قاچانمۇ قۇرئاننىڭ ياپۇنچە تەرجىمىسىنى تىڭشارمەن؟ دېگەن ئۈمىتتە يۈرۈپ، بىر ياپۇن دوستۇمغا بۇ ئارزۇيۇمنى دېگىنىمدە قىلىپ بىرىدىغان بولغان ئىدى. ئۇزۇندىن بېرى بەلكىم ھەممىسىنى ئوقۇپ بولغاندا ماڭغا ئېيتسا كېرەك دەپ، شۇنداقتىمۇ بۈگۈن سوراپ باقاي قانداق كېتىۋاتقاندۇ دېسەم« مېنى كەچۈرسەڭ ئۇ ئىشنى ئورۇندىيالمىدىم. مەن ئوقۇماقچى بولغان سىتودىيو تاقىلىپ قالدى. قەتئىي خاپا بولما» دېۋىدى،« ھەي، بۇ سىتۇدىيو دېگەن نەرسە بولمىسا بولمايدىغان نەرسىكەن جۇمۇڭ!» دېدىم ئۆز-ئۈزەمگە. 

 شۇنداق كۆڭلۈم تېخى يېرىم بولۇشقا ئۈلگۈرمەي تۇرۇپ، توساتتىن ئوتسۇكا مەسجىدنىڭ فېيىسبۇك بېتىدە بۇ پىروجە/ تۈرنى 2014-يىلدىن بېرى قىلىۋاتقانىقى توغرۇلۇق يوللانمىنى كۆرۈپ، قەۋەتلا خوش بولۇپ كەتتىم!

 ئاڭلاپ باقتىم، يەرلىك ياپۇن ئوقۇپتۇ. تەلەپپۇزىمۇ نوچىكەن. ئاللاھ ئىگەم مەن ئويلىغانلا نەرسىنىڭ ھەممىسىنى باشقىلارنىڭمۇ دىلىگە سېلىپ، ئارمانلىرىمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بەرگەنلىكىدىن ئۈزمنى قويغۇدەك يەر تاپالماي يۈرۈۋاتىمەن!

 ئۇلۇغ ئاللاھىم! دۇنياغا سۇلتان بولغاندىن، قۇرئانغا قۇربان بولغانلارنىڭ قاتارىدىن ئەيلە! ئۇستازنىڭ دۇئاسىدىكىدەك « قۇرئان خادىمى» قىلغىن بىزنى، بىرەر ياپۇننىڭ مۇسۇلمان بولىشىغا سەۋەپچى قىل دەپ شۇنچە يالۋۇرۇپ، ئاخىرى يېڭى توغۇلغان ئوغلۇمنىڭ ئېتىنى ئايالىم ۋە باللىرىم بىرلىكتە فۇرقان قويۇمىز دەپ چىڭ تۇرۇۋالسىمۇ، ياپۇنىيەنىڭ ئىسلام بىەن تونۇشىشىشغا سەۋەپچى بولغان ئەرتۇغرۇل پىلوتىنىڭ ئىسمىنى قوشۇپ فۇرقان ئەرتۇغرۇل قويغان ئىدىم، مېنىڭ نەزىرىمنى قوبۇل قىل ۋە بۇ ئۈمىدىمنىڭ بالامنىڭ قولىدا ئەمەس، مېنىڭ قولۇمد روياپقا چىقىشىغا ياردەم قىل!

 ئەي ئۇلۇغ ئاللاھىم، بىلىۋاتىمەن 20 يىل بۇرۇن ئۈگەنگەن ياپۇن تىلىمنىڭ زاكىتىنى بىرىش يولۇمنى تېخىمۇ ئۇچۇق قىىش ئۈچۈن، مەن ھېچ خىيالمۇ قىلىپ باقمىغان يەرلەردىن رىزىق بېرىۋاتىسەن… سەن رەززاقسەن! ئىنشا ئاللاھ ھالال رىزقىمنى قازىنىدىغان بۇ تېىكىرداغ ئاسياپورتتىكى مىتسۇبىشى شىركىتىگە ياپۇنچە – ئىنگىلىزچە – تۈركچە تەرجىمانلىق قىلىدىغان ئەڭ ئاز ئۈچئايلىق خىزمىتىمنى مۇۋەپپىقىيەتلىك ئورۇنداش قابىلىيىتىنى ماڭا يېتەرلىك بەر!

ئىنشا ئاللاھ پەيغەمبىرىمگە ئوخشاش، قورۇق سۆز بىلەن ئەمەس، قۇرئانى ئەخلاق ئارقىلىق ئۈلگە بولىدىغان ئىلمنى ماڭا زىيادە قىلغىن! 

 ئىنشا ئاللاھ ياپۇن ئىسلام ۋەقفىنىڭ « قۇرئاننىڭ ياپۇنچە ئۈن- سىن  تۈرى» نىڭ تېزرەك ئەمەلگە ئېشىشى ھەمدە مېنىڭمۇ مۇشۇ تۈردە كىچچىككىنە بولسىمۇ تەر- تۈزۈم بولىشىنى سەندىن تىلەيمەن! تىلەكلەرگە ئەڭ ياخشى جاۋاپ بەرگۈچى سەن ئىدىڭ، يىلەكلىرىمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بەر. ئۇلار مېنىڭ چۈشۈرۈمگە ئايلىنىپ كەتمىسۇن!

 بىزنىڭ ھايات كىتابى قۇرئان ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئۈچۈن قۇرغان توربېتىمىزنى ئەڭ پايدىلىق توربەتلەرنىڭ بىرى قىىپ بەر! ھايات كىتابىم تۈرلىرى ئۈچۈن قان- تەر تۆكۈۋاتقان قېىنداشلىرىمىزنىڭ بارلىق غەملىرىنى كۆتۈرۈۋەت، يوللىرىمىزدىكى پىتنىلەرنى قۇرئان بىلەن دوستلىرىمىزغا ئايلاندۇرۇۋەت!

 ياپۇنلار مۇسۇلمان بولسا، بىزنىڭ خەقتىنمۇ مۇسۇلمان بولىدىغانلار كۆپ چىقارمىىكىن؟ دەپ خام- خىيال قىلىپ يۈرۈپتىەنمەن. ئەسلىدە مۇسۇلمان بولۇپ بەخىتلىك بولۇشنى خالايدىغان ھەرقاندق كىشىگە سەن ھىدايىتىڭنى ئايىمايدىكەنسەن، شۇنداقتىمۇ بىزنىڭ ئىسلامنى يەنى قۇرئاننى توغرا چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق ھەركىمنىڭ مۇسۇلمان بولىشىغا ۋەسىلە بولۇش خىزمىتىمىزگە بەرىكەت ياغدۇر!

 ئەي قۇلۇم، سەن پەقەت تىلىسەڭلا مەن ئىجابەت قىلىمەن دېگەن ئىدىڭ، بىز پېئىلىي ۋە ئاغزاكى دۇئالارنى قىلىۋاتىمىز، سېنىڭ ئىجابەت قىلىدىغنلىقڭدىن قىلچىلىك شەكلەنگەن يېرىمىز يوق! بۈگۈن مانا ئىجابەت قىلىپ بېرىۋاتىسەن، يۈزۈمىزنى كۈلدۈرۈۋاتىسەن، قىيامەتتىمۇ ھەممىمىزنىڭ يۈزىنى كۈلدۈرۈپ، جامالىڭدىن ھۇزۇرلىنىشقا نېسىپ قىلغايسەن! www.hayatkitabim.com