ئابدۇلمەلىك بىننى مەرۋاننىڭ مەكتۇبى – تىرە تاراقشىتىش

 ئەمەۋى قەدەر چۈشەنچىسىنى « ئەمەۋى قەدەر چۈشەنچىسىنىڭ بارلىققا كېلىشى » دېگەن ماۋزۇدا ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتكەن ئىدۇق. ئەمەۋى سياسىتىدە ئالاھىدە ئورۇن تۇتقان مەرۋانىلەر، ئەمەۋى قەدەرچىلىكىگە ۋارىسلىق قىلدى. ئابدۇلمەلىكنىڭ ئەلبەسرىگە يازغان بۇ مەكتۇبىغا، ئۈچىنچى بىر شەخىسنىڭ ۋاستىچىلىق قىلغانلىقى تېكىستنىڭ خىتاپ ئۇسلۇبىدىن مەلۇم بولماقتا. بارلىق مەلۇماتلار ئۇ شەخىسنىڭ ئابدۇلمەلىكنىڭ « زالىم » ۋالىسى ھەججاج ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ، مەكتۇپتىكى يوشۇرۇن تەھدىد تۈسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ.

ئۇلار مەكتۇپ ئارقىلىق تىرە تاراقلىتىپ ھەيۋە قىلغان بولۇپ، ئەلبەسرىدىن رەسمىي رەۋىشتە ئۆزىنى « ئاقلىشىنى » تەلەپ قىلغان. تەھدىت پەقەتلا قۇرلار ئارسىغا يوشۇرۇلغان بولماستىن،  « ئەنكەرە » كەلىمىسى ئىشلىتىلگەن جۈملىدىكىگە ئوخشاش، بەزىدە « مانا مەن » دەپ  ئۆزىنى كۆرسىتىپ تۇرىدۇ. « ئەنكەرە » كەلىمىسى ھەم « غەلىتىلىك ھېس قىلدى »، ھەم  « ئىشەنمىدى » دېگەن مەنالارنى ئىپادىلەيدۇ.

مەكتۇپ ئىگىسى خەلىپە ئابدۇلمەلىك، مۇخالىپەتلىرى ۋە رەقىپلىرىگە قارىتا قاتتىق قول ئىكەنلىكى بىلەن مەشھۇر بولۇپ، سىياسى رەقىبى ( ئابدۇللاھ بىننى زۇبەيىر )نى كۆزدىن يوقاتقاندىن كېيىن قىلغان تۇنجى ۋەزىدە، « بۇنىڭدىن كېيىن كىمكى ماڭا » ئاللاھ تىن قورق! » دېسە، شۇ يەردىلا ئۇنىڭ كاللىسىنى ئالىمەن » دېگەن بىر كىشى ئىدى. ئۇنىڭ قانخورلۇقىنى ئەڭ ياخشى بىلىدىغانلارنىڭ بىرى، مەكتۇپنىڭ مۇھاتابى بولغان ھەسەن ئەلبەسرى ئىدى.
مەكتۇپ يېزىشىتىكى مەقسەت ناھايىتى ئېنىق بولۇپ، ھاكىمىيەتنىڭ نەزىرىيىسىگە زىت پىكرلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان ئەلبەسرىنىڭ ئاغزىنى ئېتىش ئىدى. ئۇلار سىياسىي ۋەزىيەت تەقەززاسى سەۋەبىدىن، بۇ ئىشنى باشقىلارغا قاراتقان يوقۇتۇش ئۇسلۇبىنىڭ ئورنىغا، ئاغزىنى ئېتىش ئارقىلىق مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى مۇۋاپىق دەپ قارىغانىدى.

ئابدۇلمەلىك، ئەلبەسرىدىن « قەدەر توغرىسىدىكى چۈشەنچىسى »گە دائىر ساھابە ۋە قۇرئاندىن شاھىت تەلەپ قىلىدۇ. تېخى ئۇ ۋاقىتلاردا « سۈننەت » ئۇقۇمىنى كۈنىمىزدىكى ئىستىلاھى مەنىسى بىلەن ئىشلىتىلىشى ئۇمۇمىيلاشمىغان ئىدى. كېيىنكى مەزگىلدە ئىمام مالىكتىن باشلاپ ئۇمۇمىيلاشقان « سۈننەت » ئىبارىسىنىڭ ئورنىغا، ئۇ ۋاقىتلاردا « ساھابىدىن رىۋايەت » ئىبارىسى ئىشلىتىلەتتى. بۇ ئارقىلىق ئىمام ئەلبەسرىنىڭ تومۇرىنى تۇتۇپ باقماقچى بولغان بولسا كېرەك.

ئەلبەسرى بىلەن ئابدۇلمەلىك ئارىسىدا ۋاستىچى بولغان ھەججاج، ئابدۇلمەلىكنىڭ مەكتۇبىنى ئەلبەسرى ئۈچۈن ھاياتى بىر تەھدىت دەپ قارىغان بولسا كېرەك، ئەلبەسرىنىڭ جاۋاپ مەكتۇبىنى خۇجايىنى ئابدۇلمەلىككە ئەۋەتىش بىلەن چەكلىنىپ قالماي، ئۆزىمۇ ئۇنىڭغا خەت يېزىپ [ (b) نۇسخىغا قاراڭ ] ھەسەن ئەلبەسرىگە مۇنداق يان باسقان:

« ھەسەننىڭ رىسالىسىدە، ئاللاھ نىڭ كىتابىدىن قالسىلا بۇ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك دىلغا داۋا دەلىللەر مەۋجۇتتۇر. ئى مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى! ئوقۇپ، تەپەككۇر قىلىپ بېقىشىڭ ئۈچۈن ھەسەننىڭ رىسالىسدىن ساڭا بىر نۇسخا ئەۋەتىلدىكى، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا ھىدايىتىڭگە ھىدايەت بېرىپ، ئىلمىڭغا ئىلىم قاتقاي. بۇ ھەقتە ئوبدان ئويلۇنۇپ كۆرۈپ، ئۆزىڭىز ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ مەنپەئەتى نېمىنى تەقەززا قىلسا، ئۆز خاھىشىڭىز ۋە ئويىڭىز بويىنچە ئەھۋالغا قاراپ يول تۇتقايسىز! رىسالىگە قارىتا شۈبھىلىك مۇئامىلىدە بولماڭ! چۈنكى بۇ رىسالە ئاللاھ نىڭ ئادالىتىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىدىغان ۋە ئەقلىنى ئىشلىتىدىغان بىر كىشى ئۈچۈن روشەن ۋە چۈشۈنۈشلىكتۇر. شۇنى ياخشى بىلىڭكى، رەسۇلۇللاھ ( سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم )نىڭ ساھابىسى بولغان ئالدىنقى نەسىلدىن ئىلىم ئۆگەنلەر ئىچىدىن، ھەسەن ئەلبەسرىدىن بەكرەك ئاللاھ تائالانى ياخشى بىلىدىغان، ئاللاھ نىڭ دىنىدا چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە بولغان ۋە ئاللاھ نىڭ كىتابىنى ئوقۇپ چۈشەنگەن ئىككىنجى بىر كىشى قالمىدى. شۇنداقلا، ئۇ ئەمىليەتچان، دىندا ئىشەنچىلىك، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىشىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان بىرسى. ئۇنىڭغا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ساۋابىنى ئاللاھ تائالادىن ئۈمىد قىلالايدىغان رەۋىشتە سىلىق – سىپايە مۇئامىلە قىلغايسىز ».

ھەججاجنىڭ ھەسەن ئەلبەسرىنى قوللىغان بۇ جۈملىلىرىدىن مۇنداق يەكۇن چىقارغىلى بولىدۇ: گەرچە ھەججاج شۇنچىۋالا زالىم بىر كىشى بولغان بولسىمۇ، ئەمەۋى قەدەرچىلىكىنى ئېتىۋارغا ئالمىغان. دېمىسىۇ تارىخى مەنبەلەردە، بۇنىڭ ئەكسىنى ئىسپاتلايدىغان ھېچقانداق بىر دەلىل يوق. يەنە بىر ئېھتىمال شۇكى، ھەججاج ئىلتىپات كۆرسۈتۈپ قانات ئاستىغا ئېلىش ئارقىلىق، ھەسەن ئەلبەسرىنى ھىمايە قىلىشى باھانىسى بىلەن ئۇنى كۆندۈرۈش ۋەياكى ھېچ بولمىغاندا ئاغزىنى تۇۋاقلاشنى مەقسەت قىلغان بولسا كېرەك…