مۇنداق بىر سوئال ئوتتۇرىغا قويۇلىشى مۇمكىن. يەنى، بىر ھەسەن ئەلبەسرى فىقھىدىن سۆز ئېچىش مۇمكىنمۇ؟

شۇنداق، بىر ئىمام ئەلبەسرى فىقىھى بار دېيىشكە بولىدۇ. ئەمما ئۇنىڭ بەلگىلىك شەكلى يوق. ئەمما، « رىۋايەت »كە ئەمەس « دىرايەت » ۋە « رىئايەت »كە، « تەكەللۇم ( سۆز ) »گە ئەمەس « تەفەققۇھ ( چۈشۈنۈش، تەكشۈرۈش ) »قا ئاساسلىنىش بۇ فىقھىنىڭ ئالاھىدىلىگى ئىدى. خۇددى رەسۇلۇللاھ، ھەزرىتى ئەلى، ھەزرىتى ئۆمەر، ھەزرىتى ئىبنى مەسئۇد، ھەزرىتى سەلمەن، ھەزرىتى ئائىشە، ھەزرىتى ئىبنى ئابباس، ھەزرىتى مۇئاز ئىبنى جەبەلنىڭ فىقھىغا ئوخشاش ئىدى. ئىمام مالىك قانچىلىك دەرىجىدە ئىبنى ئۆمەرنىڭ رىۋايەتچى فىقىھىنىڭ ۋارىسى بولغان بولسا، ھەسەن ئەلبەسرىمۇ ئۇنىڭ دادىسى ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ دىرايەتچى فىقىھىنىڭ ۋارىسى ئىدى. ئىبنى ھازىم ( ۋاپات.456 \1064 ) شۇ ۋاقىتلاردىلا ھەسەن ئەلبەسرى فىقىھىنىڭ يەتتە جىلىتقا توپلانغانلىقىنى بايان قىلغان ( ئەل – ئېھكام 5 – جىلد، ب. 97 ). ھەسەن ئەلبەسرىنىڭ فىقىھى، كۈنىمىزدە ئىككى جىلىت سۈپىتىدە يېڭىدىن نەشىر قىلىنغان ( مەۋسۇئاتۇ فىقھىل ھەسەن ئەلبەسرى، مۇھەممەد راۋۋاس قالئاجى، دارۇن نەفائىس، ئوردۇن، 2007 ) .

ئۇنى مۇتەزىلە قاتارىدىن كۆرسەتكەن ئىبنى قۇتەيبە، ئۇنىڭ ئەقىلچىلىقىغا بىر مىسال سۈپىتىدە مۇنداق بىر نەقىلنى بايان قىلغان: « ھەسەن ئەلبەسرىگە، قوياش ۋە ئاينىڭ ئەڭ ئاخىرىدا جەھەننەمگە تاشلىنىدىغانلىقى توغرىسىدىكى بىر » ھەدىس » نەقىل قىلىپ يەتكۈزۈلگەن. شۇنىڭ بىلەن ھەسەن ئۇ كىشىدىن » گۇناھلىرى نېمە ئىكەن؟ » دەپ سورىغان ». مانا بۇ ئۇنىڭ دىرايەتچى فىقىھىنىڭ تىپىك ئۆرنەكلىرىدىن بىرى.

ئۇنى « مۇتتەقىلەرنىڭ پىشىۋاسى » قىلغان ئامىل، شەكىلنى مۇددىئانىڭ ئورنىغا قويىدىغان « زۇھد ( تەركىدۇنيانلىق ) » ئەمەس، قۇرئان بىلەن شەكىللەنگەن مانا بۇ ئەقىل ئىدى. ئۇنىڭ « قوياش ۋە ئاينىڭ جەھەننەمگە تاشلىنىدىغانلىقىنى » خۇددى رەسۇلۇللاھ ئېيتقاندەك قىلىپ نەقىل قىلغان بىرىگە « ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى نېمە ئىكەن؟ » دەپ سورىشى، قۇرئان بىلەن يېتىشىپ چىققان بىر ئەقىلنىڭ ئۇنىڭ ئۈستىدىكى ھەققى ئىدى. بۇ ئەلبەسرى ئۈچۈن، ئىبنى قۇتەيبە ئېيتقاندەك بىر قۇسۇر بولماستىن، بەلكى بىر ئارتۇقچىلىقتۇر.

ئۇ، لەبىزلەرنى مەقسەت بىلەن ئۇچراشتۇرغان. مەسىلەن، ئۇ ئىمام ئاتاغا ئوخشاش شەكىلدە، ئەھلى كىتاپ ( خىرىستيان ۋە يەھۇدىلەر ) ئاياللىرى بىلەن توي قىلىشنى ياقتۇرمىغان. قۇرئاننىڭ بۇ رۇخسىتىنى ئۇ زاماننىڭ شەرت – شارائىتىغا باغلاپ تۇرۇپ چۈشەنگەن. بۇمۇ قۇرئاننى مەقسەت ۋە غايىسىگە ئاساسەن چۈشەنگەنلىكىنىڭ بىر ئۆرنىكى.

ئىمام ئەلبەسرىنىڭ بەزى ئايەتلەردىن، كۆپچىلىكتىن پەرىقلىق چۈشەنچىلەرنى چىقىرىشى، ئۇنىڭ تەپەككۇرىنىڭ چوڭقۇرلىقىغا دالالەت قىلسا كېرەك. بۇنىڭغا بىر مىسال، زۈمەر 75 -ئايەتتە ھېساپ كۈنىدىن كېيىن « ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھ قا ھەمدۇسانالار بولسۇن » دېيىلگەن. بىراق بۇنى كىمنىڭ ئېيتىدىغانلىقى تىلغا ئېلنمىغان. ھەسەن ئەلبەسرى بۇنى جەننەت ۋە جەھەننەم ئەھلىنىڭ بىردەك ئېيتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇنىڭ قارىشىچە ھەممىگە ھەققانىيەت بىلەن ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ. ئاللاھ نىڭ بۇ ھەققانىيتى ۋە ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رەھمىتى ئالدىدا، جەھەننەمگە تاشلىنىدىغانلارمۇ ھەمدۇسانا ئېيتىشتىن باشقا دەيدىغان گەپ تاپالماي قالمايدۇ. نەتىجىدە ئۆزلىرىنى يوقلۇققا ئەمەس، مەۋجۇدلىققا مەھكۈم قىلغىنى ئۈچۈن جەھەننەمگە تاشلىنىدىغانلارمۇ ئاللاھ قا ھەمدۇسانالار ئوقۇيدۇ.

ئەلبەسرىنىڭ بۇ تەپسىرىگە، جەننەتكە نائىل بولغانلارنىڭ ھەمدۇسانالىرى نەقىل قىلىنغان يۇنۇس سۈرىسى 10- ۋە فاتىر سۈرىسى 34 – ئايەتنى دەلىل كۆرسىتىپ ئېتىراز قىلىشىمىز مۇمكىن. لېكىن زۈمەر سۈرىسىنىڭ 75 – ئايىتى، ئىلاھى ھېكمەت ۋە ئىلاھى رەھمەتنىڭ كەڭ – كۇشادىلىقىنى تىلغا ئالغان ئايەتلەر ۋە ئەسمائۇلھۇسنا دائىرىسى ئىچىدە چۈشەنگەن ۋاقتىمىزدا، ھەسەن ئەلبەسرىنىڭ يىپ – يېڭى ئۇپۇقلار ئاچىدىغان تەپسىرىنى چەتكە قېقىشنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى كۆرۈپ يېتىمىز.

ئەلبەسىرنىڭ تەھقىقچى ئالاھىدىلىگى ھەدىس ساھەسىدىمۇ كۆزگە چېلىقىدۇ. مەسىلەن : ئۇ شېھىت بولغۇچىنىڭ مېيىتنى يۇيۇش كېرەكلىگىنى ئېيتقان بولۇپ، بۇ ئىجتىھادى ئارقىلىق ئۇنىڭ تەشەببۇھ ئەھلى بولماستىن، بەلكى تەئەسسىس ( سۈننەت ) ئەھلى ئىكەنلىگىنى كۆرسەتكەن. ئۇ، رەسۇلۇللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى مەقسەت ۋە شەرت – شارائىتقا ئاساسەن بولغان دەپ چۈشەنگەن. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى، ئۇ، پەيغەمبەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىنى، يول كۆرسىتىشىنى « دىنى ئەمەس »، بەلكى شۇ زاماندىكى ئۇرۇش شەرت  – شارائىتى تۈپەيلىدىن ئوتتۇرىغا چىققان « زۆرۈرى » بىر يول كۆرسىتىش دەپ قارىغان. « ئەلمەبسۇت » سەرلەۋىلىك ئەسەرنىڭ ئاپتۇرى سەراھسى، ئۇنىڭ بۇ ئىجتىھادىغا ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن تارتىپ داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان قەدىم سۈننەتنى دەلىل قىلىپ كۆرسەتكەنلىكىنى قەيىت قىلغان.

ئۇ يەنە بىر كىشىنىڭ قاتىل ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، خۇددى زىنا مەسىلىسىدىكىدەك تۆت گۇۋاھچى بولۇشىنى شەرىت قىلغان. ئۇنى بۇنداق ئۆزگىچە ئىجتىھاتقا ئېلىپ بارغان سەۋەپ، قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جازاسىنىڭ قايتۇرغىلى بولمايدىغان خۇسۇسيىتى بولسا كېرەك.

ئۇ، ئەمەللەرنىڭ توغرا – خاتالىقىنى تەستىقلىتىپ باققان قۇرئانغا، ھەدىسلەرنىمۇ سېلىپ باققان بولۇپ، بۇنى رىسالىدىن كۆرۈۋالالايمىز. بۇ دىرايەت ۋە تەھقىق ئەھلى بولغان ساھابىلەرنىڭمۇ ئۇسلۇبى ئىدى. ئۇنىڭ رىۋايەت ئەھلى ئەمەس، رىئايەت ئەھلى ئىكەنلىگىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان تۆۋەندىكى مىسال، ھەدىسلەرگە قارىتا ئەستايىدىللىق بىلەن تەھقىقچى پوزىتسىيە تۇتقانلىقىنىڭ بىر نەمۇنىسى. ئبنۇل جەۋزى ئەلبەسرىگە مۇناسىۋەتلىك تەرجىمىھال ئەسىرىدە مۇنداق نەقىل قىلغان:

« ئى ئادەم ئوغلى! » كىشى ياخشى كۆرگىنى بىلەن بىللە بولىدۇ » دېگەن ھەدىس سېنى غەپلەتتە قالدۇرمىسۇن. شۈبھىسىزكى، سەن ياخشىلار قىلغان ئەمەلنى قىلماي تۇرۇپ، ھەرگىزمۇ ئۇلار بىلەن بىللە بولالمايسەن. يەھۇدى ۋە خىرىستىيانلارمۇ پەيغەمبەرلىرىنى ياخشى كۆرەتتى ( ھەتتا تەڭرىلەشتۇرگىدەك دەرىجىدە ياخشى كۆرەتتى ). بىراق ئۇلار پەيغەمبەرلىرى بىلەن بىللە بولالمايدۇ » ( ئەل ھەسەنۇلئەلبەسرى، 32 ).

ئىمام ئەلبەسرىنىڭ بىز كۆرۈۋاتقان بۇ خىل ئاجايىپ مۇھاكىمە قىلىش كۈچىگە، كۈنىمىزدە تېخىمۇ ئىھتىياجىمىز بار. ئىمام ئەلبەسرى بۇ يەردە، ھەر مۇتتەقى ئالىم ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك بولغان مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالغانىدى. ئۇ « مەسئۇليەتچانلىق »، رىۋايەتلەرنىڭ نادانلار تەرىپىدىن ئەپيۇنغا ئوخشاش سۈيئىستىمال قىلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىدى.

ئەلۋەتتە، ئۇمۇ ھەر ئىنسانغا ئوخشاش ھەر نوقتىدا، ئىزاھاتىدا، شەرھىسىدە خاتالىقتىن خالىي بولالمىغان. مەسىلەن، ئۇ يۇنۇس سۈرىسى 109 – ئايىتىنى ئاياللار ئىچىدىن پەيغەمبەر چىقمىغان دەپ ئىزاھلىغان بولسىمۇ، بۇ ئايەت نەزەردە تۇتقان نوقتا، پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەر – ئايال جىنسىيىتى بولماستىن، ئىنسىيتى – ئىنسان ئىكەنلىكى ئىدى. بۇ ئايەتتىن ئاياللارنىڭ پەيغەمبەرلىكتىن نەفىي( چەكلەنگەن ) قىلىنغانلىقىنى چۈشەنگۈچىلەر، يالغانچى ئايال پەيغەمبەر « سەججاھ »نى ئايەتنىڭ نازىل بولۇش سەۋەبى سۈپىتىدە كۆرسىتىدۇ. ھالبۇكى، ئايەت مەككىدە نازىل بولغان بولۇپ، سەججاھنىڭ پەيغەمبەرلىك داۋاسى بولسا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن يۈز بەرگەنىدى. ئەسلىدە ئايەت، ئىنسان پەيغەمبەرنى ياراتماي، پەرىشتىدىن پەيغەمبەر تەلەپ قىلغان ئەقىللەرگە بىر جاۋاپ سۈپىتىدە نازىل بولغان.

ئۇ يەنە ،ئېغىر گۇناھ ( چوڭ گۇناھ ) سادىر قىلغۇچىنى « مۇناپىق » دەپ ئاتىغان. بۇمۇ بىزنىڭچە توغرا قاراش ئەمەس. بۇ گەپنى قىلغاندا « مۇناپىقلار پاسىقلارنىڭ دەل ئۆزىدۇر » (سۈرە تەۋبە 67 – ئايەت ) نى ئاساس قىلغان بولۇشى مۇمكىن. بىراق بۇ ئايەت مۇناپىقلىقنى پاسىقلىق بىلەن ئوخشاش دەرىجىگە قويمايدۇ. مۇناپىقلارنىڭ نىفاقلىرىغا پاسىقلىقى قوشۇلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ سەۋەپتىن مۇناپىقلار قۇرئاندا بەزى جايلاردا كاپىرلاردىنمۇ بەك شىددەتلىك ئازاب بىلەن جازالىنىدىغانلىقى، بەزى يەرلەردە جەھەننەمنىڭ ئەڭ تىگىگە تاشلىنىدىغانلىقى تەسۋىرلەنگەن. دېمىسىمۇ، يۈسۈف پەيغەمبەرنىڭ قېرىنداشلىرىغا ئاساسەن بۇ چۈشەنچىگە ئېتىراز بىلدۈرگەن ئاتاغا « توغرا دېدىڭ » دېگەنىدى. ئەگەر شۇنداق بولغان بولسا، پىكرىنى ئۆزگەرتكەن بولىشى مۇمكىن.

ئۇ ئىلمىنى زالىملارنىڭ ھاكىمىيىتىگە يانتاق سۈپىتىدە سۈيئىستىمال قىلىشىغا يول قويمىغان ئالىملاردىن ئىدى. ئۇ ياشىغان دەۋىردە ئىلىمنىڭ ئىززەت – ھۆرمىتىنى ساقلىيالمىغانلار كۆپ سانلىقنى ئىگەللەيتتى. بىر مىسال كۆرسىتىشكە توغرا كەلسە، ئەبۇ يەئلاندىن نەقىل قىلىنغان شۇ مىسالنى بېرىشكە بولىدۇ: « يەزىد بىن ئابدۇلمەلىك، خەلىپىلەرنىڭ ئاخىرەتتە ھېسابقا تارتىلمايدىغانلىقى ۋە ئازاپقا دۇچار بولمايدىغانلىقىغا گۇۋاھ بېرىدىغان 70 ئالىمنى  بىر يەرگە يىغقانىدى » ( ئەلمۇتەمەد، 235 ). ئۇنىڭ ئىلمىنى زالىمنىڭ زۇلمىغا ساتمىغانلىقىنىڭ ئەڭ چوڭ پاكىتى دۇنيا مەۋجۇت بولغان مۇددەتچە مەۋجۇدلىقىنى ساقلاپ قالىدىغان « قەدەر رىسالىسىدۇر ».