زارىيات سۈرىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

سۈرە بىرىنچى ئايەتتە تىلغان ئېلىنغان « كۆتۈرگۈچى، سورىغۇچى » مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان « زارىيات » كەلىمىسى بىلەن ئاتالغان.

بۇ كەلىمە قۇرئاندا بۇ شەكىلدە پەقەت مەزكۇر سۈرىدىلا تىلغا ئېلىنغان. تىرمىزى « جامى » ناملىق ئەسىرىدە « زارىيات » شەكلىدە، بۇخارى « ۋەز زارىيات » شەكلىدە ئاتىغان.

سۈرە مەككىدە نازىل بولغان بولۇپ، بارلىق تەرتىپلەردە « ھا، مىم » ئائىلىسىنىڭ ئاخىرقى سۈرىسى بولغان ئەھقاف سۈرىسىنىڭ ئارقىسىغا تىزىلغان. گەرچە سۈرىنىڭ ئىچكى رىتىمى ۋە ئايەتلەرنىڭ قىسقا بولىشى، تۇنجى تەرتىپلەردە تىزىلغان ئورۇندىن تېخىمۇ بۇرۇن نازىل بولغان سۈرىلەر قاتارىغا تىزىلىشى كېرەكلىكىدەك تۇيغۇ پەيدا قىلسىمۇ، پەقەت بۇ يىپ ئۇچىغا تايىنىپلا مەزكۇر سۈرىنى باشقا بىر ئورۇنغا تىزىشنىڭ توغرا بولىدىغانلىقىنى مۇۋاپىق دەپ قارىمايمىز. بىزنىڭچە بۇ سۈرە ھىجرەتتىن بىر ئاز ئەۋۋەل، يەنى پەيغەمبەرلىكنىڭ 12 – يىلىدا نازىل بولغان بولسا كېرەك.

سۈرە ئىنسان ۋە ئۇنى ئوراپ تۇرغان تەبىئەت، ئېكولوگىيلىك سىستېمىنىڭ مەنا ۋە مەقسەتتىن يوقسۇن ئەمەسلىكىنى ئاساسىي تېما قىلغان بولۇپ، بۇ ئانا تېما سۈرىنىڭ باشلىنىشىدا ( 1 – 4، 7، 20 – 22 ) ۋە بولۇپمۇ 56 ۋە 57 – ئايەتلىرىدە روشەن ھالدا گەۋدىلەندۈرۈلگەن. بۇ ئانا تېمىنى چۆرىدىگەن ھالدا قايتىدىن تىرىلىش ۋە ئىلاھىي مەھكىمە تىلغا ئېلىنغان ( 5 – 6، 8 – 14 ). قايتىدىن تىرىلىش ھەقىقىتى كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان ئۆرنەك بىلەن بايان قىلىنغان:

إِنَّهُ لَحَقٌّ مِثْلَ مَا أَنَّكُمْ تَنْطِقُونَ

« سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان نەرسە ئۆزۈڭلارنىڭ سۆزلەش قابىلىيىتىگە ئىگە بولغىنىڭلاردەكلا ھەقتۇر » ( 23 ).

سۈرە كىمگە / نېمىگە قارىتىلغانلىقى نامەلۇم بولغان سۈپەتلەر بىلەن باشلىنىدۇ. بۇ سۈرىدىن باشقا ساففات، مۇرسەلات، ئادىيات ۋە نازىئات سۈرىلىرىمۇ ئوخشاشلا ئىگىسى نامەلۇم بولغان سۈپەتلەر بىلەن باشلانغان. بۇ سەۋەپتىن مەزكۇر نامەلۇم شەيئى ئۆلىمالار ئارىسىدا مۇنازىرە تېمىسى بولغان. رەسۇلۇللاھتىن بۇ ھەقتە سەھىھ بىر ئىزاھات يېتىپ كەلمىگەن. بىزنىڭچە بۇ نامەلۇم ئىگە بىۋاستە ياكى ئىما يولى بىلەن ۋەھىينى كۆرسىتىدۇ. بۇ سۈرىدىمۇ ۋەھىي ئىما قىلىنغان.

سۈرىدە كەسكىن بىر تىل ئۇسلۇبى ئىشلىتىلگەن. بۇ تىل ئىنكار قىلغۇچى مۇھاتابلار بىلەن مۇئمىنلەر ئارىسىدىكى بارلىق مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئۈزۈپ تاشلانغانلىقىدىن خەۋەر بەرمەكتە:

كاززاپلارغا لەنەت بولسۇنكى، ئۇلار جاھالەتكە چۆمگەن بولۇپ، ئۆزىنىڭ بۇ ھالىدىن بىخەۋەردۇر. ئۇلار: « قىيامەت قاچان بولىدۇ؟ » دەپ سورايدۇ  ( 10 – 12 ).

ھەر پەيغەمبەرگە ئوخشاش رەسۇلۇللاھمۇ ئىنسانلارنى ئاخىرەتكە ئىمان ئېيتىشقا چاقىرغان بولۇپ، بۇ چاقىرىققا ئېتىراز قىلغانلارغا ۋەھىي جاۋاپ بەرگەنىدى. سۈرىدە، بۇ ھەقىقەت ئۆتمۈشتە ئىنكار قىلغان قەۋملەرنىڭ ھالاكىتى بىلەن قايتىدىن تىلغا ئېلىنىدۇ. مانا بۇ سەۋەپتىن، لۇت قەۋمىنىڭ ھالاكىتى ئاساسىدا ھەزرىتى ئىبراھىم قىسسىسى ۋە پىرئەۋن قوشۇنىنىڭ ھالاك بولىشى مۇناسىۋىتى بىلەن ھەزرىتى مۇسا قىسسىسى بايان قىلىنغان. ئۇنىڭدىن باشقا ئاد، سەمۇد ۋە نۇھ قەۋملىرىنىڭ ھالاكىتىمۇ بۇ تېما ئاساسىدا بايان قىلىنغان.

سۈرىدە، ئۆز رىئاللىقىدىن قېچىشقا ئۇرۇنغانلارغا، قەيەرگە قېچىش كېرەكلىكى ھەققىدە ئېنىق مەنزىل كۆرسىتىپ بېرىلگەن:

فَفِرُّوا إِلَى اللَّهِ

« اﷲ تەرەپكە قېچىڭلار » ( 50 ).

ئىنسان ئۆزىنى ئېلىپ قاچالمايدىغان بۇ قېچىشنى بىر پاناگاھقا ئايلاندۇرماقچى بولسا، پەقەت ئاللاھ قا ئىبادەت قىلىشى ۋە ئىبادەتنى پۈتۈن ھاياتىنىڭ مەركىزىگە قويۇشى كېرەك:

وَمَا خَلَقْتُ الْجِنَّ وَالْإِنْسَ إِلَّا لِيَعْبُدُونِ

« جىنلارنى، ئىنسان ( ئىرادىلىك مەخلۇق )لارنى پەقەت ماڭا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈنلا ياراتتىم » ( 56 ).

يەنى بارلىق كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىدىغان ۋە كۆرگىلى بولمايدىغان ھەر قانداق بىر ئىرادىلىك مەخلۇق، مۇئەييەن يارىتىلىش مەنا ۋە مەقسىتىدىن يوقسۇن ھالدا يارىتىلمىغان. تاشقى دۇنيانىڭ يارىتىلىشى مەقسىتىنى بايان قىلغان بۇ سۈرىنىڭ ئاخىرقى بۆلىكىمۇ باشلىنىش بۆلىكى بىلەن ماسلاشقان ھالدا ئاخىرلاشقان. كىرىش بۆلىكىدىكى ئايەتلەر جانلىق تەسۋىر ئۇسلۇبى بىلەن كىشىنىڭ زېھنىدە چوڭقۇر يەر ئالىدۇ.

سۈرىنىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بالاغىتى، قۇرئاننىڭ كىتاپلارغا سىغمايدىغان ھەقىقەتلەرنى جۈملىلەرگە قانداق سىغدۇرغانلىقىنىڭ تىپىك ئۆرنەكلىرىنى ئۆزىدە مۇجەسسەملەشتۈرگەن. بىر بۆلەكنىڭ ئۆزىدىلا بىر قانچە ۋاستىنى كۆرەلەيمىز. يەنى ئەقلى ھۆكۈم، يېغىنچاقلاش ۋە سېلىشتۇرۇش؛ تەكلىپ، تەشۋىق، تەمسىل، تەھدىد، ئۇرغۇتۇش، ئەيىبلەش، خوشخەۋەر بېرىش، تەقدىرلەش، تەبرىكلەش، دارىتمىلاش، ئىزاھلاش، تەھلىل، تەپسىلى بايان قىلىش، شەرھىيلەش قاتارلىق ئۇسلۇبلارنىڭ ھەممىسىنى ئىشلىتىدۇ. بىرىنچى بۆلەك بۇنىڭغا ئۆرنەك بولالايدۇ.