2.1. كۆپرۈلۈ نۇسخىسى (a)

 ئەسەرنىڭ دۇنياغا تونۇلغان بىردىنبىر نۇسخىسى « رىسالەتۇل قەدەر ( قەدەر رىسالىسى) » ئىسمى بىلەن ئىستانبۇلدىكى سۇلايمانىيە كۇتۇپخانىسىدا ساقلانماقتا. ئەسەرنىڭ كۆپەيتىپ يېزىلغان نۇسخىسى 8 – ئەسىر دەپ تەخمىن قىلىنماقتا. رىسالە كۆپرۈلۈ ( فازىل ئەھمەت پاشا ) كۇللىياتىدا 297.4 تۈر، 0001589-039 رەقەم بىلەن ئەنگە ئېلىنغان.

رىسالە ئۆزىگە ئوخشاش نۇرغۇن رىسالىلەر مەجمۇئەسىنىڭ 40 – ئەسىرى بولۇپ ( مەجمۇئەدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ تىزىملىگىگە قارالسۇن. مۇندەرىجە مەختۇتاتى مەكتەبەتى كۆپرۈلۈ. تۈزگۈچى: دوكتور ر. شەشەن .ج،ئىزگى-ج. ئاقپىنار، 2، ئىستانبۇل، 1406/1986 ) ، « رىسالەتۇل قەدەر » مەجمۇئە بەتلىرىنىڭ كانارلىرىغا سېلىنغان ئەسلى رەقەملەرگە ئاساسلانغاندا، 428 – 431 – بەتلىرى ئارىسىدىن ئورۇن ئالغان. كېيىنچە بۇ بەتلەرنىڭ ئۈستى تەرىپىگە يېڭىدىن قويۇلغان نۇمۇرلار بىلەن نۇمۇرلاندۇرۇلغان ( 434-436 ). كاتولوگدا « رىسالەتۇل قەدەر »نىڭ ئالدىدىلا ئورۇن ئالغان 39 – نۇمۇرلۇق ئەسەر، ئەبۇل فەرەج بىننى ساد بىننى ئەبۇل فەرەجنىڭ « ئۇينۇل ئەدىللە ۋە ئىداھۇل مىللە » ناملىق ئەسىرىدۇر. رىسالىدىن كېيىنلا ئورۇن ئالغان ئەسەر كامالۇددىن ئەلكاشانىنىڭ « دىۋانى »دۇر. رىسالە يېزىلغان ئالتە بەتنىڭ ھەممىسىنىڭ كانارلىرىغا شېئىرلار يېزىلغان. بۇلارنىڭ بىر قىسمى ( ئاللاھۇئەئلەم )، سۇخرەۋەردىنىڭ « مۇنىسۇل ئۇششاق » ناملىق ئەسىردىن ئېلىنغان بېيىتلار، بىر قىسمى تاللانما رۇبائىلاردىن ئىبارەت. رىسالە پۈتۈنلەي قوليازما بولۇپ، ئەرەپچە تالىق خەت نۇسخسى بىلەن يېزىلغان، قوشما تاۋىقى 3 ۋاراق ( 6 بەت )تۇر. ھىجرى 8 ( مىلادى 14 – ) ئەسىردە نامەلۇم بىر مەنبەدىن كۆچۈرۈپ ئېلىنغان بولۇپ، بۇ تېكىستنىڭ كۆچۈرۈلگەن تارىخى، ئاياسوفىيادىكى ھەججاج رىسالىسىدىن تەخمىنەن بىر ئەسىر بۇرۇنغا توغرا كېلىدۇ.

رەسىمدە كۆرۈلگىنىدەك، بۇ  نۇسخا بەك كونىراپ كەتكەن بولۇپ، بەزى جايلىرىنى ئوقۇش قىيىن. بۇ باشلىنىش ۋە شۇنداقلا ئاخىرلىشىش بۆلۈملىرى بىلەن مۇكەممەل بىر ئەسەردۇر. بۈگۈنگىچە بۇ نۇسخىغا قارىتا ئېيتلغان بارلىق سۆزلەر، ھ. رىتتەر نەشىرىگە قارىتىلغان بولۇپ، ھەلمۇت رىتتەرنىڭ خاتالىقلاردىن خالىي بولالمىغان ( 1933 – يىلدىكى )   نەشىرىدىن باشقا بۈگۈنگىچە بۇ ئەسلى نۇسخا نەشىر قىلىنمىغان.

3.1 ئايا سوفىيا نۇسخسى ( b )

Karder risalisi

ئايا سوفىيا نۇسخسى، رىسالىسىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى ئەمەس. ئەسلى نۇسخىدىن ئۈچىنچى بىر شەخىس قىسقارتىپ كۆچۈرگەن بۇ ئىككىنجى نۇسخا، ئاياسوفىيا كۇتۇپخانىسىدا 3998 – نۇمۇرلۇق مەدەنىيەت يادىكارلىقى سۈپىتىدە ئەنگە ئېلىنغان. نۇسخىنىڭ تاش ۋارىقىدا مۇنداق بىر ۋەخپە خېتى بار:

بۇ قىممەتلىك نۇسخىنى ئۇلۇغ سۇلتانىمىز، بۈيۈك خاقان، قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىزلارنىڭ ھاكىمى، ئىككى ھەرەمنىڭ خىزمەتكارى سۇلتان بىننى سۇلتان ئەسسۇلتان غازى مەھمۇدخان سەھىھ ۋە شەرئى بىر ۋەخفىيە بىلەن ۋەخپە قىلغاندۇر. بۇ نۇسخىنى ھەرەمەينى شەرەفەيىن ( ئىككى ھەرەم )نىڭ مۇپەتتىشى ئەھمەد شەيخزادە قەلەمگە ئالغان، ئاللاھ ئۇلارنى ئۆز مەغفىرىتىگە نائىل قىلغاي.

كۆچۈرگۈچىنىڭ خاتىرلىشىغا قارىغاندا، بۇ كۆپەيتمە نۇسخىنى شەمسىددىن ئەلقۇدسى ھىجرى 882 / 1477 – يىلى كۆچۈرگەن بولۇپ، جەمئى 13 ۋاراقتىن ئىبارەت.

قەدەر رىسالىسىنىڭ تەخمىنەن تۆتتەن بىرىنىڭ قىسقارتىلمىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، بىراق باشقا بىر قەلەمدىن چىققان بۇ ئىككىنجى رىسالە، رەسىمدە كۆرگىنىمىزدەك كاتىپ ئەلقۇدسى تەرىپىدىن بىر كىتابى خەت نۇسخسى بىلەن، مەرۋايىتتەك دانە – دانە ۋە ئوچۇق يېزىلغان  ھەمدە زىر – زەۋەرلىرىمۇ قويۇلغان. ئانا نۇسخىغا ئوخشاش كونراپمۇ كەتمىگەن ۋە يىرتىلمىغان، ئوقۇشقىمۇ ناھايتى ئوڭاي بىر نۇسخىدۇر ( ئايا سوفىيا نۇسخىسىنىڭ يېقىنقى زاماندا روياپقا چىققان بىر نەشىرى ئۈچۈن، م.قۇبات، دىن بىلىملىرى ئاكادېمىك تەتقىقات ژورنىلى 8 ( 2008 )، 1- سانىغا قاراڭ ) .

رىسالىنىڭ بىزگىچە يېتىپ كەلگەن ئىبنۇل مۇتەزانىڭ « ئەلمۇنىيە »سى ۋە مۇھەممەد  ئۇمارانىڭ « رەسائىلۇل ئەدل ۋەت تەۋھىد » قاتارلىق ئۇ يەر – بۇ يەردە تارقىلىپ يۈرگەن بارلىق تېكستلىرى، ئاپتۇرنىڭ ئەسلى نۇسخىسى ئەمەس، بەلكى ئۇنى يىغىنچاقلىغان  3 – شەخىس ( ھەججاج )نىڭ بۇ مەكتۇبىدىن ئېلىنغان ( مۇھەممەد، ئۇمارا، « رەسائىلۇل ئەدل ۋەت تەۋھىد »  1 – 2 ( 81 – 93  بەت ) دارۇل ھىلال، قاھىرە 1971 ).