قۇرئاندىكى بەش ئىمان ئاساسىغا قوشۇپ قويۇلغان ئالتىنجى ئاساس

 قۇرئان ئىمان ئاساسلىرىغا ئائىت 5 ماۋزۇدا توختالغان بولۇپ، بۇلارنى ئايرىم – ئايرىم ھالدا ئۈچ جايدا يەنى، بەقەرە سۈرىسى 177-، 284-، 285- ئايەتلەر ۋە نىسا سۈرىسى 136- ئايەتتە بايان قىلغان. قۇرئاندا بۇ ئۈچ ئورۇندا ھەممىسىنى بىرلىكتە، ئۇنىڭدىن باشقا يۈزلەرچە ئورۇندا ئايرىم – ئايرىم ھالدا ئىماننىڭ شەرتلىرىگە دائىر بەش ماۋزۇ تىلغا ئېلىنغان:

  1. ئاللاھ قا ئىمان
  2. پەيغەمبەرلەرگە ئىمان
  3. پەرىشتىلەرگە ئىمان
  4. كىتاپلارغا ئىمان
  5. ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان

بۇ بەش ئىمان ئاساسلىرىنى ئارقىمۇ – ئارقا ساناپ ئۆتكەن ئايەتلەردىن نىسا سۈرىسى 136- ئايىتى « ئى ئىمان ئېيىتقانلار! ئىمان كەلتۈرۈڭلار… » دېگەن خىتاپ بىلەن باشلايدۇ. ئىمان ئاساسلىرىنى تىلغا ئالغان ئايەتنىڭ « ئى ئىمان ئېيىتقانلار!  » خىتابى بىلەن باشلىنىپ « ئىمان كەلتۈرۈڭلار…» دەپ داۋاملىشىشى، گۇيا بىر  مۆجىزە خاراكتېرلىك خەۋەر بېرىشكە ئوخشايدۇ. خۇددى « ئى ئىمان ئېيتىقانلار! ئىمانىڭلارنىڭ تەلەپكە لايىق بولۇشىنى ئارزۇ قىلساڭلار، تۆۋەندىكى ئاساسلارغا ئىمان ئېيتىڭلار » دېگەندەك ئۇ ئاساسلارنى ساناپ بېرىدۇ، بۇ، ماھىيەتتە « بۇ ئاساسلارغا بىر نەرسە قوشماڭلار ۋە كېمەيتىۋەتمەڭلار » مەنىسىنى ئىپادىلەيدۇ.

قۇرئاندا تىلغا ئېلىنغان ئىمان ئاساسلىرى يۇقىرىقىلاردىن ئىبارەتتۇر. قۇرئان بۇلارغا قوشۇمچە قىلىپ « قەدەرگە ئىمان » دەپ ئالتىنجى بىر شەرتنى قويمىغان. ھەتتا ئوتتۇرىغا قويۇش ئۇياقتا تۇرسۇن، قۇرئاندا ئىمان بىلەن قەدەر كەلىمىسى ئوخشاش بىر جۈملە ئىچىدە ئىشلىتىلگەن ھېچقانداق بىر ئايەت يوق.

سوئال: بۇ ئەھۋالدا، قۇرئان ئۈچ ئورۇندا ئارقىمۇ – ئارقا بايان قىلغان بۇ بەش ئاساسقا، ئالتىنجى بىر ماددىنى قوشۇپ قويۇشنىڭ سەۋەبى ياكى سەۋەپلىرى نېمە؟

جاۋاپ: بۇنىڭ ئىككى سەۋەبى بار:

1- سىياسى

2- كالامى

  1. سىياسى سەۋەپلەر. ئەمەۋىلەر « قەدەرچى/ جەبىرچى »لىكنى دۆلەت ئىدىئولوگىيسى سۈپىتىدە ئۆزلەشتۈرگەن. كۈچ ( قىلىچ )كە تايىنىپ چاڭگىلىغا كىرگۈزىۋالغان ھاكىمىيەتنى، ھەممىگە مەلۇم سەۋەپلەر بىلەن يوللۇق قىلىپ كۆرسىتىش يولىدا قېيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن ئەمەۋىلەر، بۇ ئارقىلىق ھاكىمىيىتىنى يوللۇق ۋە ئىدىيىۋى ئاساسقا ئىگە قىلماقچى بولغان. بۇ مەسىلىدە ئەمەۋىلەرگە ئۈچ نەرسىنىڭ پايدىسى بولغان:

1) تەھدىت ۋە قورقۇ يېيىش. بۇ قورقۇنىڭ دۆلەت دېكتاتۇرى بىلەن قانداق ئىجرا قىلىنغانلىقىغا ئائىت ئەمىلى مىساللار ئىلگىرىكى باپلاردا بايان قىلىپ ئۆتۈلدى.

2) جاھىلىيەتتىن مىراس قالغان كوللىكتىپ چۈشەنچە: بۇ چۈشەنچىدە قازايى قەدەر چۈشەنچىسى بەلگىلىك ئاساسقا ئىگە. مۇشىرىكلار شېرىك كەلتۈرۈشلىرىنى « ئاللاھ نىڭ خالىشى » دېيەلىگۈدەك دەرىجىدە قەدەرچى ئىدى.

3) دىرايەتكە كۆڭلدىكىدەك ئەھمىيەت بەرمەي، تەقلىدچىلىككە ۋارىسلىق قىلغان ئۆلىما ۋە قىسسەچى ۋائىزلار ( ھاشۋىيە ): قۇرئان، جاھىلىيەت قەدەر چۈشەنچىسىنىڭ ئالدىغا توسما سوققان ئىدى. توسمىنىڭ ئەتراپىنى بويلاپ ئۆزىنى رىۋايەت كۈلتېرى ۋاستىسى بىلەن يېڭىۋاشتىن جانلاندۇرغان جاھىلىيەت قەدەر چۈشەنچىسىنىڭ كېيىنكىلەرگە يەتكۈزۈلىشىدە، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان گۇرۇھلار ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان.

  1. كالامى سەۋەپلەر. ئىراق ۋە ئىراننىڭ فەتھى قىلىنىشى بىلەن بىللە، مۇسۇلمانلار يىپ -يېڭى بىر ئېتىقاد بىلەن ئۇچراشتى ۋە بۇنىڭغا « سەنەۋىييە » دەپ ئىسىم قويدى. زەردۇشتلىق ۋە ئۇنىڭ تەسىرىدە ئوتتۇرىغا چىققان مانى، دەيسان، ماركىيون قاتارلىق گىنوستىك ( قەدىم مىسىر، يۇنان، زەردۇشت، شەرق ئەنئەنىلىرى ۋە دىنلىرى، ئىبرانى دىنى، خىرىستىيانلىقنىڭ بەزى ئەقىدىلىرىنى بىر تۇتېم بىلەن يۇغۇرغان، تەرىقەتلەر تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان روھانى پەلسەپىۋى ئېقىملار ) ئېتىقادلارنىڭ ھەممىسى « ياخشىلىق » ۋە « يامانلىق »نىڭ ئايرىم – ئايرىم ئىككى جەۋھەر ئىكەنلىكىگە، شۇنداقلا « ياخشىلىق ئىلاھى (ھورمۇز) » ۋە « يامانلىق ئىلاھى (ئەھرىمەن) » غا ئىشىنەتتى. سەنەۋىييە 《ئىككىچىلىك》دېگەنلىك بولىدۇ. بۇ ئېقىملار ھىجر 1- ئەسىرنىڭ بېشىدىن ئىتىبارەن ئىسلام جۇغراپىيىسىنىڭ قەلبىگە ۋە مۇسۇلمان خەلقلەرگە چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن. ئۇ ۋاقىتتا بۇ ئېقىملار، ئىسلامنىڭ تەۋھىد ئەقىدىسىنى ئىچىدىن ئاستا – ئاستا يەۋاتقان بىر قۇرۇتقا ئايلانغان ئىدى. كۈچلۈك تەسىرگە ئىگە تەشۋىقات ئۇسۇللىرى بەرپا قىلغان بولۇپ، بۇنىڭغا قارشى تۇرۇش ۋەجىدىن كالام ئۆلىمالىرى « قەدەر چۈشەنچىسىگە، ياخشىلىق ۋە يامانلىقنىڭ ئاللاھ تىن كېلىدىغانلىقى»غا مۇناسىۋەتلىك بىر تېما ئېچىش ئىھتىياجىنى ھېس قىلغان. لېكىن دەۋر تەقەززاسى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان بۇ تېما، ھاكىمىيەتنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشى بىلەن، قۇرئان ساناپ ئۆتكەن بەش ئىمان ئاساسىغا قوشۇمچە قىلىنىپ ئىمان شەرتلىرىگە كىرگۈزۈلگەن.

قۇرئان قەيت قىلىنغان ئىمان ئاساسلىرىغا قوشۇپ قويۇلغان دەۋر خاراكتېرلىق بۇ ئامىل، ھەر بۇرمىلىنىشقا ئوخشاش مۇسۇلمانلارنىڭ ئاللاھ قا، ئىنسانغا ۋە شەيئىلەرگە بولغان چۈشەنچىلىرىدە كەڭ كۆلەمدە كۈتۈلمىگەن سەلبىي نەتىجىلەر كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇ قېيىپ كېتىش قۇرئان شەكىللەندۈرگەن چۈشەنچىدە يوچۇقلار ئاچتى. كېينكى مەزگىللەردە مەزكۇر يوچۇقلار ئارقىلىق يەنە باشقا كېسەللىكلەرمۇ شۇڭغۇپ كىرىشكە باشلىدى. شۇنداقتىمۇ مۇسۇلمان ۋۇجۇدىنىڭ قايتىدىن ئەسلىگە كېلىش ئىمكانىيتى ھېچقاچان يوقالمىدى،  چۈنكى سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز تاپشۇرۋالغان پېتى يەتكۈزگەن ۋەھىي، نازىل بولغان كۈنىدىكىدەكلا ساپ ھالدا بىزگىچە يېتىپ  كەلدى.

ئەمەۋى دۆلەت ئىدىئولوگىيسىنى ياقىلىغان كالامچىلار، قۇرئاندا ساناپ ئۆتۈلگەن 5 ئىمان ئاساسىغا 6 – بىر ماددا قوشۇش بىلەن توختاپ قالمىدى، كېيىنكى ئەسىرلەرگە كەلگەندە « جەبىرچى/ قەدەرچى»لىك چۈشەنچىسى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەقىدىسىگە ئايلاندى. بۇنداق بولۇشتا، دەسلەپتە مۇتەزىلى بولغان، كېيىنچە قارشى ئېقىمغا ئۆتكەن ئاتاغلىق كالامچى ئۆلىما ئەشئەرى ( ۋاپات، 324 / 935 ) باشلامچىلىق رول ئوينىغان.  ئەشئەرى « بەندىلەر قىلمىشلىرىدا ئەركىن، تاللاشلىرىدا مەجبۇردۇر » نەزىرىيىسىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلغان.
تاللاشتا مەجبۇر بولىدىغان ئادەم،  قىلمىشلىرىدا ئەركىن بولالامدۇ؟ بۇ ئەسلىدە ئوڭ قولىدا بەرگەننى، سول قولى بىلەن تارتىۋالغانلىق بولۇپ، قوشۇق بىلەن بېرىپ، سېپى بىلەن كۆزىنى ئويغاندەك بىر ئىش ئىدى. بۇ نەزىرىيە ئەلۋەتتە زىتلىققا ئىگە.

ماھىيەت جەھەتتىن ئېلىپ ئېيىتقاندا، بۇ نەزىرىيە جەبىرچى / قەدەرچىلىكنىڭ ئۈستى يېپىق ئىپادىسى ئىدى. ئەندۇلۇسلۇق ئالىم ئىبنى ھازم ( « ئەل – فىسال » 3،  22) ۋە ساچاقلىزادە، گەلەنبەۋى، ھەسەن چەلەبى قاتارلىق ئاتاغلىق ئوسمانلى كالامچىلىرى ئەشئەرنىڭ « پۈتۈنلەي جەبىرچى » ئىكەنلىكىدە ھەمپىكىر بولۇشقان ( كوتاھىياۋى، « مەباھىس »، 11 ). ماتۇرىدى كالامىنىڭ 2 – نۇمۇرلۇق پىشىۋاسى ئەبۇلمۇئمىن ئەن- نەسەفى ( 438-508/1047-1115)، بۇ سەۋەپتىن ئەشئەرىنى « ئەھلى سۈننەتنىڭ سىرتىدا » دەپ ھېساپلىغان ( يازىجىئوغلۇ، « ماتۇرىدى ۋە نەسەفىگە كۆرە ئىنسان ھۆرىيىتى » 93 ). ماتۇرىدى كالامچى پەزدەۋى، يۇقىرىقىدەك سەۋەپلەر تۈپەيلى « ئەبۇلھەسەن ئەل – ئەشئەرىنىڭ ئەھلى سۈننەت بىلەن ئىختىلاپلاشقان تېمىلىرى » سەرلەۋھىلىك بىر ماۋزۇ ھەققىدە توختالغان ( پەزدەۋى، « ئەھلى سۈننەت ئەقائىدى »، 353 ). پەزدەۋى يەنە ئەشئەرىنى بۇ سەۋەپ تۈپەيلى « بىدئەت ئەھلى » دەپ ئېلان قىلغان ( A.g.e. s.366 ).

يەنى ئەشئەرىنىڭ ئۆزىدىن پەرىقلىق پىكىرلەردە بولغان رەقىپلىرىگە قارىتا قىلغان –ئەتكەنلىرىنىڭ دەل ئۆزىنى، يەنە ئۇنىڭغا قارشى چىققان سۈننى كالامچىلارمۇ قىلغان. بۇ خىل ئەيىپلەشلەر ئۆتمۈشتە قالغان بولسىمۇ، ئەشئەرى جەبىرچىلىكىنىڭ كەڭ مۇسۇلمان ئاممىسىنىڭ ئەقىدىسىگە كۆرسەتكەن سەلبىي تەسىرى، ئەپسۇسكى ئۆتمۈشتە قالماي كۈنىمىزگىچە يېتىپ كەلدى.