خىلاپەت ۋە سەلتەنەت ( داۋامى )

رەسۇلۇللاھنىڭ ئادالەتنىڭ ئۈستۈنلىكى ھەققىدىكى ئىنچىكىلىكى ھەققىدە توختۇلۇپ ئۆتكەن ئىدۇق. ئۇنىڭ ئىزىدىن ماڭغان خۇلافائىي راشىدىنلارمۇ بۇ نوقتىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇنىڭ دەپسەندە قىلىنىشىغا يول قويمىغانىدى.

بۇ ھەقتە ئىمام ئەبۇ يۈسۈپنىڭ « كىتابۇل ھاراج » ناملىق ئەسىرىدە تولىمۇ مەنىلىك بىر مىسال نەقىل قىلىنغان:

ھەزرىتى ئۆمەر ھەج مەۋسۈمىدە ھەجگە يىغىلغان ۋالىيلىرىنى يىغىپ مۇنداق دەيدۇ:

« ئى ئىنسانلار! ۋالىيلىرىمىزنى سىلەرگە ئادالەت بىلەن مۇئامىلە قىلسۇن دەپ ئەۋەتتىم. ئۇلارنى سىلەرنىڭ قېنىڭلارغا، تېنىڭلارغا ، مېلىڭلارغا چېقىلسۇن دەپ ئەۋەتمىدىم. كىمنىڭ ھەققى دەپسەندە قىلىنغان بولسا ئورنىدىن تۇرسۇن! ».

ئۇ كۈنى بىرسى ئورنىدىن تۇردى ۋە دېدىكى:

– سېنىڭ ۋالىيىڭ مېنى يۈز قامچا ئۇردى. ئۆمەر:

– ئۇنى تېپىپ، ئالدىمغا ئېلىپ كەل. مەنمۇ ئۇنى يۈز قامچا ئۇرىمەن، دېدى.

ئامر بىن ئاس ئورنىدىن تۇردى ۋە ئۆزىنى مۇنداق ئاقلىدى:

– ئى مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى، سېنىڭ ۋالىيلارغا قارىتا بۇنداق مۇئامىلە قىلىشىڭ، كېيىنچە بىر ئادەتكە ئايلىنىپ قالىدۇ ۋە ۋالىيلارغا ئېغىر كېلىدىغان بولۇپ قالىدۇ.

– ئاللاھ قا مەدھىيەلەر بولسۇنكى، رەسۇلۇللاھنىڭ ئۆز – ئۆزىگە ھەد قويغانلىقىنى كۆردۈم. ئۇنىڭغا ئېغىر كەلمەيدىغان ئىش، ئامىرلارغا ئېغىر كېلەمدىكەن؟ دېدى ۋە دەۋاگەرگە قاراپ: ئورنۇڭدىن تۇر ۋە قىساسىڭنى ئال! دېدى.

– ئۇنداقتا بولدى قىل، ئۇنى رازى قىلايلى.

– بۇ ئىككىڭلارنىڭ ئارىسدىكى ئىش.

داۋاگەرنى ھەر قامچىغا 2 دىنار ئالتۇن تۆلەم بېرىش ئارقىلىق رازى قىلغان بولدى ( ئەلقازى ئەبۇ يۈسۈپ، « كىتابۇل ھاراج »،  116 – بەت ).

راشىد خەلىپىلەر بۇ ئەستايىدىللىقنى جاھىلىيەت ئەسەبىيىتى (قەبىلەۋازلىق/تەرەپبازلىق) نىڭ قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ چىقماسلىقى ئۈچۈنمۇ كۆرسەتكەنىدى. چۈنكى، رەسۇلۇللاھ رەت قىلغان « جاھالەت ئەسەبىيىتى » يېڭى مۇسۇلمان بولغانلارنىڭ زېھنىدىن تېخى تامامەن تازىلانمىغان بولۇپ، بۇ خىل ئەسەبىيەت چۈشەنچىسى ھەر قانداق بىر يەردە پۇرسەت تاپسىلا، زېھىندىن ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلىنىپ ئۆزىنى كۆرسىتىدىغان ھالەتتە ئىدى.

ئەسەبىيەت ئۇلارنى غەلىتە مۇئامىلىلەرگە مۇپتىلا قىلاتتى. رەسۇلۇللاھ ۋە راشىد خەلىپە زامانىدا مۇسۇلمانلارغا جەڭ ئېلان قىلغان قەبىلىلەر « ئۇلۇسچىلىق » يەنى « قەبىلەۋازلىق » شەنىگە جەڭ قىلىشاتتى. ئۆز دەۋرىنىڭ « قەبىلەۋاز » ئەرەپلىرىنىڭ ئەپسانىۋى داھىيسى ئەبۇ جەھىل ئىدى. چۈنكى، ئەبۇ جەھىلنىڭ رەسۇلۇللاھقا قارشى قىلغان كۆرىشىنىڭ ھەل قىلغۇچ ئامىلى « دىنىنى ھىمايە قىلىش قايغۇسى » ئەمەس « قەبىلەۋازلىق » ئىدى.

بۇ ھەقتە بەيھەقى رىۋايەت قىلغان تۆۋەندىكى نەقىل كىشىنى ئويغا سالىدۇ:

– ئى ئەبەل ھەكەم! ئەمدى ئاللاھ قا ۋە رەسۇلىغا قايتقىن. سېنى ئاللاھ قا ئىمان ئېيتىشقا تەكلىپ قىلىمەن، دېدى. ئەبۇ جەھىل:

– ئى مۇھەممەد! ئىلاھلىرىمىزنى چۈشۈرىدىغان ئىشتىن قولۇڭنى تارتامسەن؟ سەن پەقەت يەتكۈزگەنلىرىڭگىلا ئىشىنىشىمىزنى تەلەپ قىلامسەن؟ ئۇنداقتا، بىزمۇ سېنىڭ يەتكۈزگەنلىرىڭگە شاھىت بولدۇق. ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سۆزلىگەنلىرىڭنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى بىلسەم، ساڭا ئەگىشەتتىم، – دېدى.

رەسۇلۇللاھ كەتتى. بۇ ئەسنادا ھەزرىتى ئەلى چىقىپ كەلدى. ئەبۇ جەھىل:

ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئۇنىڭ ئېيتقانلىرىنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى بىلىمەن. پەقەت ماڭا توسالغۇ بولغان بىر ئىش بار. قۇسەي ئوغۇللىرى ھىجابە ( كەبە يوپۇقى ) بىزدە، سىكايە ( ھاجىلارنى سۇ بىلەن تەمىنلەش ) بىزدە، لىۋا ( بايراق ) بىزدە دېيىشىدۇ. بۇلارنى قوبۇل قىلىمىز. ئۇلار يېگۈزۈپ – ئىچكۈزگەن بولسا، بىزمۇ قىلدۇق. ئۇلار نېمە ئىش قىلسا، بىز تېخىمۇ ئاشۇرۇپ قىلىشقا تىرىشتۇق. بۇ قېتىم ئۇلار « پەيغەمبەر »مۇ بىزدىن چىقتى دەۋاتىدۇ. مانا بۇنىڭغا چىدىيالمايمەن، – دېدى.

» قەبىلەۋاز »، ئەبۇ جەھىلنىڭ نەسەببازلىققا تايانغان دۈشمەنلىكى ئۇنىڭغا ئەبەدىي ئازاپتىن باشقا بىر نەرسە ئېلىپ كېلەلمىدى. رەسۇلۇللاھ ئىنسانلار بىلەن خەلقنىڭ ئارىسىدا يامرىغان بۇ تۇيغۇنى شىددەت بىلەن لەنەتلىدى، قارشى تۇردى ۋە يوقۇتۇشقا تىرىشتى. راشىد خەلىپىلەرمۇ ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلدى.

ئەرەپلەر ئارىسىدىكى « ئەسەبىيەت » تۇيغۇسىنىڭ ئۇلارنى قانداق ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويغانلىقىنى تابارى مۇنداق نەقىل قىلىدۇ: تەلھا ئەننەمرى ئىسىملىك بىرسىنىڭ مۇسەيلىمە بىلەن ئېلىپ بارغان دېيالوگى مۇنداق:

– سەن مۇسەيلىمەمۇ؟

– شۇنداق.

– سېنى كىم ئەۋەتتى؟

– راھمان.

– يورۇقلۇقتا كەلدىڭمۇ قاراڭغۇلۇقتىمۇ؟

– قاراڭغۇلۇقتا.

ئادەم مۇسەيلىمەنىڭ يۈزىگە قاراپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى:

– مەن شاھادەت ئېتىمەنكى، سەن يالغانچىسەن ۋە مۇھەممەد ھەقتۇر. لېكىن بىزگە رەبىئا ( قەبىلىسى ) نىڭ يالغانچىسى مۇدار ( قەبىلىسى )نىڭ سادىقلىرىدىن تېخىمۇ سۆيۈملۈكتۇر ( تابارى، تارىخ، 3 – جىلد، 286 ).

ئادەمنىڭ رەسۇلۇللاھنىڭ راست پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان تۇرۇپ، « قەبىلەۋازلىق » قىلىپ، مۇسەيلىمە بىلەن بىرلىكتە ئىسلام قوشۇنىغا قارشى ئۇرۇش قىلىپ مۇسەيلىمە بىلەن بىرگە ئۆلىشى، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ.

ھەزرىتى ئەبۇ بەكىرنىڭ خىلافەتلىكى ۋاقتىدا، بۇ خىل كۈلگە ئايلانغان تۇيغۇلارنى بەزىلەر تەرىپىدىن پۈۋدىلىپ ئۇچقۇنغا ئايلاندۇرۇش مەقسىتى بىلەن، ھەزرىتى ئەلىگە خەلىپىلىكنى زورلۇق بىلەن ئېلىشقا كۈشكەرتكىنىدە، ئۇ:

» سىلەرنىڭ بۇ ھەرىكىتىڭلار ئىسلامغا ۋە مۇسۇلمانلارغا تالاپەت ئېلىپ كېلىدۇ » دەپ تەكلىپنى رەت قىلىدۇ ( A.G.E, V / 330 ).

دەسلەپكى ئىككى خەلىپە بۇ مەسىلىگە شۇنداق ئەستايىدىللىق بىلەن مۇئامىلە قىلدىكى، ئۆز قەبىلە ۋە ئائىلەسىدىن ھېچكىمگە ھوقوق تۇتقۇزمىدى. ھەزرىتى ئۆمەر ئۆزىدىن كېيىن خەلىپە بولىشى ئېھتىمالى بولغانلارنى يېنىغا چاقىرىپ، ئۇلارغا ئۆزى مەنسۇپ بولغان قەبىلە ئەزالىرىغا ئىمتىيازلىق مۇئامىلىدە بولماسلىقى ھەققىدە نەسىھەت قىلغانىدى. بىر قېتىم، ھەزرىتى ئۆمەر سەكراتتىكى ۋاقتىدا، ئۆزىدىن كېيىن رەسۇلۇللاھ چەكلىگەن ئەسەبىيەتنىڭ قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ چىقىشىدىن ئەنسىرەپ، ھەزرىتى ئوسمان، ھەزرىتى ئەلى، ھەزرىتى سائاد بىن ئەبى ۋاققاسنى چاقىرىپ ھەر بىرىگە مۇنداق ۋەسىيەت قىلدى:

– ئى ئەلى، ئەگەر ئىنسانلارغا يېتەكچى بولۇش مەسئۇلىيىتى سېنىڭ زىممەڭگە ئارتىلسا، بەنى ھاشىمى ( ئۆز قەبىلەڭ ) دىكى كىشىلەرنى ئىنسانلارغا مەسئۇل قىلىپ قويۇشتىن ھەزەر ئەيلە!

– ئى ئوسمان، ئەگەر ئاۋامنى سەن باشقۇرىدىغان بولۇپ قالساڭ، ئەبۇ مۇئايت ئوغۇللىرىنى ئىنسانلارغا مەسئۇل قىلىپ قويۇشتىن ئۆزەڭنى تارتقىن!

– ئى ساد، ئەگەر باشقۇرۇشنى سەن قولۇڭغا ئالساڭ، تۇققانلىرىڭنى ئىنسانلارنىڭ بېشىغا باشلىق قىلىپ قويۇشتىن ھەزەر ئەيلە!

– قېنى تۇرۇڭلار ۋە مەسلىھەت قىلىڭلار. ئاندىن مەسئۇلىيىتىڭلارنى ئادا قىلىڭلار. كىشىلەرگە نامازنى سۇھەيب ئوقۇپ بەرسۇن ( A.G.E, IV / 192 ).

بۇ مەسىلىدىكى توغرا بولغان ئەندىشە ۋە يىراقنى كۆرەرلىكنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان تۆۋەندىكى رىۋايەت، كېيىنكى ۋەقەلەرنىڭ چۈشۈنۈشلىك بولىشى ئۈچۈن پايدىلىق بولىشى مۇمكىن:

ھەزرىتى ئۆمەر، ئابدۇللاھ بىن ئابباس ۋە ھەزرىتى ئوسمان يېنىدا بولغان بىر كۈنى مۇنداق دېگەن ئىدى:

« ئەگەر مەندىن كېيىن قايسى بېرىڭلار ئورنىمغا كەلسەڭلار، قاتتىق دىققەت قىلىڭلار. بەنى مۇئايتى ( ئۇمەييە ئوغۇللىرى ) ۋە قەبىلە ئەزالىرىنى خەلقنىڭ گەدىنىگە مۇسەللەت قىلماڭلار. بۇلار بىر قېتىم خەلققە مۇسەللەت بولدىمۇ، ئاللاھ قا قارشى ئىتائەتسىزلىك يولىغا مېڭىشى مۇمكىن. قەسەم قىلىمەنكى، مەن بۇنى ئېيتمىسام، ئوسمان مۇشۇنداق قىلىپ سېلىشى مۇمكىن. ئوسمان مۇشۇنداق قىلىپ سالسىلا، بۇلار ‏خالاپ – خالىماي گۇناھ يولىنى تۇتىدۇ. خەلقمۇ قوزغىلىدۇ ۋە ئوسماننىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەپ بولىدۇ »  ( ئىبنۇ ئابدىل بەررىنىڭ « ئەل ئىستىئاب » ناملىق ئەسىرىدە نەقىل قىلىنغان بۇ رىۋايەت ۋە بۇنىڭ باشقا ۋارىيانتلىرىدىن، ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ « خەلىپىلىك » ماقامى ھەققىدە ئۇمەييە ئوغۇللىرىغا قارشى ئىھتىياتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىنغانلىقى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. بۇ نوقتىدا، بۇ شەخس ( يەنى ھەزرىتى ئۆمەر )نىڭ ئىھتىياتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلغان قەبىلىگە مەنسۇپ مۇئاۋىيە بىن ئەبى سۇفياننى، شام ۋالىيلىقىغا تەيىنلىشى كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. شۇنداقتىمۇ، بۇ يەردە ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ ۋالىيلىرى ئۈستىدىكى قاتتىق تەپتىشىنى ئەسلىتىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ. ھەزرىتى ئەلىنىڭ بىر ۋەسىلە بىلەن ھەزرىتى ئوسمانغا ئېيىتقىنىدەك « ئۆمەرنىڭ قۇلى، مۇئاۋىيە ئۆمەردىن قورققاندەك قورقمايتتى » ).

رەسۇلۇللاھنىڭ « ئۇ سۆزلەتكۈزۈلگەنلەردىن » دېگىنىدەك، ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ يىراقنى كۆرۈرمەنلىكىگە ھەيرانۇھەس بولماسلىق ئىلكىمىزدە ئەمەس.

ھەزرىتى ئوسماننىڭ خەلىپىلىكى بىلەن ۋەقەلەر باشقىچە بىر يولغا كىرىپ قالدى. ھەزرىتى ئوسمان يېقىن تۇققانلىرىنى مۇھىم ئورۇنلاردا ھوقۇق تۇتقۇزۇشقا باشلىغاندا، ئالدىنقى ئىككى خەلىپىنىڭ بۇ جەھەتتىكى مۇئامىلىسى بىلەن  ئۆزىنىڭ تۇتقان يولى ئارىسىدىكى پەرىقنى مۇنداق ئىزاھلىغان ئىدى:

« ئەبۇ بەكىر ۋە ئۆمەر، بەيتۇلمال ھەققىدە، ھەم ئۆزلىرىنى ھەمدە تۇققانلىرىنى قېيىنچىلىقتا قويدى. ئەمما مەن سىلەئى – رەھىمنى تاللايمەن » ( ئىبنۇل ئەسىر، ئەلكامىل،III / 48 – 49 ؛ ئىبنن ساد، تاباقات، III / 64 )

سىلەئى – رەھىم توغرىسىدا تولىمۇ ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلغان ھەزرىتى ئوسمان، خەلىپە بولغاندىن كېيىن ئالدىنقى ئىككى خەلىپىنىڭ سىياسىتىنىڭ ئەكسىچە يېقىنلىرىنى يېنىغا تارتتى. مەسىلەن مەرۋان بىن ھەكەمگە ئافرىقىدىن كەلگەن غەنىمەت ماللىرىنىڭ خۇمۇسى ( بەشتەن بىرى ) بولغان 500 مىڭ دىنارنى ھەدىيە قىلغان ئىدى. ھەزرىتى ئوسماننىڭ ئۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ ئافرىقىدىن كەلگەن تۇنجى خۇمۇسىنى ئىبنى ئەبىي سارھقا بەرگەنلىكىنى داڭلىق تارىخىچى ئىبنى جەرىر نەقىل قىلىدۇ. ھەزرىتى ئوسمان بۇ سەۋەپتىن ساھابىلەرنىڭ نارازلىقىنى قوزغىمىغان ئىدى. يېقىنلىرىنى دۆلەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئاپپاراتلىرىغا تەيىنلىشى، ساھابىلەر ئارىسىدا نارازلىقنىڭ پەيدا بولىشىغا سەۋەپ بولغان ئىدى. ساد بىن ئەبى ۋاققاسنى كۈفە ۋالىيلىقىدىن ئېلىپ تاشلاپ، ئورنىغا ئانا بىر قېرىندىشى بولغان ئۇقبە بىن ئەبى مۇئايتنى، ئۇنىڭدىن كېيىن باشقا بىر تۇققىنى بولغان ساد بىن ئاسنى ۋالىي قىلغان ئىدى.

بۇنىڭدىن باشقا، ئەبۇ مۇسا ئەلئەشئەرىنى باسرا ۋالىيلىقىدىن ئېلىپ تاشلاپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئانا بىر قېرىندىشى بولغان ئابدۇللاھ بىن ئامىرنى ۋالىي قىلىپ تەيىنلدى. مىسىر ۋالىيلىقىغا ھەزرىتى ئامر بىن ئاسنىڭ ئورنىغا ئۆزىنىڭ سۈت قېرىندىشى بولغان ئىبن ئەبى سارھنى ۋالىي قىلىپ ئەۋەتتى. ھەزرىتى ئۆمەر دەۋرىدە مۇئاۋىيە پەقەتلا شام ۋىلايىتىگە قارايتتى. ھەزرىتى ئوسمان ئۇنىڭ ھوقۇق دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، خۇمۇس، پەلەستىن، ئىئوردانىيە ۋە لىۋانلارنىمۇ ئۇنىڭغا بەردى.

بۇ تەيىنلەشلەر خەلقنىڭ نەزرىدە سەلىبي تەسىر پەيدا قىلغانىدى. پەقەت خەلقلا ئەمەس، ساھابىلەرنىڭ مۆتىۋەرلىرىمۇ كۆڭۈل غەشلىكلىرىنى پۇرسەت تاپسىلا تىلغا ئېلىپ تۇراتتى. كۇفە ۋالىيلىقىغا تەيىنلەنگەن ۋەلىد بىن ئۇقبە ۋە سابىق ۋالىي ساد بىن ئەبى ۋاققاس  ئارىسىدا بولۇپ ئۆتكەن تۆۋەندىكى دىئالوگ « تۇلەقا »  بىلەن « سابىقۇن » ئارىسىدىكى سىياسەت پەلسەپىسىنىڭ نە قەدەر پەرقلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىش جەھەتتىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە:

– بىزدىن كېيىن بۇ مەملىكەتنى سەن تېخىمۇ بەلەن ئىدارە قىلامسەن؟ ئەجەبا سەن، بىزدىن تېخىمۇ ئەقىللىق ۋە تېخىمۇ بىلىملىكمۇ؟ ياكى بىز سەندىنمۇ بەك قاراقوساق ياكى ئەخمەق ئىنسانلارمۇ؟

– ئى ئەبۇ ئىسھاق ( ساد بىن ئەبۇ ۋاققاس ) ئەندىشە قىلما، بۇ بىر سەلتەنەتتۇر. ئەتتىگىنى بۇ سەلتەنەتنىڭ تەمىنى باشقا بىرى تېتىيدۇ، ئاخشامدا باشقا بىرى.

– سىلەرگە بۇ سەلتەنەتنىڭ تەمىنى تېتىتقاننىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلىمىز ( ئىبنۇ ئابدىل بەررى، « ئەل ئىستىئاب »، III / 596 ).

مەزكۇر مەنبەدە بۇ تۈر نارازلىق قىلغانلارنىڭ بەك كۆپ ئىكەنلىكىنى، ئىبن مەسئۇدنىڭمۇ شۇلاردىن بىرى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.

بۇ نارازلىقنىڭ تېگىدە ياتقان ئاساسلىق سەۋەپ، ھەزرىتى ئوسماننىڭ تۇققانلىرىنى ھاكىمىيەت بېشىغا كەلتۈرىشىلا بولىشى ناتايىن. بۇنىڭ ئۆزىلا ئۇنچە كۆپ ئىنسانلارنىڭ قوزغىلىپ كېتىشىنى ئىزاھلاپ بېرەلمەيدۇ. بىزنىڭچە ئەسلى سەۋەپ، ئىدارى ئورگانلاردا ھوقوق تۇتقان بۇكىشىلەرنىڭ ساھابە ۋە خەلقنىڭ نەزرىدىكى ئەھۋالى ۋە سادىر قىلغان خاتالىقلىرى ئىدى.

بۇ مەسىلىنىڭ تېخىمۇ ياخشى چۈشۈنۈشلۈك بولىشى ئۈچۈن بۇ ئىسىملەردىن بىر قانچىسىنىڭ تەرجىمىھالىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ.