ياۋرو – ئاسيا 

 سوۋېت ئىتتىپاقى 20 – ئەسىرنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەك ۋاقىت جەريانىدا گىرمانىيىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن تىنچ ئوكيانغىچە، كافكازلاردىن ھىندىقۇشقىچە بولغان ياۋرو – ئاسيانى ھاكىمىيىتى ئاستىدا تۇتۇپ كەلدى. سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلىنىشى بىلەن غەربىي چېگرىسى غەربىي گىرمانىيىدىن بىلروسيە چېگرىسىغىچە تەخمىنەن مىڭ مىل ئارقىغا تارتىلدى. روسسىيە تۈركىيىنىڭ شىمالىدىكى چېگرىسىدىن شىمالىي كافكاسىيىگە كەتتى ۋە ھالا ئۇ يەردە پۇت تىرەپ تۇرۇشقا تىرىشىۋاتىدۇ. روسسىيىنىڭ كۈچى يۈز يىللاردىن بۇيان تۇنجى قېتىم بۇ دەرىجىدە شەرققە چېكىندى. سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى جەريانىدا غەربىكە كېڭەيگەنىدى. ئالدىمىزدىكى ئون يىللار ئىچىدە روسسىيىنىڭ كۈچى بۇ ئىككى نوقتا ئارىسىدىكى بىر يەردە قالىدۇ.

سوۋېت ئىتتىپاقى 20 – ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا پارچىلانغاندىن كېيىن، تاشقى كۈچلەر روس ئىقتىسادىدىن پايدىلىنىش ئۈچۈن قالايمىقانچىلىق ۋە يوقسۇللۇق دەۋرىنى پەيدا قىلدى ۋە سابىق روس ئىمپېرىسىگە تەۋە جايلارنى ئۆز نوپۇزى ئاستىغا ئېلىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى. شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا كىردى. كېيىن بالتېق دېڭىزى دۆلەتلىرىمۇ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولدى.

روسلار ئافغانىستاندىن چېكىنىپ چىقتى، ئا ق ش ئارمىيسى ئافغانىستانغا كىردى. بولۇپمۇ 11 – سېنتەبىردىن كېيىن، ئا ق ش گۈرجىستان، كافكاسىيە ۋە بەزى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن يېقىنلاشتى. ئوكرائىنا روسسىيە بىلەن مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈپ ئا ق ش بىلەن ئەپلەشتى، بۇ روسسىيە تارىخىدا بىر بۇرۇلۇش نوقتىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئوكرائىنادا 2004 – يىلى دېكابىردىن 2005 – يىلى يانىۋارغىچە داۋاملاشقان رەڭلىك ئىنقىلاب بىلەن، روسسىيە ئۈچۈن سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن كېيىنىكى دەۋرمۇ ئاخىرىلاشتى. روسلار ئوكرائىنادىكى ۋەقەلەرنى ئا ق ش نىڭ بۇ دۆلەتنى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئېلىش ۋە روسسىيىنى پارچىلاش ھەرىكىتى دەپ قارىدى. ئەسلىدە بۇ قاراشنى خاتا دېگىلىمۇ بولمايدۇ، ئەلۋەتتە.

ئەگەر غەرب ئوكرائىنانى قولىدا تۇتۇپ تۇرالىغان بولسا، روسسىيە مۇداپىئەسىز قالاتتى. بىلروسىيە بىلەن تۇتاشقان جەنۇبىي چېگرىسى بىلەن روسسىيىنىڭ غەربىي جەنۇب چېگرىسى تېخىمۇ ئوچۇق ھالغا كېلەتتى. ئوكرائىنا ۋە غەربىي قازاقىستان ئارىسىدىكى مۇساپە تەخمىنەن  400 مىل بولۇپ، روسلار كافكاسياغا كۈچىنى بۇ رايوندىن كۆرسىتىۋاتاتتى. روسسىيە بۇ ئەھۋالدا كافكاسيانى كونتىرول قىلىش كۈچىدىن ئايرىلىپ قالاتتى ۋە چېچەنىستاندىن تېخىمۇ شىمالغا چېكىنەتتى. روسلار روسسىيە فېدىراتسىيىسىنىڭ بەزى جايلىرىدىن چىقاتتى ۋە روسسىيىنىڭ جەنۇبىي چېگرىسى بەكمۇ ئاجىزلىشىپ كېتەتتى. شۇنداق قىلىپ روسسىيە قەدىمكى چېگرالىرىغا چېكىنگىچە پارچىلىناتتى.

 

سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئايرىلغان دۆلەتلەر

روسسىيە بۇ دەرىجىدە پارچىلانسا، ياۋرو – ئاسيادا قالايمىقانچىلىق پەيدا بولاتتى، ئا ق ش بۇنىڭغا كۆز يۇماتتى، ئەلۋەتتە. چۈنكى، بۈيۈك ستىراتېگىيسى ئا ق ش نىڭ دېڭىزلارنى كونتىرول قىلىشتا تۇنجى مۇداپىئە سېپى بولغان ياۋرو – ئاسيانىڭ پارچىلىنىشىنى تەخمىن قىلغانىدى. بۇ سەۋەپتىن، ئا ق ش بۇ باسقۇچنى قوللاۋاتقاندا، روسسىيە مۇداپىئەدە تۇرىۋاتاتتى.

روسسىيە ئا ق ش ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ ئۆزىگە زىيانلىق ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىپ، تەسىر كۈچىنى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى تەۋەلىكىگىچە كېڭەيتىشكە كىرىشتى. روس كۈچىنىڭ ئاجىزلىشىشى ئوكرائىنادا توختىدى. روسسىيە تەسىرىنى ھازىر ئۈچ تەرەپتە – ئوتتۇرا ئاسيادا، كافكاسيادا ۋە غەربىي بالتېق دېڭىزى ۋە شەرقىي ياۋروپاغا قاراپ كېڭەيتمەكتە. روسسىيە تەخمىنەن 2020 – يىلىغىچە روسسىيە دۆلىتىنى قايتىدىن شەكىللەندۈرۈش ۋە بۇ رايوندا روس كۈچىنى قايتىدىن قوبۇل قىلدۇرۇشقا ئۇرۇنىدۇ.

جۇغراپىيۋى سىياسىي ئۆزگۈرۈشنىڭ ئىقتىسادىي ئۆزگۈرۈش بىلەن پاراللىل مېڭىشى ئەجەپلىنەرلىك بىر ئىش. ۋىلادىمىر پۇتىنغا كۆرە، روسسىيە بىر سانائەت كۈچى بولۇشتىن زىيادە بىر خام ئەشيا ساتقۇچى دۆلەت بولۇپ، بۇ خام ئەشيالار ئىچىدە ئەڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغىنى ئېنىرگىيە، يەنى تەبىئىي گاز. پۇتىن ئېنىرگىيە سانائىتىنى بىۋاستە كونتىرول قىلمىسىمۇ، دۆلەت نازارىتى ئاستىغا ئېلىپ، چەتئەل مەنپەئەتلىرىنى ئارىدىن چىقىرىۋېتىشكە ۋە سانائەتنى بىۋاستە ئىكسپورتقا، بولۇپمۇ ياۋروپاغا كۆپلەپ ئىكسپورت قىلىشقا يۈزلەندۈرمەكچى. ئېنىرگىيە تاۋارلىرىنىڭ باھاسى ئۆرلشى بىلەن روسسىيە ئىقتىسادى تەڭپۇڭلاشتى. لېكىن، پۇتىن روسسىيەدە يېزا ئىگىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ياغاچ، ئالتۇن، ئالماس ۋە باشقا نۇرغۇنلىغان خام ئەشيا ئىشلەپچىقىرىشىنى راۋاجلاندۇرماقچى. روسسىيەنى كەمبەغەل بىر پالاكەت دۆلەت بولۇشتىن قۇتۇلدۇرۇپ، باي بولمىسىمۇ ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىي قىلغان بىر دۆلەتكە ئايلاندۇرۇشقا تىرىشىۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، تەبىئىي گاز لېنىيىسىنى قول ئاستىدا تۇتۇپ ياۋروپاغا ھەيۋە قىلىۋاتىدۇ. روسسىيە پۈتۈن كۈچىنى سەرپ قىلىۋاتىدۇ. ئوتتۇرا ئاسيادا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى، لېكىن كافكاسيادا بەزى مەسلىلەرگە دۇچار بولىشى مۇمكىن. روسسىيە روسسىيە فدېراتسىيونىدىن يېڭى بۆلۈنۈشلەر بولىشىغا يول قويمايدۇ. بۇ سەۋەپتىن ئالدىمىزدىكى ئون يىل ئىچىدە ئا ق ش ۋە بۇ رايوندىكى باشقا بەزى دۆلەتلەر بىلەن سۈركىلىشلەر مەيدانغا كېلىشى مۇمكىن. روسسىيىنىڭ غەربىي چېگرىسىدا مەسىلە چىقىش ئىھتىمالىي ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، بىلروسسىيە بىلەن ئىتتىپاق تۈزىدۇ. ھازىرغىچە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئايرىلغان دۆلەتلەر ئىچىدە ئەڭ ئاز ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي تەرەققىيات مەيدانغا كەلگەن دۆلەت بىلروسسىيە بولدى. ئۇلار ھازىر قايتىدىن روسسىيە بىلەن ئىتتىپاقلىشىشقا يۈزلىنىۋاتىدۇ. بىلروسسىيە ۋە روسسىيە ئىتتىپاقى رىئاللىققا ئايلانسا، روسسىيە يېڭىدىن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدىكى چېگرىلىرىغا قايتقان بولىدۇ.
بالتېق دېڭىزىدىن رومىنىيە چېگرىسىغىچە بولغان بۇ رايوندا چېگرالار بىر مەزگىل ئېنىق بولمىغان بولۇپ مەسىلە چىقىپ تۇراتتى. شىمالدا پىرەنەلەردىن ست. پېتېرىسبۇرگكىچە سوزۇلغان تار بىر تۈزلەڭلىك بار بولۇپ، ياۋروپانىڭ ئەڭ چوڭ ئۇرۇشلىرى بۇ جايدا بولغانىدى. ناپولىيون ۋە ھېتلەر ( گېتلىرى )مۇ روسسىيە ئىستىلاسىدا بۇ جايدىن پايدىلاندى. بۇ جايدا تەبىئىي توسالغۇلار ناھايىتى ئاز بولۇپ، بۇ سەۋەپتىن روسلار چېگرالىرىنى ئىمكانىيىتىنىڭ بېرىچە غەربكە كېڭەيتىشكە ئۇرۇنىدۇ. روسسىيە 2 – دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن بۇ تۈزلەڭلىك ئارقىلىق گىرمانىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغىچە باستۇرۇپ كىردى. يەنە بۇرۇنقىدەك غەربكە قاراپ كېڭەيمەكچى بولىۋاتىدۇ. بۇ ئەھۋالدا بالتېق دېڭىزى دۆلەتلىرى ۋە پولشا بۇرۇنقىدەك يەنە ئالدىكى بىر توسالغۇ بولىدۇ. روسسىيە نوپۇزىنىڭ دائىرىسى يەنە تالاش – تارتىش پەيدا قىلىدۇ. ئا ق ش ۋە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى روسسىيەنىڭ غەربكە قاراپ كېڭىيىشىنى، بالتېق دېڭىزى دۆلەتلىرى قايتىدىن روسسىيە نوپۇزى ئاستىغا كىرىشنى خالىمايدۇ، ئەلۋەتتە. شىمالىي ياۋروپا تۈزلەڭلىكىنىڭ جەنۇبىدا، كارپاتلاردىمۇ ئەھۋال ئوخشاش ( روسسىيە نوپۇزى ئاستىغا كىرىشنى خالىمايدۇ). سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى بولۇپمۇ پولشا، ۋېنگىرىيە ۋە رۇمىنىيە سوۋېت ئارمىيسىنىڭ ئۆز چېگرىلىرىغا يېقىنلاپ كېلىشىنى بىر تەھدىد دەپ بىلىدۇ. بۇ دۆلەتلەر ھازىر شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ( ناتو ) ئەزاسى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ مەنپەئەتلىرى ئەلۋەتتە ياۋروپا ۋە ئا ق ش مەنپەئەتلىرى بىلەن پاراللىل بولىدۇ. ئەمدى سوراشقا تېگىشلىك بولغان سوئال « غەربتە سەپ قەيەردە تارتىلىدۇ؟ ». بۇ بىر تارىخى سوئال بولۇپ، ئۆتكەن بىر ئەسىردە ياۋروپانىڭ ئەڭ ئاساسلىق سوئالى بولغان.

روسسىيە كەلگۈسى ئون يىلدا يەرشارىۋى كۈچ بولالمايدۇ، لېكىن ئۇنىڭ بىر رايون خاراكتېرلىك چوڭ كۈچ بولۇشتىن باشقا چارىسى يوق. بۇ ياۋروپا بىلەن سۈركىلىشىدىغانلىقىدىن ئىبارەت بولۇپ، روسسىيە – ياۋروپا چېگرىسىمۇ بىر سۈركىلىش قانىلى بولۇپ قالىدۇ. ياۋروپا ئىمپېراتورلىق ئورنىنى يوقۇتۇپ قويغاندىن ۋە 2 – دۇنيا ئۇرۇشىنى باشتىن ئۆتكۈگەندىن كېيىن، تا ھازىرغىچە ئۆزىنى قايتىدىن تەشكىللەش باسقۇچىدا بولۇپ، بۇ تەشكىللىنىشنىڭ تىنچلىق خاراكتېرلىق بولۇپ – بولمىغانلىقى ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن مەلۇم بولىدۇ. ياۋروپا ئىمپېراتورلىقىغا قايتىدىن ئىگە بولالمايدۇ، ئەلۋەتتە. لېكىن، دۆلەتلەر ئارىسىدا ئۇرۇشنىڭ قايتىدىن يۈز بېرىپ – بەرمەسلىكىنىڭ كاپالىتى قايتىدىن تەتقىق قىلىنىشى كېرەك. « ياۋروپا ئۆچكەن بىر ۋولقانمۇ ياكى ئۇيقىدىكى بىر يانار تاغمۇ؟ » دېگەن سوئال ھالا مەۋجۇت. ياۋروپا
بىرلىكىنىڭ يىللىق خام چوتى ئا ق ش دىن بىر تىرىلىيون ئارتۇق بولۇپ، 14 تىرىلىيون دوللاردىن ئاشىدۇ. بۇنداق باي بىر رايوندا بىر مەسىلىنىڭ چىقىش ئىھتىمالى ھازىرچە يوقتەك كۆرۈنمەكتە، لېكىن بۇنىڭ كاپالىتى يوق.