دۇخان سۈرىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

سۈرىگە 10 – ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان « تۇمان » مەنىسىدىكى « دۇخان » كەلىمىسى ئىسىم قىلىپ بېرىلگەن:

« سەن ئاسمان تۇمان ( دۇخان ) بىلەن قاپلىنىدىغان كۈننى كۈتكىن! » ( 10 ).

قۇرئان سۈرىلىرىنى ئىسىملىرى بىلەن كاتىگورىيگە ئايرىلسا، ھەر ھالدا قىيامەت ۋە ئاخىرقى سائەت بىلەن مۇناسىۋەت سۈرە ئىسىملىرى بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. قۇرئاندا ئىلاھىي پەيدا بولۇش ۋە يوقۇلۇش ھەقىقىتىنىڭ ئۆزى ياكى سۈپىتى بىلەن ئاتالغان 14 سۈرە بار.

سۈرە « ھا، مىم » ئائىلىسىگە تەۋە سۈرىلەرنىڭ بەشىنچىسى بولۇپ، مەككىدە ھىجرەتكە يېقىن بىر مەزگىلدە نازىل بولغان. مەزمۇن جەھەتتىن بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە. 15 – ئايىتىنىڭ مەدىنىدە نازىل بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولسىمۇ، دەلىلى ساغلام ئەمەس.

دەسلەپكى مەزگىلدىكى تەرتىپلەردە زۇخرۇف – جاسىيە سۈرىسى ئارىسىغا تىزىلغان. ئىبن ئابباس تەرتىۋىدە 61، ئۇنىڭدىن جابىر بىن زەيد ئارقىلىق يېتىپ كەلگەن تەرتىپتە 63، ھەزرىتى ئوسمان تەرتىۋىدە 64 – قاتارغا تىزىلغان. تەخمىنەن پەيغەمبەرلىكنىڭ 12 – يىلىدا نازىل بولغان. ساففات 62 – ئايەتنىڭ بۇ سۈرىنىڭ 43 – ئايىتىدىكى ئېتىرازغا بېرىلگەن جاۋاپ ئىكەنلىكى نەزەرگە ئېلىنغاندا، بۇ سۈرىنىڭ ساففات سۈرىسىدىن بۇرۇن نازىل بولغانلىقى مۇقۇملىشىدۇ.

سۈرىدە دېيىلمەكچى بولغان مەقسەت ناھايىتى ئېنىق. يەنى، ھەر پىرئەۋننى بوغىدىغان بىر دېڭىز بار.

سۈرىنىڭ ئاساسىي تېمىسى، ئىلاھىي تەربىيە لاھىيەسى بولغان ۋەھىيگە تەسلىم بولۇش بولۇپ، مەيلى شەخسى ياكى كوللىكتىپ ھالدا بولسۇن، بۇ لاھىيىگە تەسلىم بولمىغانلارنى كۈتىۋاتقان تەك نەرسە قىيامەتتۇر.

سۈرە مۇقاتتائا ھەرىپلىرىدىن كېيىن ۋەھىي تەكىتلەنگەن ھالدا باشلانغان. قەدىر سۈرىسىدە تىلغا ئېلىنغان قەدىر كېچىسى بىلەن بۇ سۈرىنىڭ 3 – ئايىتىدە تىلغا ئېلىنغان كېچە ئوخشاش بىر كېچىنى كۆرسىتىدۇ.

حم (1) وَالْكِتَابِ الْمُبِينِ (2) إِنَّا أَنْزَلْنَاهُ فِي لَيْلَةٍ مُبَارَكَةٍ إِنَّا كُنَّا مُنْذِرِينَ (3) فِيهَا يُفْرَقُ كُلُّ أَمْرٍ حَكِيمٍ (4) أَمْرًا مِنْ عِنْدِنَا إِنَّا كُنَّا مُرْسِلِينَ (5) رَحْمَةً مِنْ رَبِّكَ إِنَّهُ هُوَ السَّمِيعُ الْعَلِيمُ (6)

حا، مىم. ئۆزى روشەن ۋە ھەقىقەتنى بايان قىلغۇچى بولغان بۇ كىتاپنىڭ قەدرىنى بىلىڭلار. بىز قۇرئاننى ھەقىقەتەن مۇبارەك كېچىدە (يەنى شەبى قەدرى كېچىسىدە) نازىل قىلدۇق، بىز ھەقىقەتەن ئىنسانلارنى (قۇرئان بىلەن) ئاگاھلاندۇرغۇچى بولدۇق. ئۇ كېچىدە ھەر بىر ھېكمەتلىك (يەنى ھېكمەتنىڭ تەقەززاسى بويىچە قىلىنغان) ئىش (يەنى بەندىلەرنىڭ رىزقى، ئەجىلى ۋە باشقا ئەھۋالى) ئايرىلىدۇ. بۇ بىزنىڭ ئەمرىمىز بىلەن بولغان ئىشتۇر: بىز ھەقىقەتەن (ئىنسانلارغا پەيغەمبەرلەرنى) ئەۋەتتۇق، (بۇ) رەببىڭنىڭ رەھمىتىدىندۇر. ئۇ ھەقىقەتەن (بەندىلەرنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر. (ئەھۋالىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر ( 1 – 6 ).

قەدىر كېچىسىنىڭ ئالاھىدىلىكى ھەققىدە توختالغان تۆتىنچى ئايەت، قەدىر سۈرىسىدىكى مەلۇماتنى تاماملىغاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ كىشىگە.

« سەن ئاسمان تۇمان ( دۇخان ) بىلەن قاپلىنىدىغان كۈننى كۈتكىن! » ( 10 ) دېگەن تەھدىد بىلەن باشلىغان ئايەتكە ئاساسەن سۈرىگە مەزكۇر ئىسىم قويۇلغان. بەزى نوپۇزلۇق ئالىملار بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان تۇماننى ئۆز ۋاقتىدا يۈز بەرگەن بىر ۋەقەگە باغلاپ چۈشەندۈرگەن. بۇ ۋەقە، مەككىدە يۈز بەرگەن قەھەتچىلىك ۋە بۇ ئاچارچىلىق سەۋەبىدىن مۇشرىكلارنىڭ كۆزلىرىنىڭ تۇمانغا غەرق بولغاندەك كۆرمەس بولۇپ قېلىش ۋەقەسىدۇر.

بۇ بۆلەكتىن كېيىن، پىرئەۋننىڭ ھاكاۋۇرلىقى ۋە ئىنكار قىلىشتا چىڭ تۇرغانلىقى سەۋەبىدىن دۇچار بولغان ئاقىۋىتى بايان قىلىنغان ( 17 – 33 ). مانا بۇ نوقتىدا قۇرئان ھەر تەكەببۇر ئىنكار قىلغۇچىغا خىتاپ قىلغان بىر ھەقىقەتنى بايان قىلىدۇ. يەنى، ئۆزىنى ۋازكەچكىلى بولمايدۇ دەپ ئويلاپ قالغان ئىنكارچىلارنىڭ ئارقىسىدىن كۆز يېشى قىلىدىغان ھېچكىمى بولمايدۇ:

فَمَا بَكَتْ عَلَيْهِمُ السَّمَاءُ وَالْأَرْضُ وَمَا كَانُوا مُنْظَرِينَ

« ئۇلارغا ئاسمانمۇ، زېمىنمۇ يىغلىمىدى، ئۇلارغا مۆھلەتمۇ بېرىلمىدى » ( 29 ).

بۇنىڭغا تارىختىن نۇرغۇن مىسال كەلتۈرگىلى بولىدۇ. ئۇلار بۇ دۇنيادا ئۇچرىغان پالاكەتتىن باشقا، يەنە ئاخىرەتتىمۇ جازالاندۇرۇلىدۇ.

ئاندىن ۋەھىيگە تەسلىم بولغانلارنى ئاخىرەتتە كۈتۈپ تۇرىۋاتقان مۇكاپات بايان قىلىنىپ، ئەڭ چوڭ زەپەرنىڭ ئەبەدىي نىجاتلىققا ئېرىشىش ئىكەنلىكى ئىپادىلىنىدۇ ( 57 ).

دۇخان، جەننەت ۋە جەھەننەمگە مۇناسىۋەتلىك تەپسىلىي تەسۋىرلەر بايان قىلىنغان سۈرىدۇر. دۇنيا ھاياتىدىن ناھايىتى پەرقلىق بولغان ئاخىرەت ھاياتىنىڭ تەبىئىتىنىڭ تەقەززاسىغا ئاساسەن، ئۇ ئالەمگە مۇناسىۋەتلىك تەسۋىرلەرنىڭ مەجازى شەكىلدە بايان قىلىنغانلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق كېرەك. تۆۋەندىكى كۆپ ئۇچرىمايدىغان مەجازنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى بولغان ۋە ھەقىقىتىنى تەسەۋۋۇر قىلغاندا ئىنساننىڭ تېنى قورقۇدىن شۈركىنىدىغان ئايەتلەرگە قاراپ باقايلى:

إِنَّ شَجَرَةَ الزَّقُّومِ (43) طَعَامُ الْأَثِيمِ (44) كَالْمُهْلِ يَغْلِي فِي الْبُطُونِ (45) كَغَلْيِ الْحَمِيمِ (46) خُذُوهُ فَاعْتِلُوهُ إِلَى سَوَاءِ الْجَحِيمِ (47) ثُمَّ صُبُّوا فَوْقَ رَأْسِهِ مِنْ عَذَابِ الْحَمِيمِ (48) ذُقْ إِنَّكَ أَنْتَ الْعَزِيزُ الْكَرِيمُ (49) إِنَّ هَذَا مَا كُنْتُمْ بِهِ تَمْتَرُونَ (50)

زەققۇم دەرىخى ھەقىقەتەن گۇناھكارلارنىڭ تامىقىدۇر. ئۇ ئېرىتىلگەن مىستەك (قىزىق) دۇر، ئۇ قورساقلاردا قايناقسۇدەك قاينايدۇ. (دوزاخقا مۇئەككەل پەرىشتىلەرگە) « ئۇنى تۇتۇپ سۆرەپ دوزاخنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئېلىپ بېرىڭلار، ئاندىن ئۇنىڭ بېشىغا قايناقسۇ قۇيۇپ ئازابلاڭلار » دېيىلىدۇ. (ئۇنىڭغا خارلاش ۋە مەسخىرە قىلىش يۈزىسىدىن) « (بۇ ئازابنى) تېتىغىن، سەن ھەقىقەتەن ئىززەتلىك ئۇلۇغ زات ئىدىڭ. بۇ (ئازاب) ھەقىقەتەن (ھايات ۋاقتىڭلاردا) سىلەر شەكلەنگەن نەرسىدۇر » دېيىلىدۇ ( 43 – 50 ).

ئەگەر قۇرئاندا ھەزىل ئامىلى ئىزدىسەك، 49 – ئايەتتىكى جەھەننەمگە تاشلانغانلار ھەققىدە كىنايىلىك ئېيتىلغان « قېنى تېتىپ باققىن، سەن ھەقىقەتەن ئىززەتلىك ئۇلۇغ زات بولساڭ كېرەك! » ئىپادىسى ئۇنىڭ ئەڭ تىپىك مىسالى بولالايدۇ. بۇ، قۇرئاندىكى « ھەزىل »گە تېما بولالىغۇدەك ساناقلىق ئايەتلەردىن بىرى. ئۇ كاپىرنىڭ دۇنيادا پەقەت كۇپۇرى سەۋەپلىك ئۆزىنى ئىززەتلىك دەپ قارىغانلىقى، مۇئمىنلەرنى پەقەت ئىمانى سەۋەپلىك خار كۆرگەنلىكى ئايەتتىن چىقىپ تۇرىدۇ. ئاخىرەت، ئىنساننىڭ ھەقىقىي قىممىتى ئوتتۇرىغا چىققان ۋە ھەر نەرسىگە ھەققى لايىقىدا بېرىلگەن « ھەق ۋە ھەقىقەت كۈنى »دۇر.

پۈتۈن بۇ ۋەدە ۋە تەھدىدلەر بىلەن، ئۇلارغا لايىق بولغانلار ئارىسىدا پەقەت بىر پەرق بار. يەنى، زامان ( ۋاقىت ). ھەممە ۋاقتى كەلگەندە ھەقىقەتنى كۆرۈپ يېتىدۇ:

« ئۇنداقتا، سەنمۇ كۈتكىن، شۈبھىسىزكى، ئۇلار كۈتكۈچىدۇر » ( 59 ).

بۇ سۈرە قۇرئان ۋەھىينىڭ سۆزلىك خىتاپ خاراكتېرىنىڭ تىپىك ئۆرنەكلىرىدىن بىرسى. بىر نۇتۇقتا خىتاپنى جەلىپ قىلارلىق ۋە تەسىرلىك قىلغان ئامىل، خىتاپنىڭ ۋە جۈملىلەرنىڭ ئېنىق بولىشىدۇر. تەكرارلار ۋە تەكىتلەر خىتاپ قىلغۇچىنىڭ زېھنىدە ئىز قالدۇرۇشنى ۋە ۋىجدانىنى ھەرىكەتكە ئۆتكۈزۈشنى مەقسەت قىلىدۇ. بۇ سۈرە مانا بۇ ئالاھىدىلىكلىرى ئارقىلىق، ھەقىقەتنىڭ ئەبەدىي قىممىتى بىلەن بالاغەتنىڭ ئەدەبىي قىممىتىنى ئۆزىدە مۇجەسسەملەشتۈرگەن. بۇ سەۋەپتىن ئايەتلەردىكى مەنا لەبىزگە قارىغاندا ناھايىتى چوڭقۇر. سۈرىنىڭ ئاخىرقى ئايىتى بۇنىڭ تىپىك ئۆرنىكى بولالايدۇ. ئايەتنىڭ تېكىستىنى ۋە تىرناق ئىچىگە ئېلىنغان بايانلاردىن نەزەردىن ساقىت قىلىنغاندا نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى بىلىش تەس بولغان مەنىسى بىلەن بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى:

فَارْتَقِبْ إِنَّهُمْ مُرْتَقِبُون

« ئۇنداقتا، سەنمۇ ( يۇقىرىدا بايان قىلىنغان جەننەتنى ) كۈتكىن، شۈبھىسىزكى، ئۇلار (يۇقىرىدا تەسۋىرلەنگەن جەھەننەملىرىنى ) كۈتكۈچىدۇر » ( 59 ).