كېيىن قايتا ئوتتۇرىغا قويغان بولدۇق ( ھۈسەيىن ئاتاي، « قۇرئاندا ئىمان ئاساسلىرى ۋە قەدەر مەسىلىسى » 154-، 155- بەت ).