3- باب يېڭى چاك سىزىقلىرى

  يېڭى تەۋرەش قەيەردە ۋە قاچان بولىدۇ؟ بۇ سۇئالغا جاۋاپ بېرىش ئۈچۈن 21 – ئەسىر گىئولوگىيلىك چاك سىزىقلىرىنى تەتقىق قىلىشىمىز، تېپىپ چىقىشىمىز كېرەك. گىئولوگىيدىكىدەك باشقا ساھەلەردىمۇ تەۋرەش نوقتىلىرى بولىدۇ. بۇ تېمىنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن، ئەڭ باشتا سۈركىلىشلەرنىڭ قەيەردە توقۇنۇشقا ئايلىنىدىغانلىقىغا قارىشىمىز كېرەك. ئىسلام دۇنياسىدىكى ھەرىكەتلەر ئازىيىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، دۇنيادىكى ئەڭ مۇقىمسىز رايون قەيەر بولىشى مۇمكىن؟

كۈنىمىزدە مەسىلە چىقىش ئىھتىمالى يۇقىرى بولغان بەش رايون بار. ئىنتايىن مۇھىم بولغان تىنچ ئوكيان رايونى ئا ق ش دېڭىز ئارمىيسىنىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىدا بولۇپ، تىنچ ئوكياننىڭ ئاسيا قىرغاقلىرىغا جايلاشقان دۆلەتلەر تىجارىتىنى تىنچ ئوكيانغا تۇتاشقان پورتلىرى ئارقىلىق ئېلىپ بارغانلىقى ئۈچۈن ئا ق ش دېڭىز ئارمىيسىگە بېقىندى ھالەتتە. بۇلاردىن جوڭگو ۋە ياپونىيىدىن ئىبارەت ئىككى دۆلەت چوڭ كۈچلەر بولۇپ، تەبىئىي ھالدا ئا ق ش ھاكىمىيىتىگە قارشى چىقىشى مۇمكىن. ئا ق ش ۋە ياپونىيە 1941 – 1945 – يىللىرى ئارىسىدا تىنچ ئوكيان رايونىدا ئۆزئارا ئۇرۇشتى ۋە بۇ رايوننى كونتىرول قىلىش، كۈنىمىزدە بىر توقۇنۇشنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى بولغىدەك ھالەتنى شەكىللەندۈردى.

ئىككىنجى نوقتا، سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن، ياۋرو – ئاسيانىڭ كېلەچىكى ئويلىنىشقا تېگىشلىك بىر مەسىلە بولۇپ قالدى. بۇ رايوندا 1991 – يىلىدىن تارتىپ پارچىلىنىش داۋاملىشىۋاتىدۇ. روسىيە بۇ دەۋردە ئۆزىگە بۇرۇنقىدىنمۇ بەكرەك ئىشىنىۋاتىدۇ. لېكىن بۇ رايوندا نوپۇزىنى كۈچەيتەلمىسە، روسىيە فدېراتسىيىسىمۇ پارچىلىنىپ كېتىشى مۇمكىن. يەنە بىر تەرەپتىن روسىيىنىڭ بۇ رايوندا نوپۇزىنى كۈچەيتىشى ئا ق ش ۋە ياۋروپا
بىلەن ئارىسىدا سۈركىلىش پەيدا قىلىشى مۇمكىن.

ئۈچىنىچى نوقتا، ياۋروپا بولۇپ ياۋروپانىڭ كەلگۈسىدىكى ۋەزىيىتىمۇ ناھايىتى نازۇكلىشىشى مۇمكىن. ياۋروپا بەش ئەسىر بويىچە ئۇرۇش مەيدانى بولغان بىر قىتئە. كېيىنكى 60 يىلدا ياۋروپادا يەنە ئۇرۇش بولدى، يېڭى ئۇرۇشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بىرلەشتى. لېكىن، ياۋروپا يەنىلا روسىيە، ئا ق ش ۋە ئۆزىنىڭ ئىچكى مەسلىلىرى بىلەن ئاۋارە بولىشى مۇمكىن.
تۆتىنجى نوقتا، ئىسلام دۇنياسىدىمۇ مەسلىلەر مەۋجۇت. ئاساسىي مەسىلە داۋالغۇشلار ئەمەس، ئىدىئولوگىيسى ئوخشىمىغان كۈچلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىشى نەتىجىسىدە ئوتتۇرىغا چىقىدىغان بىر مىللىي دۆلەتنىڭ شەكىللىنىشى بولۇپ، تۈركىيە تارىختا ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئەڭ ئۈلگىلىك كۈچ مەركىزى بولۇپ كەلدى. تۈركىيە دىنامىك ۋە تىز تەرەققىي قىلغان دۆلەت. بۇ مەسىلىدە تۈركىيە ۋە باشقا مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ كەلگۈسىگە نەزەر سېلىشنىڭ پايدىسى بار.

بەشىنچى نوقتا، مېكسىكا – ئا ق ش ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت بولۇپ، مېكسىكا ئادەتتە يەرشارىۋى توقۇنۇش شەكىللەندۈرەلەيدىغان بىر دۆلەت ئەمەس. لېكىن، شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ئورنى، ئۇنى كۈچىدىن ھالقىغان مۇھىم بىر دۆلەتكە ئايلاندۇردى. مېكسىكا تارىخىدا ئا ق ش بىلەن توقۇنۇشلار بولدى. ئالدىمىزدىكى بىر ئەسىر جەريانىدا ئىككى ھۆكۈمەت ( ئا ق ش ۋە مېكسىكا )مۇ باشقۇرالمايدىغان ئاممىۋىي كۈچلەر ئوتتۇرىغا چىقىش مۇمكىن.

كېلەچەكتە يۈز بېرىش ئىھتىمالى يۇقىرى مەسلىلەرنى ئويلاشقاندا، بۇلارنىڭ قايسى جايلاردا ۋە قايسى تەرتىپ بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىدىغانلىقىنى تەتقىق قىلىش كېرەك. بىر توقۇنۇش رايونىدا، ھەردائىم چوڭ كۆلەملىك ۋەقەلەر چىقىدۇ دېگىلى بولمايدۇ، ئەلۋەتتە. مىڭ يىللاپ تىنىچ تۇرغان بۇ رايونلاردا پەقەت بىر قانچە قېتىم تەسىرى كىچىك بولغان ۋەقەلەر چىقىشى مۇمكىن. ئەمما، توقۇنۇش نوقتىسىنىڭ كۆپ بولىشى توقۇنۇش چىقىش ئىھتىمالىنى كۈچەيتمەكتە.