تەۋبە بىلەن ئادەم، ھەسەت بىلەن شەيتان بولۇش

 سۈرىنىڭ 30 – 39 – ئايەتلىرى ئارىسىدا ئادەم – ئىبلىس قىسسىسى بايان قىلىنغان. قىسسىنىڭ باش قەھرىمان بولغان ئادەم گۇناھىنى ئېتىراپ قىلىپ ئادەم بولۇشنىڭ؛ ئىبلىس گۇناھىدا چىڭ تۇرۇپ شەيتان بولۇشنىڭ سىمۋولىدۇر. قىسسىدە ئادەم ۋە شەيتان ئارقىلىق، خاتالىقىنى بىلىش ۋە خاتالىقىدا چىڭ تۇرۇش ئاساسىي تېما قىلىنغان. بۇ قىسسە ئارقىلىق، ئاللاھ ئىنساندىن خاتالىق ئۆتكۈزمەسلىكنى تەلەپ قىلمايۋاتىدۇ. چۈنكى ئادەمنىڭ ئۆتكۈنچى جەننىتىدىمۇ ئېمتىھان قىلىنغان بىر دەرەخ بولغان يەردە، جەننەت بولمىغان دۇنيادا ھايات باشتىن ئاياغ ئېمتىھان « دەرەخلىرى » بىلەن تولۇپ تاشقاندۇر، دېمەكتە. ئادەم، ئىنسانغا؛ يېقىنلىشىش چەكلەنگەن دەرەخ، ئاللاھ ئىنسان ئۈچۈن بەلگىلىگەن چەك – چېگراغا؛ شەيتان، ئىنساننىڭ ئازدۇرغۇچى نەپسى – خاھىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. بۇ قىسسە ئارقىلىق تەۋبە يولىنىڭ ھەر دائىم ئوچۇق ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت خوشخەۋەر بېرىلمەكتە. ئاللاھ ئىنساندىن خاتالىق سادىر قىلماسلىقىنى كۈتمەيدۇ. ئەكسىچە، ئىنساندىن خاتالىقىنى ئېتىراپ قىلىپ، مەغپىرەت تىلەشكە يۈزلىنىشىنى كۈتمەكتە.

سۈرىدە ئادەم – ئىبلىس قىسسىسىدىن كېيىن بەنى ئىسرائىلنىڭ يەھۇدىيلىشىش جەريانى      بايان قىلىنىدۇ. بەنى ئىسرائىلنىڭ يەھۇدىيلىشىش جەريانى بىلەن ئۇنىڭ ئالدىدا تىلغا ئېلىنغان ئادەم – ئىبلىس قىسسىسى ئارىسىدا بىۋاستە بىر مۇناسىۋەت بار. ئىبلىس ئادەمگە قانداق ھەسەت قىلغان بولسا، مەدىنىدىكى يەھۇدىيلارمۇ رەسۇلۇللاھقا شۇنداق ھەسەت قىلغانىدى. ئىبلىس ھەسەت قىلىشىنىڭ سەۋەبىنى « مەن ئۇنىڭدىن ئۈستۈن » دەپ كۆرسەتكەندەك، يەھۇدىيلارمۇ مانا شۇنداق بىر سەۋەپ بىلەن رەسۇلۇللاھقا ھەسەت قىلغانىدى. ئىبلىس ئاللاھ نىڭ رەھمىتىدىن يىراق قىلىنىش بەدىلىگە ئادەمگە سەجدە قىلماسلىقتا چىڭ تۇرغاندەك، يەھۇدىيلارمۇ ئاللاھ نىڭ غەزىپىگە دۇچار بولۇش بەدىلىگە رەسۇلۇللاھقا ئىمان ئېيتمىغانىدى. ئاللاھ، خۇددى ئېلېمېنېتلىق كېلىپ چىقىش جەھەتتىن توپىدىن ياراتقان ئادەمنى، ئوتتىن ياراتقان شەيتاندىن ئۈستۈن تۇتقاندەك، مۇئمىنلەر ئىچىدىن تاللىغان يېتىم مۇھەممەدنىمۇ، ئۆزلىرىنى « تاللانغان مىللەت » ۋە « ئاللاھ نىڭ ئوغۇللىرى ۋە ياخشى كۆرگەن بەندىلىرى » ( تەۋبە، ئاللاھ نى بۇ تۆھمەتلەردىن پاك دەپ بىلىمىز ) دەپ داۋا قىلغان يەھۇدىيلاردىن ئۈستۈن قىلغانىدى.

بەقەرە سۈرىسىنىڭ 8 – ئايىتىدىن باشلىنىپ، ئادەم – ئىبلىس قىسسىسى باشلانغان 30 – ئايەتكىچە بولغان ئارىلىقتا تىلغا ئېلىنغان نىفاق ۋە مۇناپىقلىق مەسىلىسى، ئاساسەن ئادەم – ئىبلىس قىسسىسى ۋە يەھۇدىيلەشكەن بەنى ئىسرائىل قىسسىلىرى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك. بەقەرە سۈرىسىنىڭ بېشىدا تىلغا ئېلىنغان مۇناپىقلارنىڭ، يەھۇدىيلارنىڭ مۇناپىقلىرى بولۇش ئېھتىمالى كۈچلۈك. بىزگىچە يېتىپ كەلگەن نۇزۇل سەۋەبىگە مۇناسىۋەتلىك رىۋايەتلەرمۇ بۇنى تەستىقلايدۇ. چۈنكى بۇ ئايەتلەر نازىل بولغان مەزگىل، ھىجرەتتىن ئۇزۇن ئۆتمىگەن ۋاقىتقا توغرا كېلىدۇ. رەسۇلۇللاھ بىلەن مەدىنىدىكى يەھۇدىي قەبىلىلىرى ئارىسىدا « ۋەسىقە » ئەھدىنامىسى تۈزۈلگەنىدى. بۇ ۋەسىقە بىر خىل « ھۇجۇم قىلىشماسلىق » كېلىشىمى ھېسابلىناتتى. يەھۇدىيلار قاراملىق قىلىپ بۇ ئەھدىنى بۇزۇشنى خالىمايتتى. لېكىن، ساماننىڭ تېگىدىن سۇ يۈگۈرتۈپ، مۇھەممەدى دەۋەتكە قارشى چىقىشتىن يانمىغان بولۇپ، بۇ قىلمىشى دەل مۇناپىقلىق ئىدى.

بەقەرە سۈرىسى، مۇناپىقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بۆلىكى ئارقىلىق بۇ نىفاقنى پاش قىلىدۇ. بەقەرە سۈرىسى يەھۇدىي مۇناپىقلىرىنىڭ ئالدىغا ئادەم – ئىبلىس قىسسىسى ئارقىلىق، يا تەۋبە قىلىپ ئادەمگە ئوخشاش ئادەم بولۇش، ياكى نىفاقلىرىدا چىڭ تۇرۇپ شەيتان بولۇشتىن ئىبارەت ئىككى تاللاشنى قويىدۇ.

سۈرىدە قىسسىلىرى بايان قىلىنغان ئادەم ۋە مۇسا ئارىسىدا ئورتاق بىر نوقتا بار. يەنى، ئادەم ئىلاھى چەكلىمىنى دەپسەندە قىلىپ گۇناھ ئۆتكۈزىدۇ ۋە تەۋەبە قىلىپ يوقۇتۇپ قويغان جەننىتىنى قايتىدىن تاپىدۇ. مۇسا بىر قازا سەۋەبىدىن جىنايەت سادىر قىلىدۇ ۋە تەۋبىسى ئۇنىڭغا بىر « يەدى بەيزا ( نۇرلۇق قول ) » نى بەخش ئېتىدۇ.

 بەقەرە سۈرىسىنىڭ ئاساسىي تېمىسى – يەھۇدىيلەشمەڭلار!

 ئادەم – ئىبلىس قىسسىسى ئاخىرلاشقان 40 – ئايەتتە تۇيۇقسىز شۇ خىتاپ ئالدىمىزغا چىقىدۇ: « ئى بەنى ئىسرائىل! ». بۇ خىتاپ بېرىلگەن ئايەتتە ئۇلارغا قارىتا تۆۋەندىكى ئەسكەرتىش تىلغا ئېلىنغان:

يَا بَنِي إِسْرَائِيلَ اذْكُرُوا نِعْمَتِيَ الَّتِي أَنْعَمْتُ عَلَيْكُمْ وَأَوْفُوا بِعَهْدِي أُوفِ بِعَهْدِكُمْ وَإِيَّايَ فَارْهَبُونِ

« ئى ئسرائىل ئەۋلادى! ئۆز ۋاقتىدا مېنىڭ سىلەرگە بەرگەن نېمىتىمنى ياد ئېتىڭلار، ماڭا بەرگەن ۋەدەڭلارغا ۋاپا قىلىڭلار، مەنمۇ سىلەرگە قىلغان ۋەدەمگە ۋاپا قىلىمەن، مەندىنلا قورقۇڭلار » ( 40 ).

« ئى بەنى ئىسرائىل! » دېگەن خىتاپ بىلەن باشلىغان ۋە قىلغان خاتالىقلىرى بىرمۇ – بىر يۈزىگە سېلىنغان ئايەتلەرنىڭ مۇھاتابلىرى ئۆلۈپ تۈگىگەن، تارىخقا تېما بولغان بەنى ئىسرائىل ئەمەس. دەل ۋەھىي نازىل بولىۋاتقان مەزگىلدە ياشاۋاتقان يەھۇدىيلاردۇر. قۇرئان ھېچقانداق ئېتىراز قىلماستىن، ھېچقانداق ئىزدەنمەستىن ئەجدادلىرىنىڭ ئىزىدىن ماڭغان يەھۇدىيلارنىڭ، ئەجدادلىرىنىڭ خاتالىقىغا ھەمتاۋاق بولغانلىقىنى بايان قىلماقتا. ئۇلارنى، نەچچە ئەسىردىن بۇيان نەسىلدىن نەسىلگە يەتكۈزۈپ كەلگەن خاتالىقلىرىنىڭ باش جىنايەتچىسى دەپ ئەيىپلىمەكتە. ئۇلارمۇ بۇ ئەيىپلەشكە قارىتا ھېچقانداق بىر ئېتىراز بىلدۈرەلمىگەن. تارىخ مەدىنە يەھۇدىيلىرىنىڭ « ئۇلار ئەجدادلىرىمىزنىڭ قىلغان ئىشى ئىدى، بىز شۇ ياكى بۇ نوقتىدا ئۇلارغا قوشۇلمايمىز » دېگەندەك بىر ئېتىرازنى قەيت قىلمىغان.

بۇ بۆلەكتە مۇسۇلمان بەنى ئىسرائىلنىڭ يەھۇدىيلىشىش جەريانى بايان قىلىنىدۇ. بۇ ئارقىلىق، ئى ئۈممەتى مۇھەممەد! يەھۇدىيلىشىش پەقەت ئىبرانى مىللىتىگە خاس ئىللەت ئەمەس. ئەگەر سىلەرمۇ ئۇلارنىڭ قىلغانلىرىنى قىلساڭلار، سىلەرمۇ ئۇلارغا ئوخشاش بولىسىلەر. ئەگەر يەھۇدىيلىشىشنى خالىمىساڭلار، ئۇلارنى يەھۇدىيلەشتۈرگەن خۇسۇسلاردىن ھەزەر ئەيلەڭلار، دېيىلمەكتە.

بۇ خۇسۇسلارنى، بەقەرە سۈرىسىنىڭ 40 – ئايىتىدىن باشلاپ، 116 – ئايىت ۋە داۋامىدىكى بۆلەكتە يىغىنچاقلىغان نوقتىلار تۆۋەندىكىچە:

  1. ئاللاھ قا بەرگەن ۋەدىسىدە تۇرمىدى، ھەر قېتىم ۋەدىسىدىن يېنىۋالدى ( 40، 64 ).
  2. ئاللاھ نىڭ ئايەتلىرىنى دۇنيالىق مەنپەئەتكە تېگىشىۋەتتى، دىننى مۇراسىمغا ئايلاندۇرۇپ، شەكىلگە مەھكۇم قىلىپ قويدى ( 41، 177 ).
  3. ھەقنى باتىل بىلەن ئارىلاشتۇرىۋەتتى ( 42 ).
  4. ئىبادەتلەرنى ئەسلى مەقسىتىدىن يىراقلاشتۇرۇپ، بۇرمىلىۋەتتى ( 43 ).
  5. ئېرىشكەنلىرىنى تەڭ بەھرىمان بولۇشقا بۇيرۇلغان بولسىمۇ، بۇنىڭغا ئەمەل قىلمىدى ( 43 ).
  6. ئاللاھ نىڭ ئەمرىگە بويسۇنمىدى، چەكلىمىلىرىنى دەپسەندە قىلدى ( 43، 65 ).
  7. باشقىلارغا پەزىلەتلىك بولۇشنى تەۋسىيە قىلىپ، ئۆزلىرى تەرك قىلدى ( 44 ).
  8. ئەقلىنى ئىشلەتمىدى ( 44 ).
  9. ئاللاھ بەرگەن نېمەتلەرگە قارىتا تۇزكورلۇق قىلدى ( 47 ).
  10. ئاللاھ نىڭ نەزرىدە ئالاھىدە ئورنى بارلىقى خاتا چۈشەنچىسى بىلىن غەپلەتكە چۈمدى ( 48، 80 ).
  11. دۈشمەنلىرىگە، ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىغا رىشتە باغلىغىدەك دەرىجىدە ھەۋەس قىلىشتى ( 54، 92 ).
  12. ئاللاھ نى ياردىمى ۋە مۆجىزىلىرى بىلەن كۆرۈپ تۇرۇپمۇ، بۇنىڭغا قانائەت قىلماستىن، كۆزى بىلەن كۆرمەكچى بولدى ( 55 ).
  13. مەن ۋە سەلۋا قاتارلىق نېمەتلەرگە تۇزكورلۇق قىلىپ، ئۆز نەپسىگە زۇلۇم قىلدى ( 57 ).
  14. ھەقىقەتنى كەلىمىلەرگە، كەلىمىلەرنى سۆز ئوينىغا قۇربان قىلىۋەتكەنىدى ( 59 ).
  15. ياشىغان ماكانلاردا دائىم پاسات، ئۇرۇش، مالىمانچىلىق ۋە پىتنە تېرىپ تۇرغان ( 60 ).
  16. ئىمان ۋە ھۆرلۈكنى، پىياز ۋە سامساققا ساتىدىغان دەرىجىدە قارنىغا دۈم چۈشكەنىدى ( 61 ).
  17. ئاللاھ مۇسىبەتلەر ۋە نېمەتلەر ئارقىلىق بەرگەن بىشارەتلىرىگە كۆزىنى يۇمۇۋالغان، ئىنكار قىلىش پوزىتسىيىسىدە بولغانىدى ( 61 ).
  18. ئۆزلىرىگە ھەقنى يەتكۈزگەن پەيغەمبەرلەرنى يالغانغا چىقارغان، ھاقارەتلىگەن، ئەزىيەت يەتكۈزگەن، ئۆلتۈرگەنىدى ( 61، 87 ).
  19. ئىلاھىي ئەمىرلەرنى مەقسەتلىرىگە ئاساسەن ئادا قىلىشنىڭ ئورنىغا، تەپسىلاتلىرى بىلەن ئاۋارە بولۇپ، ئۆزىگە قېيىنلاشتۇرىۋالغانىدى ( 67 – 74 ).
  20. ئادالەتنى ھەممە كىشىگە ئوخشاش ئىجرا قىلىشنىڭ ئورنىغا، كىشىگە قاراپ مۇئامىلە قىلغانىدى ( 72، 178 ).
  21. ئاللاھ نىڭ كالامىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئۆزگەرتىۋەتكەنىدى ( 75 ).
  22. مۇناپىقلىقنى دىنغا ئايلاندۇرىۋالغان ( 76 ).
  23. ئاللاھ نىڭ كىتابىنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ، ئۆزلىرى يېزىۋالغان كىتاپلارنى ئاللاھ نىڭ كىتابىدىن ئۈستۈن تۇتقان ۋە ئاللاھ نىڭ كىتابىغا قىلىشقا تېگىشلىك مۇئامىلىنى بۇ كىتاپلارغا كۆرسەتكەن ( 79 ).
  24. ئىچكى ئىختىلاپنى تەپرىقىغە، تەپرىقىنى قان داۋاسىغا ئايلاندۇرۇپ، بىر – بىرىنىڭ كىكىردىكىنى سىققان ( 84 ).
  25. دوستلىرىغا دۈشمەندەك مۇئامىلە قىلىپ، نەپرەتلىرىنى ئۆز كىشىلىرىنىڭ ئۈستىگە ياغدۇرغانىدى ( 85 ).
  26. ئۆزلىرىنىڭ ئېتىقادى ئاساسلىرىنى تەستىقلىغان بىر ۋەھىي كەلگەندە، ئېرىقچىلىق قىلىپ ئۇنى ئىنكار قىلدى ( 89، 91 ).
  27. ھەقىقەتنى قىزغاندى، ئۆزلىرىگە كەلمىگەن ھەقىقەتكە دۈشمەن بولدى ( 90 ).
  28. شەخسىيىتىنى ساتتى ( 90، 102 ).
  29. « ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلغانغا ئىمان ئېيتىڭلار » دېيىلگەندە، « بىز پەقەت ئۆزىمىزگە نازىل قىلىنغانغا ئىشىنىمىز » دېيىشتى ( 91 ).
  30. ۋەھىينى ھاياتىڭلارغا تەدبىقلاڭلار دېيىلگەندە، تاشقى جەھەتتىن ئىتائەت قىلغاندەك كۆرۈنۈپ، قەلبى جەھەتتىن قارشى چىقتىلار ( 93 ).
  31. باشتا ئېتىقادى بۇزۇلدى، ئاندىن ئەمەللىرى بۇزۇلدى ( 93 ).
  32. ئاخىرەتتە ئۆزلىرىگە ئالاھىدە مۇئامىلە قىلىنىدىغانلىقى خام خىيالىغا پاتتى ( 94 ).
  33. دۇنياغا بېرىلىپ كېتىشتى، دۇنيا ھاياتىغا ھەددىدىن زىيادە بىر رىشتە بىلەن باغلاندى ( 96 ).
  34. پەقەت ئۆزى ئىچىدىن چىقمىغان ھەزرىتى مۇھەممەدكىلا ئەمەس، ھەتتا ئۇنىڭغا ۋەھىي ئېلىپ كەلگەن جىبرىئىلغىمۇ دۈشمەن بولۇشتى ( 98 ).
  35. ھەزرىتى مۇساغا كەلگەن ۋەھىينىڭ ئەڭ يېڭى شەكلى بولغان قۇرئان ۋەھىيدىن يۈز ئۆرىدى ( 101 ).
  36. پەيغەمبەرلىرىگە ۋە ياخشىلارغا قارىتا تارىخ بويىنچە ھەر خىل تەشكىللىك ھىيلە – نەيرەڭ، توزاق، سۈيقەست، سېھىر ۋە ئەپسۇن قىلىش بىلەن ئاۋارە بولدى ( 102 ).
  37. كەلىمىلەرنى ئۆزگەرتىۋەتتى، سۆزنى ئۇياققا ئۆرۈپ، بۇ ياققا چۆرۈپ، تىلنى بۇزۇپ تاشلىدى ( 104 ).
  38. قۇۋلۇق قىلغان بولسىمۇ، ئىماننى بېرىپ ئورنىغا كۇپۇرنى سېتىۋالغانىدى ( 108 ).
  39. ئۆزلىرى ئىنكار قىلىش بىلەن كۇپايىلىنىپ قالماي، يەنە مۇئمىنلەرنىمۇ ئازدۇرۇشقا ئۇرۇنغانىدى ( 109 ).
  40. يەھۇدىي بولمىغانلار جەننەتكە كىرەلمەيدۇ دېگەن سەپسەتىسى بىلەن، ھەقىقەتكە مەنسۇپ بولۇشنىڭ ئورنىغا، جامائەتكە مەنسۇپ بولۇشنىڭ ھەقىقەتنىڭ ئۆلچىمى قىلىۋالدى ( 111 ).