مېھرى شەپقەتنىڭ مەنبەسى بولغان ئاللاھ نىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن

« قەدەر رىسالىسى ۋە شەرھىيسى » ھەققىدە تەرجىمە قىلغۇچىدىن ئىككى ئېغىز سۆز

 ھۆرمەتلىك كىتاپخان:

قولىڭىزدىكى « قەدەر رىسالىسى ۋە شەرھىيسى » سەرلەۋھىلىك بۇ ئەسەر، تابىئىن ئۆلىمالىرىدىن ھەسەن ئەلبەسرى تارىخى ئەسىرىنىڭ شەرھىيسى بولۇپ، تۈرك ئوقۇرمەنلەر تەرىپىدىن ئالقشقا ئېرىشكەن ۋە قايتا – قايتا نەشىر قىلىنغان.

كەمىنە ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90 – يىللىرىدا خوتەندىكى مەدرىسە ئىلىم تەھسلى جەريانىدا، « مىشكاتى شەرىپ » ۋە « سەھىھۇلبۇخارى » قاتارلىق ھەدىس توپلاملىرى ۋە « تەپسىرى بەيزاۋى » قاتارلىق ئەسەرلەرنى دەرسلىك ئورنىدا ئوقۇغان. بۇ ئوقۇش جەريانىدا ئۇستازلىرىم بىلەن « قەدەر / تەقدىر » مەسىلىسى ھەققىدە تولا مۇنازىرىلىشپ قالاتتىم. قۇرئاننىڭ روھىغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان، ئەمما ھەدىس توپلاملىرى ۋە تەپسىر كىتاپلىرىمىزدا ئورۇن ئالغان جاھلىيەت قەدەر پەرەست چۈشەنچىسى كاللامدىن قەتئىي ئۆتمەيتتى. ئارىدىن ئۇزۇن يىللار ئۆتتى. ئاللاھ قا چەكسىز شۈكۈرلەر بولسۇنكى، « قەدەر رىسالىسى ۋە شەرھىيسى » ناملىق ئەسەرنى ئوقۇپ، يىللارچە ئىزىدىنىۋاتقان سوئاللىرىمنىڭ جاۋابىنى بۇ ئەسەردە تاپتىم. ئەسلىدە دەۋر ئالمىشىپ تۇرسىمۇ، جاھلىيەت ئىزناسى بولغان قەدەرپەرەست چۈشەنچە ۋە ھۆر ئىرادە ئارىسدىكى كۆرەش 14 ئەسىر ئىلگىرىكىدەك كۈنىمىزدىمۇ داۋام قىلىۋاتقانىكەن.

قازايى – قەدەر مەسىلىسى ئىنتايىن مۇرەككەپ تېما بولۇپ، قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە ئوخشاش بولمىغان دىن ۋە پەرىقلىق ئېرىقلار ئارىسىدىمۇ ئۆزگىچە ۋارىيانتلىرى بىلەن مەۋجۇت ئىكەن. ئىسلام ئۈممىتى ئىچىدىمۇ كەسكىن مۇنازىرە تېمىسىغا ئايلانغاندىن كېيىن، قەدەرىيە ۋە مۇرجىئە قاتارلىق ئىككى ئېقىمنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەپ بولغان.

تارىخ بەتلىرىنى ۋاراقلىغان ۋاقتىمىزدا، ھۆكۈمران سىنىپ بىلەن مەھكۇم تەبىقە، فىئودال كۈچلەر، ئاقسۆڭەكلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئېزىشى ئاستىدىكى ئاۋام ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتلەرنىڭمۇ قازايى – قەدەر نوقتىسىدىن ئىزاھلىنىپ سۈيئىستىمال قىلىنغانلىقىنى كۆرىمىز. بۇ ئەسەرنىڭ يېزىلىشىغا سەۋەپ بولغان ئەمەۋى ھۆكۈمدارى ھەججاج، ئۆزىنىڭ قىلمىشلىرىنى قازايى – قەدەر دەپ جار سېلىپ، بۇ تېمىنى قانداق سۈيئىستىمال قىلغانلىقى بىزگە مەلۇم. كۈنىمىزدىمۇ ئىسمى ئۆزگەرگەن ھەججاجلارنىڭ ئوخشاش ئۇسلۇب بىلەن بۇ مەسىلىنى سۈيئىستىمال قىلىۋاتقانلىقى ھەممىگە قاراڭغۇ بولمىسا كېرەك.

يۇقىرىدىكى رىئاللىق تەقەززاسى نەتىجىسىدە، بەش ئايدەك ۋاقتىمنى سەرپ قىلىپ بۇ ئەسەرنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ چىقتىم. ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىم ئوقۇپ چىققان بولسا نېمە دېگەن ياخشى بولاتتى؟!

ئىسلام پەيغەمبىرى مۇھەممەت ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تىن ئالغان قۇرئان ۋەھىيدە، تۇنجى قەدەرپەرەستنىڭ ئىبلىس ئىكەنلىكى ۋە ئۇنىڭ ئۆز خاتالىقىنى ئېتىراپ قىلىپ تەۋبە قىلشنىڭ ئورنىغا، « سەن مېنى ئازدۇردۇڭ » دېيىش ئارقىلىق گۇناھىنى « قازايى – قەدەر »گە ئارتىپ قويۇلغانلىقى قامچىلىنىش بىلەن بىرگە، ئىنسانىيەتنىڭ سىمۋوللۇق ئاتا – ئانىسى بولغان ھەزرىتى ئادەم ۋە ھاۋۋانىڭ، ئۆتكۈزگەن خاتالىقىنى تەن ئېلىپ، « بىز ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز زۇلۇم قىلدۇق، بىزنى مەغپىرەت قىلسىلا ئى ئاللاھ، ئۆزلىرى ئەپۇ قىلمىسىلا بىز ھەقىقەتەن زىيان تارتقۇچىلاردىن بولۇپ قالىمىز » دېگەن مەزمۇندىكى دۇئاسى بىلەن خاتالىقىنى تەن ئېلىپ، ئۇنى ئۆزگەرتىشكە ئىنتىلىشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار روھىي مەدھىلىنىدۇ ۋە ئىنسانلارنى ئىبلىستىن ئىبرەت، ئادەم ۋە ھاۋۋانى ئۆرنەك قىلىشقا چاقىرىدۇ.

مۇسۇلماننىڭ دۇنيا قارشى، ئەقىدە ۋە ئەمەل – ئىبادىتىنىڭ نەزىرىيىۋى ئاساسى بولغان ھايات كىتابىمىز، شۇنداقلا ئاللاھ نىڭ كالامى بولغان قۇرئاندا، قازايى – قەدەرنى كونكىرت ھالدا مەسئۇلىيەت ۋە ھۆر ئىرادە نوقتىسىدىن ئىزاھلاپ بەرگەن. لېكىن، قىسمەن ھەدىس توپلاملىرىغا كىرگۈزىۋېتىلگەن ۋە قۇرئان ئايەتلىرىگە زىت ئويدۇرما رىۋايەتلەر بۇ مەسىلىنى مۇرەككەپلەشتۈرىۋەتكەن.

گۇرۇچنىڭ ئىچىگە ئارلىشىپ كەتكەن ئاق تاشنى گۇرۇچ دەپ گۇمان قىلىدىغان ساددا كىشىلەر، ئوپئوچۇق قۇرئان ئايەتلىرىگە ئەمەس، يەنىلا مېڭىسىگە ئورۇنلىشىپ كەتكەن جاھىلىيەت قەدەرپەرەستلىكى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ ئۆز مەۋقەسىدە چىڭ تۇرماقتا.

قەرەرلىك ھالدا ئېلان قىلىنىۋاتقان مەزكۇر ئەسەر قانداقتۇر بەزىلەر ئىلگىرى سۈرگەن قازايى – قەدەرنى ئىنكار قىلىش ئەمەس، بەلكى ئۇنى قۇرئان ئىزاھلاپ بەرگەن بويىچە چۈشەندۈرۈپ، ھۆر ئىرادە بىلەن مەسئۇلىيەتنى تەكىتلەشنى مەقسەت قىلىدۇ. تېخى ھەدىس توپلاملىرى يېزىپ چىقىلمىغان دەۋردىلا، قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ چىققان جاھىلىيەت قەدەرپەرەست چۈشەنچىسىگە قارشى بىر ئۆمۈر كۆرەش قىلغان مەشھۇر ئىسلام مۇتەپەككۇرى ھەسەن ئەلبەسرىنىڭ، ئەمەۋى ھۆكۈمدارى ئابدۇلمەلىككە ھەججاج ئارقىلىق يازغان مەكتۇبى، بۇ مەسىلىنىڭ يېڭى مەسىلە ئەمەسلىكىنى، بۇنىڭدىن 14 ئەسىر ئىكگىرىمۇ مۇنازىرە تېمىسى بولغانلىقىنى بۇ ئەسەر ئارقىلىق تونۇپ يېتىسىز.

سىز بۇ ئەسەرنى ئوقۇپ چىققاندا، 2 – 3 ئەسىردىن بۇيان ئىسلام دۇنياسىنىڭ بېشىغا كەلگەن ۋە ھازىرمۇ داۋاملىشىۋاتقان كۈلپەتلەرنىڭ، ئاللاھ نىڭ ئەزەلدىن پۈتىۋەتكەن قازايى – قەدەرى ئەمەس، بەلكى قۇرئان تەلىماتلىرىدىن يىراقلىشىپ كەتكەنلىكىدىن، يەنى قۇرئانى قەدەر چۈشەنچىسىدىن يىراقلىشىپ كەتكەنلىكىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى، بۇ مۇسىبەتلەرنىڭ ئۆزلىرى ئۆتكۈزگەن خاتالىقلار سەۋەبىدىن كەلگەنلىكىنى تونۇپ يېتىسىز.

« سىلەرگە قانداق بىر مۇسىبەت يەتسە، ئۇ سىلەرنىڭ قىلغان گۇناھىڭلار تۈپەيلىدىن كەلگەن بولىدۇ » ( شۇرا، 30 – ئايەت ).

ئەسەرنىڭ ئەسلى ئىسمى « رىسالەتۇل قەدەر » بولۇپ، بۇ ئەسەر تۈركىيلىك تەپىسرشۇناس مۇستاپا ئىسلامئوغلى تەرىپىدىن شەرھىلىنىپ، تۈركىچىگە تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ، ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان نۇسخىسىنىڭ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا ۋە دىنى ئىلىم تەھسىل قىلىغان زىنى زىيالىلارغا پايدىلىق بىر ئەسەر بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. ئەسەرنىڭ ئەسلى نۇسخىسىغا قىزىقىدىغانلارنىڭ ئىستانبۇل سۇلايمانىيە كۇتۇپخانىسىدىن قوليازما فاكسىمېل نۇسخسىغا قاراپ باقسا بولىدۇ.

بۇ كىتاپنى تەرجىمە قىلىش جەريانىدا ياردىمىنى ئايىمىغان ئايالىمغا، كومپىيوتېرغا ئېلىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان قېرىندىشىمغا، تەھرىرلەش ئىشلىرىغا ئالاھىدە ۋاقىت ئاجراتقان باتۇر قاراخانلې ۋە ئابدۇلئەزىز بەشتوغراق قېرىنداشلىرىمىغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن.

ئەسەرنى كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە ئەسلىگە سادىقلىق بىلەن تەرجىمە قىلىشقا تىرىشتىم. شۇنداقتىمۇ تەجرىبىمىزنىڭ يېتەرسىز، سەۋىيەمىزنىڭ چەكلىك بولىشى سەۋەبىدىن تەرجىمە ۋە تەھرىرلەش جەريانىدا خاتالىقلار سادىر بولغان بولىشى مۇمكىن. ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئەسەرنى ئوقۇپ بولۇپ، ئاندىن تەنقىدىي پىكىر –تەكىلىپ بېرىشىنى سەمىمىيلىك بىلەن ئۈمىد قىلىمەن.

ھۆرمەت بىلەن

ھېيتاخۇن مەمەتئىمىن

ھېلسىنكى – فىنلاندىيە

2015 – يىلى 3 – ئاينىڭ 15 – كۈنى