كونا دەۋرنىڭ ئاخىرقى ئۇرۇشى- 2

سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى بويىچە ئا ق ش پىسخىكا جەھەتتىن مۇداپىئە پوزىتسىيىسىدە بولدى. 1970 – يىللاردا ۋە 1980 – يىللاردا سول قانات تېرورىزم ئامېرىكىدا دائىم بۇرۇختۇملۇق ۋە ئېنىقسىزلىق تۇيغۇسى پەيدا قىلدى. سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدە پەيدا بولغان بۇ ھاۋا ھازىر يوق. روسلار ئەمدى بۇنداق بىر پۇرسەتكە قايتا ئىگە بولالمايدۇ. ئامېرىكا روھ ھالىتى ۋە جۇغراپىيىلىك رىئاللىقى ئىككى سەۋەپتىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بىرىنجىسى، ئۇ ئامېرىكىنىڭ تېخى پىشىپ يېتىلمىگەن ۋەزىيىتىنى كۆرسىتىدۇ. ئىككىنچىسى، ئۇ غايەت زور بىر كۈچنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى، ئا ق ش بىخەتەرلىك ئىچىدە بولمىغاندا، بۇنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق ۋە ئېنىرگىيە سەرپ قىلىشى كېرەك.
ئا ق ش نىڭ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلىشى ھەيران قالارلىق بولدى. ئا ق ش ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەتراپىنى قورشىغانىدى. سوۋېت ئىتتىپاقى ئۇزۇن مۇددەت بەرداشلىق بېرەلمىدى. ئۇنىڭ پۈتۈن ئىقتىسادىنى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ياساشقا، ئارمىيگە سەرپ قىلىشى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادى كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرغانىدى. سوۋېت ئىتتىپاقىغا بۇ چىقىملار سەۋەبىدىن چاك كەتتى ۋە ئاخىرىدا پارچىلاندى.
1991 – يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشى بىلەن بىرگە كولومبۇنىڭ يېڭى قىتئەنى بايقىشىدىن 499 يىل كېيىن تارىختا بىر دەۋر ئاخىرىلاشتى. بەش ئەسىردىن بۇيان تۇنجى قېتىم كۈچ مەركىزى ياۋروپادىن ئامېرىكا قىتئەسىگە ئۆتتى. 1991 – يىلىدىن كېيىن، دۇنيادىكى بىردىنبىر دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ ئا ق ش بولدى ۋە خەلقئارا سىستېمىنىڭ مەركىزىگە ئايلاندى.
بىز ئا ق ش نىڭ 20 – ئەسىرگە قانداق قىلىپ كۈچلۈك ھالدا كىرگەنلىكىنى تەتقىق قىلدۇق. 1980 – يىلى ئا ق ش – سوۋېت ئىتتىپاقى دوئىلى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىگە چىققانىدى. تىچ ئوكيان تىجارىتى تارىختا تۇنجى قېتىم ئاتلانتىك ئوكيان تىجارىتى بىلەن تەڭلەشتى. ئون يىلدىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندا، تىچ ئوكيان تىجارىتى ئاتلانتىك ئوكيان تىجارىتىدىن 50 % ئېشىپ كەتتى. خەلقئارا تىجارەتنىڭ ۋە خەلقئارا سىستېمىنىڭ گىئومېترىسى بىر بىرى بىلەن پاراللىل بولمىغان بىر شەكىلدە ئۆزگۈرۈشكە باشلىدى.
بۇ ئەھۋال دۇنيانىڭ قالغان قىسمىغا قانداق تەسىر كۆرسەتتى؟ ناھايىتى ئاددىي قىلىپ ئېيتساق، دېڭىز يولىنىڭ كونتىرول قىلىش ئۈچۈن كېتەرلىك چىقىم كۆپىيىپ غايەت زور رەقەمگە ئۇلاشتى. تىجارەت قىلغان نۇرغۇن دۆلەت دېڭىز يولى كونتىرولى ئۈچۈن كېتەرلىك چىقىمغا بەرداشلىق بېرەلمىدى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە خام ئەشيا تەمنىلەشتە قېيىنچىلىقلاردا دۇچ كەلدى. بۇ دەۋردە دېڭىز كۈچىنىڭ رولى چوڭ بولۇپ سىياسىي جەھەتتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولدى. دېڭىز – ئوكيانلاردىكى پائالىيەتلەرنى ( كېمىلەرنى ) كونتىرول قىلىش ئۈچۈن كۆپ چىقىم كېتىدۇ. تارىخقا قارىساق، بارماق بىلەن سانىغىلى بولغىدەك دەرىجدە ئاز ساندىكى دۆلەت مۇشۇنداق بىر ئىمكانغا ئىگە بولغان. بۈگۈنمۇ بۇ ئوخشاشلا قېيىن ۋە چىقىمى كۆپ بىر ئىش. ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە خام چوتىغا قارايدىغان بولسىڭىز، بۇ ئىش ئۈچۈن ئەڭ كۆپ ئىقتىساد سەرپ قىلىنغانلىقىنى كۆرەلەيسىز. باسرا قولتۇقىدا بىر ئۇرۇش پاراخوتى تۇرغۇزۇش ئۈچۈن سەرپ قىلىنغان ئىقتىساد خېلى كۆپ دۆلەتنىڭ دۆلەت مۇداپىئە خام چوتىنىڭ يىغىندىسىغا تەڭ كېلىدۇ. بىر دېڭىز قىرغىقى بولماي تۇرۇپ، ئاتلانتىك ياكى تىچ ئوكياننى كونتىرول قىلىش ھەر قانداق دۆلەت قىلالايدىغان ئىش ئەمەس.
بۇ ئوكيانلارنى كونتىرول قىلالىغان بىردىنبىر دۆلەت ئا ق ش بولدى. بۇ ۋەزىيەت شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسىنى خەلقئارا سىستېمىنىڭ مەركىزىگە ئايلاندۇردى. ئامېرىكا دەۋرىنىڭ تاڭ باھارىدا، ئا ق ش نىڭ شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى تەسىرى چوڭ. بۇ دۆلەت 1944 – 1945 – يىللىرى ياۋروپا ۋە ياپۇنىيىنى ئىشغال قىلغانىدى. بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن غايەت زور دېڭىز ئارمىيسىگە ئىگە بولۇش كېرەك.
بۇ يەردە بىر چاغلاردا ياۋروپانى ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا ئالغان ئىسپانىيەنى ئەسلەپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ. بۇ ياۋروپا دەۋرىنىڭ باشلانغانلىقىنىڭ بىشارىتى بولغانىدى. ھازىر ئالدىمىزدىكى بىر قانچە ئەسىر بويىچە شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسى دۇنياۋى سىستېمىنىڭ مەركىزى بولۇپ كۆرۈنمەكتە. مەن ھېچ بولمىغاندا بىر ئەسىر بويىچە شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسىنى نوپۇزى ئاستىدا تۇتىدىغان دۆلەت ئا ق ش بولىدۇ دەپ قارايمەن. لېكىن، ئىسپانىيە مىسالىدىكىدەك شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ دۇنيا مەركىزى بولىشى ئامېرىكىنىڭ ھەردائىم شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسىنى نوپۇزى ئاستىدا تۇتىدىغانلىقىدىنى بىلدۈرمەيدۇ، نۇرغۇن ئۆزگۈرۈشلەر مەيدانغا كېلىشى مۇمكىن، يەنى ئىچكى ئۇرۇشتىن تارتىپ باشقا بىر دۆلەت بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇشقا ئوخشاش نۇرغۇن ئامىللار دۆلەتنىڭ كۈچ تەڭپۇڭلىقىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىشى مۇمكىن.
ئىقتىساد، تېخنىكا ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى تەسىر نەزەرگە ئېلىنغاندا، قىسقا بىر دەۋر ئۈچۈن (مەن بۇ يەردە ئالدىمىزدىكى پۈتۈن بىر ئەسىرنى كۆزدە تۇتىۋاتىمەن) ئا ق ش بۇ رايوننىڭ بىردىنبىر ھاكىم كۈچى بولۇپ ئالدىمىزغا چىقماقتا. بۇ دۆلەت 21 – ئەسىر بويىچە بۇ رايوندىكى تەسىر كۈچىنى ساقلايدۇ.
ئا ق ش ئىنسانلىرى مۇرەككەپ كىشىلىككە ئىگە. بۇ كىشىلەر ئۆزىگە ھەددىدىن زىيادە ئىشەنگەندەك، دەل ئەكسىچە ئويلايدىغان كىشىلىرى بىلەن باشقا دۆلەت كىشىلىرىدىن پەرقلىنىدۇ. دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەت، دۇچ كەلگەن كىملىك بوھرانى سەۋەبىدىن ئۆزىنى تولۇق تونۇتالمىدى. تارىخ توقتىسىدىن، ئا ق ش بىنورمال دەرىجىدە ياش ( 300 يىللىق تارىخقا ئىگە) بولۇپ تېخى پىشىپ يېتىلمىگەن. كىشىلەر ( ئامېرىكىلىقلار )نىڭ ھەممىسىدە ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنىڭ تولۇق بولماسلىقىنىڭ سەۋەبلىرىنىڭ بىرسى بۇ. ئامېرىكىلىقلار ئۆزلىرىنىڭ دۇنيادىكى ئورنى ھەققىدە تېخى پىشىپ يېتىلگەن بىر چۈشەنچىگە ئىگە ئەمەس.
لېكىن، بىز دۆلەت سۈپتىدە ئا ق ش پىشىپ يېتىلدى دەپ قارايمىز. يېتىلگەن بولۇش ئۈچۈن تېخىمۇ ساغلام ۋە كۈچلۈك بولۇش كېرەك. ئامېرىكا ئۆز كۈچىنىڭ يىگىتلىك مەزگىلىدە تۇرىۋاتىدۇ، تېخ تولۇپ پىشىپ يېتىلمىدى. ئامېرىكا خۇددى 16 – ئەسىردىكى ياۋروپاغا ئوخشاش ھالا ياۋايى ( بۇ بىر ئەخلاقى ھۆكۈم ئەمەس، بىر ئېنىقلىما ). ئۇنىڭ مەدەنىيىتى قېلىپلاشمىغان بولۇپ، ئىنتىلىشى كۈچلۈك. ئۇنىڭ تۇيغۇلىرى ئۇنى ھەرخىل ۋە زىت تەرەپلەرگە باشلايدۇ.
مەدەنىيەتلەر ئۈچ خىل ۋەزىيەتنىڭ بىرىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. بىرىنچىسى ياۋايىلىق(ئىپتىدائىلىق). ئىپتىدائى كىشىلەر ئەنئەنىلىرىنىڭ تەبىئەتنىڭ قانۇنىيىتى ئىكەنلىكىگە ۋە بۇنىڭغا بويسۇنمىغانلارنىڭ جازاغا تارتىلىشقا تىگىشلىك ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ. ئۈچىنچى ۋەزىيەت گۇمراھلىق ( زاۋاللىق ) بولۇپ، گۇمران بولغانلار باشقا ھېچقانداق نەرسىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ تەپەككۇرلىرىنىڭ ئالدىغا ئۆتەلمەيدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. ئۇلار ھەممە نەرسىگە مەنسىتمەسلىك بىلەن قارايدۇ. ئۇلار ھېچ بىر نەرسە ئۇرۇشۇشقا ئەرزىمەيدۇ دەپ قارايدۇ.
مەدەنىيەتلىشىش ئىككىنجى ۋە ئەڭ ئاز كۆرۈلىدىغان ئەھۋال بولۇپ، مەدەنىيەتلىك كىشىلەر زىھىنلىرىدە ئىككى زىت چۈشەنچىنى تەڭپۇڭلاشتۇرالايدۇ. ئۇلار بۇ ئىككسىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ ۋە ئۆز مەدەنىيتىنى بۇ توغرىلارغا يېقىنلاشتۇرۇشقا تىرىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇلار ئىدىيلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ خاتالىشىپ قىلىش ئىھتىمالىغا قارىتا تەييارلىق ھالىتىدە تۇرغۇزىدۇ. ئەنئەنىلەر ئىپتىدائىلىقتىن مەدەنىيەتلىشىشكە ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن گۇمراھلىققا قاراپ تەرەققىي قىلىدۇ. مەدەنىيلەشكەن كىشىلەر تاللاپ تۇرۇپ، تەسىر كۈچى چوڭ شەكىلدە كۆرەش قىلىدۇ. بارلىق مەدەنىيەتلەر ياۋايى، مەدەنىيلەشكەن ۋە تۈگەشكەن كىشىلەردىن تەشكىل قىلىنغان بولۇپ، ھەر بىر مەدەنىيەتتە ئوخشىمىغان دەۋرلەردە ئوخشاش بولمىغان چۈشەنچىلەر ھاكىم بولىدۇ.
ياۋروپا 16 – ئەسىردە مەدەنىيلەشمىگەنىدى. خرىستىيانلىق ئىستىلا يولى بىلەن تارقىتىلماقتا ئىدى. 18 – ۋە 19 – ئەسىردە مەدەنىيلىشىشى دەۋرىگە كىردى ۋە ئارقىدىنلا 20 – ئەسىردە گۇمراھلىققا قاراپ ماڭدى. ئا ق ش ئۆز مەدەنىيىتى ۋە تارىخ سەپىرىنىڭ بېشىدا تۇرماقتا. ھازىرغىچە ئېنىق بىر مەدەنىيەت شەكىللەندۈرۈشكە ئاجىز كېلىپ قالدى. دۇنيانىڭ مەركىزى بولۇپ تۇرغانسىرى ئۆز مەدەنىيىتىنى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ. ئامېرىكا ئوڭچىلار مۇسۇلمانلارنى، سولچىلار ئاياللار ھوقۇقىنى خار كۆرىدىغان جاي. بۇ خىل پەرقلىق قاراشلار كىشىلەرنى ئۆزى تەۋە بولغان جەمىئىيەتكە زىچ باغلىغان بولۇپ، بارلىق ئىپتىدائى كىشىلەرگە ئوخشاش، ئامېرىكىلىقلار ئۆزى توغرا دەپ قارىغان ئەقىدىلىرى يولىدا ئۇرۇشۇشقا تەييار.
بۇ بىر تەنقىد ئەمەس. تەرەققىي قىلىش ئۈچۈن چوقۇم بۇ باسقۇچنى بېسىپ ئۆتۈش كېرەك. ئا ق ش ياش بىر مەدەنىيەت بولۇپ، ئېغىر ۋە بەزىدە ۋەيران قىلغۇچى قەدەملىرى بىلەن ئۆزىگە لايىق بولغان، ئەڭ ياخشى قىممەت قارىشىنى ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ شەكىللەندۈرىدۇ. ئا ق ش بۇلاردىن شەكىللەنگەن بولۇپ، خاملىقىغا قارىماي خۇددى 16 – ئەسىردىكى ياۋروپاغا ئوخشاش كۆز قاماشتۇرىدىغان جەلىپ قىلىش كۈچىگە ئىگە بولىدۇ.