ھەقسىزلىق ۋە زۇلۇم ئاللاھ نىڭ قازا / قەدەرى ( تەقدىرى ) ئەمەس

 

ئەلبەسرى ئېيتىدۇكى: « ئۇنىڭ ( ئاللاھ نىڭ ) قازايى – قەدەرى  ھەممىگە ئورتاق ياخشىنى، ئادالەتنى، ياخشىلىقنى ئەتراپىدىكىلەر بىلەن ھەمبەھىر بولۇشنى ئەمىر قىلىشتۇر، ھەر خىل ھاياسىزلىقتىن، يامانلىق ئىكەنلىكىدە بارچە ئىنسانىيەت بىرلىككە كەلگەن قىلمىشلاردىن ۋە ھەددىدىن ئېشىپ كېتىشتىن توسىشىدۇر ».

بۇ قۇرلاردا، ھەسەن ئەلبەسرىنىڭ قۇرئانغا ئاساسلانغان قەدەر ئېنىقلىمىسىنى كۆرىمىز. ئۇنىڭ قارىشىچە ئىنساندىن ئىبارەت ئىرادىگە ئىگە مەۋجۇداتلارنىڭ قەدەرى ئاللاھ نىڭ بۇيرۇقلىرى ۋە چەكلىمىسىدۇر. بۇلارغا قۇلاق سېلىپ ئەگىشىش ياكى ئەگەشمەسلىك ئىنساننىڭ ئىختىيارى تاللىشىغا قويۇپ بېرىلگەن. ئەگەر ئىنسان ئاللاھ نىڭ بۇيرۇق ۋە چەكلىمىلىرىگە بويسۇنۇشنى تاللىسا، ئاللاھ نىڭ تەقدىرىگە رازى بولغان بولىدۇ، ئەكسىچە بولغاندا ئاللاھ نىڭ تەقدىرىگە قارشى چىققان بولىدۇ.

بۇ نوقتىدا، ئەلبەسرىنىڭ بۇ تەرىپىنى قۇرئانغا سېلىپ كۆرۈشنىڭ زىيىنى يوق. قۇرئاندا قەدەر ئۇقۇمى قايسى مەنىدە ئىشلىتىلمەكتە؟

قۇرئاندىكى قەدەر ئۇقۇمى، ئىرادە بېرىلگەن بىر مەۋجۇدىيەت بولغان ئىنساننى مەجبۇر ۋە مەھكۇم قىلغان « ھۆكۈم » ۋە « يارىتىش » مەنىسىدە  پەقەت ئىشلىتىلمىگەن. « ئۆلچەم، قىممەت قاراش، قىممەت، مىقدار، مۇددەت » مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان قەدەر كەلىمىسى، قۇرئاندا بارلىق  ۋارىيانتلىرى  بىلەن بىللە ئىشلىتىلگەن. بۇلاردىن 41 تانىسى ئىگىلىك ۋە ئىگىسىز، كۆپلۈك  ۋە بىرلىك، ئۆتۈملۈك ۋە ئۆتۈمسىز پىئىل سۈپىتىدە كەلگەن بولۇپ، ھەر خىل ئالماشلار بىلەن بىرلىكتە ئىشلىتىلىدۇ. ئاللاھ قا، ئىنسانغا ۋە شەيئىلەرگە نىسبەت قىلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا 90  تانىسى ئىسىم ۋە تۈپ پېئىل  بولۇپ كەلگەن. بۇلارمۇ ئاللاھ قا، ئىنسانلارغا ۋە شەيئىلەرگە نىسبەت قىلىنىدۇ. بىراق « قەدەر » مەسىلىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىشلىتىشلەرنىڭ ھېچبىرىدە ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە ئالاقىدار ئىش -ھەرىكەتلەرگە نىسبەت قىلىنمايدۇ. ھەممىسىدە ئىنسان ئىرادىسنىڭ سىرتىدىكى ھادىسىلەر، ئىلمىي يەكۈنلەر ۋە ئەھۋاللار ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.

لەبزى شەكلىدە « قەدەر » كەلىمىسى  قۇرئاندا 11 جايدا تىلغا ئېلىنىدۇ. بۇ كەلىمە ئىشلىتىلگەن ئورۇن ۋە ئىپادىلىگەن مەنالىرى نازىل بولۇش تەرتىپىۋىگە ئاساسەن تۆۋەندىكىچە:

  1. مۇرسەلات سۈرىسى 22 – ئايەت: ئىنساننىڭ ئانا رەھمىدە مەلۇم مەزگىلگىچە ( إِلَى قَدَرٍ) تۇرىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ يەردە قەدەر « مەزگىل، ۋاقىت ئۆلچىمى » مەناسىدا ئىشلىتىلگەن.
  2. تاھا سۈرىسى 40 – ئايەت: ئاللاھ نىڭ ھەزرىتى مۇسانى پەيغەمبەرلىككە تاللاپ كەلىمەتۇللاھ سۈپىتىدە تەقدىرلىگەنلىكى ۋە ئۈستۈن ئورۇنغا قويغانلىقغا دالالەت قىلىدۇ ( عَلَى قَدَرٍ ). پەيغەمبەر تاللاشتا بەندىنىڭ ئىرادىسى رول ئوينىمايدۇ، بۇ يەردە قەدەر « ئاللاھ نىڭ تاللىشى، خالىشى، ھۆكمى » مەنىسىدە ئىشلىتىلگەن.
  3. قەمەر سۈرىسى 49 –  ئايەت: ئاللاھ نىڭ ھەر شەيئىنى ئىلاھى بىر ئۆلچەم ۋە قانۇنىيەت بىلەن ( بِقَدَرٍ ) يارىتىشىغا دالالەت قىلىدۇ. بۇ قەدەرگە ئاساسلانغاندا، ئىرادىسىز مەۋجۇداتلار سۇننەتۇللاھ دەپ ئاتالغان ئىلاھىي قانۇنىيەتلەرگە؛ ئەقىل ۋە ئىرادىگە ئىگە بولغان مەۋجۇداتلار، ئىرادىسى ئارقىلىق قىلغان ھەر قىلمىشىدا تاللاشلىرىغا باغلانغان بولىدۇ. بۇ يەردە قەدەر « ئۆلچەم ۋە قانۇنىيەت » مەنىسىدە ئىشلىتىلگەن.
  4. رەئىد سۈرىسى 17 – ئايەت: ئاسماندىن چۈشكەن سۇنىڭ جىلغىلارنى لىق تولدۇرغانلىقىنى ئۇقتۇرىدۇ ( بِقَدَرِهَا ). بۇ يەردە قەدەر « ئۆلچەم ۋە مىقدار » مەنىسىدە ئىشلىتىلگەن.
  5. ھىجر سۈرىسى 21 – ئايەت: ئاللاھ نىڭ، يەر يۈزىدىكى بارلىق مەۋجۇداتلارنىڭ رىزقىنى تەمىن قىلىشى ۋە پىلانلاش مەنىسىدە، رىزىقنىڭ بەلگىلەنگەن بىر ئۆلچەم / قانۇن – مىزان ( بِقَدَرٍ ) ئاساسىدا  ئاتا قىلىنغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ يەردە قەدەر « ئۆلچەم ۋە قانۇن – مىزان » مەنىسىدە ئىشلىتىلگەن.
  6. مۇئمىنۇن سۈرىسى 18 – ئايەت: ئاللاھ نىڭ ئاسماندىن سۇنى بەلگىلىك بىر قانۇنىيەت ( بِقَدَرٍ )گە ئاساسەن  چۈشۈرگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ يەردە قەدەر « ئۆلچەم ۋە قانۇن – مىزان » مەنىسىدە ئىشلىتىلگەن.
  7. شۇرا سۈرىسى 27 – ئايەت: ئاللاھ نىڭ بەندىلىرىگە بەرگەن رىزقنى بىر ئۆلچەم / قانۇنىيەتكە ئاساسەن ئاتا قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ ( بِقَدَرٍ ). قەدەر، « ئۆلچەم ۋە قانۇنىيەت » مەنىسىدە ئىشلىتىلگەن. زۇخرۇف 33 – ئايەت بۇ ئايەتنى ئىزاھلايدۇ. بۇ ئايەت رىزىقنىڭ « ئىشلەپ تاپقان، قولغا كەلتۈرگەن » دېگەن مەنىدە ئەمەس، « ئاتا قىلىنغان » مەناسىغا مۇناسىۋەتلىكتۇر. بەئەينى « ئاسماندا سىلەرنىڭ رىزقىڭلار بار، سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان ساۋاپ بار » ( 51:22 ) ئايىتىگە ئوخشاش.
  8. زۇخرۇف سۈرىسى 11 – ئايەت: ئاللاھ نىڭ ئاسماندىن سۇنى مەلۇم ئۆلچەم / قانۇنيەتكە  ئاساسەن ( بِقَدَرٍ ). چۈشۈرگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ يەردە قەدەر « ئۆلچەم ۋە قانۇن – مىزان » مەنىسىدە ئىشلىتىلگەن.
  9. بەقەرە سۈرىسى 236 – ئايەت: بۇ ئايەتتە ئىككى قېتىم تىلغا ئېلىنىدۇ. تالاق قىلىنىدىغان ئايالنى ئاچ ۋە سۇسىز كوچىغا تاشلىۋەتمەسلىك ئۈچۈن، ئەرنىڭ كۈچى يەتكەن مىقداردا بەلگىلىك نەپەقە توختۇتۇپ ( قَدَرُهُ )، ئايالغا بېرىشى مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ يەردە قەدەر « كۈچى يەتكەن بىر مىقدار، بەلگىلەنگەن ئۆلچەم » مەنىسىدە ئىشلىتىلگەن.
  10. ئەھزاپ سۈرىسى 38 – ئايەت: ئاللاھ نىڭ بۇيرۇقىنىڭ ئىلاھىي بىر ئۆلچەم ۋە پىلان بويىنچە ( قَدَرًا) ۋۇجۇدقا چىقىدىغانلىقى مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ يەردە قەدەر« ئىلاھى ئۆلچەم ۋە پىلان » مەنىسدە ئىشلىتىلگەن.

قۇرئاندا قەدەر كەلىمىسى لەبزى شەكىلدە ئىشلىتىلگەن بارلىق ئايەتلەر يۇقىرىقىلاردىن ئىبارەتتۇر. بۇ ئايەتلەر ئىچىدىن  ھېچبىرى خۇسۇسەن ئىنسانلارنىڭ ئىرادىسىگە مۇناسىۋەتلىك ئىش – ھەركەتلىرىنى بىلدۈرمەيدۇ. ئاللاھ نىڭ كۇللى قەدەرى بولغان « ئىلاھىي ئۆلچەم »نى بىلدۈرىدىغان تاھا سۈرىسى 40 –  ئايەت ۋە ئەھزاپ سۈرىسى 38 – ئايەتلىرىمۇ، « قەدەر »نى ئىنسان ئىرادىسىگە تەئەللۇق بولغان ھېچبىر ئىش – ھەرىكەتكە نىسبەت قىلمايدۇ. بۇ ئايەتلەرنىڭ ھەممىسى كائىنات، ئىنسان ۋە ھادىسىلەر ئۈچۈن بىر ئۆلچەم ۋە قانۇنىيەت تۇرغۇزۇلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئىلاھىي قەدەر دېگەندە: ھېچبىر شەيئىنىڭ مىزانسىز، ئۆلچەمسىز ۋە پىلانسىز ئەمەسلىكى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. قەدەرگە ئىمان كەلتۈرۈشنىڭ ماھىيتى، ئاللاھ نىڭ ھېچقانداق نەرسىنى مەقسەتسىز ياراتمىغانلىقىغا، ھەر نەرسىنى بىر ئۆلچەم ۋە قانۇنىيەتكە تەئەللۇق قىلغانلىقىغا ئىمان ئېيتىشتۇر.

مەسئۇليىتى پۈتۈنلەي ئىنسانغا تەئەللۇق بولغان ئىختىيارى ئىش – ھەرىكەتلەر كېيىنكى مەزگىلدە، قۇرئانى ماھىيتى يۇقىرىقىدىن ئىبارەت بولغان قەدەر مەسىلىسىنىڭ ئىچىگە كىرگۈزىۋېتىلگەن. بۇ نوقتىدىن قىلىپ ئېيتقاندا، قەدەر ئۇقۇمى مەنا جەھەتتىن ئېغىپ كېتىشكە دۇچ كېلىپ، قۇرئانى مەناسىدىن ئۇزاقلىشىپ كەتكەن. بۇ مەنا جەھەتتىكى ئېغىپ كېتىشىنىڭ تېگىدە، ھىجىريە 1 – ئەسىردە مەيدانغا كەلگەن سىياسىي جەھەتتىن ئەسلى يولدىن چەتنەپ كېتىش ۋە ئىجتىمائىي داۋالغۇشلار ياتماقتا. ئەمەۋى خانىدانلىقىنىڭ زۇلۇملىرىنى يوللۇق كۆرسىتىش ئۈچۈن پىشاڭ ئورنىدا ئىشلىتىلگەن قەدەر چۈشەنچىسىنىڭ بېرىپ توختىغان يېرى، دەل قۇرئانغا قارشى جەڭ ئېلان قىلغان جاھىلىيەت ئەقلىنىڭ قەدەر چۈشەنچىسى ئىدى. ئەسلىدە قۇرئان شىددەت بىلەن رەت قىلغان جاھىلىيەت قەدەر چۈشەنچىسى، رىۋايەت مەدەنىيىتىنى ۋاستە قىلىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئەنئەنىسى ئىچىدە ئۆزىگە بىر كىشىلىك يەر ئېچىشتا مۇۋەپپەق بولغان ۋە ئاخىرقى نەتىجىدە قۇرئانى قەدەر تەسەۋۋۇرىنىڭ ئورنىنى ئىگىلىگەن. جاھىلىيەت قەدەر چۈشەنچىسىنى قۇرئان مۇنداق بايان  قىلىدۇ:

سَيَقُولُ الَّذِينَ أَشْرَكُوا لَوْ شَاءَ اللَّهُ مَا أَشْرَكْنَا وَلَا آَبَاؤُنَا

مۇشرىكلار: « ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى، بىز ۋە ئاتا بوۋىلىرىمىز شىرىك كەلتۈرمەيتتۇق ۋە ھېچنەرسىنى ھارام قىلمايتتۇق » ( ئەنئام، 148 ).

قۇرئان بۇ خىل قەدەر چۈشەنچىسىنى ئاللاھ قا چاپلانغان تۆھمەت دەپ قارىماقتا ۋە بۇ ئايەتنىڭ  ئۆزىدىلا مۇنداق سوئال قويماقتا: « سۆزۈڭلارنىڭ راستلىقىغا پاكىتىڭلار بولسا، بىزگە چىقىرىپ كۆرسىتىڭلار » دېمەكتە ۋە ئارقىدىنلا: « سىلەر پەقەت گۇمانغىلا ئاساسلىنىسىلەر، ئاللاھ قا پەقەت يالغاننى چاپلايسىلەر » (ئەنئام؛ 148) دەپ خىتاپ قىلماقتا.

قۇرئان مۇشرىكلارغا نىسبەت بېرىپ قارشى تۇرغان بۇ ناتوغرا قەدەر چۈشەنچىسىنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكى، ئىنساننىڭ ئۆزى قىلغان قىلمىشلارنىڭ ئەخلاقى مەسئۇليىتىنى گەدىنىگە ئالماسلىقى بولۇپ، بۇنىڭ ئارقا پەردىسىدە ئىرادە ئامانىتىگە خىيانەت قىلىش ياتماقتا. ھالبۇكى ئاللاھ، قۇرئاندا ئەڭ يارقىن تىل بىلەن ئىپادىلىگەن ئايەتلەردىن بىرىدە بايان قىلغاندەك، ئىنساننىڭ ئۆز ئىرادىسى بىلەن قىلغان ئىش –  ھەرىكەتلىرىدە قەدەرىنى / تەقدىرىنى ئۆز تاللىشىغا باغلاپ قويغان. يەنى:

كُلَّ إِنْسَانٍ أَلْزَمْنَاهُ طَائِرَهُ فِي عُنُقِهِ

« بىز ھەر ئىنساننىڭ قەدەرىنى ئۇنىڭ تىرىشچانلىقىغا باغلىق قىلدۇق » (ئىسرا، 13 ).

ئىرادىنى ئىنسانغا قەدەر قىلغان زات ئاللاھ تۇر. ئاللاھ ئىنساننىڭ خالىشىنى خالىمىغان بولسا، ئىنسان خالىيالمايتتى، تاللىيالمايتتى. بىراق ئاللاھ ئىنساننىڭ خالىشىنى خالىغان، بۇ خالىشىنى ئىنسانغا ئىرادە ئاتا قىلىش ئارقىلىق نامايان قىلغان. شۇنداق تۇرۇپ يەنە ئىرادىنىڭ مەسئۇليىتىنى ئىنكار قىلىش، ئەمىليەتتە ئاللاھ نىڭ خالىشىنى رەت قىلىشتۇر. يەنى، ئاللاھ ئىنسانغا بەخش ئەتكەن تاللاشتىن ئىبارەت قەدەرنى ئىنكار قىلغانلىقتۇر.