ھەسەن ئەلبەسرىنىڭ ئابدۇلمەلىككە يازغان مەكتۇبىنىڭ داۋامى

2 – تېكىسىت

Elbesri cevap2

بىز بۇ چۈشەنچىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولساق، بۇ پەقەت كىشىلەرنىڭ « ئاللاھ نىڭ بەندىلىرىنى ئۆزىگە ئىبادەت قىلىشىغا ئەسلا توسالغۇ بولمايدىغانلىغى »دىن ئبارەت ھەقىقەتنى ئىنكار قىلىشقا باشلىغانلىقى، ئازدۇرغۇچى ھاۋايى – ھەۋەس ۋە چوڭ گۇناھلارغا يۈزلىنىپ، ئاللاھ نىڭ كىتابىنى بۇرمىلىۋەتكەنلىكىدىندۇر. ھالبۇكى، ئاللاھ نىڭ دىنى ھاۋايى – ھەۋەسكە ئاساسلانمايدۇ. جانابى ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: « بۇ ئىش ( ئاللاھ ۋەدە قىلغان ساۋاپ ) سىلەرنىڭ قۇرۇق ئارزۇيىڭلار ۋە ئەھلى كىتاپنىڭ قۇرۇق ئارزۇسى بىلەن قولغا كەلمەيدۇ، كىمكى بىر يامانلىق قىلىدىكەن، بۇنىڭ ئۈچۈن جازالىنىدۇ » ( نىسا، 123). ئاللاھ نىڭ كىتاۋىدىن بىرەر دەلىلگە ئاساسلانمىغان ھەر تۈرلۈك چۈشەنچە بىر زالالەتتۇر. ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: « بۇ ئۇلارنىڭ قۇرۇق ئارزۇسىدۇر، ئەگەر ( سۆزۈڭلاردا ) راسچىل بولساڭلار، دەلىلىڭلارنى كەلتۈرۈڭلار » دېگىن ( بەقەرە، 111 ). يەنە سىلەر خالىغانچە توقۇپ چىقىپ ماڭا نىسبەت قىلغان مەسلىلەردە: « ئۇلار ھەقىقەتنىڭ ئاللاھ قا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئويدۇرۇپ چىقارغان نەرسىلىرى ئۆزلىرىنى ئۇلاردىن چەتكە ئالىدۇ » ( قەسەس 75 ).

ئى مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى! ئاللاھ نىڭ قازا ۋە ھۆكمىنى بىلمەيدىغانلارنىڭ ھاۋايى – ھەۋەسلىرى ۋە چۈشەنچىلىرىنى تاشلاپ، ساڭا ئوقۇپ بېرىلگەن كىتاپنى چۈشۈنۈشكە تىرىشقىن. ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: « ئىلاھىي قانۇن مانا مۇشۇنداق: بىر قەۋم ئۆزلىرىنىڭ ھالىتىنى ( كۇپرى ۋە گۇناھ بىلەن ) ئۆزگەرتمىگىچە، ئاللاھ ئۇلارغا بەرگەن نېئمىتىنى ئۆزگەرتىۋەتمەيدۇ » ( ئەنفال، 53 ). دېمەك نېئمەتنىڭ بېرىلىشى ئۇلۇغ ئاللاھ تىن، نېئمەتنىڭ ئۆزگۈرۈپ كېتىشى، بەندىلەرنىڭ ئۇنىڭ ئەمىرىگە قارشى چىققانلىقى تۈپەيلىدىندۇر. خۇددى ئاللاھ تائالانىڭ « ئاللاھ نىڭ بەرگەن نېئمىتىگە كۇپۇرلۇق قىلغان ۋە ئۆز قەۋمىنى ( ئازدۇرۇش بىلەن ) ھالاكەت مەۋقەسىگە چۈشۈرۈپ قويغانلارنى كۆرمىدىڭلارمۇ؟ » ( ئىبراھىم،  25) ئايىتىدە تىلغا ئالغاندەك، نېئمەت ئاللاھ تىن، ئۇنى ئۆزگەرتىۋېتىش بەندىدىن بولىدۇ. چۈنكى ئۇلار ئاللاھ بۇيرىغان ئەمەللەرنى تەرىك ئەتتى، ھارام قىلغان، قىلماسلىققا تېگىشلىك ئىشلارنى قىلدى.

جانابى ئاللاھ ئېيتىدۇكى: « ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن يامان ئىشلارغا يېقىن كەلمەڭلار » ( ئەنئام، 151 ). ئاللاھ چەكلىگەن ئىشلار ئاللاھ تىن ئەمەس، چۈنكى ئۇ خۇرسەن بولمىغان ئىشلاردىن  [ رازى ] بولمايدۇ. رازى بولغان ئىشلاردىن نارازى بولمايدۇ. چۈنكى جانابى ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: « ئەگەر كاپىر بولساڭلار ئاللاھ سىلەردىن بىھاجەتتۇر، ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ كاپىر بولىشىغا رازى بولمايدۇ، ئەگەر سىلەر شۈكۈر قىلساڭلار، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلغان شۈكرىڭلاردىن رازى بولىدۇ » ( زۇمەر، 7 ). ئەگەر كاپىرلىق ۋە نانكورلۇق ئاللاھ نىڭ قازايى – قەدەرى بولغان بولسا ئىدى، ئۇنى قىلغان كىشىدىن ئاللاھ رازى بولغان بولاتتى. باشتا بەندىسىنى بىر ھۆكۈمگە باغلاپ قويۇپ، ئاندىن بەندىنى مەجبۇر قىلغان ئۇ ھۆكمىدىن رازى بولماسلىق ئاللاھ قا ياراشمايدۇ. ھەقسىزلىق ۋە زۇلۇم ئاللاھ نىڭ قازايى – قەدەرى ئەمەس. ئۇنىڭ قازايى -قەدەرى ھەممىگە ئورتاق بولغان ياخشىلىقنى، ئادالەتنى، ئەتراپىدىكىلەر بىلەن ھەمبەھىر بولۇشنى ئەمىر قىلىشىدۇر. ھەر تۈرلۈك ھاياسىزلىقتىن، يامانلىق ئىكەنلىكىدە بارچە ئىنسانىيەت بىرلىككە كەلگەن قىلمىشلاردىن ۋە ھەددىدىن ئېشىپ كېتىشتىن چەكلىشىدۇر. ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: « پەرۋەردىگارىڭ پەقەت ئۇنىڭ ئۆزىگىلا ئىبادەت قىلىشىڭلارنى ۋە ئاتا – ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىشىڭلارنى بۇيرىيدۇ »  ( ئىسرا، 32 ).