فۇسسىلەت سۈرىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

3 – ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان « تەپسىلىي بايان قىلىندى » مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان « فۇسسىلەت » پېئىلى بۇ سۈرىگە ئىسىم قىلىپ قويۇلغان.

سۈرە، بۇخارى ۋە تىرمىزىدا بىرىنچى ئايىتىگە ئاساسەن « ھا، مىم، ئەسسەجدە » ئىسمى بىلەن ئاتالغان. سۈرىنى 10 – ئايىتىگە ئاساسەن « ئاقۋات » ۋە 12 – ئايىتىگە ئاساسەن « مەسابىھ » ئىسمى بىلەن ئاتىغانلارمۇ بولغان. ئاقۋات « ئوزۇقلۇق » مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. مەسابىھ « چىراقلار، لامپىلار » مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ.

« مەسابىھ » ئىسمى « ئاقۋات » ئىسمىغا كۆرە كەڭ دائىرىدە ئىشلىتىلگەن.

سۈرە، يەتتە سۈرىلىك « ھا، مىم » ئائىلىسىنىڭ ئىككىنجى سۈرىسى بولۇپ، بۇ ئائىلىنىڭ قالغان سۈرىلىرى بىلەن بىرگە ئوخشاش مەككىدە نازىل بولغان. مۇئمىن سۈرىسى بىلەن بىر ۋاقىتتا ياكى ئۇنىڭدىن كېيىن نازىل بولغانلىقىغا قارىغاندا، بۇ سۈرىنى باشقا سۈرىلەر بىلەن ئوخشاش بىر مەزگىلگە تىزىش مۇمكىن.

رەسۇلۇللاھ، قۇرەيشكە ۋاكالەتەن ئۆزىگە ئەخلاقسىزلارچە تەكلىپ بىلەن كەلگەن ئۇتبە بىننى رابىئانىڭ سۆزىنى ئاخىرىغىچە ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا « ئەمدى سەن مېنىڭ سۆزۈمگە قۇلاق » دەپ بۇ سۈرىنى ئوقۇغان. سۈرىنىڭ 13 – ئايىتىنى ئوقۇۋاتقاندا ئۇتبە « ئاللاھ نىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن قەۋمىڭگە مەرھەمەت قىلغىن! » دەپ رەسۇلۇللاھنىڭ سۆزىنى توختاتماقچى بولغان ۋە ئاخىرىدا چىرايدا قان قالمىغان بىر ھالدا قەۋمىنىڭ يېنىڭ قايتىپ بېرىپ، بۇ ھالىنىڭ سەۋەبىنى « سىلەرمۇ بىلىسىلەر ئۇنىڭ دېگەن ھەر سۆزى رىئاللىققا ئايلىنىۋاتىدۇ » دەپ ئىزاھلىغان ( ئىبنى كەسىر ).

فۇسسىلەت سۈرىسى جابىر بىننى زەيد تەرتىۋىدىن باشقا بارلىق تەرتىپلەردە مۇئمىن – شۇرا سۈرىسىنىڭ ئارىسىغا تىزىلغان. جابىر بىننى زەيد تەرتىۋىدە مۇئمىنۇن – شۇرا سۈرىسى ئارىسىغا تىزىلغان. بىزنىڭچە بۇ كېيىنكى تەرتىپ مۇۋاپىق. ھەزرىتى ئوسمان ۋە ئىبن ئابباس تەرتىپلىرىدە سۈرىنىڭ نازىل بولۇش ۋاقتى بىر ئاز بۇرۇن بولسا كېرەك.

سۈرىدە ئىمان ۋە ئىنكارنىڭ تەبىئتى ئانا تېما قىلىنغان.

سۈرە « ھا، مىم » مۇقاتتائا ھەرىپلىرى بىلەن باشلانغان بولۇپ، ۋەھىي تەكىتلەنگەن ھالدا سۆز باشلانغان.

سۈرە نازىل بولغان ئۇ ھالقىلىق ۋە ئېغىر مەزگىلنىڭ كۈنتەرتىپىگە ماس ھالدا ئىنكار قىلىشتا چىڭ تۇرغانلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ ۋە تەھدىد سېلىپ قورقۇتىدۇ. بىر تەرەپلىمە قاراش، ئەقىل تاشلانغان تېگى يوق قۇدۇققا ئوخشايدۇ. كۆرىدىغان كۆز كۆرمەيدۇ، ئاڭلايدىغان قۇلاق ئىشىتمەيدۇ ( 4 – 5 ).

خىتاپ رەسۇلۇللاھقا قارىتىلغان بولۇپ، ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ بىر ئۆلۈملىك ئىنسان، يەنى بەشەر ئىكەنلىكىنى ئېيتقۇزىدۇ: ئېيتقىنكى، مەنمۇ سىلەرگە ئوخشاش ئۆلۈملىك بىر ئىنسانمەن » ( 6 ). ئۇنىڭ باشقىلاردىن پەرقى، پەقەت ئۆزىگە ۋەھىي كېلىدىغان بولىشى بولۇپ، باشقا ئارتۇقچىلىقى يوق. بۇ ئارتۇقچىلىق رەسۇلۇللاھنى « ئاللاھ نىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى » دەپ سۈپەتلىشىمىزنى تەقەززا قىلغان ئالاھىدىلىكتۇر. رەسۇلۇللاھقا بۇنى ئېيتقۇزۇشنىڭ سەۋەبى، ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ ئاللاھ تىن ۋەياكى پەرىشتىلەردىن كۈتكەنلىرىنى ئۇنىڭدىن كۈتۈشكە مايىل بولغانلىقى بولۇپ، بۇ چۈشەنچە بارلىق ئىنكارچى قەۋملەرنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكىدۇر. بۇ نوقتىدا قۇرئان كۈنىمىز مۇھاتابىغا « ھەقىقەت بىلەن ياشاشنى خالىمىغانلار بىنورمال ھاياتقا ئەگىشىدۇ » دېمەكتە. ھەقىقەت نورمال بولغاندۇر. ئىنساندىن ئالەمشۇمۇل ئىلاھىي ئۆمەككە ئۆز ئىرادىسى بىلەن قاتنىشىش تەلەپ قىلىنماقتا. ئاسمانلار ۋە زېمىن بۇ ئىلاھىي ئۆمەككە قاتناشقانلىقىنى ئۆزىنىڭ ھال تىلى بىلەن ئىپادىلىمەكتە: « ئاسمان بىلەن زېمىنغا » ئىختىيارىي ياكى ئىختىيارسىز ھالدا كېلىڭلار! » دېدۇق. ئىككىلىسى » ئىختىيارىي كەلدۇق » دېدى » ( 11 ). ئاسمانلار ۋە زېمىننىڭ ھەر بىرى ئۆز ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى ( 12 ). لېكىن ئىرادىدىن ئىبارەت بىر نېمەت بىلەن ئېمتىھان قىلىنغان ئىنسان بەئەينى ئاد ۋە سەمۇدقا ئوخشاش بۇنىڭغا قارشى چىقتى ( 13 ).

ئىنسان بۇ جاھانغا ساھىپ بولۇش ئۈچۈن ئەمەس، شاھىت بولۇش ئۈچۈن كەلگەن. ئاللاھ ئىنساننى، ئىنساننىڭ ئۆز مەۋجۇدلىقىغا شاھىت قىلغان، ھەم ئاللاھ ئۆزىنىڭ زاتىغا شاھىت قىلغان. ئىنسان ئەگەر بۇ شاھىتلىقنى لايىقىدا ئادا قىلمىسا، ئۇ ۋاقىتتا ئىنساننىڭ ئورگانلىرى، كۆز، قۇلاقلىرى ۋە تېرىسى ئىنساننىڭ زىيىنىغا شاھىتلىق قىلىدۇ ( 19 – 22 ). ئوت ئۇلارنىڭ ماكانى بولىدۇ ( 24 ).

ئىنساندىن ئىبارەت بىر شاھ ئەسەرنىڭ بۇنداق ئېچىنىشلىق بىر ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشىنىڭ سەۋەبى، شەيتانى خاھىشلارنىڭ ئىدراكىنى ئەسىر ئېلىپ، ئىنساننىڭ ئىككىنجى كىشىلىكى ھالغا كېلىشىدىن بولغان.

وَقَيَّضْنَا لَهُمْ قُرَنَاءَ فَزَيَّنُوا لَهُمْ مَا بَيْنَ أَيْدِيهِمْ وَمَا خَلْفَهُمْ وَحَقَّ عَلَيْهِمُ الْقَوْلُ فِي أُمَمٍ قَدْ خَلَتْ مِنْ قَبْلِهِمْ مِنَ الْجِنِّ وَالْإِنْسِ إِنَّهُمْ كَانُوا خَاسِرِينَ

« ئۇلارغا بىز نەپسى – خاھىشىغا ماس كېلىدىغان دوستلارنى مۇسەللەت قىلدۇق، ئۇلار ئالدى ـ كەينىدىكى نەرسىلەرنى (يەنى ئۇلارنىڭ ھازىرقى ۋە كەلگۈسىدىكى قەبىھ ئەمەللىرىنى) ئۇلارغا چىرايلىق كۆرسەتتى، ئۇلارغا ئۇلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەن ئىنسانلاردىن ۋە جىنلاردىن بولغان (گۇناھكار شەقى) ئۈممەتلەر قاتارىدا ئازاب سۆزى تېگىشلىك بولدى، چۈنكى ئۇلار زىيان تارتقۇچىلار ئىدى » ( 25 ).

بۇلار ھەقىقەتنى ئىزدەشنىڭ ئورنىغا، ھەقىقەتنىڭ ساداسىنى شاۋقۇن – سۈرەن بىلەن باستۇرماقچى بولىدۇ ( 26 ). ئۇلار « قىلمىشلىرىنىڭ ئەڭ ئېغىرىغا ئاساسەن » جازالاندۇرۇلىدۇ ( 27 ).

ھەر كىمنىڭ بىر « ياخشى كىشى » ئۆلچىمى بولىدۇ. قۇرئاننىڭ « ياخشى كىشى » ئۆلچىمىدىن بىرسى بۇ يەردە بايان قىلىنغان:

وَمَنْ أَحْسَنُ قَوْلًا مِمَّنْ دَعَا إِلَى اللَّهِ وَعَمِلَ صَالِحًا وَقَالَ إِنَّنِي مِنَ الْمُسْلِمِينَ

اﷲ قا (يەنى اﷲ نىڭ تەۋھىدىگە ۋە تائىتىگە) دەۋەت قىلغان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان ۋە « مەن ھەقىقەتەن مۇسۇلمانلاردىنمەن » دېگەن كىشىدىنمۇ ياخشى سۆزلۈك ئادەم بارمۇ؟ ( 33 ).

بۇ ئايەتتىن كېيىن مۇئمىن مۇھاتابلارغا، كۇپۇرغا ئايلانغان بىر تەرەپلىمە قاراشتىن ئىبارەت چوڭ توسالغۇنى ياخشى مۇئامىلە بىلەن يىقىتىش ھەققىدە تەلىمات بېرىلىدۇ:

وَلَا تَسْتَوِي الْحَسَنَةُ وَلَا السَّيِّئَةُ ادْفَعْ بِالَّتِي هِيَ أَحْسَنُ فَإِذَا الَّذِي بَيْنَكَ وَبَيْنَهُ عَدَاوَةٌ كَأَنَّهُ وَلِيٌّ حَمِيمٌ

« ياخشى ئىش بىلەن يامان ئىش باراۋەر بولمايدۇ، ياخشى خىسلەت ئارقىلىق (يامان خىسلەتكە) تاقابىل تۇرغىن، (شۇنداق قىلساڭ) سەن بىلەن ئۆزىنىڭ ئارىسىدا ئاداۋەت بار ئادەم گويا سىرداش دوستۇڭدەك بولۇپ قالىدۇ » ( 34 ).

لېكىن بۇ ئىككى ئارتۇقچىلىققا ئىگە بولۇش ئۈچۈن كەسبى ۋە ۋەھبىدىن ئىبارەت ئىككى نەرسە لازىم. كەسبى – ئىنساننىڭ تىرىشچانلىق ۋە غەيرىتى بىلەن قولغا كەلتۈرۈلىدىغان ياخشىلىق قىلىشتىكى سەۋر ۋە چىدامچانلىقتۇر. ۋەھبى – ئىنساننىڭ تىرىشچانلىقى ۋە غەيرىتىنىڭ بىر مۇكاپاتى بولغان ئاللاھ تەرىپىدىن بەخش ئېتىلگەن « چوڭ نېسىۋە »دۇر:

وَمَا يُلَقَّاهَا إِلَّا الَّذِينَ صَبَرُوا وَمَا يُلَقَّاهَا إِلَّا ذُو حَظٍّ عَظِيمٍ

« بۇ خىسلەتكە پەقەت سەۋرچان ئادەملەرلا ئېرىشەلەيدۇ، بۇ خىسلەتكە پەقەت بۈيۈك نېسىۋە ئىگىسىلا ئېرىشەلەيدۇ » ( 35 ).

لېكىن بۇلارنىڭ ھەممىسى بولغان تەقدىردىمۇ شەيتان يەنىلا ئىنساننى بوش قويىۋەتمەيدۇ. شەيتان زەردۇشتلىق دىنىدا ۋە ئۇنىڭغا ئوخشايدىغان باتىل ئەقىدىدە بولغاندەك ئاللاھ نىڭ رەقىبى ۋە دۈشمىنى ئەمەس. شەيتان پەقەت خاتالىقىدا چىڭ تۇرۇپ ئۆزىنى ئاقلىغانلىقى ئۈچۈن، ئاللاھ نىڭ رەھمىتىدىن يىراق قىلىنغان بىر تۇزكوردۇر. ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن يا ئۇنىڭغا قارشى كۆرەش قىلىش ياكى ئىگىسىگە يالۋۇرۇش كېرەك. ئىستىئازە ساھىبىغا شەيتاننى باغلاتقۇزۇشتۇر:

وَإِمَّا يَنْزَغَنَّكَ مِنَ الشَّيْطَانِ نَزْغٌ فَاسْتَعِذْ بِاللَّهِ إِنَّهُ هُوَ السَّمِيعُ الْعَلِيمُ

« ئەگەر شەيتان سېنى ۋەسۋەسە قىلىپ ( يۇقىرىقى خىسلەتنى ئۆزلەشتۈرمەسلىككە كۈشكۈرتسە ) اﷲ قا سېغىنىپ ( شەيتاننىڭ شەررىدىن ) پاناھ تىلىگىن، اﷲ ھەقىقەتەن ( بەندىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى ) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ( ئىشلىرىنى ) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر » ( 36 ).

ئىنكار قىلغۇچى ئىنساننىڭ تۇترۇقسىز روھى ھالىتى بۇ سۈرىدە جانلىق شەكىلدە تەسۋىرلەنگەندىن كېيىن، سۆز شۇ ئايەتكە كېلىدۇ:

سَنُرِيهِمْ آَيَاتِنَا فِي الْآَفَاقِ وَفِي أَنْفُسِهِمْ حَتَّى يَتَبَيَّنَ لَهُمْ أَنَّهُ الْحَقُّ

« بىز ئۇلارغا تاكى قۇرئاننىڭ ھەق ئىكەنلىكى ئېنىق بولغۇچە، ئەتراپىدىكى ۋە ئۆزلىرىدىكى (قۇدرىتىمىزگە دالالەت قىلىدىغان) ئالامەتلەرنى كۆرسىتىمىز » ( 53 ).