تىنچ ئوكيان رايونى

ئۆتكەن يېرىم ئەسىردە، تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ غەربىي قىرغاقلىرى دۇنيانىڭ ئەڭ تەرەققىي قىلغان رايونى بولدى. جوڭگو ۋە ياپۇنىيىدىن ئىبارەت ئەڭ چوڭ ئىككى ئىقتىسادىي كۈچ بۇ رايونغا جايلاشقان. باشقا ئاسيا دۆلەتلىرىگە ئوخشاش بۇ ئىككى دۆلەتمۇ ئا ق ش ۋە ياۋروپاغا دېڭىز تىجارەت يولى بىلەن تۇتۇشىدۇ. باسرا قولتىقى يولى ۋە تىنچ ئوكياننىڭ باشقا رايونلىرى بىلەن تىجارەت ئالاقىسى بار. بۇ دېڭىز تىجارەت يولىنىڭ توسۇلىشى ئۇلار ئۈچۈن بىر پالاكەتتىن دېرەك بېرىدۇ. ياپۇنىيە دۇنيانىڭ ئىككىنجى ئىقتىسادى كۈچى، تەبىئىي بايلىقى بولمىغان بىردىن بىر سانائەت دۆلىتى. بۇ دۆلەت نېفىتتىن ئاليۇمىنغىچە پۈتۈن خام ئەشيانى ئىمپورت قىلىشقا مەجبۇر. نېفىت ئىمپورتى توختاپ قالغان ياپۇنىيىنىڭ سانائىتى شۇ زامان ۋەيران بولىدۇ. ھەممىمىزگە مەلۇم، 1941 – يىلىدا ئا ق ش خام ئەشيا ئىمپورتىنى توسۇپ قويغانلىقى ئۈچۈن ياپۇنىيە پىيورىل خاربورغا ھۇجۇم قىلدى.

جوڭگومۇ يېقىنقى مەزگىلدە بىر سانائەت دۆلىتى سۈپتىدە باش كۆتۈرۈپ چىقتى ۋە سانائىتى ئا ق ش، ياپۇنىيىنىڭ ئارقىسىدا بولسىمۇ، دۇنيانىڭ باشقا چوڭ ئىقتىسادىي كۈچلىرىدىن ئېشىپ كەتتى ۋە تىنچ ئوكياندا مۇھىم ئورۇنغا ئىگە بولدى. مۇھىم خام ئەشيا ماتېرىياللىرى جەھەتتە ئۆزىنى تەمىنلەشتە بۇرۇنمۇ ياپۇنىيىگە قارىغاندا خېلى ئالدىدا ئىدى. لېكىن، جوڭگو ئىقتىسادىي جەھەتتىن چوڭايغانسېرى ئۆز بايلىقىرىنى تۈگىتىشكە ۋە خام ئەشيا ئىمپورت قىلىشقا باشلىدى.
تىنچ ئوكياندا ھازىر ئىقتىسادىنى يۆلەش ۋە چوڭايتىش ئۈچۈن ئىمپورت ۋە ئېكسپورت قىلىشقا مۇھتاج ئىككى چوڭ دۆلەت بار. ياپۇنىيە ۋە جوڭگودىن باشقا يەنە جەنۇبىي چاۋشىيەن ۋە تەيۋەنمۇ دېڭىز يولىغا مۇھتاج. ئا ق ش تىنچ ئوكياننى كونتىرول قىلغانلىقى ئۈچۈن، بۇ دۆلەتلەر ئىقتىسادىي ھاياتىنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ بىردىن بىر يولى ئا ق ش بىلەن ياخشى ئۆتۈشى كېرەك. شۇڭا بۇ ئەھۋالدا بۇ رايوندا ھەر دۆلەت بىر بىرىگە مۇھتاج بولۇپ مەسىلە چىقىرالمايدۇ دېيەلەيمىز.

 تىنچ ئوكيان تىجارەت يوللىرى

 ئا ق ش مۇ ئاسيا دۆلەتلىرىدىن ئەرزان سانائەت تاۋارلىرىنى ئالغاچقا ئۇلارنى يۆلەشكە مەجبۇر. لېكىن، بۇ ئەھۋال ئامېرىكىدىكى بەزى ساھەلەرگە زىيان ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ، ئامېرىكىدا ئىش ئىمكانلىرى تارىيىپ ئىش ھەقلىرى تۆۋەنلەۋاتىدۇ. ئا ق ش ھۆكۈمىتى باشقا دۆلەتلەر بىلەن ياخشى ئۆتۈش بىلەن بىرگە، دۆلەت ئىچىدە خەلقنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە مەجبۇر. ئەگەر خەلقنىڭ قوللىشىدىن ئايرىلىپ قالىدىغان بىر ۋەزىيەت ئوتتۇرىغا چىقىپ قالسا، ئا ق ش ھۆكۈمىتى ئاسيادىن ئالىدىغان تاۋارلارنى ئازايتىش ئۈچۈن چەكلىمە قويىشى مۇمكىن. بۇنىڭ ئىھتىماللىقى ناھايىتى ئاز. ئەمما ھەقىقەتەن شۇنداق بىر ۋەزىيەت ئوتتۇرىغا چىقىپ قالسا، بۇ شەرقىي ئاسيا تىجارىتىگە بېرىلگەن چوڭ زەربە بولىدۇ.

جوڭگو چەتئەلگە سېتىۋاتقان تاۋارلىرىنىڭ تۆتتىن بىرىنى ئا ق ش ئالىدۇ. ئا ق ش جوڭگو تاۋارلىرىنى ئالمىسا ياكى تاموژنا بېجىنى ئاشۇرۇپ، تاۋارغا كېتىدىغان چىقىمنى كۆپەيتسە، جوڭگودا ئىقتىسادى بوھران پەيدا بولىدۇ. بۇ ئەھۋال ياپۇنىيە ۋە باشقا ئاسيا دۆلەتلىرى ئۈچۈنمۇ ئوخشاش. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا بۇ دۆلەتلەر باشقا بازارلارنى ئېچىش ئۈچۈن سىياسىي ھەتتا ھەربىي ۋاستىلەرنى ئىشقا سېلىشى مۇمكىن.

ئا ق ش خالىغان ۋاقىتتا ھەربىي كۈچ سۈپتىدە تىنچ ئوكيان دېڭىز يوللىرىنى قامال قىلالايدۇ. ئا ق ش تاشقى تىجارەتتە ئاسيا دۆلەتلىرىگە مۇھتاج، لېكىن ئاسيا دۆلەتلىرى ئا ق ش غا تېخىمۇ بەك مۇھتاج. ئاسيادىن ئەرزان تاۋار ئىمپورت قىلىشقا قارشى تەرەپلەرمۇ ئا ق ش ھۆكۈمىتىگە بېسىم قىلىۋاتىدۇ، ھۆكۈمەت ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ بېسىملارغا باش ئىگىپ تىنچ ئوكيان تىجارىتىنى قېيىنلاشتۇرىشى مۇمكىن. بۇ ئەھۋالدا ھەربىي كۈچىدىن پايدىلىنىپ ئۆز مەنپەئىتىنى قوغدايدىغان قانۇنلار بىلەن پانالىنىشى مۇمكىن. بۇ ۋەزىيەتتە شەرقىي ئاسيا دۆلەتلىرى ئامېرىكا ھەربىي ۋە ئىقتىسادى كۈچىگە قارشى تۇرالمايدۇ.

بۇ سەۋەپتىن ئاسيا دۆلەتلىرىنىڭ ھېچقايسىسى مەسىلە پەيدا قىلىشنى خالىمايدۇ. بۇ رايوندا چوڭ بىر كۈچ تەڭپۇڭسىزلىقى بار بولۇپ، مەسىلە چىقىش ئىھتىمالى بار، ئا ق ش سىياسىتى ئۆزگۈرۈپ قېلىشى مۇمكىن. مەسىلەن: ئا ق ش جوڭگونىڭ نېفىت ئىمپورتىغا چەكلىمە قويۇش ئىھتىمالى جوڭگونى بىسەرەمجان قىلماقتا. بۇ سەۋەپتىن جوڭگو ھازىر ئىقتىسادى كۈچىدىن پايدىلىنىپ ھەربىي كۈچىنى كۈچەيتىشنى پىلانلاۋاتىدۇ. پىلاندا ياخشى ئۈمىتلەر كۈتىلىۋاتىدۇ، شۇنداقتىمۇ ھەر ئىھتىمالغا قارشى ھەربىي تەييارلىقلار داۋاملىشىۋاتىدۇ.

غەربىي تىنچ ئوكيان كېيىنكى ئەللىك يىلدا ئىقتىسادى كۈچىنى ئاشۇردى، لېكىن ھەربىي كۈچىدە بىر ئۆزگۈرۈش بولمىدى، كۈچلەنمىدى. بۇ سەۋەپتىن جوڭگو ۋە ياپۇنىيە ئالدىمىزدىكى بىر ئەسىردە ھەربىي كۈچىنى كۈچەيتىشكە يۈزلىنىدۇ ۋە ئا ق ش مۇ بۇنى غەربىي تىنچ ئوكياننىڭ كونتىرولى ھەققىدە ئۆزىگە قارشى ئىھتىماللىق يۇقىرى بىر تەھدىد دەپ بىلىدۇ. بۇ ھەربىي كۈچنى ئاشۇرۇش مۇداپىئە مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلغان تەقدىردىمۇ، ھۇجۇم خاراكتېرلىق دەپ قارىلىپ ئوتتۇرىدا بىر مەسىلە پەيدا بولىدۇ. جەنۇبىي چاۋشىيەن ۋە تەيۋەن قاتارلىق تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭمۇ بۇ مەسىلىگە ئارىلىشىشى بىلەن بۇ رايوندا ۋەزىيەت جىددىيلىشىشكە باشلايدۇ.

نېفىت باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىمۇ بۇ رايوندىكى دۆلەتلەرگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇ دۆلەتلەر ئا ق ش نىڭ نېفىت مەنبەلىرىنى كونتىرول قىلىۋېلىشىنى توسۇشقا ئۇرۇنىدۇ. بۇ سىنارىيو ئالدىمىزدىكى يىگىرمە – ئەللىك يىل ئارىسىدا رىئاللىققا ئايلىنىدۇ. بۇ رايۇندىكى مەلۇم دۆلەت بۇنىڭغا قارىتا تەييارلىق قىلىدۇ. كۈنىمىزدە پەقەت جوڭگو ۋە ياپۇنىيە ئا ق ش غا خىرىس قىلالىغۇدەك دۆلەتلەر بولۇپ، بۇلار بىر – بىرى بىلەن دوست ئەمەس. لېكىن، نېفىت باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىش ئىھتىمالىنى نەزەرگە ئېلىپ، ئا ق ش غا قارشى ئىتتىپاقلىشىشى مۇمكىن.

تىنچ ئوكياندىكى دېڭىز يوللىرىنىڭ كونتىرولى نېفىت توشۇشتا ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. نېفىت باھاسى ئۆرلىگەندە، ھىدرو كاربونسىز ئېنىرگىيە مەنبەلىرىنىڭ مەيدانغا كېلىشى ھازىرچە مۇمكىن بولماسلىقى نەزەردە تۇتۇلغاندا، تىنچ ئوكيان دېڭىز يوللىرىدا مەسىلە چىقىش ئىھتىمالى يۇقىرى. بۇ رايوندا ھەقىقەتەن كۈچ تەڭپۇڭسىزلىقى بار بولۇپ، ئېنىرگىيە توشۇش بىلەن ئامېرىكا بازىرىغا كىرىش بۇ مەسىلىگە قوشۇلغاندا، تىنچ ئوكيان رايونى چوڭ بىر جۇغراپىيۋى سىياسەت چاك ( پارتىلاش ) نوقتىسىغا ئايلانماقتا.