مۇھەممەد سۈرىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

سۈرە ئىككىنجى ئايەتكە ئاساسەن « مۇھەممەد » ئىسىمى بىلەن ئاتالغان. قۇرئاندا ئالئىمران ( 144 )، ئەھزاپ ( 40 )، فەتىھ ( 25 ) ۋە بۇ سۈرىدىن ئىبارەت تۆت سۈرىدە مۇھەممەد ئىسمى تىلغا ئېلىنغان. مۇھەممەد ئىسمى ئەڭ باشتا بۇ سۈرىدە تىلغا ئېلىنىدۇ. قۇرئاندا يۇنۇس، ھۇد، يۈسۈپ، ئىبراھىم، مەريەم، لوقمان، نۇھ ۋە مۇھەممەدتىن ئىبارەت پەيغەمبەر ۋە سالىھ كىشىلەرنىڭ ئىسىمى بىلەن ئاتالغان سەككىز سۈرە يەر ئالماقتا.

سۈرە، ئۇرۇش قىلىشقا رۇخسەت قىلغان تۇنجى سۈرە بولغانلىقى ئۈچۈن ( 4 ۋە 20 ) « قىتال سۈرىسى » دەپمۇ ئاتالغان.

سۈرە مەدىنىدە نازىل بولغان بولۇپ، بەلكىم ھىجرەتتىن كېيىن نازىل بولغان تۇنجى سۈرە بولىشى مۇمكىن. 13 – ئايەتتە رەسۇلۇللاھنىڭ مەككىدىن مەجبۇرىي چىقىرىپ تاشلانغانلىقى تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، بۇ بىر دەۋرنىڭ ئاخىرلىشىپ يېڭى بىر دەۋرنىڭ باشلانغانلىقىدىن دىرەك بېرىدۇ. سۈرىنىڭ بۇ مەزگىلدىن بۇرۇن ياكى كېيىن نازىل بولغانلىقى ھەققىدىكى قاراشلار توغرا ئەمەس. ئەنفال 67 – 69 – ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان « ئاللاھ ئىلگىرى مۇشۇنداق ئىرادە قىلغان »دىن مەقسەت، بۇ سۈرىنىڭ ئۇرۇشقا رۇخسەت قىلغان ئايەتلىرى بولسا كېرەك.

ئىبن ئابباس تەرتىۋىدە ھەدىد – ئىنسان، باشقا تەرتىپلەردە ھەدىد – رەئىد سۈرىسى ئارىسىدا يەر ئالىدۇ. ھەر ئىككى تەرتىپتىكى ئورنى مۇۋاپىق ئەمەستەك تۇرىدۇ. چۈنكى ئىنسان سۈرىسى مەككىدە، ھەدىد سۈرىسى ھىجرەتنىڭ 5 – يىلىدىن كېيىن مەدىنىدە نازىل بولغان. ھەدىد سۈرىسىنى بەدىردىن، ھەتتا ئوھۇدتىن كېيىن نازىل بولغان دېگۈچىلەرمۇ بار. سۈرىنىڭ دەل ئورنىنى بەلگىلەش بىر ئاز قېيىندەك تۇرىدۇ.

سۈرە ئىلاھىي تەربىيە لاھىيىسى بولغان ۋەھىيگە ئەگەشكەن كىشىلەرگە خوشخەۋەر بېرىش بىلەن باشلىنىدۇ:

« ئىمان ئېيتقانلارنىڭ گۇناھلىرىنى اﷲ ئۆچۈرۈپ تاشلايدۇ، ئۇلارنىڭ چۈشەنچىلىرىنى ئىسلاھ قىلىدۇ ۋە يېڭىدىن شەكىللەندۈرىدۇ » ( 2 ).

سۈرىدە ئاللاھ – ئىنسان مۇناسىۋىتى، ئىنساننىڭ ھەق ۋە مەجبۇرىيىتى دائىرىسىدە بايان قىلىنغان. ھەقىقەتكە قارىتىلغان ھەر خىل قوراللىق – قورالسىز جىسمانىي ھۇجۇم ۋە ئەزىيەتلەرگە قايتۇرما زەربە بېرىش مانا بۇ مەجبۇرىيەتلەردىن بىرى. لېكىن بۇ مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلغاندا، ئىنساننىڭ ئادىمىيلىك ئىززىتىگە لايىق بولمىغان مۇئامىلە، قىلمىشلاردىن يىراق تۇرۇش كېرەك. سۈرىنىڭ تۆتىنجى ئايىتى، ئۇرۇشتا ئەسىر ئېلىنغانلارنى قۇل ياكى دېدەك قىلىۋېلىشنى ئۈستى يېپىق ھالدا مەنئى قىلىدۇ:

  حَتَّى إِذَا أَثْخَنْتُمُوهُمْ فَشُدُّوا الْوَثَاقَ فَإِمَّا مَنًّا بَعْدُ وَإِمَّا فِدَاءً حَتَّى تَضَعَ الْحَرْبُ أَوْزَارَهَا

« نىھايەت باشلانغان ئۇرۇش ئاخىرلاشقىچە بوشىشىپ قالماڭلار، ( ساق قالغانلىرىنى ) ئەسىر ئېلىڭلار، ئاندىن ئۇلارنى ئېھسان قىلىش يۈزىسىدىن قويۇپ بېرىڭلار، ياكى فىدىيە ئېلىپ قويۇپ بېرىڭلاركى، ئۇرۇش ئېغىر ئاقىۋىتى سەۋەپلىك قايتا يۈز بەرمەيدىغان بولسۇن، مۇشۇنداق قىلىڭلار » ( 4 ).

ئۇنىڭدىن كېيىن كەلگەن ئىبارە، ئۇرۇشنىڭمۇ بىر ئېمتىھان ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ:

« ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئەلۋەتتە ( سىلەرنى ئۇرۇشقا تەكلىپ قىلماستىنلا ) ئۇلارنى جازالىغان بولاتتى، لېكىن بەزىڭلارنى بەزىڭلار بىلەن سىناش ئۈچۈن بۇنى ئىرادە قىلدى » ( 4 ).

داۋاسى بولمىغان كىشى ئادەم ئەمەستۇر. قۇرئاننىڭ ئومۇمىي بايانىغا ئاساسەن بۇ يەكۈننى چىقارغىلى بولىدۇ. داۋاسى بولغانلارنىڭ ئەڭ ياخشىلىرى، داۋانىڭ ئەڭ ياخشىسىنى تاللايدۇ. داۋالارنىڭ ئەڭ خەيىرلىك بولغىنى ئاللاھ نىڭ داۋاسىدۇر. چۈنكى ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى ۋە ياخشىلىقنىڭ مەنبەسىدۇر. سۈرىدە، ئاللاھ نىڭ داۋاسىنى ئۆزىگە داۋا قىلغۇچىلارغا مۇنداق خوشخەۋەر بېرىلگەن:

يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آَمَنُوا إِنْ تَنْصُرُوا اللَّهَ يَنْصُرْكُمْ وَيُثَبِّتْ أَقْدَامَكُمْ

« ئى مۇئمىنلەر! سىلەر اﷲ قا (يەنى اﷲ نىڭ دىنىغا) ياردەم بەرسەڭلار، اﷲ سىلەرگە  ياردەم قىلىدۇ ۋە قەدىمىڭلارنى دىندا بەرقارار قىلىدۇ » ( 7 ).

يەر يۈزىدە ئايلىنىپ تۇرغۇچىلارغا، نېمىلەرگە قارىشى كېرەكلىكىگە دائىر قۇرئان يول كۆرسەتمەكتە:

أَفَلَمْ يَسِيرُوا فِي الْأَرْضِ فَيَنْظُرُوا كَيْفَ كَانَ عَاقِبَةُ الَّذِينَ مِنْ قَبْلِهِمْ دَمَّرَ اللَّهُ عَلَيْهِمْ وَلِلْكَافِرِينَ أَمْثَالُهَا

« ئۇلار زېمىندا سەير قىلىپ ئىلگىرىكىلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۈزەتمىدىمۇ؟ اﷲ ئۇلارنى ھالاك قىلدى. كاپىرلارمۇ شۇنداق ئاقىۋەتكە قالىدۇ » ( 10 ).

ھاياتىنى مەنا ۋە مەقسەتتىن ئايرىپ تاشلىغانلار، يەنى ئىلاھىي بىر غايە ۋە داۋاسى بولمىغانلار ھايۋانغا ئوخشايدۇ ( 12 ). ئادەم بولغۇچىنىڭ بىر داۋاسى بولىدۇ، داۋاسى بار كىشى بۇ داۋا يولىدا پۈتۈن كۈچى بىلەن كۆرەش قىلىدۇ ( 20 ). ۋەھىيگە ئىشەنمەيدىغانلار بىلەن دوئىلغا چۈشمەيدۇ، ئۇلارنى ئويلىنىشقا، تەپەككۇر قىلىشقا دەۋەت قىلىدۇ:

أَفَلَا يَتَدَبَّرُونَ الْقُرْآَنَ أَمْ عَلَى قُلُوبٍ أَقْفَالُهَا

« ئۇلار (ھەقنى تونۇش ئۈچۈن) قۇرئان ھەققىدە پىكىر قىلمامدۇ؟ ياكى ئۇلارنىڭ كۆكرەكلىرىدە قۇلۇپلانغان قەلپلەر بارمۇ ؟ » ( 24 ).

ئاللاھ بەندىن تەلەپ قىلىۋاتقان نەرسە ناھايىتى ئېنىق ۋە روشەن:

يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آَمَنُوا أَطِيعُوا اللَّهَ وَأَطِيعُوا الرَّسُولَ وَلَا تُبْطِلُوا أَعْمَالَكُمْ (33) إِنَّ الَّذِينَ كَفَرُوا وَصَدُّوا عَنْ سَبِيلِ اللَّهِ ثُمَّ مَاتُوا وَهُمْ كُفَّارٌ فَلَنْ يَغْفِرَ اللَّهُ لَهُمْ (34)

« ئى مۆمىنلەر! اﷲ قا ئىتائەت قىلىڭلار، پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئەمەللىرىڭلارنى (كۇفرى، نىفاق ۋە رىيا بىلەن) بىكار قىلىۋەتمەڭلار. شۈبھىسىزكى، كاپىر بولغان ۋە (كىشىلەرنى) اﷲ نىڭ يولىدىن توسقانلار، ئاندىن كاپىر پىتى ئۆلگەنلەرنى اﷲ ھەرگىز مەغپىرەت قىلمايدۇ » ( 33- 34 ).

ۋەھىيگە ئەگەشكەن ۋە ئۇ كۆرسەتكەن يولدا ماڭغانلارنىڭ ھامىنى غالىپ كېلىدىغانلىقى خوشخەۋىرىنى بەرگەن ئايەتلەردىن كېيىن، سۈرە تۆۋەندىكى چوڭقۇر مەنىلىك ئاگاھلاندۈرۈش بىلەن ئاخىرلىشىدۇ:

وَاللَّهُ الْغَنِيُّ وَأَنْتُمُ الْفُقَرَاءُ وَإِنْ تَتَوَلَّوْا يَسْتَبْدِلْ قَوْمًا غَيْرَكُمْ ثُمَّ لَا يَكُونُوا أَمْثَالَكُمْ

« اﷲ ھەر نەرسىدىن بىھاجەتتۇر، سىلەر بولساڭلار (اﷲ قا) موھتاجسىلەر، ئەگەر سىلەر (اﷲ نىڭ تائىتىدىن) يۈز ئۆرۈسەڭلار، اﷲ سىلەرنىڭ ئورنۇڭلارغا باشقا بىر قەۋمنى ئالماشتۇرىدۇ، ئۇلار سىلەرگە ئوخشاش ئاللاھ تىن يۈز ئۆرىمەيدۇ » ( 38 ).

يەنى ھەر قانداق بىر مەخلۇق ئاللاھ ئۈچۈن ۋازكېچىلمەس ئەمەس، بىراق ھەممە ئاللاھ قا مۇھتاج، ئۇنىڭدىن ۋازكېچەلمەيدۇ.