ھىجر سۈرىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

سۈرە ھىجر ئىسمىنى 80 – ئايىتىدىن ئالغان.

ھىجر « قورام تاشلىق جاي » ياكى « يېپىق ھاۋزا » مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان بولۇپ، تارىخى مەنبەلەردە قەدىم زامانلاردىن تارتىپ سەمۇد قەۋمى ياشىغان جاي ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن. بۇ رايون قورام تاشلار بىلەن قاپلانغان بولۇپ، ۋولقان پارتىلىشى بىلەن شەكىللەنگەن. يۇنان ۋە رىم مەنبەلىرىدە « ھەگرا » دەپ ئاتالغان. بۇ جاي باشتىن ئاياغ مېمارچىلىققا قولايلىق غايەت چوڭ قورام تاشلار بىلەن قاپلانغانلىقتىن بۇ ئىسىم بىلەن ئاتالغان. بۇ قورام تاشلار شۇنداق چوڭ بولۇپ، ئۇزۇنلىقى 1500 مېتىر، كەڭلىكى 700 مېتىر، ئېگىزلىكى 100 مېتىر ئەتراپىدا. باشقا بىر ئىزاھاتقا قارىغاندا، شەھەر قورام تاشلار ئويۇپ بىنا قىلىنغانلىقتىن ھىجر دەپ ئاتالغان. بۇ قورام تاشلار شەھىرى، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ھەشەمىتى بىلەن كۈنىمىزدىمۇ مەۋجۇدلىقىنى ساقلاپ كەلمەكتە. ھالاك قىلىنغان بۇ قورام تاش شەھىرىنىڭ ئاھالىسى، كۈنىمىزدە مەدائىنى سالىھ ( سالىھنىڭ شەھىرى ) دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ جاي مەدىنىدىن 400 كىلومېتىر يىراقلىقتا بولۇپ، بۈگۈنكى سەئۇدىي ئەرەبىستان تېرىتورىيىسى ئىچىدە يەر ئالماقتا.

سەمۇد، بەھەيۋەت مەۋجۇدلىقى ۋە پاجىئەلىك ئاقىۋىتى بىلەن ئەرەپ يېرىم ئارىلى خەلقىنىڭ خاتىرىسىدە يەر ئالغان بولۇپ، گۈللەنگەن بىر مەدەنىيەتنى تەمسىل قىلغانىدى. ئۇلار مەزكۇر رايونغا چۈشكەن ھۆل – يېقىن مىقدارىنىڭ چەكلىك بولىشىغا قارىماي، بىر سۇ مەدەنىيىتى بەرپا قىلغانىدى. ئۇلار كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان سۇ يوللىرى ۋە سۇنى ياخشى ساقلايدىغان سۇ ئامبارلارنى بەرپا قىلغانىدى. سەمۇد، « ئاز سۇ » دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.

سۈرە تۇنجى تەرىپلەردە يۈسۈپ سۈرىسىنىڭ ئارقىسىغا تىزىلغان. بۇ پەيغەمبەرلىكنىڭ 10 – ياكى 11 – يىلىغا توغرا كېلىدۇ. بۇ ھىجر سۈرىسىنىڭ قۇرەيش بويقۇتىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلى ياكى ئۇنىڭدىن كېيىنكى مەزگىلدە چۈشكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئۆتمۈش قەۋملەرنىڭ ھالاكىتىنى بايان قىلغان قىىسسەلەر، قۇرەيش بويقۇتىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلى ياكى ئۇنىڭدىن كېيىنكى مەزگىلدە نازىل بولغان سۈرىلەرنىڭ تىپىك ئالاھىدىلىكى بولۇپ، بۇ ئارقىلىق ئىنكارچىلارنى ئاگاھلاندۇرۇش مەقسەت قىلىنغان. بۇ سۈرىدىمۇ « ئەگەر سىلەرمۇ بۇلارغا ئوخشاش ئىنكار قىلىشتا چىڭ تۇرساڭلار، ئاقىۋىتىڭلار سالىھ قەۋمىنىڭ ئاقىۋىتى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ » دېيىلمەكتە.

سۈرىنىڭ تېمىسى، تىلى، ئۇسلۇبى ۋە لىرىك قۇرۇلمىسىدىن مەككىدە نازىل بولغانلىقى ئېنىق نامايەن بولماقتا. بارلىق نوپۇزلۇق ئالىملارنىڭ ھەممىسى سۈرىنىڭ پۈتۈنلەي مەككىدە نازىل بولغانلىقى ھەققىدە ھەمپىكىر.

ھىجر سۈرىسىنىڭ ئانا تېمىسى « ئىنسان » بولۇپ، بۇ سەۋەپتىن ئىنساننىڭ ئېلېمېنېتلىق قۇرۇلمىسىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان، قۇرئاندا نادىر ئىشلىتىلگەن ئۇقۇملار بۇ سۈرىدە زىچ ھالدا ئىشلىتىلگەن ( 26، 28، 33 ). سۈرىنىڭ كىرىش قىسمىمۇ ئاساسەن بۇ ئانا تېمىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، سۈرە ئىنكار قىلىشتا چىڭ تۇرغانلارنى ئاگاھلاندۇرغان ھالدا باشلانغان. چۈنكى، ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھ، ئىنساننىڭ ئۆزىنى ئۆزى زايا قىلىۋېتىشىگە رازى ئەمەس. ئىنسان ئاللاھ نىڭ شاھ ئەسەرى. ئىلاھىي بىر شاھ ئەسەر بولغان ئىنساننىڭ ئۆزىنى زايا قىلىۋېتىشى، ئەسلىدە ئاللاھ نىڭ ئەجرىنى ئىسراپ قىلىۋەتكەنلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس. سۈرىنىڭ باشلىنىشىدىكى بۇ ئايەتلەر، بۇ نەزەر بىلەن ئوقۇلغان ۋاقىتتا، ئىلاھىي شەپقەت ۋە مەرھەمەتنىڭ بىر ئىپادىسىنى ئەكس ئەتتۈرمەكتە:

الر تِلْكَ آَيَاتُ الْكِتَابِ وَقُرْآَنٍ مُبِينٍ (1) رُبَمَا يَوَدُّ الَّذِينَ كَفَرُوا لَوْ كَانُوا مُسْلِمِينَ (2)

« ئەلىف، لام، را. بۇ، كىتابنىڭ ـ ئۆزى چۈشۈنۈشلىك ۋە بايان قىلغۇچى روشەن قۇرئاننىڭ ئايەتلىرىدۇر. كاپىرلار ( قىيامەتنىڭ دەھشىتىنى كۆرگەندە، دۇنيادىكى چېغىمىزدا ) مۇسۇلمان بولغان بولساقچۇ، دەپ ئارمان قىلىدۇ » ( 1 – 2 ).

ئىلاھىي شەپقەت، بۇ ئايەتلەردىن كېيىن مۇنداق بايان قىلىنغان : « بىز ھەر قانداق بىر شەھەرنى ( ئالدى بىلەن ) چۈشەنگىلى بولىدىغان ئىلاھىي بىر ۋەھىي ئەۋەتمەي تۇرۇپ ھالاك قىلمىدۇق » ( 4 ). بۇ ئىلاھىي شەپقەتنىڭ بىر ئىپادىسى ئىدى. ئىنسانغا ئەقىلنىڭ بېرىلىشىمۇ، ئىنساننىڭ توغرا يولنى تېپىشى ئۈچۈن يېتەرلىك ئىدى. ئەمما، ئاللاھ رەھمەت ئۈستىگە رەھمەت ئاتا قىلىپ ۋەھىي بىلەن ئىنساننى ئىتىبارغا ئېلىشى، ئۇنىڭ رەھمىتىنىڭ بىر نامايەندىسىدۇر. ئۇنداقتا، ئۇنىڭ رەھمىتىنىڭ ئەڭ چوڭ تەجەللىسى بولغان ۋەھىينى ئېلىپ كەلگەن ئەلچىنى « مەجۇن » ( 6 ) دېيىش نېمە دېگەنلىك بولىدۇ؟ ئەلۋەتتە، بۇ ئىنساننىڭ تۇز كورلۇقتا چەكتىن ئاشقانلىقىنى بىر ئىپادىسى.

سۈرە ھەر ئىنكارچى قەۋمدەك، مەككە مۇشرىكلىرىنىڭمۇ « پەرىشتە پەيغەمبەر » تەلەپلىرىدىن خەۋەر بېرىدۇ ( 7 ). ئۇنىڭدىن باشقا، ۋەھىينىڭ خاتىرىلەنگەن تەبىئىتى ئىما قىلىنغان ئەل – كىتاپ بولىشىغا، ھەم ۋەھىينىڭ سۆز شەكلىدىكى بىر خىتاپ بولغان قۇرئان ئىكەنلىكىگە كىشىنىڭ دىققەت نەزرىنى ئاغدۇرىدۇ. سۈرە بۇ شەكىلدە باشلىنىپ، بىزنى تەبىئىي ھالدا مەزكۇر سۈرىنىڭ سەرخىل ئايىتى بولغان 9 – ئايەتنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىدۇ. بۇ ئايەت، قۇرئاندىكى قۇرئان ۋەھىينىڭ ئاللاھ نىڭ ھىمايىسى ئاستىدا ئىكەنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان ئايەتلىرىدىن بىرسىدۇر:

إِنَّا نَحْنُ نَزَّلْنَا الذِّكْرَ وَإِنَّا لَهُ لَحَافِظُونَ

« قۇرئاننى ھەقىقەتەن بىز نازىل قىلدۇق ۋە چوقۇم ئۇنى قوغدايمىز » ( 9 ).

نەزرىمىزنى باشتا ئاسمانغا يۈزلەندۈرگەن بۇ سۈرە، ئۇ يەردە ئاللاھ نىڭ بۈيۈك قۇدرەت ۋە ئەزىمىتىنى كۆرۈشكە بىزنى دەۋەت قىلىدۇ ( 16 ). تېما يەنە ۋەھىينىڭ ھىمايە ئاستىغا ئېلىنغانلىقىدۇر. ئوغۇرلۇقچە قۇلاق موللىسى بولماقچى بولغان ھەر قانداق شەيتان ۋە شەيتانسىمانلار ھەرگىزمۇ ۋەھىيدىن خەۋەردار بولالمايدۇ ( 17 – 18 ). بۇ يەردە دېيىلمەكچى بولغان مەقسەت ناھايىتى روشەن. يەنى، غەيبتىن خەۋەر بېرىدىغانلىقىنى داۋا قىلغان، ئۆزىگە ۋەھىي ياكى ۋەھىيگە ئوخشاش بىر نەرسە كەلگەنلىكىنى ئىما قىلغان ھەر كىم، ھەددىنى بىلمەي چەكتىن ئاشقان ھالدا ئاللاھ ۋە پەيغەمبەردىن رول تالاشقانلاردۇر. بۇ تۈردىكى ھەر قانداق بىر داۋا مەنىۋىي « ئوغۇرلۇق »تۇر. ئىشنىڭ ئەجەپلىنەرلىك تەرىپى شۇكى، باشقىلارنى ئالدىغان بۇ خىل كىشىلەرنى شەيتان ئالدىغان بولىشى مۇمكىن. ئالدىنىش بىر ئەھمەقلىق بولغان بولسا، ئالدام خالتىغا چۈشكەنلەرگە ئالدىنىش ئىككى ئەھمەقلىق بولىدۇ.

سۈرىنىڭ داۋامىدا ئىنساننىڭ ئېلېمېنېتلىق قۇرۇلمىسى بايان قىلىنىدۇ ( 26 ). ئىنسان كۆرگىلى بولىدىغان ئىرادىلىك مەخلۇقتۇر. ئۇنىڭدىن باشقا، دۇنيا كۆزى بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان ئىرادىلىك مەخلۇقلار بار بولۇپ، قۇرئان بۇلارنىڭ ھەممىسىنى جىن دەپ ئاتايدۇ. دۇنيا كۆزى بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان ئىرادىلىك مەخلۇقلارنىڭ يارىتىلىشىدىن بىز قۇرئان ئارقىلىق خەۋەردار بولىمىز. ئاللاھ ئۇلارنى « كۆيدۈرۈپ تاشلايدىغان، تىل ئىپادىلەشكە ئاجىز كېلىدىغان بىر ئوتتىن » ياراتقان ( 27 ).

ئاندىن بايان خۇددى ئەئراف سۈرىسى 10 – 30 – ئايەتلىرى ئارىسىدا بايان قىلىنغان بەشەرگە روھ پۈۋلىنىپ ئادەمگە ئايلاندۇرۇش ھەققىدىكى قىسسەگە ئوخشاش، سۈرىدە سۆز يەنە ئىنساننىڭ ئېلېمېنېتلىق قۇرۇلمىسىغا ئۆتىدۇ ( 28 ). لېكىن، ئەئراف سۈرىسىدىكى بايان بىلەن ھىجر سۈرىسىدىكى باياندا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك گەۋدىلىك پەرىقلەر بار. ئەئرافتا ئىبلىسنىڭ ئىنسانلارغا مۇسەللەت بولغان تەپسىلى بايان قىلىنمايدۇ. بىراق ھىجر سۈرىسىدە ئىبلىسنىڭ ئىنسانغا مۇسەللەت بولىشى كەڭ دائىرىدە بايان قىلىنغان ( 32 – 44 ).

ئىبلىسنىڭ غەلبىسى، ئىنسان يول قويغان دائىرە ئىچىدە بولىدۇ. بۇنى تۆۋەندىكى ئايەت بايان قىلماقتا:

إِنَّ عِبَادِي لَيْسَ لَكَ عَلَيْهِمْ سُلْطَانٌ إِلَّا مَنِ اتَّبَعَكَ مِنَ الْغَاوِينَ

« مېنىڭ بەندىلىرىمگە ( يەنى ئۇلارنى ئازدۇرۇشقا ) سېنىڭ كۈچۈڭ يەتمەيدۇ، پەقەت گۇمراھلاردىن ساڭا ئەگەشكەنلەرگىلا ( سېنىڭ كۈچۈڭ يېتىدۇ ) » ( 42 ).

ئىبلىسنىڭ ئېچىنارلىق ھېكايىسىدىن كېيىن سۆز ھالاك قىلىنغان قەۋملەرگە كېلىدۇ. ئەسلىدە بۇ، قۇرئان كۆپ ئىشلىتىدىغان بىر ئۇسلۇبنىڭ ئالاھىدىلىكى. بۇ ئارقىلىق « ئىبلىسنىڭ ئەسكىرى بولغانلارنىڭ پاجىئەلىك ئاقىۋىتىنى بىلمەكچى بولغانلار، لۇت قەۋمىنىڭ ( 51 – 77 )، مەديەن ئاھالىسىنىڭ ( 78 – 79 )، ھىجر خەلقىنىڭ ( 80 -84 ) پاجىئەلىك ئاقىۋىتىگە قارىسۇن » دېيىلمەكتە.

بۇ ئەسكەرتىشتىن كېيىن، سۆز ئەسلى ۋە قۇرئان ۋەھىينىڭ تۇنجى خىتاپ قىلىنغۇچىسىغا، يەنى رەسۇلۇللاھقا كەلتۈرۈلگەن. بۇ تارىخى ھالاك ئۆرنەكلىرىدىن كېيىن، رەسۇلۇللاھنىڭ يۈرىكىگە سۇ سېپىلىشى كېرەك ئىدى. مانا بۇ تۆۋەندىكى ئايەتلەر، رەسۇلۇللاھ ئۈچۈن بىر تەسەللىي ھەدىيەسى ئىدى:

فَاصْدَعْ بِمَا تُؤْمَرُ وَأَعْرِضْ عَنِ الْمُشْرِكِينَ (94) إِنَّا كَفَيْنَاكَ الْمُسْتَهْزِئِينَ (95)

« ساڭا بۇيرۇلغاننى ( يەنى رەببىڭنىڭ ئەمرىنى ) ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويغىن، مۇشرىكلار ( نىڭ مەسخىرەلىرىگە ) پەرۋا قىلمىغىن. سېنى مەسخىرە قىلغۇچىلارغا بىز چوقۇم تېتىيمىز » ( 94 – 95 ).

بۇ تەسەللىيلەرگە نېمە ھاجەت بار ئىدى؟ سەۋەبى تۆۋەندىكى ئايەتتە:

« بىز ئۇلارنىڭ سۆزلىرىدىن يۈرىكىڭنىڭ سېقىلىۋاتقانلىقىنى ئوبدان بىلىمىز » ( 97 ).

سۆزىمىزنى خۇلاسىلىسەك، سۈرىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسلىلەرنى مۇنداق ئىخچاملاشقا بولىدۇ:

بۇنىڭغا ئوخشاش سۈرىلەردىكىدەك ئىنكارچىلارنى قورقۇتقان بىر ئۇسلۇب بىلەن ۋەھىي، شەرئى تەرىپى بىلەن تەكىتلەنگەن نۇبۇۋۋەت، ئىنسانلارنىڭ كوللىكتىپ ئەقلىنى شەكىللەندۈرگەن تارىخ، ئىنساننىڭ ئەبەدىي ئىستىقبالى بولغان ئاخىرەت، بىر كىتاپ سۈپتىدە تونۇشتۇرۇلغان تەبىئەت ۋە ئىنساننىڭ مۇستەھكەم ئىرادىسى بولغان تەۋھىد بايان قىلىنغان.

ھالاك قىلىنغان مەدەنىيەتلەر ئۆرنەكلىرى ئارقىلىق، خىتاپ قىلىنغۇچىلارنىڭ ئەستە تۇتۇش خاتىرىسىنى يېڭىلىغان مەزكۇر سۈرىنىڭ ئانا تېمىلىرىدىن يەنە بىرسى، پەيغەمبەرلىك مۇئەسسەسىدۇر. بۇ دائىرىدە، ۋەھىينىڭ شەخسىيەت بەرپا قىلغۇچى فونكىسيىسىنىڭ ئەڭ تىپىك ئىككى ئۆرنىكى مۇنداق بايان قىلىنغان:

لَا تَمُدَّنَّ عَيْنَيْكَ إِلَى مَا مَتَّعْنَا بِهِ أَزْوَاجًا مِنْهُمْ وَلَا تَحْزَنْ عَلَيْهِمْ وَاخْفِضْ جَنَاحَكَ لِلْمُؤْمِنِينَ

« بەزى كاپىرلارنىڭ بىز بەھرىمەن قىلغان نەرسىلىرىگە كۆز سالمىغىن، ئۇلار ( نىڭ ئىمان ئېيتمىغانلىقىدىن ) قايغۇرمىغىن، مۆمىنلەرگە كەمتەر بولغىن » ( 88 ).

وَاعْبُدْ رَبَّكَ حَتَّى يَأْتِيَكَ الْيَقِينُ

« سەن ئۆزۈڭگە ئۆلۈم كەلگەنگە قەدەر پەرۋەردىگارىڭغا ئىبادەت قىلغىن » ( 99 ).

يا رەببى! بىزنى ساڭا ئىبادەت قىلىشتىن مەھرۇم بولغانلار قاتارىدىن قىلمىغىن!