ئابدۇلمەلىك بىننى مەرۋاننىڭ ھەسەن ئەلبەسرىگە يازغان مەكتۇبى

Kader risale mervan mektup

مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى ئابدۇلمەلىك بىننى مەرۋاندىن ھەسەن بىننى ئەبىلھەسەن ئەلبەسرىگە:

ساڭا سالام بولسۇن! مەنكى ئەلۋەتتە ساڭا بولغان لۇتفىدىن، ئۆزىدىن باشقا ئىلاھ بولمىغان ئاللاھ قا ھەمدۇ -سانا ئېيتىمەن. بۇ كىرىش سۆزدىن كېيىن:

راستىنى ئېيتسام مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرىگە سەندىن، قەدەر / تەقدىر ھەققىدە ئاجايىپ مەلۇماتلار كەلدىكى، سەلەفلەر ئىچىدە ھېچكىمدىن ئۇنىڭغا ( ئوخشاش ) بىر نەرسە يېتىپ كەلمىگەن ئىدى. مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى، ئۇچراشقان ھەر قانداق بىر ساھابىدىنمۇ، بۇ ھەقتە سەندىن يېتىپ كەلگەنگە ئوخشاش مەزمۇندىكى بىرەر كالام سادىر بولغانلىقىنى بىلمەيدۇ. ھالبۇكى، ئۇ سېنى ھەر جەھەتتىن ياخشى، دىيانەت جەھەتتىن پەزىلەتلىك، ئىلىمدا چوڭقۇر، فىقىھ ساھەسىدە يېتىشكەن، تەلەپچان ۋە ئىلىمگە ئىشتىياقى بار بىرى دەپ بىلىدۇ.

مەقسەتكە كەلسەك، مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى، سەندىن يېتىپ كەلگەن بۇ قاراشنى رەت قىلدى / بۇ سۆزگە ئىشەنمىدى. دەرھال بۇ ھەقتىكى كۆز قارىشىڭنى ۋە ئاساسلانغان دەلىللىرىڭنى ياز! بۇ ھەقتىكى چۈشەنچەڭنى رەسۇلۇللاھ (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم)نىڭ ساھابىللىرىدىن كەلگەن بىرەر رىۋايەتتىن ئالدىڭمۇ  ياكى ئۆز (رايىڭ) ئارقىلىق بۇ چۈشەنچىگە كەلدىڭمۇ؟ ياكى قۇرئان تەستىق قىلغان بىرەر ھۆكۈمگە ئۇلاشتىڭمۇ؟ بىلىپ قالغىنكى، بىز سەندىن ئىلگىرى بۇ ھەقتە مۇنازىرە قىلغان ۋە بۇ ھەقتە سۆز ئاچقان بىرسىنى ئۇچراتقىنىمىز يوق. خۇلاسە كالام، مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرىگە بۇ ھەقتىكى كۆز قاراشلىرىڭنى ئوچۇق ۋە ئېنىق قىلىپ ئوتتۇرىغا قوي!

ساڭا سالام بولسۇن، ئاللاھ نىڭ  رەھمىتى ۋە بەرىكىتى يار بولسۇن.

***********

ئىزاھات:

  1. قوليازمىدا، جۈملىدە بولىشى كېرەك بولغان « رأى » كەلىمىسى، بىر شەكىلدە چۈشۈپ قالغان.