ھەدىد سۈرىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

بىزگە يېتىپ كەلگەن پەرقلىق رىۋايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، سۈرە رەسۇلۇللاھنىڭ دەۋرىدىلا « ھەدىد » ئىسمى بىلەن ئاتالغان. سۈرىگە « تۆمۈر » مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان « ھەدىد » ئىسمى تۆۋەندىكى ئايەتكە ئاساسەن قويۇلغان:

« بىز ھەقىقەتەن ئەلچىلىرىمىزنى روشەن دەلىللەر بىلەن ئەۋەتتۇق ۋە ئۇلار بىلەن بىللە، ئىنسانلار ئادالەتنى بەرپا قىلسۇن دەپ، كىتابنى، قانۇننى چۈشۈردۇق. كۈچ- قۇۋۋەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋە ئىنسانلار ئۈچۈن نۇرغۇن مەنپەئەتلەر بولغان تۆمۈرنى ( الْحَدِيدَ ) ياراتتۇق » (25 ).

تۆمۈرنىمۇ خۇددى قۇرئاننى نازىل قىلغاندەك « نازىل ( أَنْزَلْنَا الْحَدِيدَ ) قىلدۇق » ئىبارىسىنىڭ ئىشلىتىلىشى بىر قانچە خىل مەناغا ئىگە. ئايەتتە نېئمەت سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنغان ئۈچ شەيئىدىن بىرسى بولغان تۆمۈر، ئادالەتنىڭ ئىلكىدىكى كۈچ بولغان ۋاقىتتا، ئادالەتنىڭ ھامىيسى؛ زۇلۇمنىڭ ئىلكىدىكى كۈچكە ئايلانسا، زۇلۇمنىڭ ۋاستىسى بولىدۇ. سۈرىنىڭ « تۆمۈر » مەنىسىدىكى ھەدىد كەلىمىسى بىلەن ئاتىلىشىنىڭ بىردىن ئارتۇق سىمۋوللۇق مەنىسى بار.

گەرچە سۈرىنىڭ مەدىنىدە نازىل بولغانلىقىنىڭ ئەكسىچە بەزى رىۋايەتلەر بولسىمۇ، مەزكۇر سۈرە بىر پۈتۈن ھالدا مەدىنىدە نازىل بولغان. ھەشر ۋە سەپ سۈرىلىرىمۇ خۇددى بۇ سۈرىگە ئوخشاش « سەببەھە – سَبَّحَ » بىلەن باشلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا جۈمە ۋە تەغابۇن سۈرىلىرىمۇ، بۇ كەلىمىنىڭ مۇئارىز شەكلى بولغان « يۈسەببىھۇ – يُسَبِّحُ » بىلەن باشلىنىدۇ.

سۈرىنىڭ تېمىسىغا نەزەر سالغان ۋاقتىمىزدا، 10 – ئايىتى يۈز بەرگەن بىر ئۇرۇشنى تىلغا ئالىدۇ. سۈرىدە نىفاق ۋە ئىنفاق مەسىلىسى ناھايىتى زىچ ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان. « تۆمۈر » ئىسىملىك بىر سۈرىنىڭ، مۇئمىنلەرنىڭ مۇخالىپەت ھالىتىدە ئەمەس، ھۆكۈمران كۈچكە ئىگە بولغان بىر مەزگىلدە نازىل بولىشى دەۋر ئارقا كۆرنىشى نەزەردە تۇتۇلغاندىمۇ دەۋرنىڭ تەقەززاسىدۇر.

دەسلەپكى مەزگىللەردىكى تەرتىپلەردە سۈرە پەرقلىق يەرلەرگە تىزىلغان. ھەزرىتى ئوسمانغا نىسبەت قىلىنغان تەرتىپتە، سۈرە زەلزەلە – مۇھەممەد سۈرىسى ئارىسىغا تىزىلغان بولۇپ، بۇنى ئىزاھلىغىلى بولمايدۇ. چۈنكى زەلزەلە سۈرىسى، مەككە دەۋرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە نازىل بولغان سۈرە بولۇپ، پەيغەمبەرلىكنىڭ 4 – يىلىغا توغرا كېلىدۇ. مۇھەممەد سۈرىسىنىڭ مەدىنىدە نازىل بولغانلىقى ئېنىق. بۇ ئىككى سۈرە ئارىسىدا تەخمىنەن ئون يىللىق بىر زامان تىلىمى بار. پەرقلىق ئىككى زامانغا ئائىت سۈرىنىڭ ئارىسىغا مەدىنىدە نازىل بولغان ھەدىد سۈرىسىنى تىزىشنىڭ ئىزاھاتى قېيىن.

ئىبن ئابباس تەرتىۋىدە ھەج – مۇھەممەد سۈرىسى ئارىسىغا تىزىلغان. بۇ ھەزرىتى ئوسمان تەرتىۋىگە قارىغان بىر ئاز مۇۋاپىقتەك كۆرۈنسىمۇ، مۇھەممەد سۈرىسىنىڭ ئالدىغا ئەمەس، سەپ سۈرىسىنىڭ ئالدىغا تىزىلسا تېخىمۇ توغرا بولىدۇ.

سۈرە بەدىر يىلىدا نازىل بولغان بولسا كېرەك. بۇ ئەھۋالدا سۈرىنى ھىجرەتنىڭ 2 – يىلى نازىل بولغان دېسەك خاتالاشمايمىز.

سۈرىنىڭ دەسلەپكى ئۈچ ئايىتىدە ئىلاھىي سەككىز ئىسىم / سۈپەت يەر ئالغان بولۇپ، مەزمۇن جەھەتتىن دەل « ئىنفاق سۈرىسى »دۇر. مۈلكنىڭ مۇتلەق مەنىدە ئاللاھ قا ئائىت ئىكەنلىكى ( 2، 4 – 5 )، ئىنفاق قىلىشتىن قېچىشنىڭ مۇناپىقلارچە بىر قىلمىش ئىكەنلىكى ( 10 )، بۇنىڭ بىر « يەھۇدىيلىشىش ئالامىتى » ئىكەنلىكى ( 16 )، دۇنيادىكى مال – مۈلكنىڭ ئۆتكۈنچى ئىكەنلىكى، ئاللاھ نىڭ سېخىيلىقىغا نائىل بولغانلارنىڭ بېخىللىقى قىلىشىدىكى چۈپرەندىلىك ( 23 – 24 )، ئىماننىڭ مال – مۈلك ۋە كۈچ بىلەن كۈچلەندۈرۈلىشى كېرەكلىكى ( 25 )، ئاللاھ نىڭ سېخىيلىقىنى ئۇنتۇماسلىق لازىملىقى ( 28 – 29 ) ئىنفاق تېمىسى دائىرىسىدە بايان قىلىنىدۇ. ئىنفاق مۇئمىنلەرنىڭ ئاخىرىتىنىڭ نۇرلۇق يۇلتۇزى بولىدۇ ( 12 – 13 ).

ئەسمائى ھۇسنادا يەر ئالغان سەككىز مۇبارەك ئىسىم تۆۋەندىكى ئايەتتە مۇنداق بايان قىلىنغان:

سَبَّحَ لِلَّهِ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَهُوَ الْعَزِيزُ الْحَكِيمُ (1) لَهُ مُلْكُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ يُحْيِي وَيُمِيتُ وَهُوَ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ (2) هُوَ الْأَوَّلُ وَالْآَخِرُ وَالظَّاهِرُ وَالْبَاطِنُ وَهُوَ بِكُلِّ شَيْءٍ عَلِيمٌ (3)

« ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى اﷲ قا تەسبىھ ئېيتتى / ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ( ئۇلارغا يارىتىلىش مەقسىتىنى بىلدۈرگەن ) ئاللاھ نىڭ نامى بىلەن ھەرىكەت قىلدى، اﷲ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى اﷲ قا خاستۇر، اﷲ ئۆلتۈرەلەيدۇ، تىرىلدۈرەلەيدۇ، اﷲ ھەر نەرسىگە قادىردۇر. اﷲ نىڭ ئىپتىداسى يوقتۇر، ئىنتىھاسى يوقتۇر، (اﷲ) ئاشكارىدۇر (يەنى مەۋجۇتلۇقىنى كۆرسەتكۈچى دەلىللەر بىلەن ئەقىللەرگە ئاشكارىدۇ)، مەخپىيدۇر (يەنى ئۇنى كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدۇ، ئۇنىڭ زاتىنىڭ ماھىيىتىنى تونۇشقا ئەقىللەر ئېرىشەلمەيدۇ)، اﷲ ھەر نەرسىنى بىلگۈچىدۇر » ( 1 – 3 ).

بۇ ئەسما ئىچىدە 3 – ئايەتتە يەر ئالغان ئەۋۋەل ۋە ئاخىر، زاھىر ۋە باتىن ئىسىملىرى پۈتۈن قۇرئاندا، پەقەت بۇ جايدىلا يەر ئالغان. بەزىلىرى 2 – ئايەتتىكى يۇھىي ۋە يۇمىت ئەفئالى ھۇسناسىدىن ئىككى ئىسىمنى تۈرلەندۈرۈپ ئەسما تىزىملىكىگە كېيىن قوشۇپ قويغان ۋە  بۇنىڭغا تىرمىزى ۋە ئىبن ماجە ھەدىسلىرىنى دەلىل قىلىپ كۆرسەتكەن، بىراق بۇ توغرا ئەمەس. ئاللاھ نىڭ قۇرئاندا تىلغا ئېلىنغان ئىسىملىرى بولغاندەك، پېئىل شەكلىدىكى ئىسىملىرىمۇ بار. ئەگەر پېئىللىرىنى ئىسىملىرى بىلەن ئوخشاش دەپ قاراپ، ئۇ پېئىلدىن ئىسىملارنى تۈرلەندۈرۈپ چىقىشقا ئۇرۇنساق، بۇ ئەھۋالدا « تۇزاق قۇرغۇچى » مەنىسىدىكى مەكەرە پېئىلىدىن « ئەل ماكىر ( تۇزاق قۇرغان ) »؛ « ھىيلە قىلىدىغان » مەنىنى بىلدۈرىدىغان يۇھادىئۇ پېئىلىدىن « ئەل ھادى – ھىيلە قىلغان »؛ « ئازاپ قىلىدىغان » مەنىنى بىلدۈرىدىغان يۇئەززىبۇ پېئىلىدىن « ئەل مۇئاززىپ – ئازاپ قىلغان »؛ « ھالاك قىلىمىز » مەنىنى بىلدۈرىدىغان نۇھلىقۇ پېئىلىدىن « ئەل ھالىقۇ – ھالاك قىلغان »؛ « ئاتتى » مەنىنى بىلدۈرىدىغان رامە پېئىلىدىن « ئەر رامى – ئاتقۇچى » ئىسىملىرىنى تۈرلەپ چىقىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ مەسىلىگە باشتىن – ئاياغ بىر خىل ۋە پىرىنسىپلىق ھالدا مۇئامىلە قىلىش كېرەك. بۇ خىل ئىسىملار ئاللاھ نىڭ شەنىگە لايىق بولمايدىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ مەسىلىدە باشتىن – ئاياغ بىردەك بولۇش ۋە ئاللاھ ئىسىم ئورنىدا ئىشلەتكەن كەلىمىلەرنى ئىسىم سۈپىتىدە، پېئىل سۈپىتىدە ئىشلەتكەنلەرنى پېئىل سۈپىتىدە قوبۇل قىلىش كېرەك.

بۇ ئايەتلەردىن كېيىن كائىناتقا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر بىلەن دىققەت نەزرىمىزنى كائىناتقا ئاغدۇرىدۇ ۋە ئاللاھ نىڭ كائىناتنىڭ ھۆكۈمرانلىق ماقامى بولغان ئەرش ئۈستىدە قارار قىلغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.

سۈرىدە 7 – ئايەتتىن باشلاپ ئىنفاق مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلۇشقا باشلىنىدۇ. كائىناتقا دائىر ئايەتلەردىن كېيىن ئىنفاق تېمىسىنىڭ تىلغا ئېلىنىشى، ئەسلىدە ئىنساننىڭ مەۋجۇدىيەت كارۋىنىغا قوشۇلىشى ئۈچۈن بىر دەۋەتتۇر. چۈنكى مەۋجۇدىيەتنىڭ تەسبىھاتى، ئۇلارنىڭ ئاللاھ نامىدىن ( يارىتىلىش مەقسىتىگە مۇۋاپىق ) ھەرىكەت قىلىشىدۇر. ئاللاھ نامىدىن ھەرىكەت قىلغان ھەر مەۋجۇدىيەت ئەسلىدە ئىنفاق قىلماقتا. قوياش ۋە ئاي، ئاسمان ۋە زېمىن، تۇپراق ۋە سۇ، كېچە ۋە كۈندۈز، ئۆسۈملۈك ۋە ھايۋانات… بۇلاردىن ئىنفاق قىلمايدىغانلار بارمىدۇ؟ ئەمما ئۇلارنىڭ ئىنفاقى ئىبادەت ھېسابلانمايدۇ، چۈنكى ئۇلار ئاڭلىق ئەمەس. ئاڭلىق ھالدا ئىنفاق قىلىدىغان، ئاڭلىق ھالدا باشقىلارنى ئۆز ئىمكانلىرىدىن ھەمبەھىر قىلىدىغان مەۋجۇدىيەت ئىنساندۇر. ئىنساندىن بۇ ئىلاھىي كارۋانغا قوشۇلۇش تەلەپ قىلىنماقتا.

ئاللاھ ئۈچۈن بېرىش، « بېرىش » ئەمەس، ئەكسىچە « ئېلىش »تۇر. چۈنكى ئاللاھ بەندىسىدىن نېمىنى قۇربان قىلىشنى تەلەپ قىلىسا، « ئېلىش » ئۈچۈن ئەمەس، « بېرىش » ئۈچۈن تەلەپ قىلىدۇ. ئاللاھ نىڭ بەندىگە ئىھتىياجى يوق، لېكىن بەندىنىڭ ئاللاھ قا بولغان ئىھتىياجىنىڭ چېكى يوق. ئاللاھ نىڭ قانۇنىنىڭ تەقەززاسىغا ئاساسەن، ئىنفاق، ئاللاھ نىڭ بەندىگە ئاتا قىلغان نېئمىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن بەلگىلىگەن ئېمتىھان ۋاستىسىدۇر:

مَنْ ذَا الَّذِي يُقْرِضُ اللَّهَ قَرْضًا حَسَنًا فَيُضَاعِفَهُ لَهُ وَلَهُ أَجْرٌ كَرِيمٌ

« كىمكى اﷲ قا قەرزىي ھەسەنە بېرىدىكەن (يەنى اﷲ نىڭ رازىلىقىنى تىلەپ، ئۇنىڭ يولىدا پۇل ـ مال سەرپ قىلىدىكەن)، اﷲ ئۇنىڭغا ھەسسىلەپ قايتۇرىدۇ، ئۇنىڭغا چوڭ ساۋاب بېرىدۇ » ( 11 ).

ئىنفاق نىفاقنىڭ ۋاكسىنىسىدۇر. مۇناپىقنى مۇناپىق بولمىغانلاردىن ئايرىيدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىل ئىنفاقتۇر. بۇ ئىككى كەلىمە ئوخشاش بىر سۆز يىلتىزىدىن تۈرلىنىپ چىققان بولۇپ، نىفاق ۋە ئىنفاقتىن ئىبارەت بۇ ئىككى كەلىمە بىر – بىرىگە زىت مەنىنى بىلدۈرىدۇ. شۇڭا سۈرىدە ئىنفاق بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردىن كېيىنلا نىفاققا ئالاقىدار ئايەتلەر كەلگەن ( 12 – 15 ).

دەماللىققا 16 – 17 – ئايەتلەرنىڭ خېلى بۇرۇنلا نازىل بولغانلىقى ھەققىدىكى رىۋايەتلەر توغرىدەك بىلىنىدىغان بولۇپ، ئايەتلەر ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل بۆلەكتەك، ئاۋاز تونى باشقىچىدەك تۇيۇلىدۇ. لېكىن 26 – 27 – ئايەتلەرنىڭمۇ ئاۋاز تونى پەرقلىق بولسىمۇ، ئانا تېما بىلەن بىردەكلىككە ئىگە. بۇ سەۋەپتىن 16 – 17 – ئايەتلەر سۈرە نازىل بولغان مەزگىلدىن پەرقلىق بىر مەزگىلدە چۈشكەن دەپ قاراش مۇۋاپىق ئەمەس.

قۇرئاننىڭ كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان ئايەتلىرىدىن بىرسى بۇ سۈرىدە يەر ئالغان. بۇ ئايەت رەببىمىزنىڭ ئىنساننىڭ ھىدايەتنى تاللىشىنى قانچىلىك ئارزۇ قىلغانلىقىنىڭ روشەن دەلىلى. مۇسۇلمان مۇھاتابىغا « ۋەھىيگە قۇلاق سالىدىغان ۋاقىت يېتىپ كەلمىدىمۇ؟ » دەپ سورايدۇ ۋە بىزدىن « كەلدى ئى رەببىم، يېتىپ كەلدى!  » دەپ جاۋاپ بېرىشىمىزنى كۈتمەكتە.

دىققەت قىلىڭ،  ئايەت بۇ سوئالنى كاپىردىن، مۇناپىقتىن،كىتاپ ئەھلىدىن ئەمەس،« ئىمان ئېيتقانلاردىن » سوراۋاتىدۇ. يەنى، ئىماننى داۋا قىلىپ، ئىمان ئېيتتىم دېگەن ئاللاھ نىڭ كىتابىغا قانداق بولۇپ بىپەرۋا مۇئامىلە قىلىسىلەر؟ دەپ سوراۋاتىدۇ. بۇ جەھەتتىن ھەدىد 16 – ئايەت بىلەن فۇرقان 30 – ئايەت ئوخشاش بىر تېما ئۈستىدە توختالماقتا.  بۇ سۈرىدىكى مەزكۇر ئايەت ھايات مۇئمىنلەرنى ۋەھىيگە قارىتا ئەستايىدىل بولۇشقا چاقىرغان بولسا، فۇرقان سۈرىسى 30 – ئايەت ۋەھىيگە قارىتا مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن مۇئامىلە قىلغان ئۆلگەن ( روھىي جەھەتتىن ) مۇئمىنلەرنى ئاللاھ قا شىكايەت قىلماقتا. مانا بۇ ئايەت :

أَلَمْ يَأْنِ لِلَّذِينَ آَمَنُوا أَنْ تَخْشَعَ قُلُوبُهُمْ لِذِكْرِ اللَّهِ وَمَا نَزَلَ مِنَ الْحَقِّ وَلَا يَكُونُوا كَالَّذِينَ أُوتُوا الْكِتَابَ مِنْ قَبْلُ فَطَالَ عَلَيْهِمُ الْأَمَدُ فَقَسَتْ قُلُوبُهُمْ وَكَثِيرٌ مِنْهُمْ فَاسِقُونَ

« مۇئمىنلەرگە ئۇلارنىڭ دىللىرى اﷲ نىڭ زىكرىگە ۋە نازىل بولغان ھەقىقەتكە (يەنى قۇرئان ئايەتلىرىگە) ئېرىيدىغان ۋاقىت يېتىپ كەلمىدىمۇ؟ ئۇلار ئىلگىرى ۋەھىي ئەۋەتىلگەن ۋە زاماننىڭ ئۇزىرىشى بىلەن دىللىرى قېتىپ كەتكەنلەردەك بولۇپ قالمىسۇن، ئۇلارنىڭ نۇرغۇنى اﷲ نىڭ ئىتائىتىدىن چىققانىدى » ( 16 ).

سۈرىنىڭ ئانا تېمىسى، سۈرىگە ئىسمى بېرىلگەن 25 – ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان ئۈچ ئامىلغا، يەنى كىتاپ، مىزان ۋە ھەدىدكە مەركەزلەشكەن بولۇپ، ئەل – كىتاپ ۋەھىيگە؛ ئەل- مىزان ئادالەتكە؛ ئەل – ھەدىد كۈچكە سىمۋول قىلىنغان. بىرىنچىسى پىرىنسىپلارنىڭ نەزىرىيىۋىي مەنبەسىنى؛ ئىككىنجىسى، ئۇ مەنبەنى توغرا چۈشۈنۈش ئۈچۈن شەرت بولغان ئۆلچەم ۋە ھۆكۈم چىقىرىش قابىلىيىتىنى؛ ئۈچىنچىسى، ئۇ پىرىنسىپلارنى ھاياتقا تەدبىقلاش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان يوللۇق كۈچنى بىلدۈرىدۇ. بۇلارنى ئىلىم – ھېكمەت – ھۆكۈم ياكى تەۋھىد – ئادالەت – جىھاد شەكلىدە چۈشۈنۈشكىمۇ بولىدۇ. بۇ، تەۋھىدنىڭ ئادالەت ۋە كۈچ بىلەن كۈچلەندۈرۈلىشىنى مەقسەت قىلماقتا. سۈرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن ئىنفاق تېمىسىمۇ بۇ دائىرىدە تىلغا ئېلىنغان.

ھەدىد بىلەن ھەشىر سۈرىسى ئارىسىدا مەزمۇن جەھەتتىن يېقىنلىق بار. بۇ سۈرىلەر كىشىدە « مال – مۈلك ئەخلاقى »نى شەكىللەندۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ. ھەشىر 16 ئىلاھىي ئىسىم بىلەن ئاخىرلىشىدۇ، ھەدىد 8 ئىلاھىي ئىسىم بىلەن باشلىنىدۇ.

سۈرىنىڭ بىر جەھەتتىن ئىنفاق سۈرىسى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان ئايەت تۆۋەندىكىچە:

إِنَّ الْمُصَّدِّقِينَ وَالْمُصَّدِّقَاتِ وَأَقْرَضُوا اللَّهَ قَرْضًا حَسَنًا يُضَاعَفُ لَهُمْ وَلَهُمْ أَجْرٌ كَرِيمٌ

« ئىمانىغا بولغان ساداقىتىنىڭ بەدىلىنى تۆلىگەن ئەرلەر ۋە ئاياللار بىلەن ﷲ قا قەرزىي ھەسەنە بەرگۈچىلەرگە، ( بۇ ئەمەلى ئۈچۈن ) ھەسسىلەپ (ساۋاب) بېرىلىدۇ، ئۇلارغا زور مۇكاپات (يەنى جەننەت) بېرىلىدۇ » ( 18 ).

سۈرىدە ھەزرىتى نۇھ ۋە ھەزرىتى ئىبراھىم ئالاھىدە بىر سەۋەپ بىلەن تىلغا ئېلىنغان ( 26 ). بۇ سەۋەپ بىلەن، ئۇلارنىڭ نەسلىدىن ھىدايەتكە ئېرىشكەنلەرنىڭمۇ، توغرا يولدىن ئېزىپ كەتكەنلەرنىڭمۇ بارلىقى ئەسكەرتىلىدۇ. بۇ ئايەت، بەلكىم يا رەسۇلۇللاھنىڭ ئىچكى دۇنياسىدىكى ياكى مۇئمىنلەرنىڭ زېھنىدىكى بىر سوئالغا جاۋاپ بولۇپ كەلگەن بولسا كېرەك.

27 – ئايەتتە سۆز مەريەم ئوغلى ئىسا ۋە ئىنجىلغا كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ مۇسۇلمانلارغا ئېنىق ۋە روشەن ھالدا « خىرىستىيانلاشماڭلار! » ئاگاھلاندۇرىشىدۇر. چۈنكى بۇ ئايەت نازىل بولغان مەدىنىدە تىلغا ئالغۇدەك خىرىستىيان نوپۇسى يوق ئىدى، بۇ بىرىنچى سەۋەپ.  ئىككىنجى سەۋەپ، قۇرئاندا پەقەت بۇ يەردىلا « روھبانلىق » ھەققىدە توختالغان بولۇپ، ئاللاھ روھبانلىقنى ئەمىر قىلمىغان. ئۇلار روھبانلىقنى سۈرەتى ھەقتىن ( كۆرنۈشى ھەقىقەت ) بولغان سەۋەپلەر بىلەن ئىجاد قىلغانىدى. نادان، قارا تۈركلەر دىنىنى كەمتۈك ياشايدۇ، ئىلىمسىز سوپىلار دىنغا بىر نەرسىلەرنى قوشۇپ قويىدۇ. نەتىجىدە ھەر ئىككىسىنىڭ قىلغىنى ئوخشاشتۇر.