4 – ھەسەن ئەلبەسرىنىڭ ئۇسلۇبى

1.4. كۆرەش قىلىش ئۇسلۇبى

قەدەر رىسالىسى مۇئەللىفىنىڭ مەكتىۋىگە بىر ئىسىم قويۇشقا توغرا كەلسە، ئۇنىڭغا ئەڭ لايىق ئىسىم ھېچ شۈبھىسىز « مۆتىدىللىق مەكتىۋى » بولاتتى. ئۇنىڭ ئوتتۇرا ھاللىق يولىنى ماۋزۇلار سۈپىتىسدە مۇنداق يىغىنچاقلاشقا بۇلىدۇ.

  1. سىياسى ئۆكتىچىلىكتە مۆتىدىل بولۇش. يەنى، ئۇ خارىجىلارغا ئوخشاش قوراللىق قوزغىلاڭ، ياكى مۇرجىئىلەرگە ئوخشاش زۇلۇمغا يانتاياق بولۇش يولىنى تۇتمىغانىدى.
  2. ئىلىمدە مۆتىدىل بولۇش. ئىلىمنى ئاداققى غايىمۇ قىلىۋالمىغان ۋە شۇنداقلا ئۇنى ھېقىرمۇ كۆرمىگەن ئوتتۇرا ھال يول.
  3. كۈندىلىك ھاياتتا مۆتىدىل بولۇش. دۇنياپەرەستمۇ بولۇپ كەتمەسلىك، روھانىلىشىپمۇ كەتمەسلىك.
  4. قەدەر چۈشەنچىسىدىكى مۆتىدىل بولۇش. ئاللاھ نىڭ مەۋجۇداتقا مۇداخلىسنى رەت قىلماسلىق، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھۆر ئىرادە ۋە ئنساننىڭ ئەخلاقى مەسئۇلىيتىنىمۇ چەتكە قاقماسلىق.
  5. چوڭ گۇناھ ئۆتكۈزگەنلەر ھەققىدە مۆتىدىل بولۇش. خارىجىلارغا ئوخشاش تەكفىر ( كاپىرغا چىقىرۋېتىش ) قىلماسلىق، مۇرجىئىلەرگە ئوخشاش « ئىمانى بولسىلا ھېچبىر گۇناھنىڭ زىينى بولمايدۇ » دەپمۇ قارىماسلىق.

ئۇنىڭ مۆتىدىل بولۇش چىقىش قىلغان پوزىتسىيىسى، ئۇنىڭ ھەر سۆز – ھەرىكىتىگە سىڭگەن ئىدى. ئىمام ئەلبەسرىدىن « ئۆزىنى ئىبادەتكە ئاتىۋەتكەن كىشى بىلەن بالا -چاقىلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى قامداش ئۈچۈن چېپىپ يۈرگەن كىشىنىڭ قايسىسى پەزىلەتلىك؟ » دەپ سورالغاندا، ئۇ ھەر ئىككىسىنىڭ تەلەپكە لايىق توغرا يولدا ئەمەسلىگىنى ئىپادىلىگەن بولۇپ، ھاياتى سۆزىنىڭ ئىسپاتى ئىدى. ئۇ زاھىدلىق نامىدىن تەركى دۇنيالىقنى ياكى دۇنياغا پاراغىتىگە غەرق بولۇش يولىنى تۇتمىغانىدى. يۇقىرىدىكى مىسالدىن مەلۇم بولغاندەك، ئۇ « ئىشلارنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى ئوتتۇراھال يول ئۈستىدە بولغىنىدۇر » دېگەن نەبەۋى دەستۇرنى پىرىنسىپ قىلغانىدى.

ھۆكۈمدارلارغا بولغان مۇئامىلىسىدىمۇ بۇ پىرىنسىپنى كۆرەلەيمىز. ئۇنىڭ ھاياتى بۇ پىرىنسىپنىڭ نامايەندىسى بىلەن تولۇپ تاشقانىدى. ھەر ئىسياننى قارغۇلارچە قوللاپ قۇۋەتلىمەسلىك بىلەن بىرگە، زۇلۇمغىمۇ يانتاياق بولمىغانىدى. باشتا ئېيتقىنىمىزدەك ئانا ھەم دادا تەرەپتىن ئەرەپ بولمىغان ( مەۋالى ) بىرى ئىدى. ئەمەۋىلەر خۇددى تەقدىرچى/ جەبىر ئىدىئولوگىيسىنى قوللىغاندەك، ئەرەپ مىللەتچىلىكى ( ئارۇبە )نىمۇ دۆلەت سىياسىتى قىلىۋالغان. ئەرەپ ئۆكتىچىلەر قولىغا چۈشۈپ قالغاندا، ئۇلارغا بىر ھەسسە زۇلۇم قىلغان بولسا، ئەجەم ( ئەرەپ بولمىغانلار ) ئۆكتىچىلەر قولىغا چۈشۈپ قالغاندا، ئەرەپلەرگە قارىغاندا ئون ھەسسە قاتتىق زۇلۇم قىلاتتى. ئەجەملەرگە ئەقىلگە سىغمىغۇدەك ئۇسۇللارنى قوللىناتتى، قاتتىق خارلايتتى. ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان ۋە ھال – ئەھۋالى ياخشى بولغان ھەسەن ئەلبەسرىنى، شۇنچە ئىلمىي ھەيبىتىگە قارىماي، قوزغىلاڭلاردا ئارقا پىلاندا تۇرۇشىغا سەۋەپ بولغان يوشۇرۇن ئامىللارنىڭ بىرى مۇشۇ بولۇشى ئېھتىمالغا يېقىن.

ئۇنىڭ زۇلۇمغا قارشى ئۆچمەنلىكى بىر نەپرەت، ئادالەتكە بولغان مۇھەببىتى بىر ئىشىققا ئوخشايتتى. بۇ ۋەجىدىن بولسا كېرەك، ئۇ تۆت خەلىپىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى تىلغا ئالغان بىر ۋەزىدە، ھەزرىتى ئۆمەرنى بىرىنچى قاتاردا، ھەزرىتى ئەبۇ بەكىرنى ئىككىنجى قاتاردا تىلغا ئالغان ئىدى.

ئۇنىڭ ئەمەۋىلەرگە قارشى ئۆكتىچىلىكىنىڭ دەرىجىسى، ھاكىمىيەتنىڭ قاتتىق قوللىقىغا مس ھالدا ئاشقانىدى. ئۇنىڭ مۇئاۋىيەگە بولغان كۆز قارشى كلاسىك كالامنىڭ ئەندىزىسىگە سىغدۇرغىلى بولمىغۇدەك دەرىجىدە پىرىنسىپالدۇر.

تابارى( 51 – يىل ۋەقەلىرى مۇناسىۋىتى بىلەن ) ۋە ئىبنى كەسىر تارىخلىرىدا نەقىل قىلىدۇ:

ھەسەن ئەلبەسرى دېدىكى: « مۇئاۋىيەنىڭ تۆت ئىشى باركى، بۇ ئىشلاردىن يالغۇز بىرى بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ ھالاك بولۇشىغا يېتەرلىك ئىدى».

لولم يكن فيه منهن إلا واحدة لكانت موبقة

  1. ئۇ ئۈممەتنىڭ ئۈستىدىكى ھاكىميەتنى، شۇرا ئورنىغا قىلىچ ۋە مۇشتۇمزورلۇق بىلەن قولغا كەلتۈردى.
  2. ئوغلىنى ۋەلىئەھىت ( ئۇرۇنباسار ) تەيىن قىلدى. ھالبۇكى، ئۆزى يەزىدنىڭ ھاراقكەش، ئىشرەتخور، يىپەك كىيىم كېيىپ كەيپ – ساپا قىلىدىغان بىرسى ئىكەنلىكىنى بىلەتتى.
  3. رەسۇلۇللاھنىڭ ھۆكۈمىگە پىسەنت قىلماي، ھارام بىر ئىشنى قىلىپ، سۈمەييەنىڭ ئوغلى زىيادنى نەسەبىگە ( جەمەتىگە ) قوشۇپ، دۆلەت مەمۇرىيىتىنى ئۇرۇق – تۇققانلىرىنىڭ قولىغا بەردى.
  4. ھۇجر بىننى ئادى ۋە سەپداشلىرىنى ئۆلتۈردى.

ئىمام ئەلبەسرىنىڭ، ئەمەۋى خاندانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇئاۋىيە بىننى ئەبۇ سۇفيان ئۈچۈن قىلغان بۇ سۆزلىرىنى، ئۆكتىچىلىكىنىڭ پىرىنسىپال ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلى دەپ قارىساق بولىدۇ.

ئۇ تا باشتىن ئاخەرغىچە سەلتەنەتكە قارشى قۇرۇلتاي / كېڭەشنى يولىنى ياقىلاپ كەلگەنىدى.

ئىبنۇل جەۋزىنىڭ نەقىل قىلىشىچە ئۇ مۇنداق دېگەن:

« ئەگەر مۇغىرە بىنى شۇبە، مۇئاۋىيەنىڭ ئەمرىگە ئاساسەن يەزىد ئۈچۈن زورلۇق بىلەن بەيئەت ئالمىغان بولسا ئىدى، قىيامەتكە قەدەر خەلىپە شۇرا تەرىپىدىن سايلىناتتى » ( ئەلھەسەنۇلبەسرى،37 ).

بۇ سۆزدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇىكى، ئەلبەسرى مۇئاۋىيەنىڭ ئوغلى يەزىدنى ئۇرۇنباسارلىققا تەيىنلىشىنى، ئىسلامى سىياسىتىدىكى بىر قېيىش ۋە نەبەۋىي سۈننەتتىن ئايرىلىش دەپ قارىغان ئىدى. ئەسلىدە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك بولغان نوقتا، ئۇنىڭ دۆلەت ئىدارىسى ۋە باشقۇرۇش قۇرۇلمىسىدا، شۇرا ۋە كېڭەشنىڭ تىگىشلىك ئورنى ۋە قىممىتىنى تونۇپ يەتكەنلىكى ئىدى.

چۈنكى ئۇنىڭ دەرىجىسىدىكى نۇرغۇن نوپۇزلۇق ئىلىم ئەھلىدىن، قۇرئانىي سىياسەتنىڭ تۈپ ۋە ئاساسىي تۈرۈكلىرىدىن بىرى بولغان كېڭەشنىڭ ئەھمىيتىگە دائىر بىرەر يېرىم جۈملە بولسىمۇ سۆز قىلغانلىقىغا شاھىت بولالمىدۇق. سىياسەتنىڭ قانۇنلۇق بولۇشى، باشقۇرۇلغۇچىلارنىڭ تاللىشى ۋە رىزاسىدىن كېلىدىغانلىقىدىن ئىبارەت ھەقىقەتنى، بۇنىڭدىنمۇ يارقىن ئىپادىلىگىلى بولمىسا كېرەك. « كېڭەش ئاساسىدا شەكىللەنگەن ھاكىمىيەتنىڭ قىيامەتكە قەدەر داۋام قىلىشى » ئۇنىڭ ئارزۇ – ئارمىنى ئىدى. ئەلبەسرى، قۇرئانى سىياسەتنىڭ شۇرا پىرىنسىپىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا خانىدان سىستېمىسىنى ئورناتقان مۇئاۋىيەنى تەنقىد قىلىشتىن ئۆزىنى تارتمىغانىدى.

ئىمامنىڭ جاسارىتى بەزىدە ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىققانىدى. رىۋايەتلارگە قارىغاندا، ھەججاجنىڭ يۈزىگە : « ئاسمان ئەھلى سەندىن نەپرەتلىنىدۇ، زېمىن ئەھلى ساڭا لەنەت ئوقۇيدۇ » دېگەن ئىدى. « ئەلمۇنيە » ناملىق ئەسەرنىڭ ئاپتۇرى ئىبنۇل مۇرتەزانىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇ بۇ سۆزنى ھەججاجنىڭ ۋاسىتتىكى سارىيىنىڭ ئېچىلىشىغا دەۋەت قىلغان چاقىرىقىغا ئىجاۋەت قىلىپ، ساراينى كۆرگەندىن كېيىن ئېيتقان ۋە ئارقىسىدىنلا شۇنى سۆزلەرنى قىلغان : « ئاللاھ ھەقىقەتنى يوشۇرماسلىق توغرىسىدا ئالىملاردىن ۋەدە ئالغان ».

ئۇنىڭ ھەججاج بىلەن ئارىسىدا ئەگرى – توقاي بىر مۇناسىۋەتنىڭ بارلىقى مەلۇم بولماقتا. بىر كۈنى ھەججاجنىڭ ئامانلىق ئەمىرلىرىدى بىرى ئەلبەسرىنىڭ ئالدىغا كېلىپ : «تۆۋە قىلدىم، بۇندىن كېيىن ھاراق ئىچمەيمەن » دىگەن. ئەلبەسرى، زالىم ھاكىمىيەتكە يانتاياق بولغانلىقىنى ئىما قىلىپ تۇرۇپ، ئۇنى مۇنداق ئاگاھلاندۇرغان : « سەن تۆۋە قىلىشنى ئاۋۋال چوڭ گۇناھىڭدىن باشلا! ». ھەججاجنىڭ ئۆلۈم خەۋرىنى ئالغان ۋاقتىدا سەجدىگە بېرىپ مۇنداق دۇئا قىلغان : « ئاللاھىم، ئۇنى ئۆلتۈرگىنىڭدەك ئۇ ئاچقان چىغىر يولنىمۇ ئېتىۋەتكىن! ».

يەزىد بىننى ئابدۇلمەلىكتىن قورققان ئېراق ۋالىسى ئىبنى ھۇبەيرەنىڭ يۈزىگە « ئاللاھ سېنى يەزىدنىڭ شەررىدىن ساقلايدۇ، بىراق يەزىد سېنى ئاللاھ نىڭ شەررىدىن ساقلىيالمايدۇ » دەيدۇ. ئۇ ئەسنادا ئۇنىڭ بىلەن بىللە ۋالىنىڭ ھۇزۇرىدا يەنە ئىككى ئالىم بار ئىدى، بىرى يۇرتلىقى ئىبنى سىرىن، يەنە بىرى كۈفەلىك ئالىم شەئبى ئىدى. ۋالى ئىبنى ھۇبەيرە، يەزىدنىڭ ھەققە ۋە ئادالەتكە ماس كەلمەيدىغان ئەمىرلىرىگە قارىتا ئۆزىنىڭ قانداق قىلىشى توغرىسىدا ئۇلاردىنمۇ سورىغان، بىراق ئۇلار ھەسەن نامايان قىلغان جاسارەتنى كۆرسىتەلمىگەن ئىدى.

بۇ نوقتىدا شۇنى قىستۇرۇپ ئۆتەيلى. بۇ ئىبنى ھۇبەيرە كۈفە ۋالىسى بولغان ۋاقىتلاردا، ئەبۇ ھەنىفەنى قازىلىق تەكلىپىنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۈچ كۈن زىندانغا تاشلىغان ۋە قامچىلاتقان ئىدى. ئەبۇ ھەنىفە بۇ ۋالىنى ئىما قىلىپ : « ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئۇ مەندىن ۋاسىت جامەسىنىڭ ئىشىكلىرىنى سانىشىمنى تەلەپ قىلسا، قىلمايمەن » دېگەن ئىدى.

جاھىز « ھايەۋەن » ناملىق ئەسىردە مۇنداق قەيىت قىلغان: ئەمەۋى ئائىلىسى ئۈچۈن قىلىچ ئويناتقانلاردىن بىرى بولغان راقى بىننى ئەبىل ئەسۋەت، بىر كۈنى ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ : « ئەي ئەبۇ سائىت! پىت قېنى تىگىپ كەتكەن بىر كىيىم بىلەن ناماز ئوقۇش توغرىسىدىكى پەتىۋايىڭ نېمە؟ » دەپ سورىغان. ئۇ ئىلىم ھالقىسى ئىچىدىكى جامائەتنىڭ ئىچىدە، مۇنداق تارىخى جاۋاپنى بەرگەن : « مۇسۇلمانلارنىڭ قانلىرىنى ئىتنىڭ قېنىنى تۆككەندەك ئاققۇزۇپ، ئەمدى كېلىپ پىت قېننىڭ ھۆكۈمىنى سوراش غەلىتىلىك ئەمەسمۇ؟ ».

ھاكىميەتكە يېقىن بەزى كىشىلەر، ھۆكۈمرانلارنىڭ زۇلۇم ۋە ئەخلاقسىز قىلمىشىنى تەنقىد قىلىشنى « غەيۋەت » نامى ئاستىدا چەكلىمەكچى بولغاندا، ھەسەن ئەلبەسرى : « كەلسە – كەلمەس گۇناھ قىلغان پاسىقنىڭ غەيۋىتى بولمايدۇ. ھاۋايى – ھەۋەس ۋە نەپسىنى ئىلاھلاشتۇرۋالغانلارنىڭ غەيۋىتى بولمايدۇ » دېگەن پەتىۋاسى بىلەن بۇ ئويۇننى بۇزغان.

ئەمەۋى ھاكىميىتى ئۇنىڭ « ئاتا دىۋانى » (دۆلەتنىڭ مائاش بېرىش ئورگىنى )دىن ئېلىۋاتقان مائاشنى توختىتىۋەتكەن بولۇپ، ھەققىنى ئۆمەر بىن ئابدۇلئەزىز دەۋرىدە ئالالىغانىدى. ھاكىميەتنىڭ غەزىۋىنى كەلتۈرۈپ قويغان ۋاقىتلاردا يۇشۇرنۇپ يۈرۈشكە مەجبۇر بولغان ۋە ھەتتا ۋاپات بولغان قىزىنىڭ جىنازىسىگىمۇ قاتنىشالمىغانىدى. ئۇنىڭ ئۇدا ئۈچ يىل ھاكىميەتتىن قېچىپ يۈرگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ.

ئۇ ھاكىمىيەتنىڭ زۇلۇمىغا قارىتىلغان قاتتىق ئۆكتىچىلىك پوزىتسىيىسىنى توختىتىپ قويغان ۋاقىتى ناھايىتى ئاز بولۇپ، بۇ دەل ئۆمەر بىن ئابدۇلئەزىز دەۋرى ئىدى. ئەمەۋى خاندانلىقىنى بىر زۇلۇم ئوكيانۇسىغا ئوخشاتساق، بۇ مۇبارەك خەلىپە شۇ ئوكيانۇستىكى ئۈچ ئادالەت ئاراللىرىدىن بىرى ئىدى. قالغان ئىككىسى خىلاپەتكە ئولتۇرغاندىن كېيىن ئاران 6 ئاي ياشىغان يەزىدنىڭ ئوغلى ئىكىنجى مۇئاۋىيە ۋە يەزىب بىننى ۋەلىد ئىدى.

ئىمام ئەلبەسرى ئۈزۈلۈپ قالغان مائاشنىڭ يېڭىدىن بېرىلىشكە باشلىغان ئۆمەر بىن ئابدۇلئەزىز دەۋرىدە، قىسقا ۋاقىت بەسىرەنىڭ قازىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. شۇنداقتىمۇ ئۇ ھاكىمىيەت بىلەن ئارىسىدىكى مۇساپىنى، ئۆمەر بىن ئابدۇلئەزىز دەۋرىدىمۇ ساقلاپ كەلگەن. خەلىپە ئۇنىڭغا مەكتۇپ ئەۋەتىپ دۆلەت خىزمىتىدە ئىشلىتىش ئۈچۈن ئسىم تەلەپ قىلغاندا، ئۇنىڭغا مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: « دۇنيا ئىنسانىنى سەن خالىمايسەن، ئاخىرەت ئىنسانلىرى بولسا سېنى خالىمايدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئاللاھ ياردەمچىڭ بولسۇن! دېمەكتىن باشقا چارەم يوق ».