مۇئمىنۇن سۈرىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

سۈرە بىرىنچى ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان « مۇئمىنلەر » مەنىسىدىكى « مۇئمىنۇن » كەلىمىسى بىلەن ئاتالغان.

بىزگە يېتىپ كەلگەن رىۋايەتلەردىن بۇ سۈرىنى رەسۇلۇللاھنىڭ مەزكۇر ئىسىم بىلەن ئاتىغانلىقى مەلۇم بولماقتا ( ئەبۇ داۋۇد ).

سۈرە مەككە دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە نازىل بولغان. ھەتتا بۇ ساھەدە نوپۇزلۇق بەزى كىشلەر بۇ سۈرىنىڭ مەككىدە نازىل بولغان ئاخىرقى سۈرە دەپ قارىغان. لېكىن مەزمۇن جەھەتتىن قارىغاندا، بۇ سۈرە ئەقەبە بەيئىتىدىن كېيىن پەيغەمبەرلىكنىڭ 12 – يىلىدا نازىل بولغان بولسا كېرەك.

بۇ سۈرىدە « ( چوقۇم ) ئاللاھتۇر دەيدۇ » ( 84 – 89 ) شەكلىدە پەرەزگە ئاساسلانغان ھالدا ئېلىپ بېرىلغان بىر دىئالوگ، باشقا بىر يەردە « ئەلۋەتتە «ئاللاھ» دەيدۇ » شەكلىدە ئېلىپ بېرىلغان بىر دىئالوگنىڭ بىر پارچىسى بولۇپ كېلىدۇ ( مەسىلەن، ئەنكە بۇت، 61؛ لوقمان، 25 ). بۇنىڭغا ئاساسەن بۇ سۈرە زۇمەر، لوقمان ۋە زوخرۇف سۈرىلىرى بىلەن بىر مەزگىلدە ياكى ئارقىمۇ – ئارقا نازىل بولغان بولسا كېرەك.

جابىر بىن زەيد تەرتىۋىدە تۇر – مۈلك سۈرىسى ئارىسىغا، باشقا تەرتىپلەردە ئەنبىيا سۈرىسىنىڭ ئارقىسىغا تىزىلغان. ئەنبىيا ۋە مۇئمىنۇن سۈرىلىرى ئەقەبە بەيئىتىدىن كېيىن نازىل بولغان سۈرىلەر بولۇپ، بۇ ئورۇن مۇۋاپىق. بىزنىڭچە بۇ سۈرە ئەنبىيا – فۇسسىلەت سۈرىسى ئارىسىغا تىزىلسا مۇۋاپىق بولىدۇ. فۇسسىلەت « ھا، مىم » ئائىلىسىگە تەۋە ئىككىنجى سۈرە.

سۈرە مەزمۇن جەھەتتىن باشتىن – ئاياغ بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە. مۇكەممەل مۇئمىننىڭ سۈپىتىنى تەسۋىرلەپ بەرگەن باشلىنىش ئايەتلىرى بىلەن مائارىج سۈرىسى 22 – 35 – ئايەتلىرى ئارىسىدا ئوخشاشلىق مەۋجۇت. سۈرىدە مەقبۇل بىر ئىمان تېمىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا، ۋەھىي، نۇبۇۋۋەت ۋە ئاخىرەت بايان قىلىنغان. ئالدىنقى ئورۇندا، بولۇپمۇ كىشىلىك ھاياتنى ( 1 – 9 ) ئۆز ئىچىگە ئالمىغان بىر ئىماننىڭ ھېچقانداق بىر مەنا ئىپادىلىمەيدىغانلىقى ( 84 – 89 ) بايان قىلىنغان. سۈرە ئۆتمۈش پەيغەمبەرلەر ئۈستىدىن كۆرسىتىلگەن ئۆرنەكلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا، قۇرئان ۋەھىينىڭ تۇنجى مۇھاتابى بولغان رەسۇلۇللاھنىڭ ۋە ئىمان ئېيتقانلارنىڭ كىشىلىكىنى بەرپا قىلىشنى مەقسەت قىلغان ( 23 – 50 ).

سۈرە مۇھاتابىنىڭ « نىجادلىققا ئېرىشىش » چۈشەنچىسىنى شەكىللەندۈرگەن ھالدا باشلىنىدۇ. كلاسىك كالام ئەدەبىياتىدىكى « فىرقائى ناجىيە ( نىجادلىققا ئېرىشكۈچى پىرقە ) كىم؟ » دېگەن سوئالىغا، گەرچە ھەر كىم مەزھىبىگە، تەرىقىتىگە قارىتا بىرەر جاۋاپ بەرگەن بولسىمۇ، ئاللاھ نىڭ بۇ سوئالغا بەرگەن جاۋابى مەزكۇر سۈرىدە دەسلەپكى كۈنىدىكىدەك جانلىق ھالدا ئالدىمىزدا تۇرماقتا. بۇ جاۋاپ « » كىملەر نىجادلىققا ئېرىشىدۇ؟ » دېگەن سوئالنىڭ جاۋابىنى بېرىش ھەققى، نىجادلىققا ئېرىشىشكە مۇھتاج ئىنسانلارنىڭ ئەمەس، نىجادلىققا ئېرىشتۈرگۈچى ئاللاھ قا خاستۇر. ئاللاھ بەرگەن جاۋاپقا قانائەت قىلماي، ئۇنىڭغا قوشۇپ قويۇش ياكى كېمەيتىش، ئىلاھىي جاۋاپنى ياراتماي ئۆز خاھىشى بوينىچە » نىجادلىق رېتسىپى » يېزىش دېگەنلىك بولىدۇ. بۇنداق بىرسى ئالدى بىلەن بۇ خىل چۈشەنچىدىن قۇتۇلىشى ۋە ئاللاھ بەرگەن جاۋاپقا تەسلىم بولىشى كېرەك » دەيدۇ. تۆۋەندىكىلەر « كىملەر نىجادلىققا ئېرىشىدۇ؟ » دېگەن سوئالنىڭ قىيامەتكىچە كۈچكە ئىگە بولغان ئىلاھى جاۋابىدۇر:

قَدْ أَفْلَحَ الْمُؤْمِنُونَ (1) الَّذِينَ هُمْ فِي صَلَاتِهِمْ خَاشِعُونَ (2) وَالَّذِينَ هُمْ عَنِ اللَّغْوِ مُعْرِضُونَ (3) وَالَّذِينَ هُمْ لِلزَّكَاةِ فَاعِلُونَ (4) وَالَّذِينَ هُمْ لِفُرُوجِهِمْ حَافِظُونَ (5) إِلَّا عَلَى أَزْوَاجِهِمْ أوْ مَا مَلَكَتْ أَيْمَانُهُمْ فَإِنَّهُمْ غَيْرُ مَلُومِينَ (6) فَمَنِ ابْتَغَى وَرَاءَ ذَلِكَ فَأُولَئِكَ هُمُ الْعَادُونَ (7) وَالَّذِينَ هُمْ لِأَمَانَاتِهِمْ وَعَهْدِهِمْ رَاعُونَ (8) وَالَّذِينَ هُمْ عَلَى صَلَوَاتِهِمْ يُحَافِظُونَ (9)

« تەلەپكە لايىق ھالدا ئىمان ئېيتقانلار ھەقىقەتەن بەختكە ئېرىشىدۇ. ئۇلار ئىبادەتلىرىدە ئەيمىنىپ تۇرغۇچىلاردۇر. ئۇلار بىھۇدە سۆز، بىھۇدە ئىشتىن يىراق بولغۇچىلاردۇر. ئۇلار (ماددى ۋە مەنىۋىي ھەر جەھەتتىن) پاكلانغۇچىلاردۇر. ئۇلار ئەۋرەتلىرىنى (ھارامدىن) ساقلىغۇچىلاردۇر. پەقەت خوتۇنلىرىدىن، يەنى يوللۇق شەكىلدە ئەمرىگە ئالغانلار خارىج باشقىلاردىن ساقلىغۇچىلاردۇر (قانۇنلۇق ئاياللىرى بىلەن يېقىنچىلىق قىلغۇچىلار مالامەت قىلىنمايدۇ). بۇنىڭ سىرتىدىن (جىنسىي تەلەپنى قاندۇرۇشنى) تەلەپ قىلغۇچىلار ھەددىدىن ئاشقۇچىلاردۇر. ئۇلار شۇنداق كىشىلەركى، ئۆزلىرىگە تاپشۇرۇلغان ئامانەتلەرگە ۋە بەرگەن ئەھدىگە رىئايە قىلغۇچىلاردۇر. ئۇلار ئىبادەتلىرىنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئادا قىلغۇچىلاردۇر » ( 1 – 9 ).

نىجادلىققا ئېرىشىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى 1 – ئايەتتە بايان قىلىنغاندەك « ئەلمۇئمىنۇن » قاتارىدىن بولۇشتۇر. يەنى، « تەلەپكە لايىق ئىمان ئېيتقانلار » قاتارىدىن بولۇش كېرەك. « ئىماننىڭ تەقەززاسى نېمە؟ » دېگەن سوئالغا، قۇرئان « قۇرئاننىڭ ئىككى جىلىتى ئارىسىدىكىلەر » دېگەن جاۋاپنى بېرىدۇ. بۇ توققۇز ئايەتتە كۆرسىتىلگەن شەرتلەرنى ئادا قىلغۇچىلار ئاللاھ نىڭ ۋەدىسى بىلەن نىجادلىققا ئېرىشىدۇ. ئۇنداقتا، نىجادلىققا ئېرىشكەنلەرگە نېمە بېرىلىدۇ؟ دېگەن سوئالغا مۇنداق جاۋاپ بېرىلگەن:

أُولَئِكَ هُمُ الْوَارِثُونَ (10) الَّذِينَ يَرِثُونَ الْفِرْدَوْسَ هُمْ فِيهَا خَالِدُونَ (11)

« ئەنە شۇلار (يەنى يۇقىرى سۈپەتلەرگە ئىگە مۇئمىنلەر نازۇنېمەتلىك جەننەتنىڭ) ۋارىسلىرىدۇر. ئۇلار (يۇقىرى دەرىجىلىك جەننەت) فىردەۋسكە ۋارىسلىق قىلىدۇ، فىردەۋستە مەڭگۈ قالىدۇ » ( 10 – 11 ).

بۇ باشلىنىشتىن كېيىن سۆز ئىنساننىڭ ئېلېمېنىتلىق يارىتىلىش جەريارنىغا كېلىدۇ ۋە ئىنساننىڭ چەكسە جىرىڭلايدىغان ساپالدىن يارىتىلغانلىقى تەكىتلىنىدۇ ( 12 – 14 ). بۇ ئۈچ ئايەت تۆۋەندىكى ئۈچ نەرسىگە دالالەت قىلىدۇ:

  1. ئىنساننىڭ ئېلېمېنىتلىق يارىتىلىش جەريارنىدىكى بىر باسقۇچنى بىلدۈرىدۇ. چۈنكى « ھەر جانلىق سۇدىن يارىتىلدى » دىن باشلانغان جەريان « بىر شەكىلدىن يەنە بىر شەكىلگە كىرىپ » بەشەر بولۇشىغا قەدەر تەرەققىي قىلىپ كەلگەن. بۇ دائىرىدە قۇرئاندا ئوخشاش بولمىغان يەرلەردە ئىشلىتىلگەن ئىنساننىڭ توپىدىن، قارا لايدىن، ساپالدىن، چەكسە جىرىڭلايدىغان ساپالدىن … يارىتىلغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان ئىبارىلەرنىڭ ھەر بىرى، ئىنساننىڭ ئېلېمېنىتلىق يارىتىلىش جەريارنىدىكى بىر باسقۇچقا توغرا كېلىدۇ.
  2. ئىنساننىڭ توپىدىن، قارا لايدىن، مەنىدىن، تۆرەلمىدىن يارىتىلغانلىقىنى بايان قىلغان ھەر ئايەت، ئاساسەن ئىنساننى ئاللاھ ئالدىدا كىچىك پېئىل بولۇشقا دەۋەت قىلىدۇ. رەببىگە قارىتا ھاكاۋۇرلۇق قىلغان ئىنسانغا ئەسلىنى ئەسلىتىدۇ ۋە « ئى ئىنسان! نېمەڭگە كۆرەڭلەپ ئاللاھ قا ئاسىي بولىسەن؟ »، « ئەسلى كېلىپ چىقىشىڭغا قارا، توپىدىن، بىر تامچە سۇدىن ئاپىرىدە بولدۇڭ. ئاللاھ سېنى بىر ھۇجەيرىلىكتىن بۇ ھالغا كەلتۈردى. ئاللاھ قا بولغان قەرزىڭنى مانا مۇشۇنداق ھاكاۋۇرلۇق قىلىپ قايتۇرامسەن؟ » دېمەكتە.
  3. ئاللاھ نىڭ ئىنسان ئۈستىدىكى ئەجرىنى ئەسلىتىدۇ. سىڭدۈرۈلگەن ئەجىر قانچىلىك كۆپ بولسا، ئۇنىڭغا قىلىنغان تۇزكورلۇق جىنايىتىمۇ شۇنچە ئېغىر بولىدۇ. ئاللاھ نىڭ ئىنسان ئۈستىدىكى ئەجرىنى ئەسكەرتىش ئۈچۈن، ئىنسانغا ئېلېمېنىتلىق ۋە بىئولوگىيىلىك كېلىپ چىقىشىنى ئەسكەرتىدۇ. بۇ تېما ئۈستىدە توختالغان ھەر ئايەت، ئىنسانغا ئاللاھ قا شۈكۈر قىلىش مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى ئەسلىتىشنى مەقسەت قىلىدۇ.

بۇ ئايەتلەردىن كېيىن مۇھاتابىنىڭ نەزىرىنى ئىنساندىن كائىناتقا ئاغدۇرىدۇ ۋە « بىز ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردا يەتتە قەۋەت ئاسماننى ياراتتۇق » ( 17 ) دەپ كائىناتتىكى يارىتىلىشنى ئەسكەرتىدۇ. بۇنىڭغا ئوخشاش ئايەتلەر قۇرئان ئالەمىنىڭ بىر پارچىسى. بۇ ئالەم سىرلىرىنىڭ يېشىلىشى ئۈچۈن كائىنات سىرلىرى يېشىلىشى كېرەك. بۇ ھازىرچە مۇمكىن ئەمەستەك تۇرىدۇ. بۇ ھەقىقەت قۇرئاننىڭ مەنىسىنى ئېيتىپ تۈگەتكىلى بولمايدىغانلىقىنى، ۋەھىينىڭ ھەر زامان ۋە ھەر ماكانغا، ھەر نەسىل ۋە جانلىققا يېڭى – يېڭى نەرسىلەرنى ئېيتىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئايەت نەزرىمىزنى ئاسماندىن يەرگە، يەنى ياغقان رەھمەت يامغۇرى بىلەن كۆلگە ئايلانغان چۆللەرگە، جان كىرگەن ئۆلۈك زېمىنغا، ئۇ يەردىكى خورمازارلىقلارغا، ئۈزۈم باغلىرىغا، زەيتىنلىكلەرگە ئاغدۇرىدۇ ( 18 – 20 ). بۇ ئارقىلىق ۋەھىي بىلەن يامغۇر، تۇپراق بىلەن قەلبىمىز ئارىسىدا مۇناسىۋەت قۇرۇشىمىزنى ئىما قىلىدۇ.

سۆز بۇ يەرگە كەلگەندە ئۆيگە كۆندۈرۈلگەن ھايۋانلارنىڭ سۈتىگە دىققىتىمىزنى ئاغدۇرىشى چوڭقۇر مەنىگە ئىگە. سۈت بىر مۆجىزىدۇر. ھەر ئىنەك، بىر ئىلاھى سۈت زاۋۇتىدۇر. زامانىۋى تېخنىكا ھازىرغىچە مۇشۇنداق بىر زاۋۇت ياساشقا قادىر بولالمىدى. ساماننى مۇرەككەپ جەريانلاردىن ئۆتكۈزۈپ سۈتكە ئايلاندۇرغان بۇ سىستېما، ئاللاھ نىڭ پەقەت شۇ ھايۋاننىڭ نەسلىگىلا ئەمەس، ئىنسانغىمۇ قىلغان بىر ئېھسانى. ھەرە ئىستىمال قىلغىنىدىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق ھەسەل، ئىنەك موزىيىنىڭ ئېھتىياجىدىن ئارتۇق سۈت، مېۋىلىك دەرەخلەر نەسلىنىڭ داۋامىنى ساقلاشتىن نەچچە مىڭ ھەسسە ئارتۇق ئۇرۇق بېرىدۇ. بۇ ئارتۇق مەھسۇلاتلار، ئاللاھ نىڭ ئىنسانغا قىلغان ئېھسانىدۇر. شۈكۈر ئىنەكنىڭ ئەمەس، ئاللاھ نىڭ ھەققىدۇر. نىشانىنى يوقۇتۇپ قويغان كىشى، يولىدىنمۇ ئېزىپ قالىدۇ ۋە ئىنەككە چوقۇنۇشقا باشلايدۇ. تۇزكورلۇق ئازغۇنلۇقنى، ئازغۇنلۇق ياتلىشىشنى، ياتلىشىش ئەخلاقى زاۋاللىقنى، ئەخلاقى زاۋاللىق ھالاكەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بىر ئاللاھ قا ئىبادەت قىلىشتىن ئاجىز كەلگەنلەر، ئىبادەت قىلىشقا لايىق مىڭلىغان يالغان ئىلاھلارنى ئىجاد قىلىدۇ.

يەنى، كىملەرگە ئوخشاش يالغان ئىلاھلارنى ئىجاد قىلىدۇ؟ نۇھ قەۋمىگە ئوخشاش ( 23 -30 ). ھەتتا، بۇ سۈرىدە ئىسمى تىلغا ئېلىنمىغان، ئەمما خاراكتېرى بايان قىلىنغان ئاد قەۋمى ( 31 – 41 ) ۋە سەمۇد قەۋمىگە ئوخشاش ( 42 – 44 )؛ مۇسا ۋە ھارۇن پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلگەن پىرئەۋن ۋە قەمىگە ئوخشاش ( 45 – 49 )؛ مەريەم ۋە ئوغلى ئىسانىڭ « ئايەت » قىلىپ ئەۋەتىلگەن يەھۇدىيلەشكەن بەنى ئىسرائىلغا ئوخشاش… يالغان ئىلاھلار ئىجاد قىلىدۇ.

ئاللاھ ھەر پەيغەمبەرنى ئوخشاش بىر ھەقىقەت بىلەن ئەۋەتكەنلىكىنى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ « بىر ئۈممەت » ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ( 52 ). شۇنداق تۇرۇقلۇق ئىنسانلار قانداق قىلدى؟ مۇنداق قىلغانىدى:

فَتَقَطَّعُوا أَمْرَهُمْ بَيْنَهُمْ زُبُرًا كُلُّ حِزْبٍ بِمَا لَدَيْهِمْ فَرِحُونَ

« ئۇلار ئارىسىدىكى بىرلىكنى بۇزۇپ، ( ھەقىقەتنى ) پارچىلاپ تاشلىدى ۋە ھەر پىرقە ئۆزىدىكى ھەقىقەت پارچىسىنى كۆككە كۆتۈرۈپ ( ھەق بىزدە دەپ ) ماختاندى » ( 53 ).

ئىنسانىيەتنىڭ ئېزىپ كېتىشىنىڭ ئۇلىدا، ئاللاھ بىر ئېمتىھان ۋاستىسى سۈپىتىدە بەخش ئەتكەن دۇنيالىق نېمەتلەرنى، ئاللاھ نىڭ ئۆزلىرىنىڭ ھايات شەكلىگەن قىلغان ياردىمى دەپ چۈشۈنۈپ قېلىشى ياتماقتا:

أَيَحْسَبُونَ أَنَّمَا نُمِدُّهُمْ بِهِ مِنْ مَالٍ وَبَنِينَ (55) نُسَارِعُ لَهُمْ فِي الْخَيْرَاتِ بَل لَا يَشْعُرُونَ (56)

« (ئۇلار) بىزنىڭ ئۇلارغا مال ـ مۈلۈك ۋە ئەۋلادلارنى بەرگەنلىكىمىزنى، ئۆزلىرىنىڭ ( ھازىرقى ھالىنى ) قوللاۋاتقانلىقىمىز دەپ ئويلامدۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، ئۇلار بۇنى ئۇقمايدۇ »  ( 55 ـ 56 ).

بۇ ئايەتلەر خاتا بولغان نىجادلىق چۈشەنچىسىنىڭ ئاستىدا ناتوغرا ھايات شەكلىنىڭ ياتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ھەقىقەتنىڭ ئىنساندىن مۇستەقىل بولغان مۇتلەق مەنبەسنى ئىما قىلىدۇ ۋە مۇنداق دەيدۇ:

وَلَوِ اتَّبَعَ الْحَقُّ أَهْوَاءَهُمْ لَفَسَدَتِ السَّمَوَاتُ وَالْأَرْضُ وَمَنْ فِيهِنَّ بَلْ أَتَيْنَاهُمْ بِذِكْرِهِمْ فَهُمْ عَنْ ذِكْرِهِمْ مُعْرِضُونَ

« ئەگەر ھەقىقەت ئۇلارنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا بويسۇنىدىغان بولسا، ئەلۋەتتە ئاسمانلار، زېمىن ۋە ئۇلاردىكى مەخلۇقاتلار خاراب بولغان بولاتتى، بىراق ئۇنداق بولغىنى يوق، ئۇلارغا (ۋەز ـ نەسىھەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان) قۇرئاننى ئاتا قىلدۇق، ئۇلار ئۆزلىرىگە (ۋەز ـ نەسىھەت بولغان) قۇرئاندىن يۈز ئۆرۈيدۇ » ( 71 ).

بۇ سۈرىدە، كۈنىمىزدە ئۆزىنى ئېتىقادلىق دەپ قارىغان نۇرغۇن كىشىگە قارىغاندا، مەككە مۇشرىكلىرىنىڭ ئاللاھ قا تېخىمۇ « سەمىمىي » ھالدا ئىشەنگەنلىكىنى بايان قىلغان ئايەتلەر يەر ئالىدۇ:

قُلْ لِمَنِ الْأَرْضُ وَمَنْ فِيهَا إِنْ كُنْتُمْ تَعْلَمُونَ (84) سَيَقُولُونَ لِلَّهِ قُلْ أَفَلَا تَذَكَّرُونَ (85) قُلْ مَنْ رَبُّ السَّمَاوَاتِ السَّبْعِ وَرَبُّ الْعَرْشِ الْعَظِيمِ (86) سَيَقُولُونَ لِلَّهِ قُلْ أَفَلَا تَتَّقُونَ (87) قُلْ مَنْ بِيَدِهِ مَلَكُوتُ كُلِّ شَيْءٍ وَهُوَ يُجِيرُ وَلَا يُجَارُ عَلَيْهِ إِنْ كُنْتُمْ تَعْلَمُونَ (88) سَيَقُولُونَ لِلَّهِ قُلْ فَأَنَّى تُسْحَرُونَ (89)

ئېيىتقىنكى، « زېمىن ۋە ئۇنىڭدىكى مەخلۇقاتلار كىمنىڭ؟ ئەگەر سىلەر بىلسەڭلار (ماڭا بۇنى ئېيتىپ بېرىڭلار) ». ئۇلار: « اﷲ نىڭ » دەيدۇ. ئېيىتقىنكى: « (بۇنىڭدىن) پەند ـ نەسىھەت ئالمامسىلەر؟ ». ئېيىتقىنكى، « يەتتە ئاسماننىڭ ۋە ئۇلۇغ ئەرشنىڭ رەببى كىم؟ ».  ئۇلار: « اﷲ » دەيدۇ. ئېيىتقىنكى، « ئۇنداقتا، مەسئۇلىيىتىڭلارنى ئاڭقىرىپ يەتمەمسىلەر؟ ». ئېيىتقىنكى، « ھەممە شەيئىنىڭ پادىشاھلىقى كىمنىڭ قولىدا؟ (ئىلتىجا قىلغانلارغا) پاناھ بولالايدىغان ۋە ئۇنىڭغا قارشى ھېچ نەرسە پاناھ بولالمايدىغان كىم؟ ئەگەر سىلەر بىلسەڭلار (ماڭا بۇنى ئېيتىپ بېرىڭلار) ». ئۇلار: « اﷲ » دەيدۇ. ئېيىتقىنكى، « ئۇنداقتا سىلەر نېمىشقا ھاكاۋۇرلۇق قىلىسىلەر؟  »  ( 84 – 89 ).

بۇ خىل ئازغۇنلۇقلارغا قارشى كۆرەش قىلىشتا قايسى ئۇسلۇبنى ئىشلىتىش كېرەك؟ كاپىرلارنىڭ ھۇجۇمىغا مۇئمىنلىق سالاھىيەت بىلەن قانداق جاۋاپ قايتۇرۇش كېرەك؟

بۇ سوئاللارغا قۇرئان مۇنداق جاۋاب بېرىدۇ:

« ھەر يامانلىققا (ئەپۇ قىلىش بىلەن) ياخشىلىق قىلغىنكى، بۇ ئەڭ ياخشى ۋە ئەڭ مۇۋاپىق ئۇسۇلدا بولسۇن! » ( 96 ).

سۈرىنىڭ ئاخىرىدا ئاساسىي مەسىلە ئۈستىدە توختىلىدۇ. بارلىق ئازغۇنلۇقنىڭ ئۇلىدا ياتقان سەۋەپ نېمە؟ ئاساسلىق مەسىلە بۇ سوئالنىڭ جاۋابىغا يوشۇرۇنغان بولۇپ، جاۋاپ ناھايىتى ئېنىق. يەنى، ھاياتنىڭ بىر مەنا ۋە مەقسەتتىن يوقسۇن ئىكەنلىكى سەپسەتىسىنىڭ بارلىق ئازغۇنلۇقنىڭ ئاستىدا ياتقان ئامىل ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان بولۇپ، بۇ سەپسەتە مۇنداق رەت قىلىنغان: « ئى ئىنسانلار! سىلەر ئۆزۈڭلارنى بىكار ۋە مەقسەتسىز بىر ئىچ پۇشۇقى ئۈچۈن ياراتتى دەپ ئويلامسىلەر؟ » ( 115 ).

سۈرىنىڭ ئاخىرىدا ئىنسان – ئاللاھ مۇناسىۋىتىگە يېتەكچىلىك قىلغان ۋە توغرا بولغان « ئاللاھ » چۈشەنچىسىنى شەكىللەندۈرىدىغان ئايەتلەر يەر ئالىدۇ ( 116 – 118 ). سۈرە مۇھاتابلىرىغا ئاللاھ تىن تىلەشنى ئۆگىتىدىغان تۆۋەندىكى ئايەت بىلەن ئاخىرلىشىدۇ:

وَقُلْ رَبِّ اغْفِرْ وَارْحَمْ وَأَنْتَ خَيْرُ الرَّاحِمِينَ

« رەببىم ! مەغپىرەت قىلغىن، رەھىم قىلغىن، سەن رەھىم قىلغۇچىلارنىڭ ياخشىسىسەن» دېگىن ( 118 ).