سەلەفنىڭ قەدەر چۈشەنچىسى

 

ئىمام ئەل بەسرى، ئابدۇلمەلىكنىڭ ئۈستى يېپىق تەھدىتىگە سۈكۈت قىلمىغان ھەمدە دەرھال جاۋاپ قايتۇرۇپ، رىسالىنىڭ بېشىدىلا ئۇنىڭغا « ئاللاھ نىڭ بەدىسى »  دەپ خىتاپ قىلىش ئارقىلىق، ئۇنىڭ « بەندە » ئىكەنلىكىنى ئېسىگە سېلىپ قويىدۇ.

ئابدۇلمەلىك، ئەلبەسرىدىن « ئۆزىنى ئاقلاشنى » تەلەپ قىلغاندا، قەدەر ھەققىدىكى چۈشەنچىسىگە ئۇل سالغۇچى ئامىلنى ساھابىدىن كەلگەن بىر رىۋايەتمۇ ياكى قۇرئاندىن ئېرىشكەن ھۆكۈممۇ؟ دەپ سورىغان ئىدى. ئەلبەسرى ساھابىلەرنىڭ بۇ ھەقتە بىر نەرسە دېمىگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان. بىراق ساھابىلەرنىڭ بۇ ھەقتە ئېغىز ئاچمىغانلىغى، بۇ مەسىلە ھەققىدە ئۈنتىنسىز ئىتتىپاقىدىن كېلىپ چىقماقتا. چۈنكى ساھابىلەر ئىچىدىن ھېچكىم بەندىنىڭ ئەمەلى ئۈستىدىكى ئەخلاقى مەسئۇليەت ۋە ھۆر ئىرادىسىنى ئىنكار قىلمىغان ئىدى. بۇ بىدئەتنى ئەمەۋىلەر پەيدا قىلغان بولۇپ، مەقسىدى سىياسىي سۈيئىستىمال ئىدى. ھەممىگە مەلۇم بۇ ھەقىقەتنى ئابدۇلمەلىكمۇ بىلەتتى، بىراق…

ئىمام ئەلبەسرى ئېيتىدۇكى: « سەلەفتىن بۇ ھەقىقەتنى ئىنكار قىلىدىغان ياكى مۇنازىرە قىلىدىغان ھېچكىم چىقمىغان ». ئۇنىڭ بۇ ھۆكمىنى تەستىقلايدىغان بەزى تىپىك مىساللارنى بۇ يەردە تىلغا ئېلىپ ئۆتەيلى:

رەسۇلۇللاھنىڭ قەدەر چۈشەنچىسىنى قۇرئان بەرپا قىلغان ئىدى. ئەبۇ ھۇزامەدىن نەقىل قىلىنىشىچە: « دېدىمكى، ئى ئاللاھ نىڭ پەيغەمبىرى! دۇئا قىلىمىز، دورا بىلەن داۋالىنىمىز ۋە قورقىنىمىزدىن ساقلىنىش ئۈچۈن تەدبىر ئالىمىز. بۇلار ئاللاھ نىڭ تەقدىرىنى ئۈستىمىزدىن يىراقلاشتۇرامدۇ؟ ». رەسۇلۇللاھ : « بۇلارمۇ ئاللاھ نىڭ تەقدىرىدۇ  » ( تىرمىزى ).

رەسۇلۇللاھنىڭ ھاياتى « ئىرادىنىڭ ئېمتىھانى » بىلەن ئۆتكەن ئىدى. ئۇ، ئاللاھ نىڭ تەقدىرىنى بىر مەجبۇرىيەت سۈپىتىدە ئەمەس، بەلكى بىر مەسئۇلىيەت سۈپىتىدە چۈشەنگەن ئىدى. ئەكسىچە بولغاندا، رەسۇلۇللاھنىڭ ھاياتى جەريانىدا ئېلىپ بارغان كۆرەشلىرى ۋە ئىش – ئىزلىرىنى ئىزاھلاش مۇمكىن ئەمەس. ئۇ تەسلىمىيەتنىڭ ئەڭ يۈكسەك پەللىسى بولۇپ تۇرۇپمۇ، تەدبىر ئېلىشتا قىلچە بۇشاڭلىق قىلمىغان.

رەسۇلۇللاھ، قەدەرنىڭ مەجبۇرىيىتىگە ئەمەس، بەندىنىڭ مەسئۇليىتىگە ئىشەنگەنىدى. بۇ سەۋەپتىن، ئاۋۋال زىياپەت بەردى، ئاندىن كېيىن دەۋەت قىلدى. بۇ سەۋەپتىن، دارۇلئەرقامنى ئۈچ يىل مەخپىي تۇتتى. بۇ سەۋەپتىن، تۇنجى ھىجرەت يۇرتى سۈپىتىدە ھەبەشىستاننى تاللىدى. بۇ سەۋەپتىن، مەككىدە كۈچ ئىشلىتىشنى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيىگە چۈشۈرۈشنى نىشان قىلدى. بۇ سەۋەپتىن، دائىملىق ھىجرەت يۇرتى ئۈچۈن پەيغەمبەرلىكنىڭ 8 – يىلدىن باشلاپ مۇۋاپىق ماكان ئىزدەشكە باشلىدى. بۇ جەرياندا ئۇڭۇشسىزلىق بىلەن نەتىجىلەنگەن تائىف سەپىرىنى بېشىدىن ئۆتكۈزدى. بۇ سەۋەپتىن، ئەقەبە ئۇچرىشىشىنى پىلانلىدى ۋە بەيئەت بىلەن نەتىجىلەندى. بۇ سەۋەپتىن، ھىجرەتنى ئۇلۇغۋار بىر پىلان دەپ بىلدى. ھىجرەت ئەسلىدە ئەڭ كىچىك تەپسىلاتلىرىغا قەدەر ئىنچكىلىك بىلەن پىلانلانغان بىر لاھىيە ئىدى. مەدىنىدە يەھۇدىيلار بىلەن تۈزۈلگەن « يازما كېلىشىم » ئاساسىدىكى بېتىم، بەدىر، ئۇھۇد، خەندەك، ھۇدەيبىيە، قازا ئۆمرە ھەجى، خەيبەر، مەككىنىڭ فەتھى، مۇتە، تەبۇك، ھۇنەيىن ئۇرۇشلىرى ۋە پادىشاھلارغا ئەۋەتكەن دەۋەت مەكتۇپلىرىنىڭ ھەممىسى، قەدەرنىڭ مەجبۇرلىشىغا ئەمەس، بەندىنىڭ مەسئۇليىتىگە ئىشەنگەنلىكىنىڭ بىر پاكىتى ئىدى.

سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز « ئىرادىنىڭ ئېمتىھانىنى » بېرىش ۋە « مەسئۇليەتنى » ئادا قىلىش ئۈچۈن، پۈتۈن ئۆمرىنى ئاتىۋەتكەن تۇرۇغلۇق، ئەخلاقى ۋە ئىمانى تەقەززاسى بۇيىچە بىرەر قېتىم بولسىمۇ « مەن قىلدىم، مەن ۋۇجۇتقا چىقاردىم » دېمىدى. چۈنكى ئۇ، بەندىنىڭ جۈزئى ئىرادە ۋە كۈچىنىڭ ئارقىىسىدا، ئاللاھ تائالانىڭ كۇللى ئىرادە ۋە قۇدرىتىنىڭ بارلىقىنى يەنە ئاللاھ تىن ئۆگەنگەن ئىدى:

« ئۇلارنى سىلەر ئۆلتۈرگىنىڭلار يوق، بەلكى ئەمەلدە ئۇلارنى ئاللاھ ئۆلتۈردى. ئاتقىنىڭدا سەن ئاتمىدىڭ، بەلكى ئەمەلدە ئۇنى ئاللاھ ئاتتى. چۈنكى، ئۇ ( ئاللاھ ) مۇئمىنلەرنى ( ئاقىۋىتىنى ) ئىنايىتى بىلەن تەقدىر قىلغان ئېمتىھان بىلەن سىنىدى. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر » (ئەنفال، 17).

ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ قەدەر چۈشەنچىسىنى قۇرئان بەرپا قىلغان ئىدى. بۇخارى ۋە مۇسلىم سەھىھلىرىدە مۇنداق بىر ۋەقەلىك نەقىل قىلىنىدۇ:

ھەزرىتى ئۆمەر شامنىڭ فەتھى قىلىنىشىنى تەبرىكلەش ھەمدە ئىسلام قوشۇنىنى كۆزدىن كەچۈرۈش ئۈچۈن يولغا چىقىدۇ. يولدا ئەسكەرى قارارگاھتا ۋابا تارقالغانلىقىدىن خەۋەر تاپىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ھەزرىتى ئۆمەر ئەتراپىدىكىلەرگە: « مەن ئۇلىغىمنىڭ ئۈستىدە تاڭ ئاتقۇزىمەن، سىلەرمۇ شۇنداق قىلىڭلار » دەيدۇ. شامدىكى قوشۇننىڭ باش قۇماندىنى ئەبۇ ئۇبەيدە بىن جەرراھ، كونا چۈشەنچىسىنىڭ تەسىرى بىلەن: « ئاللاھ نىڭ تەقدىرىدىن قېچىۋاتامسەن؟ » دەپ سورايدۇ. ھەزرىتى ئۆمەر: « كاشكى، بۇ سۆزنى سەندىن باشقىسى ئېيتقان بولسا » دېيىش ئارقىلىق، بۇ سۆزنىڭ بۇ كاتتا ساھابىگە ياراشمىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. ئارقىدىنلا بۇ چۈشەنچىنى رەت قىلغان ۋە قەدەر مەسىلىسىگە قانداق قاراش لازىملىقىنى تەلىم بېرىدىغان مۇنداق بىر جاۋاپنى بېرىدۇ:

« شۇنداق، ئاللاھ نىڭ تەقدىردىن، يەنە ئاللاھ نىڭ تەقدىرىگە قېچىۋاتىمەن ».

بۇ خىل قەدەر چۈشەنچىسى سەۋەبىدىن ئەبۇ ئۇبەيدە ئىبنى جەرراھقا كايىغان ھەزرىتى ئۆمەر ئۇنىڭغا مۇنداق دەيدۇ:  « قېنى دەپ باققىن، سېنڭ تۆگەڭ بىر تەرىپى قاقاس، يەنە بىر تەرىپى سۈيى مول بىر باياۋانغا چۈشتى، سۈيى مول يەردە ئوتلاتساڭ ئاللاھ نىڭ تەقدىرى بىلەن ئوتلاتقان بولمامسەن؟ ياكى قاقاس يەردە ئوتلاتساڭ ئاللاھ نىڭ تەقدىرى بىلەن ئوتلاتقان بولمامسەن؟ » ( « ئەل- كامىل »، 2 – جىلد، 392 ).

خەلىپە ئۆمەرنىڭ ھۇزۇرىغا بىر ئوغرى ئېلىپ كېلىندۇ. ھەزرىتى ئۆمەر: « نېمىشقا ئوغىرىلىدىڭ؟ » دەپ سورىغان ۋاقىتتا، ئوغرى، قۇرئان تىلغا ئالغان جاھىلىيەت قەدەر چۈشەنچىسى بىلەن ئوپمۇ – ئوخشاش جاۋاپنى بېرىدۇ: « ئاللاھ نىڭ ھەققىمدىكى قازا ۋە قەدەرى مۇشۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ئوغرىلىدىم ». ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ زېھنىمۇ خۇددى قىلىچىدەك ئۆتكۈردۇر: « مەنمۇ سېنىڭ قولۇڭنى ئاللاھ نىڭ قازا ۋە قەدەرى بىلەن كېسىمەن ». ئۇنىڭدىن باشقا، مەزكۇر ئوغرىنى پالاققا بۇيرىيدۇ. « بۇ نېمە ئۈچۈن؟ » دېگەنلەرگە، « ئاللاھ قا تۆھمەت قىلغانلىقى ئۈچۈن » دەپ جاۋاپ بېرىدۇ.

ھەزرىتى ئەلىنىڭ قەدەر چۈشەنچىسىنىمۇ قۇرئان بەرپا قىلغان ئىدى. « نەھجۇلبەلاغەت » ناملىق ئەسەرنىڭ 78 – سۆزىدىن نەقىل قىلايلى:

« بىزگە شام سەپىرىمىزنىڭ ئاللاھ نىڭ قازا ۋە قەدەرى بىلەن بولغان – بولمىغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەرسىڭىز » دېگەن ئادەمگە، ھەزرىتى ئەلى مۇنداق دەيدۇ: « ۋاي ئىسىت ساڭا! سەن قازا ۋە قەدەر ئىنساننىڭ ئىرادە ئەركىنلىكىنى قولىدىن تارتىۋالىدۇ دەپ ئويلامسەن؟ ئەگەر ئىش سەن ئويلىغاندەك بولسا، جازا ۋە مۇكاپاتنىڭ، خوشخەۋەر ۋە ئاگاھلاندۇرۇشنىڭ، ھەمدە ئەمىر ۋە چەكلىمىلەرنىڭ ھېچبىر ئەھمىيىتى قالمىغان بولاتتى. ئاللاھ گۇناھ سادىر قىلغان كىشىلەرنى ئەيىپلىمىگەن ۋە ياخشى ئىش قىلغانلارنى ماختىمىغان بولاتتى. ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان كىشى، يامان ئىش قىلغانلاردىن ئۈستۈن دېيىلمەيتتى. يامانلىق قىلغان، ياخشىلىق قىلغان كىشىگە نىسبەتەن تەنقىتكە ئۇچرىمايتتى ». ھەزرىتى ئەلىنىڭ كىنايە بىلەن تولغان بۇ سۆزلىرىنىڭ ئارقىسىدىن سوئال سورىغان كىشىنىڭ دەل جاھىلىيەت مۇشرىكلىرىنىڭ قەدەر چۈشەنچىسى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ: « بۇ دېگەنلىرىڭ بۇتلارغا چوقۇنىدىغانلارنىڭ، شەيتاننىڭ قاراۋۇللۇقىنى قىلىدىغانلارنىڭ، يالغانچى شاھىتلارنىڭ ھەمدە ھەقىقەتكە قارىتا كۆزلىرىنى يۇمۇۋالغانلارنىڭ سۆزۈدۇر » دېگەن ئىدى.

ھەزرىتى ئەلى ئىنساننىڭ ئىلكىدىكى ئىشلارغا قارىتا تەقدىرىنىڭ تاللاش، ئىلكىدە بولمىغان ئىشلاردا تەقدىرگە بويسۈنۈش دەپ چۈشىنەتتى. ئۇ سورالغا بىر سوئالغا ئاساسەن قەدەرنى مۇنداق دەپ تەرىپلىگەن: « قەدەر، تائەت – ئىبادەتكە بۇيرۇش، گۇناھ مەئىسيەتتىن توسۇش، ياخشى ئەمەللەرنى بەجا كەلتۈرۈش ۋە يامان قىلمىشنى قىلماسلىق توغرىسىدا كىشىنى ئەركىن قويۇپ بېرىشتۇر » ( سۇبھانى، « ئەلقازا ۋەل قەدەر »، 74 ).

بۇ مىسالدىن شۇنى بىلىۋالالايمىزكى، ئىنساننىڭ قەدەرىدە ئۆز ئىرادىسىنىڭ بىر ئۈلۈش ھەسسىسى بارلىقىنى ئىنكار قىلىش، ئاللاھ قا تۆھمەت قىلغانلىقتۇر. گەرچە قۇرئان نازىل بولغىلى ئۇزۇن ۋاقىت بولغان بولسىمۇ، بىراق قۇرئاننىڭ مۇھاتابلىرى ئىچىدە ھازىرمۇ جاھىلىيەت قەدەر چۈشەنچىسگە، ھېچ چاڭ قوندۇرماستىن ياشاۋاتقانلارنىڭ مەۋجۇتلىقى نامايان بولماقتا. ئۇلارنىڭ سانىنىڭمۇ ئۇنچە ئاز ئەمەسلىكىنى تۆۋەندىكى ۋەقەلىكتىن كۆرۈۋالالايمىز:

ھەزرىتى ئوسماننىڭ ئۆيىنى قورشىۋالغانلار « ساڭا تاش ئېتىۋاتقان ئاللاھ تۇر » دېيىشكەنىدى. ھەزرىتى ئوسماننىڭ بۇنىڭغا بەرگەن جاۋابى، ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ جاۋابىدىن پەرىقسىز ئىدى: « يالغان ئېيتىۋاتىسىلەر، ئەگەر ئاللاھ تاش ئاتقان بولسا ئىدى، ئاتقان تاشلىرىنى دەل جايىغا تەككۈزەتتى ». ھەزرىتى ئوسماننىڭ بۇ چۈشەنچىسى بىلەن، ئۇنى خىلاپەت ئورنىدىن ئايرىلىپ كېتىشكە دەۋەت قىلغانلارغا « ئاللاھ كەيگۈزگەن كۆينەكنى چىقارمايمەن » سۆزى ئوتتۇرسىدا زىتلىق بارلىقىمۇ بىر رىئاللىق.

ئەبۇ مۇسا ئەلئەشئەرىنىڭ قەدەر چۈشەنچىسىنىمۇ قۇرئان بەرپا قىلغان ئىدى. شەھرىستانى مۇنداق نەقىل قىلىدۇ:

بىر كۈنى ئامر ئبىن ئاس ئۇنىڭدىن: « ئاللاھ ماڭا بىر نەرسىنى تەقدىر قىلىپ بولۇپ، ئاندىن مېنى بۇ سەۋەپتىن ئازاپقا دۇچار قىلامدۇ؟ » دەپ سورايدۇ. ئۇ، « ياق » دېگەن جاۋابىنى ئالغاندىن كېيىن، « نېمىشقا » دەپ سورايدۇ. ئەبۇ مۇسا ئەلئەشئەرى: « چۈنكى ئاللاھ ساڭا زۇلۇم قىلمايدۇ » دەپ جاۋاپ بېرىدۇ. مانا بۇ، ئەبۇ مۇسا بىلەن ئامر بىن ئاس ئوتتۇرسىدىكى پەرىق.

ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ ئوغلى ئابدۇللاھنىڭ قەدەر چۈشەنچىسىنمۇ قۇرئان بەرپا قىلغان ئىدى. ئىبنۇلمۇرتەزا « تاباقات » ناملىق ئەسىرىدە مۇنۇلارنى تىلغا ئالغان:

بەزى كىشىلەر ھاراق ئىچىپ، ئوغۇرلۇق قىلىپ، ئادەم ئۆلتۈرىدۈ. ئاندىن بۇ ئادەملەر، بۇلارنىڭ ئاللاھ نىڭ ئىلمىدە بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ گۇناھلارنى ئىشلەشكە مەجبۇر ئىكەنلىكىنى ئېيتىشىدۇ. بۇ ئەھۋال ئىبنى ئۆمەرگە يەتكۈزۈلىدۇ. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: « ئۇلۇغ ئاللاھ نى پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمەن ( سۇبھاناللاھ ). ئۇلارنىڭ ئۇ ئىشلارنى قىلىدىغانلىقلىرى ئاللاھ نىڭ ئىلمىدا بار ئىدى. لېكىن ئاللاھ نىڭ ئىلمى ئۇلارنى بۇ ئىشلارنى قىلىشقا مەجبۇرلىمايدۇ ».

قوشۇمچە:

ساختا سوئاللار جاۋابنى زەھەرلەيدۇ. مەسىلىنى ھەل قىلمايدۇ، ئەكسىچە يېڭى مەسلىلەرنى مەيدانغا كەلتۈرىدۇ. بۇ خىل ساختا سوئاللاردىن بىرسى « ئاللاھ ئۇنىڭ شۇنداق بولىدىغانلىقىنى ياكى شۇنداق قىلىدىغانلىقىنى بىلمەمتى؟ » بولۇپ، بۇنداق ساختا سوئالنى سورىغان ئەقىلگە مۇنداق سوئالنى قويۇشقا توغرا كېلىدۇ:

– سەن ئاللاھ نى مەلۇماتىغا مەھكۇم ۋە مەجبۇر دەپ قارامسەن؟ ئاللاھ نى ئۆز ئىلمىغا مەھكۇم ۋە مەجبۇر دەپ قارىغان كىشى، ئاللاھ نى ئاجىز دەپ قارىغان بولىدۇ. سەن ئاللاھ قا « ئاجىزلىقنى » چاپلىماقچىمۇ؟

بۇ ساختا سوئالنى سورىغان ئەقىلنىڭ ئىگىسىگە قۇرىدىغان ئۈچ تۇزىقى بار:

  1. زامان ۋە ماكان چەكلىمىسىدىن ھالقىغان مۇتلەق ئىلاھى ئىلىمنى، زامان ۋە ماكانغا مەھكۇم بولغان ئۆزىنىڭ ئىلىمىگە ئارلاشتۇرۇپ قويۇش بولۇپ، بۇ نەتىجىدە ئاللاھ نى ( تەۋبە ) خۇددى ئۆزىگە ئوخشاش دەپ گۇمان قىلىشقا ئېلىپ بارىدۇ.
  2. ئاللاھ نى ئىلاھى ئىلىمىغا مەھكۇم ۋە مەجبۇر دەپ گۇمان قىلىپ، ئاجىزلىقنى ئاللاھ قا نىسبەتلەش.
  3. ئاللاھ نىڭ « ھەر ۋاقىت مەۋجۇداتقا مۇداخىل بولۇپ تۇرغۇچى » ۋە « ھەر ۋاقىت يېڭىدىن ياراتقۇچى » بىر خاللاق ( ياراتقۇچى ) ئىكەنلىكىنى؛ تاللاش ھوقۇقى ئارقىلىق مەسئۇليەتكە ئېڭى بېرىلگەن بەندىنى، ئالدىنئالا مۆلچەرلەنگەن ئىش – ھەرىكەت ۋە قىلمىشلىرىغا مەجبۇرلىمايدىغانلىقىنى ئۇنتۇش.

ئەگەر مەسىلە كالامچىلارنىڭ قىلغىنىدەك « ئاللاھ نىڭ قۇدرىتىنى ھىمايە قىلىش » بولسا؛ ھەر ۋاقىت يېڭىدىن يارىتىپ تۇرىدىغان بىر ياراتقۇچى، ھەر بىر بەندىسىنىڭ مىنۇت – سىكۇنتلىق ئىش – ھەرىكتىگە يارىشا، يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىدىغان بىر ئاللاھ نىڭ قۇدرىتى، ئالدىنئالا ھەممىنى بەلگىلەپ قويغان، بەلگىلىگەننى بۇزۇشقا قادىر بولالمايدىغان ۋە ئالدىنئالا بىلگەنلىكى ئۈچۈن ئىلمىگە مەھكۇم بولغان بىر قۇدرەتكە نىسبەتەن چەكسىز ئۇلۇغدۇر.

يۇقىرىدىكى مىساللار شۇنى كۆرسىتىپ بېرىدۇكى، جاھىليەت قەدەر چۈشەنچىسى، قۇرئان نازىل بولغاندىن كېيىنمۇ جاھىليەت داشقاللىرىنىڭ كاللىسىدىن تەل – تۆكۈس يوقالمىغان. پۇرسەت تېپىلغاندا، يوشۇرۇن ئاڭنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن ئېتلىپ چىقىپ، ئۆزىنى كىشىنىڭ ھەرىكىتىدە نامايەن قىلغان جاھىلىيەت قەدەر ئەنئەنىسى، ئەمەۋىلەرنىڭ قوللاپ – قۇۋەتلىشى نەتىجىسىدە دۆلەتنىڭ رەسمىي ئىدىئولوگىيسىگە ئايلاندى. تېخى بۇنىڭلىق بىلەن توختاپ قالماي، ھىجرى 2 – ئەسىرىنىڭ باشلىرىدا رىۋايەت مەدەنيىتى ئارقىلىق تېخىمۇ ئەۋىج ئالدى. خۇددى قۇرئانى كەرىمگە قارشى كۆكرەك كىرىپ چىققاندەك، قۇرئانغا زىت بولغان قەدەر چۈشەنچىسى ئۆزىنى رىۋايەتلەر بىلەن مۇستەھكەملىدى.

ساھابىلەرنىڭ قەدەر چۇشەنچىسى مانا مۇشۇنداق ئىدى. ھەسەن ئەلبەسرىمۇ ئۇلارنىڭ چۈشەنچىسىگە ۋارىسلىق قىلغان ئىدى. ئەسلىدە پەرىقلىق بولغان نەرسە، ئەمەۋىلەرنىڭ قەدەرچى / جەبىرچى ئەقىدىسى ئىدى. ئەلبەسرى بۇ چۈشەنچىنى زارىيات سۇرىسىنىڭ 56 – ۋە 57 –  ئايەتلىرى ئارقىلىق رەت قىلغانىدى. ئاللاھ ئىنسانلارنى ئۆزىگە ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن ياراتقان ئىدى. ئاللاھ قا ئىبادەتنىڭ ئۇلى ئەركىن ئىرادە ئىدى. ئىنسان ئاللاھ قا ئىبادەت قىلىش ياكى قىلماسلىقنى ئۆزىنىڭ ھۆر ئىرادىسى بىلەن تاللايتتى. بۇ تاللاشنى بەندىگە ۋاكالىتەن ئاللاھ ئۆزى بەجا كەلتۈرۈپ، ئاندىن بەندىدىن ھېساپ سورايدىغان بولسا، بۇ زۇلۇم بولغان بولاتتى. ۋەھالەنكى، ئاللاھ بەندىلىرىگە قىلچىلىك زۇلۇم قىلىش ئېھتىماللىقىنىڭ يوقلىقىنى قۇرئان بايان قىلىۋاتاتتى ( 3:182؛ 8:51؛ 22:10؛ 41:46؛ 50:29 ). ھەسەن ئەلبەسرى ئېيتىدۇكى: « سەلەفتىن بۇ ھەقىقەتنى ئىنكار قىلغان ياكى بۇنى مۇنازىرە قىلىدىغان ھېچكىم چىقىپ باقمىغان، چۈنكى بۇلار بۇ مەسىلىدە ھەمپىكىر ئىدى».

بۇ مەسىلىدە ھەمپىكىر بولغان كىشىلەر، قەدەر چۈشەنچىسىنى ۋەھىي شەكىللەندۈرگەن ساھابىلەر ئىدى. يۇقىرىدىكى مىساللاردىنمۇ ئېنىق مەلۇم بولغاندەك، بۇ مەسىلىدە جاھىلىيەت چۈشەنچىسىنىڭ داشقاللىرىنى كۆتۈرۋالغانلارنىڭ ئەقىدىسى، شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا  شىددەت بىلەن رەت قىلىنىپ، دەرھال تۈزىتىلەتتى. ئەمەۋىلەر دەۋرىگە كەلگىچە، ھېچكىمنىڭ جاھىلىيەت قەدەر چۈشەنچىسىنى كۆتۈرۈپ چىقىشىغا يول قويۇلمىغانىدى. ئاندا – ساندا ئۇچرايدىغان ۋە جاھىلىيەتتىن قالغان دېيىشكە بولىدىغان خاتا چۈشەنچىلەر، شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ساھابىلەرنىڭ سەر خىللىرى تەرىپىدىن تۈزىتىلەتتى.