بىرىنجى باب



 ئامېرىكا دەۋرىنىڭ تاڭ سەھىرى

 ئامېرىكىدا، مەيلى تەھرىرلەرگە يېزىلغان مەكتۇپلارنى ئوقۇڭ، مەيلى تور بەتلىرىنى زىيارەت قىلىڭ ياكى كوچىدىكى كىشىلەردىن ئاڭلاڭ  ئا ق ش نىڭ ھالاكەت گىردابىغا كېلىپ قالغانلىقىغا دائىر چوڭقۇر يەرلىشىپ كەتكەن كۆز قاراش بار. پالاكەت بىلەن ئاخىرىلاشقان ئۇرۇشلار، مالىيەدىكى كونتىرول قىلىنالمايۋاتقان قىزىل رەقەملەر، نېفىتنىڭ قىممەت بولىشى، ئالىي مەكتەپلەردىكى قالايمىقانچىلىقلار، ئىش دۇنياسى ۋە ھۆكۈمەتتىكى چىرىكلىك، تۈگىمەس كەمچىلىكلەر…. بۇلار پۈتۈنلەي رىئاللىق بولۇپ، كىشىگە ئامېرىكا چۈشى تۈگىگەن، ئامېرىكىنىڭ ھاكىم دۆلەت بولغان كۈنلىرى كەلمەسكە كەتكەندەك تۇيغۇ بېرىدۇ. ئەگەر بۇلار سىزنى قايىل قىلالمىغان بولسا، ياۋروپالىقلارغا قۇلاق سېلىپ بېقىڭ. ئۇلار سىزگە ئامېرىكىنىڭ ئالتۇن دەۋرىنىڭ كەلمەسكە كەتكەنلىكىنى ئېيتپ بېرىدۇ.

كىشىگە غەلىتە تۇيۇلىدىغىنى شۇكى، بۇنداق ئىپادىلەرنىڭ رىچارد نىكسون دەۋرىدىن تارتىپ ھازىرغىچە ئېيتىلىپ كېلىشى. ھەردائىم ئامېرىكىنىڭ كۈچى ۋە بايلىقى توغرىسىدا بىر ۋەھىمە ۋە پالاكەتنىڭ بوسۇغۇدا ماراپ تۇرغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك بىر كۆز قاراش مەۋجۇت.  بۇلارنىڭ ھەممىسى خاتا ھىسسى تۇيغۇدىن ئىبارەت. بۇ ھىسسىيات ئىددىيىدىن ھالقىپ كەتكەن. مۇھىت ئاسىرىغۇچىلار ۋە كونسىرۋاتىپ خىرىستىيانلار بۇ پىكىرنى تارقاتماقتا. بىز تۇرمۇش ئادىتىمىزدىن پۇشايمان قىلمىغىچە، بۇنىڭ جازاسىنى تارتىمىز ۋە ھازىر پۇشايمان قىلساقمۇ ئورنىغا كەلمەيدۇ.

بىر دۆلەت تەقدىرىنىڭ بەلگىلىنىشىدە خەلقىنىڭ بۇ دەرىجىدە ئۈمىدسىز ( ئىشنىڭ يامان تەرىپىنىلا كۆرۈشى) بولىشى كشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. بىز « ناھايىتى ئاددىي »  ئۆتكەن 1950 – يىللارنى سېغىنىمىز. بۇ بىر غەلىتە ئىش. چاۋشىيەن ئۇرۇشى ۋە مككارتي بىر تەرەپتە، لىتتلە روك ۋەقەسى ئوتتۇرىدا تۇرغان، يەنە بىر تەرەپتىن سپۇتنىك ۋە بېرلىن. ئۇنىڭدىن باشقا پۈتۈن دۇنيادا ئاتوم بومبىسى خەۋپى مەۋجۇت ئىدى. 1950 – يىللار ھەقىقەتەن جىددىيچىلىك ۋە قاراڭغۇلۇق دەۋرى ئىدى. 1950 – يىللاردا ئەڭ كۆپ ئوقۇلغان كىتاپ « غەزەپ دەۋرى »[1] ناملىق كىتاپ ئىدى. 1950 – يىللاردىمۇ خۇددى ھازىر بىز 1950 – يىللارغا قارىغنىمىزدەك ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى مەزگىللەرگە ھەۋەس قىلىناتتى.

ئامېرىكا مەدەنىيىتى ھەددىدىن زىيادە كىبىر ۋە قاتتىق بۇرۇختۇملۇق تۇيغۇسىنىڭ ساراڭلارچە يۇغۇرلۇشىدىن شەكىللەنگەن. ئاقىۋەت ناھايىتى ئىنىق – يەر شارىنىڭ ئىسسىشى سەۋەبىدىن مۇزلۇقلارنىڭ ئېرىشى، ئوخشاش جىنىسلىقلارنىڭ توي قىلىشىغا غەزەبلەنگەن ئىلاھنىڭ جازاسىغا ئۇچراش ۋە ھەممەيلەننىڭ پۈتۈن بۇ ئىشلاردىن جاۋابكارلىققا تارتىلىشىمىز. ئامېرىكىنىڭ رۇھى كەيپىياتى 21 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئۆزگۈرۈشكە باشلىدى. لېكىن، مەيلى نېمە بولۇشىدىن قەتىئىينەزەر شۇ بىر  رىئاللىقكى، ئا ق ش دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەت. بۇ بەزىدە پالاكەتلەرگە سەۋەب بولغان بولسىمۇ، بۇ رىئاللىقنى ئىتىراپ قىلماسلىق ئۈچۈن ئىنسان كۆر بولىشى كېرەك.

ئەمدى بىز تېخىمۇ چۈشۈنۈشلۈك بولىشى ئۈچۈن سانلىق مەلۇماتلارغا قارايلى. ئامېرىكىلىقلار دۇنيا نوپۇسىنىڭ تۆت پرسەنتىنى تەشكىل قىلىدىغان بولۇپ، پۈتۈن مال ۋە خىزمەت ئىشلەپچىقىرىشنىڭ تەخمىنەن يىگىرمە ئالتى پرسەنتىنى ئىشلەپچىقىرىدۇ. 2007 – يىلىدا ئا ق ش نىڭ يىللىق ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 14 تىرلىيون دوللار بولدى. پۈتۈن دۇنيانىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 54 تىرلىيون دوللار. دۇنيادىكى ئىقتىسادىي پائالىيەتلەرنىڭ تەخمىنەن يىگىرمە ئالتى پرسەنتىنى ئا ق ش دا ئىشلەپچىقىرىلدى. ئا ق ش دىن قالسا ئىككىنجى ئورۇندا تۇرىدىغان دۆلەت ياپۇنىيە بولۇپ، يىللىق ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى4.4 تىرلىيون دوللار. بۇ ئا ق ش نىڭ يىللىق ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئۈچتىن بىرىگە توغرا كېلىدۇ. ئامېرىكا ئىقتىسادى شۇنداق چوڭ بولۇپ، ئۆزىدىن كېيىنكى قاتاردا تۇرىدىغان تۆت دۆلەت – ياپۇنىيە، گىرمانىيە، جوڭگو ۋە ئەنگىلىيىنىڭ ئىقتىسادى جۇغلىمىسىدىنمۇ چوڭ.

نۇرغۇن كىشىلەر ئاپتوموبىل ۋە پولات – تۆمۈر سانائىتىدىكى تۆۋەنلەشنى دەلىل قىلىپ كۆرسەتمەكتە. بىر نەسىل بۇرۇن بۇ ساھەلەر ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ جان تومۇرى ئىدى. لېكىن، ھازىر خېلى كۆپ ساندىكى سانائەتلەر دېڭىزنىڭ ئۇ تەرىپىگە يۆتكەلدى. ئا ق ش نىڭ چىگرىسى ئىچىدە پەقەت 2.8 تىرلىيون دوللارلىق ( 2006 – يلىدا ) سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى قالدى. بۇ دۇنيادا ئەڭ چوڭ رەقەم. ئۆزىدىن قالسا ئەڭ چوڭ سانائەت دۆلىتى بولغان ياپۇنىيە سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە تەڭ بولۇپ، ھەتتا ياپۇنىيە ۋە جوڭگو سانائەت ئىشلەپچىقىرىش جۇغلىمىسىدىنمۇ ئېشىپ كېتىدۇ.

نېفىت يېتىشمەسلىكتىن سۆز قىلىشماقتا. مۇشۇنداق بىر قېيىنچىلىقنىڭ بارلىقى ھەممەيلەنگە مەلۇم، شۈبھىسىزكى بۇ قېيىنچىلىق بارغانسېرى ئارتىپ ماڭىدۇ. لېكىن، دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك بولغان بىر نوقتا شۇ، ئا ق ش نىڭ 2006 – يىلىدىكى كۈنلۈك نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى8.3 مىليون تۇڭ بولغان. روسىيە كۈندە 9.7 مىليون تۇڭ،  سەئۇدىي ئەرەبىستان كۈندە 10.7 مىليون تۇڭ  نېفىت ئىشلەپچىقىرىدۇ. ئا ق ش دا ئىشلەپچىقىرىلغان نېفىت سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئىشلەپچىقىرىلغان نېفىتنىڭ 85 پرسەنتىگە توغرا كېلىدۇ. ئا ق ش دا ئىشلەپچىقىرىلغان نېفىت ئىران، كۇۋەيت ۋە ئەرەپ بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىنمۇ كۆپ. ئا ق ش دا سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى ئېغىر سالماقنى ئىگلەيدۇ، بۇ سەۋەپتىن ئىمپورت قىلىدىغان نېفىت مىقدارىنىڭ كۆپ بولىدۇ. 2006 – يىلىدىكى تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىشىنى سېلىشتۇرىدىغان بولساق، روسىيە 22.4 تىرلىيون كۇپ مېتىر بىلەن بىرىنچى ئورۇندا، 18.7 تىرلىيون كۇپ مېتىر بىلەن ئا ق ش ئىككىنجى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئا ق ش دا ئىشلەپچىقىرىلغان تەبىئىي گاز مىقدارى، ئۆزىدىن كېيىنكى قاتاردا تۇرىدىغان بەش دۆلەتتە ئىشلەپچىقىرىلغان تەبىئىي گاز مىقدارىنىڭ جۇغلىمىسىدىنمۇ كۆپ. باشقىچە قىلىپ ئېيتساق، ئا ق ش قارىماققا ئېنىرگىيە جەھەتتىن باشقا دۆلەتلەرگە بېقىنىپ قالغاندەك تۇرسىمۇ، ئۇ يەنىلا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئېنىرگىيە مەھسۇلاتى ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتتىن بىرى.

ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ چوڭلىقى دىققەتكە ئېلىنغاندا، ئا ق ش خەلقئارا ئۆلچەمدە نوپۇس شالاڭ بولغان دۆلەتلەردىن بىرسى. بىر كۇۋادىرات كېلومېتىرغا چۈشىدىغان نوپۇس جەھەتتىن دۇنيادىكى ئوتتۇراھال ئۆلچەم 49 كىشى.   ياپۇنىيەدە 338، گىرمانىيەدە 230، ئامېرىكىدا ئاران 31. ئاساسەن ئىنسان ياشىمايدىغان ئالىياسكا رايونىنى ھېسابقا ئالمىغاندىمۇ بۇ زىچلىق ئاران 34 كىشى بولماقتا. ياپۇنىيە ۋە گىرمانىيە بىلەن، ياكى ياۋروپادىكى باشقا دۆلەتلەر بىلەن سېلىشتۇرۇلغاندىمۇ ئا ق ش دا  نوپۇس يەنىلا شالاڭ. تېرىغىلى بولىدىغان مۇنبەت تۇپراق جەھەتتىن سېلىشتۇرۇلغاندىمۇ، ئامېرىكىدا كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يەر كۆلىمى ئاسيادىكىنىڭ بەش ھەسسىسىگە  توغرا كېلىدۇ. بۇ نىسبەت ياۋروپانىڭ ئىككى ھەسسىسىگە، دۇنيا ئوتتۇراھالىنىڭ ئۈچ ھەسسىسگە توغرا كېلىدۇ. ئا ق ش يەر، ئەمگەك كۈچى ۋە مەبلەغگە ئىگە ئىقتىسادى كۈچ. ئا ق ش نىڭ بۇ ۋەزىيىتى –  بۇ سانلىق مەلۇماتلار دۆلەتنىڭ تېخىمۇ گۈللىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە. بۇ ئۈچ كۈچنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئىمكانلار بار.

ئا ق ش ئىقتىسادىنىڭ بۇنداق كۈچلۈك بولىشىنىڭ سەۋەبى سورالغاندا بېرىلدىغان جاۋاپمۇ كۆپ، ئەمما ئەڭ نىگىزلىك ۋە ئەڭ ئاددىي جاۋاپ ئۇ ئىگە بولغان  ھەربىي كۈچ.  ئا ق ش پۈتۈن قىتئەنى ھاكىمىيىتى ئاستىغا ئالالايدۇ. ھەربىي كۈچى ۋاستىسى بىلەن خوشنىلىرىغا بېسىم قىلالايدۇ. دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر سانائەت دۆلىتى 20 – ئەسىردە ئۇرۇشنىڭ قاتتىق تەسىرىگە ئۇچرىدى. گەرچە ئا ق ش مۇ ئۇرۇشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇرۇش ئا ق ش نىڭ تۇپراقلىرىدا بولمىدى.  ھەربىي كۈچ ۋە جۇغراپىيلىك رىئاللىق بىر ئىقتىسادىي رىئاللىقنى مەيدانغا كەلتۈردى. باشقا دۆلەتلەر ئۇرۇشتىن كېيىن، يېڭىدىن قۇرۇلۇشقا كۆپ ۋاقت سەرپ قىلدى. ئا ق ش بۇنداق بىر جەرياننى باشتىن ئۆتكۈزمىگەنلىكى ئۈچۈن ئۇلارغا قارىغاندا كۆپ تەرەققىي قىلدى.

مەن پات – پات تەكرارلاپ تۇرىۋاتقان بۇ ئاددي مەسلىنى ئىسىڭىزدىن چىقارماڭ. ئا ق ش دېڭىز ئارمىيسى دۇنيادىكى پۈتۈن ئوكيانلارنى كونتىرول ئاستىغا ئالغان. جەنۇبىي جوڭگو دېڭىزىدىكى بىر يەلكەنلىك كېمە، ئافرىقا قىرغاقلىرىدىكى بىر پاراخوت، باسرا قولتۇقىدىكى بىر نېفىت پاراخوتى، كارايىپ دېڭىزىدىكى بىر ھۇجۇم كېمىسى، … دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر دېڭىز قاتناش قورالى ئامېرىكا سۈنىئىي ھەمراسىنىڭ كۈزىتىش دائىرىسى ئاستىدا بولۇپ  ئۇلارنىڭ ھەرىكەتلىرى كۆزىتىلىپ تۇرۇلىدۇ. دۇنيادىكى پۈتۈن دۆلەتلەرنىڭ دېڭىز ئارمىيە قاتناش ۋاستىلىرىنى جۇغلىسىمۇ، ئا ق ش دېڭىز ئارمىيسى ئىگە بولغان قاتناش ۋاستىلىرى سانىغا يەتمەيدۇ.

بۇ  مەيلى باشقا بىر دۆلەت بولسۇن مەيلى كۈن پاتماس ئىمپېرىيە دەپ ئاتالغان ئەنگىلىيە بولسۇن، ھېچبىرى ئىگە بولۇپ باقمىغان ۋە تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر ئەھۋال. رايون خاراكتېرلىق كۈچلۈڭ دېڭىز ئارمىيلىرى بولغان، ئەمما يەر شارىنى كونتىرول قىلالىغىدەك بىر كۈچ مەۋجۇت بولۇپ باقمىغان. بۇ ئا ق ش نىڭ باشقا دۆلەتلەرنى  ئىشغال قىلالايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ، ھەم ھېچقاچان بۇنداق قىلمىدى. بۇ ۋەزىيەت تەھلىلىنىڭ مەقسىدى ئا ق ش نىڭ خەلقئارا تىجارەتنى كونتىرول قىلىپ تۇرىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىشتىن ئىبارەت. ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، ياۋروپا دەۋرىنىڭ ئاياغلىشىشى بىلەن ئامېرىكا ئىقتىسادى كۈچى ھەربىي كۈچى سايىسىدە كۈچەيدى.

بۇ قاراش كۈچلۈك ئاساسقا ئىگە. ئۆتكەن بەش ئەسىر بويىچە خەلقئارا تەرتىپ ئاتلانتىك ئوكيان بويىغا جايلاشقان پورتىگالىيە، ئىسپانىيە، فىرانسىيە، ئەنگىلىيە ۋە تەسىر كۈچى ئاز بولغان گوللاندىيە قاتارلىق ياۋروپا دۆلەتلىرىدىن تەركىب تاپقان ئاتلانتىك ياۋروپاسى كۈچى تەسىرىدە شەكىللەنگەنىدى. بۇ دۆلەتلەر ئنىسانىيەت تارىخىدا تۇنجى يەر شارى خاراكتېرلىق سىياسىي ۋە ئىقتىسادى سىستېمنى بەرپا قىلىپ، دۇنيانى باشقىچە بىر يەرگە ئايلاندۇرغانىدى. ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، ياۋروپا كۈچى ياۋروپا ئىمپېرىيىلىرى بىلەن بىللە 20 – ئەسىردە تارىخقا كۆمۈلدى.  بۇ شىمالىي ئامېرىكىنىڭ ھاكىم كۈچى بولغان، ئاتلانتىك ۋە تىچ ئوكيانلاردا تەسىر كۈچى غايەت چوڭ بولغان يىگانە دۆلەت ئا ق ش تەرىپىدىن تولدۇرۇلىدىغان بىر بوشلۇقنى شەكىللەندۈردى. شىمالىي ئامېرىكا 1492 – يىلى كولۇمبۇنىڭ سەپىرى ۋە 1991 – يىلىدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشى ئارىسىدىكى بەش ئەسىر بويىچە ياۋروپا ئىشغال قىلغان بوشلۇقنى تولدۇردى. بۇ يەر خەلقئارا سىستېمنىڭ مەركىزىگە ئايلاندى.

نېمە ئۈچۈنمۇ؟ 21 – ئەسىرنى چۈشۈنۈش، تونۇپ يېتىش ئۈچۈن 20 –  ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا يۈز بەرگەن ئاساسىي ئۆزگۈرۈشلەرنى بىلىش زۆرۈر. يېڭى ئەسىر شەكىل ۋە خاسلىق جەھەتتىن ئۆتكەن ئەسىرلەردىن روشەن ھالدا پەرقلىق بولىدۇ، خۇددى ئا ق ش نىڭ ياۋروپادىن پەرقلىق بولغىنىدەك. بۇ، مېنىڭ قارىشىمنىڭ پەقەت بىنورمال بولىشىدىن ئەمەس، دەل ئەكسچە ئا ق ش نىڭ ئالدىدىكى تاللاشنىڭ ناھايىتى ئاز بولىشىدىن كېلىپ چىققان. بۇ سىياسەت بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولۇپ، جۇغراپىيلىك سىياسىي كۈچلەرنىڭ ھەرىكەت شەكلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

[1] The  Age of Anxtiety