image

«قۇرئان كەرىم»نىڭ ئەرەب تىلىدىن ياپون تىلىغا بىۋاسىتە تەرجىمە قىلىنغان تەرجىمە تەپسىرى يېقىندا ياپونىيە ساكۇھىنشا نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى.

«قۇرئان كەرىم» نىڭ بۇ يېڭى تەرجىمە نەشرى ياپونىيەدە ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلارنى جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنى شادلىققا چۆمدۈردى.

كۆپلىگەن مۇسۇلمانلار، ياپون مائارىپىدا تەربىيىلىنىپ ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان ئۆسمۈرلەرنىڭ ۋە ياشلارنىڭ «قۇرئان كەرىم» نىڭ ياپون تىلىدىكى تەرجىمە تەپسىرىدىن بىمالال پايدىلىنىشى، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىسلام دىنىي ھەققىدە ياپونىيە جەمئىيىتىدە تەشۋىقات ئېلىپ بېرىشى ۋە قۇرئاننىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى چۈشىنىشى ئۈچۈن زور ئەۋزەللىكلەرنى ئېلىپ كەلدى دەپ قارىماقتا.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان «قۇرئان كەرىم»نىڭ يېڭىچە بۇ تەرجىمە تەپسىرىنىڭ نەشرىدىن سۆيۈنگەن گۈلىستان خانىم بۇ ھەقتە ئۆزىنىڭ خۇشاللىقىنى بىلدۈرۈپ ئۆتتى.

«قۇرئان كەرىم»نىڭ كىرىش سۆز قىسمىغا، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى پرېزىدېنت ئىشلىرى ۋازارىتىنىڭ مەسئۇلى ئەلسەيىد بىن ئەلسەيىد ئابدۇلراھمان ئەل ھاشىمنىڭ مەزكۇر تەرجىمىگە بەرگەن باھاسىمۇ بېرىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا: «قۇرئاننىڭ بۇ تەرجىمە تەپسىرىگە سۆز قىستۇرۇشقا تىلىم ئاجىزلىق قىلىدۇ. تەرجىمە ئىشەنچلىك كىشى تەرىپىدىن قەلەمگە ئېلىنغان. ئىشىنىمەنكى، ئاللانىڭ ھەق سۆزىنى تەرجىمە قىلغان كىشىگە ئاللاھ چوقۇم بۇنىڭ ئەجرىنى بېرىدۇ» دېيىلگەن.

كىرىش سۆز قىسمىدا يەنە پۈتكۈل«قۇرئان كەرىم»نىڭ ياپون تىلىدىكى تەرجىمىسىنى مىسىر ئەلئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسور دوكتورلىرى تەكشۈرۈپ چىققانلىقىمۇ ئالاھىدە قەيت قىلىنغان.

بۇ قېتىم نەشر قىلىنغان «قۇرئان كەرىم»نىڭ ياپون تىلىدىكى تەرجىمە تەپسىرى تىلى ئاددىي، چۈشىنىشلىك، ئاممىباب قىلىپ يېزىلغان.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىدىن ئامىنە ھەر كۈنلۈكى ئۇخلاش ئالدىدا ئانىسى ئوقۇپ بېرىۋاتقان قۇرئاننىڭ ياپون تىلىدىكى تەرجىمە تەپسىرى ھەققىدە ئۆز تەسىراتىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

«قۇرئان كەرىم»نىڭ ياپون تىلىدىكى تەرجىمە تەپسىرى ياپونىيەلىك مۇسلىمە ئىسلامىي ئالىمە ھەبىبە كائورى ناكاتا خانىم تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ، بۇ قېتىمقىسى ئۇ، 1999-يىلى تەرجىمە قىلغان ئۈچ توملۇق قۇرئاننىڭ تەپسىرىگە ئاساسەن ئىشلەنگەن.

ئىسلام دۇنياسىغا تونۇلغان ئالىمە ھەبىبە كائورى ناكاتا خانىم 1961-يىلى ياپونىيەنىڭ شىزۇئوكا ئۆلكىسىدە بىر بۇددا دىنىي ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. شىزۇئوكا ئۇنىۋېرسىتېتتا فىرانسۇز تىلى ئەدەبىياتىنى ئوقۇپ پۈتتۈرۈپ كيوتو ئۇنىۋېرسىتېتىدا ماستىرلىقتا ئوقۇغان. كېيىن فىرانسىيە پارىژ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ماستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. فرانسىيەدە ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان.

بۇ قېتىمقى «قۇرئان كەرىم»نىڭ تەرجىمە تەپسىرىنىڭ تەھرىرلىكىنى ئىشلىگەن ياپونىيە دوشىشا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى دوكتور ھەسسان ناكاتا كو بىلەن مىسىردا تويلاشقان.

ئالىمە ھەبىبە كائورى ناكاتا ئەرەب تىلىدا «ئەل-ئەمەل-ئاۋال»، «ئەلە دارب ئەل-ئىسلام»، «دارال-سالام رىياد» ناملىق ئەسەرلەرنى يازغان. ئۇ ياپونىيەدە «ياپونىيە مۇسۇلمان ياشلىرى» ناملىق ئايلىق ژۇرنالنى نەشر قىلدۇرغان شۇنداقلا ياپون خانىم-قىزلىرىغا ئىسلام دىنىي ھەققىدە تەشۋىقات ئېلىپ بارغان.

ياپونىيەدە نەشر قىلىنغان ئىسلام تارىخىغا ئائىت كىتابلاردا بىلدۈرۈلۈشىچە، ياپونىيەدە «قۇرئان كەرىم» تۇنجى قېتىم 1920-يىلى ساكاموتو كېنىچى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان. 1938-يىلى تاكاھاشى، ئېلىگا ئەخمەد، 1958-يىلى تۆكۈشى ھېكو قاتارلىقلار باشقا تىللاردىن ياپون تىلىغا تەرجىمە قىلغان. پەقەتلا 1970-يىلى بان كوساي، ئىككىدا ئوسامۇلار ئەرەب تىلىدىن بىۋاسىتە تەرجىمە قىلغان.

ئاخىرىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياپونىيە كيۇشۇ ئۇنىۋېرسىتېتى پەلسەپە پەنلىرى دوكتور ئاسپىرانتى مۇختارجان ئابدۇراخمان بۇ قېتىم نەشر قىلىنغان «قۇرئان كەرىم» نىڭ تەرجىمە تەپسىرى ۋە بۇنىڭ ياپونىيە جەمئىيىتىگە، ياپونىيەدىكى ئۇيغۇرلارغا بولغان تەسىرى ھەققىدە ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

مەنبە: تور دۇنياسى