1. ئا ق ش بىخەتەرلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئوكيانلاردا مۇتلەق ئۈستۈن بولۇش ۋە خەلقئارا تىجارەت سىستېمىسىدىكى كونتىرولنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش

ئا ق ش نىڭ ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشىدىن ئەڭ چوڭ دېڭىز ئارمىيسىگە ۋە دېڭىز ئارمىيە بازىسىغا ئىگە دۆلەت بولۇپ چىقىشى دۇنيانى ھەيران قالدۇردى. ئالدىنىقى بابلاردا بايان قىلغىنىمدەك، دېڭىز يولىنى ئىشلەتكەن ھەر قانداق ۋاستە ( تىجارەت ياكى ھەربىي قاتناش ۋاستىسى ) ئىران قولتۇقىدىن جەنۇبىي ئاسياغا ۋە كارائىپقىچە ئا ق ش دېڭىز ئارمىيىسى تەرىپىدىن كۆزىتلىدۇ. ئىككىنجى دۇنيا ئۇرشىنىڭ ئاخىرلىرىدا، دۇنيادىكى بارلىق دېڭىز ئارمىيلىرىنى ئامېرىكا دېڭىز كۈچى بىلەن سېلىشتۇرۇلغاندا كۆپ كىچىك ئىدى.

بۇ دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم جۇغراپىيۋى سىياسىي رىئاللىقنى كۆرسەتمەكتە. ئا ق ش پۈتۈن ئوكيانلارنى كونتىرول قىلماقتا. تارىختا ھېچقانداق بىر كۈچ بۇنى قىلالمىغانىدى. بۇ كونتىرول پەقەت ئا ق ش نىڭ بىخەتەرلىكىنىڭ ئاساسى بولۇپلا قالماي، خەلقئارا تەرتىپنى شەكىللەندۈرۈشنىڭ ئاساسى. ئەگەر ئا ق ش رۇخسەت قىلمىسا، ھېچكىم دېڭىزدا ھېچقانداق يەرگە بارالمايدۇ. دۇنيادىكى ئوكيانلارنى كونتىرول قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇش ئا ق ش ئۈچۈن جۇغراپىيۋى سىياسەت سۈپتىدە ئەڭ مۇھىم بىر نىشان.

 

  1. باشقىلارنىڭ ئا ق ش دېڭىز ئارمىيسىگە قارشى تۇرۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش

دۇنيادىكى ئوكيانلاردا مۇتلەق ئۈستۈن بولغان ئا ق ش ئوچۇق قىلىپ ئېيتقاندا، بۇنى قولىدا چىڭ تۇتۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ. بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ ئەڭ ئاسان يولى، باشقىلارنىڭ دېڭىز ئارمىيە قۇرۇشىنى توساش.  يەنى ھېچكىم دېڭىز ئارمىيسى قۇرۇشقا ئۇرۇنماسلىقى ۋە بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان مەنبەگە ئىگە بولماسلىقى كېرەك. بۇنىڭ تەدبىرلىرىدىن  بىرسى « سەۋزە » ئۇسۇلى بولۇپ، دېڭىز ئارمىيسى قۇرۇشقا زۆرۈرىيەت ھىس قىلماي دېڭىزلارغا ئەركىن چىقىش ئىمكانىيىتى بېرىش. يەنە بىرسى، « كالتەك » ئۇسۇلى بولۇپ، دۈشمەنلەرنى قۇرۇقلۇق ئۇرۇشى ئىچىدە چەكلەش. بۇ ئارقىلىق ھەربىي راسخوتلارنى ئارمىيە ۋە تانكىلارغا مەزكەزلەشتۈرۈشكە يۈزلەندۈرۈش.

ئا ق ش سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن مۇقىم بىر مەنپەئەت ۋە ستىراتېگىيە بىلەن چىقتى. مۇقىم مەنپەئەت ياۋرو – ئاسيا كۈچىنىڭ دېڭىز ئارمىيە قۇرۇش ئۈچۈن مەنبەلەرنى ئىشلىتىشىنى توسۇش بولۇپ، ياۋرو – ئاسيادا ئەمدى تەك بىر كۈچ بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ئا ق ش دىققىتىنى دېڭىزلارغا مەركەزلەشتۈرۈش نىيىتىدە بولغان ئىككىنجى بىر رايون خاراكتېرلىق كۈچلەرگە دىققىتىنى مەركەزلەشتۈردى. بۇ سەۋەپتىن ئا ق ش بۇ رايوندا ئوتتۇرىغا چىقىش ئىھتىمالى بولغان رايون خاراكتېرلىق كۈچلەرنى چەكلەيدىغان، ئۈزلۈكسىز ئۆزگۈرۈپ تۇرىدىغان بىر تاقىم ئىتتىپاقلار قۇرۇشقا ئۇرۇندى.

ئا ق ش ياۋرو – ئاسيا بويىچە تەرتىپلىك ۋە تۇيۇقسىز ئارلىشىشلارغا قارىتا تەييارلىق ھالىتىدە تۇرۇشقا مەجبۇر ئىدى. سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن، رايون خاراكتېرلىق تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش ۋە رايون خاراكتېرلىق بىر كۈچنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بىر قاتار ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ باردى. تۇنجى ئارىلىشىش كۇۋەتتە بولدى. بۇ يەردە ئا ق ش سوۋېت ئىتتىپاقىنى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقى تېخى كۆمۈلمەي تۇرۇپ ئوتتۇرىغا چىققان ئىراق كېڭەيمىچىلىكىنى توستى. يەنە بىر ھەرىكەت يۇگوسلاۋىيىدە ئېلىپ بېرىلدى. بۇ يەردە بالقانلاردا سىرىپ نوپۇزىنىڭ ئېشىشىنى توسۇش مەقسىتى بار ئىدى. ئۈچىنچى ئارىلىشىشى ئىسلام دۇنياسىدا ئېلىپ بېرىلدى. ئەل قائىدىنىڭ بىر ئىسلام ئىمپېرىيىسى قۇرۇپ چىقىشىنى توسۇش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى. ئافغانىستاندىكى ۋە ئىراقتىكى ئارىلىشىشلار بۇ ئۇرۇنۇشنىڭ بىر پارچىسى ئىدى.

بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ ئىچىدە كىچىك ئىشلارمۇ بار ئىدى. ئىراقتىكى ئەڭ چوڭ ھەرىكەتتە ئا ق ش 200 مىڭدىن ئازراق كىشىدىن تەركىپ تاپقان ئارمىينى ئىشقا سالدى ۋە 5000 ئەسكىرى ئۆلدى. بۇ ۋېتنامدا ئۆلگەنلەرنىڭ تەخمىنەن 6 – 8 پرسەنتىگە، ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشىدا ئۆلگەن ئەسكەرنىڭ بىر پرسەنتىگە توغرا كېلىدۇ.

250 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇسقا ئىگە بىر دۆلەت ئۈچۈن بۇ ھەجىمدىكى ئىشغال كۈچى كىچىك بولۇپ، ئا ق ش نىڭ كىچىك ئارىلىشىشىلارنى ھەددىدىن زىيادە دىراماتىك تۈس ئالدۇرۇش مايىللىقى بىر مىللەت سۈپتىدە ئۇنىڭ كۆرۈنۇشتە ياشلىقىدىن كېلىپ چىقماقتا ( بۇنى ئىراقتا ئىككى قېتىم ۋەزىپە ئىجرا قىلغان بىرسىنىڭ دادىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئېيتىۋاتىمەن).

يۇقىرىدىكىلەر ئىسلامى ھۇجۇملارغا ئامېرىكىنىڭ قايتۇرىدىغان ئىنكاسىنى تونۇپ – يېتىشىمىزگە ياردەم قىلىدۇ. سىستېمىلىق ھالدا ستىراتېگىيلىك مەقسەتلىرىگە ئېرىشكەن ئا ق ش نىڭ ياۋرو – ئاسيادا ھەر قانداق بىر چوڭ كۈچنىڭ كۆتۈرلۈپ چىقىشىنى توسۇش مەقسىتى بار. مەقسەت شۇ ئىدى: بۇ ئارىلىشىشلار ھېچقاچان بىر نەرسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش مەقسىتى بىلەن ئەمەس، بىر نەرسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان. ئا ق ش باشقا بىر كۈچ باش كۆتۈرۈپ چىقىش ئىھتىمالى بولغان جايلاردا مۇقىملىقنى بۇزۇشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، مۇددىئاسى مۇقىملىق بەرپا قىلىش ئەمەس، قالايمىغانچىلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىش. مانا بۈ ئىسلام تەۋرىنىشىگە قارىتا ئا ق ش نىڭ  قانداق جاۋاپ قايتۇرغانلىقىنى چۈشەندۈرمەكتە. ئا ق ش چوڭ ۋە كۈچلۈك بىر ئىسلام دۆلىتىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنى خالىمىغان ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئۇرۇنغان.

ئا ق ش نىڭ ياۋرو – ئاسيادا تىنچلىقنى ساقلاشتا ئالاھىدە بىر مەنپەئەتى يوق. ھەم بىرى ئۇرۇشتا دەرھال غەلىبە قىلىشتەك بىر نىيىتىمۇ يوق. ۋېتنام ياكى چاۋشىيەندىكىدەك، بۇ ئۇرۇشلارنىڭ مەقسىتى يېڭى بىر كۈچنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنى توسۇش ۋە رايون مۇقىملىقىنى بۇزۇش، ۋاقتى كەلگەندە بىردىنلا ئامېرىكا مەغلۇبىيىتى قوبۇل قىلىنىدۇ. لېكىن، ياۋرو – ئاسيا كۈچلەر تەڭپۇڭلىقىنى ساقلاش ئۈچۈن، زۆرۈر تېپىلغاندا ئەڭ ئاز كۈچ ئىشلىتىش پرىنسىپى 21 – ئەسىردە ئامېرىكا تاشقى سىياسىتىنىڭ ئاساسى كۈچى بولدى. ئويلاپ باقمىغان ۋاقىت ۋە جايدا ساناقسىز مالىمانچىلىق ۋە ئىراقلار ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ئا ق ش ھەرىكەتلىرى ئەقىلگە مۇۋاپىق ئەمەستەك كۆرۈنىشى مۇمكىن. بىرىنچى مەقسەت بالقانلار ياكى ئوتتۇرا شەرقتە تىنچلىق بەرپا قىلىش بولسا، شۇنداق كۆرۈنىدۇ. لېكىن، تۇنجى نىشان سىربىيە ياكى ئەل قائىدىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىش، توسۇش بولسا، بۇ ۋاقىتتا بۇ ئارىلىشىشلار تېخىمۇ ئەقىلگە مۇۋاپىق كۆرۈنىدۇ.