ھۇد سۈرىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

بۇ سۈرىگە 50 – 60 – ئايەتلەردە بايان قىلىنغان ھۇد ۋە ئۇ پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلگەن ئاد قەۋمىنىڭ قەسسىسى بايان قىلىنغان بۆلەككە ئاساسەن « ھۇد » ئىسمى بېرىلگەن.

گەرچە مەزكۇر قىسسە ئەئراف ۋە شۇئەرا سۈرىسىدە بايان قىلىنغان بولسىمۇ، بۇ سۈرىدە سەل تەپسىلىي ھالدا بايان قىلىنغان. سۈرىگە « ھۇد » ئىسمىنى رەسۇلۇللاھ قويغان. بۇنى شۇ ھەدىستىن بىلەلەيمىز:

ئەبۇ بەكىر بىر كۈنى نەبىگە مۇنداق دېدى:

  • يا رەسۇلۇللاھ ( تېز ) قېرىپ كەتتىڭمۇ قانداق؟ رەسۇلۇللاھ جاۋاپ بېرىپ:
  • مېنى ھۇد، ۋەقىئە، مۇسەلەت، ئەممايەتەسائەلۇن، ئىزەششەمسۇ كۇۋۋىرات قېرىتىۋەتتى، دېدى ( تىرمىزى، سۇنەن، 5 / 402 ).

بارلىق مەنبەلەردە بۇ سۈرە مۇشۇ ئىسىم بىلەن ئاتالغان.

دەسلەپكى مەزگىلدىكى بارلىق تەرتىپلەردە يۇنۇس – يۈسۈپ سۈرىلىرى ئارىسىغا تىزىلغان. ئەندۇلۇسلۇق مۇپەسسىر ئىبن ئاتىييە « ئەل – مۇھاررارۇل ۋەجىز » ئىسىملىك مۇسەمما تەپسىرىدە، بۇ سۈرىدە مۇشرىكلارغا قىلىنغان تەھدىد يۇنۇس سۈرىسىگە قارىغاندا ئون ھەسسە كۈچلۈك بولغانلىقى ئۈچۈن، ھۇد سۈرىسىنىڭ يۇنۇس سۈرىسىدىن بۇرۇن نازىل بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئىبن ئاتىييەنىڭ بۇ قارىشىنىڭ توغرا بولۇپ – بولمىغانلىقى ئايرىم مەسىلە. شۇنداقتىمۇ سۈرىنىڭ ئورنىنى ئېنىقلاشتا ئىشلەتكەن ئۇسلۇبى تەقدىرلەشكە ئەرزىيدۇ. چۈنكى، ئىبن ئاتىييە بۇ قارىشىنى ئىلگىرى سۈرگەندە، سۈرىنىڭ مەزمۇنىنىڭ نازىل بولغان زامان ۋە ماكاندا يۈزبەرگەن ۋەقە، دەۋر ئارقا كۆرنۈشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. بۇ توغرا بىر ئۇسلۇب. قۇرئاننىڭ 23 يىللىق ئۇزۇن بىر ۋاقىت ئىچىدە پارچە – پارچە نازىل بولۇشىنىڭ مەقسىتىمۇ بۇ ئىدى. قۇرئان سورالغان سوئاللارغا جاۋاپ، قىلىنغان دۇئالارغا ئىجاۋەت، داۋام قىلىۋاتقان ھاياتقا مۇداخىلە، بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان ھاياتنى ئوڭشاش ۋە توغرا بولغان ياشاش ئۇسۇلىنىڭ بەرپا قىلىنىشى ئىدى. گەرچە ئىبن ئاتىييەنىڭ ئۇسلۇبى توغرا بولغان بولسىمۇ، چىقارغان يەكۈن مۇلاھىزە قىلىشقا تېگىشلىك. چۈنكى ھۇد سۈرىسىنىڭ يۇنۇس سۈرىسىدىن بۇرۇن نازىل بولغانلىقىنى ئېيتىش بىلەن بىرگە، مۇشرىكلارنىڭ ۋەھىيگە تۇتقان ئىنكار پوزىتسىيىسىنىڭ سۇسلىشىشقا قاراپ ماڭغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بۇ قاراش تەكرار مۇنازىرە قىلىشقا لايىق. بۇ قاراشنىڭ دەل ئەكسىنى ئېيتىش مۇمكىن. چۈنكى مۇشرىكلارنىڭ ۋەھىيگە ۋە رەسۇلۇللاھقا قارشى دۈشمەنلىكى بارغانسىرى كۈچىيىپ بارغانىدى. شۇڭا دەسلەپكى مەزگىلدىكى تەرتىۋىنى توغرا دەپ قارايمىز.

ھۇد سۈرىسى، رەسۇلۇللاھنىڭ چاچلىرىنى ئاقارتىۋەتكەنىدى. سۈرىنىڭ ئانا تېمىسىنى تۆۋەندىكى ئايەت ئوچۇق كۆرسىتىپ بەرمەكتە:

وَمَا كَانَ رَبُّكَ لِيُهْلِكَ الْقُرَى بِظُلْمٍ وَأَهْلُهَا مُصْلِحُونَ

« رەببىڭ ئاھالىسى ياخشى بولغان يۇرتلارنى زۇلۇم سېلىپ ھالاك قىلمايدۇ » ( 117 ).

قۇرئان نازىل بولۇش جەريانىدا كۇپۇرنى ئوچۇق ئاشكارا ۋە قاتتىق بىر تىل بىلەن ئەيىبلىگەن سۈرىلەر ئىچىدە ھۇد سۈرىسى بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.

ھۇد سۈرىسى، يۇنۇس ۋە يۈسۈپ سۈرىسى بىلەن بىرلىكتە « ئەلىف – لام – را » ئائىلىسىگە تەۋە سۈرىلەردىن بىرى. سۈرىلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت « ئەلىف – لام – را » بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ. مەسىلەن، بىر « ھا – مىم » ئائىلىسىمۇ بار بولۇپ،  40 – 47 – سۈرىلەر ئارىسىدىكى يەتتە سۈرە بۇ گۇرۇپپىغا تەۋە. مۇقاتتائا ھەرىپلىرىنىڭ ئانچە كۆزگە چىلىقىپ كەتمىگەن تەرىپى، ئوخشاش ئائىلىگە تەۋە سۈرىلەر ئارىسىدا بىر بەلگە بولىشىدۇر.

ھۇد سۈرىسى بىلەن بۇ ئائىلىگە تەۋە يۇنۇس سۈرىسى ئارىسىدا زىچ مۇناسىۋەت بار. بۇ سۈرىدە ھەزرىتى نۇھنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن ئائىلە تىراگىدىيىسى تىلغا ئېلىنغان. يۇنۇس سۈرىسىدە ئىلاھى ۋەھىيگە قارشى بويۇنتاۋلىق قىلغان توپلۇملارنىڭ چوقۇم جازالاندۇرۇلىدىغانلىقى بايان قىلىنغان بولۇپ، پىرئەۋن ۋە قەۋمى دۇچار بولغان ۋەقەلەر تىلغا ئېلىنىپ، سۈرە « رەببىڭ ھۆكۈم بەرگىچە سەبىر قىل! » ئايىتى بىلەن ئاخىرلاشقان.  ھۇد سۈرىسى پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قەۋمى، شۇنداقلا نۇھ، ھۇد، سالىھ، لۇت، شۇئەيب قەۋملىرىنىڭ ئوخشاش شەكىلدە ئىلاھى ۋەھىيدىن يۈز ئۆرىگەنلىكى ئۈچۈن جازالاندۇرۇلغانلىقى ئىبرەت سۈپىتىدە بايان قىلىنغان. جازالاندۇرۇلغان قەۋملەر ئىچىدە ھەزرىتى نۇھنىڭ ئوغلى ۋە ھەزرىتى لۇتنىڭ ئايالىغا ئوخشاش پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىنكارچى يېقىنلىرىنىڭمۇ بولىشى كىشىگە ئىبرەت ئۆرنىكىدۇر. بۇ ئارقىلىق خاس ھالدا قۇرئان ۋەھىينىڭ تۇنجى خىتاپ قىلىنغۇچىسى بولغان رەسۇلۇللاھقا، ئومۇمىي جەھەتتىن بارلىق مۇئىمنلەرگە تەسەللىي بېرىلگەن ۋە ھىدايەت كىشىلەرنىڭ ئىلكىدە بولغان بولسا، ھەزرىتى نۇھ ئىلكىدىكى ھىدايەتنى ئوغلى كەنئان ئۈچۈن، ھەزرىتى لۇت ئايالى ئۈچۈن ئىشلەتكەن بولاتتى دېمەكتە. چۈنكى رەسۇلۇللاھنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمەنلىرىدىن بىرى تاغىسى ئىدى ( ئابدۇلئۇززا – ئەبۇ لەھەب ). ھىدايەت كىشىلەرنىڭ ئىلكىدە ئەمەس. بۇ سەۋەپتىن ھىدايەتكە لايىق بولمىغان بىر كىشى، مەيلى ئۇ بىر مۇئمىننىڭ ياكى بىر پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەڭ يېقىنى بولسۇن ئۇنى ھىدايەت قىلالمايدۇ، ئۇلار ھىدايەتتىن مەھرۇم بولۇپ قالىدۇ.

سۈرە مۇشرىكلارغا / ئىنكار قىلغۇچىلارغا تەھدىد قىلغۇچى مەزمۇنىنىڭ تەقەززاسىغا ئاساسەن ھەجە ھەرىپلىرى بىلەن باشلانغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ دىققەت نەزرىنى ئۆزىگە تارتىشنى مەقسەت قىلغان. مۇقاتتائا ھەرىپلىرى بىلەن باشلانغان باشقا سۈرىلەردىكى ئۇسلۇبقا ئاساسەن، بۇ سۈرىدىمۇ مۇقاتتائا ھەرىپلىرىدىن كېيىنكى ئايەتلەر قۇرئان ۋەھىي ھەققىدە توختالماقتا:

الر كِتَابٌ أُحْكِمَتْ آَيَاتُهُ ثُمَّ فُصِّلَتْ مِنْ لَدُنْ حَكِيمٍ خَبِيرٍ

« ئەلىف، لام، را. بۇ، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى، ھەممىدىن خەۋەردار ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل بولغان، ئايەتلەرنىڭ تۈزۈلۈشى پۇختا، ( ئەقىدە، ئەھكام، ۋەز ۋە قىسسىلەر ) تەپسىلىي بايان قىلىنغان چۈشۈنۈشلۈك كىتابتۇر » ( 1 ).

بۇ قۇرئان ھەققىدىكى روشەن ئايەتتىن كېيىن، كىشىنىڭ دىققىتنى تارتىدىغان يەنە بىر ئايەت كەلگەن بولۇپ، بۇ ئايەت ۋەھىينىڭ ئەۋەتىلىشىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق سەۋەبىنى كۆرسەتمەكتە:

أَلَّا تَعْبُدُوا إِلَّا اللَّهَ إِنَّنِي لَكُمْ مِنْهُ نَذِيرٌ وَبَشِيرٌ

( ئېيتقىنكى ) « سىلەر پەقەت ئاللاھ قىلا ئىبادەت قىلىڭلار، شۈبھىسىزكى، مەن سىلەرگە ئاللاھ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن، ھەقىقەتنى يەتكۈزگۈچى، يەنى ( كاپىر بولساڭلار سىلەرنى ئاللاھ نىڭ ئازابىدىن ) ئاگاھلاندۇرغۇچى، ( ئىمان ئېيتساڭلار ئاللاھ نىڭ مۇكاپاتى بىلەن سىلەرگە ) خوش خەۋەر بەرگۈچىمەن » ( 2 ).

ئاندىن سۆز ئاخىرەتكە كەلتۈرۈلگەن ( 3 – 4 ). چۈنكى، ئاللاھ نىڭ ھاياتقا بولغان ئاكتىپ مۇداخىلىسى دەپ قاراشقا بولىدىغان ۋەھىينىڭ مەقسىتى، پەقەت ئاخىرەتكە ھەقىقىي تۈردە ئىمان ئېيتىلغاندا ۋۇجۇدقا چىقىدۇ. ئاخىرەتكە ئىمان ئېيتمىغان بىرسىگە ۋەھىينىڭ پايدىسى يۇقمايدۇ. ۋەھىي ئۇنىڭغا ھېچنەرسە دېمەيدۇ. چۈنكى بۇنداق بىر كىشى ۋەھىيگە نىسبەتەن كور، گاس ۋە تىلسىزدۇر. ئۇ ۋەھىي كۆرسەتكەننى كۆرەلمەيدۇ، دېگەنلىرىنى ئاڭلىيالمايدۇ ۋە ۋەھىي بىلەن دىئالوگ قۇرالمايدۇ.

ئاخىرەتكە ئىمان بىلەن رىزىق ھەققىدىكى ئەندىشە ئارىسىدا بىر مۇناسىۋەت بار. شۇڭا سۈرىدە ئاخىرەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردىن كېيىن تۆۋەندىكى ئايەت كەلگەن:

وَمَا مِنْ دَابَّةٍ فِي الْأَرْضِ إِلَّا عَلَى اللَّهِ رِزْقُهَا وَيَعْلَمُ مُسْتَقَرَّهَا وَمُسْتَوْدَعَهَا كُلٌّ فِي كِتَابٍ مُبِينٍ

« يەر يۈزىدىكى پۈتۈن جانلىقلارنىڭ ھەممىسىگە رىزىق بېرىشنى ئاللاھ ئۈستىگە ئالدى. ئاللاھ ھەر جانلىقنىڭ تۇرار جايىنى ۋە كۆچۈپ بېرىپ ماكانلىشىدىغان جاينى بىلىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ناھايىتى ئېنىق شەكىلدە خاتىرىلەنگەن ۋە قانۇنىيەت بىلەن بەلگىلەنگەن » ( 6 ).

ھاياتنىڭ سۇ بىلەن باشلىنىپ سۇ ئۈستىدە قايىم تاپقانلىقى بايان قىلىنغان ئايەت بۇ سۈرىدە يەر ئالماقتا ( 7 ). شۈبھىسىزكى، بۇ نوقتىدا تىلغا ئېلىنغان بىئولوگىيلىك ھاياتنىڭ مەنبەسى بولغان سۇ بىلەن، مەنىۋى ھاياتنىڭ سۈيى بولغان ۋەھىي ئارىسىدا يېپىق ھالدا زىچ مۇناسىۋەت قۇرۇلماقتا. ئاللاھ ياغدۇرغان رەھمەت يامغۇرى بىلەن ئۆلۈك زېمىننى تىرىلدۈرىشى ئۈستىدىن، ئۆلگەندىن كېيىنكى قايتا تىرىلىش تىلغا ئېلىنىغان: « سىلەر ئۆلگەندىن كېيىن چوقۇم تىرىلىسىلەر! » دېسەڭ، كۇپۇر پاتقىقىغا پاتقانلار : « بۇ پەقەت روشەن سېھىردۇر ( كۆز بويامچىلىقتۇر ) » دېيىشىدۇ ( 7 ).

ئۇنىڭدىن كېيىن ئىنساننىڭ باياشاتچىلىق ۋە يوقسۇللۇق بىلەن ئېمتىھان قىلىنغان ئىككى ھالىتىدە نامايەن قىلغان ئىككى خىل پوزىتسىيىسى بايان قىلىنغان. بۇ نوقتىدا تىلغا ئېلىنغان پوزىتسىيە، بايلىق بىلەن يوقسۇللۇقتا بىر ئېمتىھان بارلىقىنى كۆرەلمىگەن پاراسەتسىز ئىنساننىڭ ئەقلى كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن. ھەر پاراسەت ئىگىسى، ئۆزىگە ئامانەت قىلىنغان شەيئىلەرنىڭ بارلىقى ۋە يوقلىقىنى، ئاللاھ ئالدىدىكى سەمىمىيىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان بىر ئامىل دەپ قارىمايدۇ. بۇ ھەل قىلغۇچ مەسىلە ئەمەس، شۇڭا مال – مۈلۈك مۇئمىن ھاياتىنىڭ مەركىزىدىن ئورۇن ئالمايدۇ. قولغا كىرگەن ياكى قولدىن چىقىپ كەتكەن نەرسىلەر كامال ئەھلى ئۈچۈن ئوخشاشتۇر. خام ئەقىللەر ئامانەتنى مۈلكىيەت ( ئۆزىنىڭ مۈلكى ) دەپ ئويلاپ قالىدۇ. مۇشۇنداق ئويلاپ قالغانلىقنىڭ تەبىئى نەتىجىسى تۆۋەندىكى ئايەتتە مۇنداق بايان قىلىنغان:

وَلَئِنْ أَخَّرْنَا عَنْهُمُ الْعَذَابَ إِلَى أُمَّةٍ مَعْدُودَةٍ لَيَقُولُنَّ مَا يَحْبِسُهُ أَلَا يَوْمَ يَأْتِيهِمْ لَيْسَ مَصْرُوفًا عَنْهُمْ وَحَاقَ بِهِمْ مَا كَانُوا بِهِ يَسْتَهْزِئُونَ (8) وَلَئِنْ أَذَقْنَا الْإِنْسَانَ مِنَّا رَحْمَةً ثُمَّ نَزَعْنَاهَا مِنْهُ إِنَّهُ لَيَئُوسٌ كَفُورٌ (9)

ئەگەر بىز ئۇلارغا نازىل بولىدىغان ئازابنى چەكلىك ۋاقىت كېچىكتۈرسەك، ئۇلار چوقۇم ( مەسخىرە قىلىش يۈزىسىدىن ): « ئازاب نېمىشقا چۈشمەيدۇ؟ » دەيدۇ، راستلا ئۇلارغا اﷲ نىڭ ئازابى چۈشكەن كۈندە، ئۇلار قاچىدىغان يەر تاپالمايدۇ، ئۇلار مەسخىرە قىلغان ئازاب ئۇلارنى قورشىۋالىدۇ. ئەگەر بىز بىرەر ئىنسانغا رەھمىتىمىزنى تېتىتساق ( يەنى نېمىتىمىزنى بەرسەك )، ئاندىن ئۇنى ئۇنىڭدىن تارتىۋالساق، ئۇ چوقۇم ( اﷲ نىڭ رەھمىتىدىن ) ئۈمىدسىزلىنىپ كېتىدۇ، كۇفرانى نېمەت قىلىدۇ ( 8 – 9 ).

ئىنكار قىلىشتا چىڭ تۇرغان قەۋملەر بارلىق پەيغەمبەرلەردىن مۆجىزە تەلەپ قىلغان بولۇپ، رەسۇلۇللاھمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس ئىدى. مۇشرىكلار « نېمىشقا ئۇنىڭغا بىر خەزىنە چۈشمىدى؟ ياكى ئۇنىڭ بىلەن بىللە ( ئۇنى تەستىقلايدىغان ) بىرەر پەرىشتە كەلمىدى؟ » ( 12 ) دېيىشكەنىدى.

بىر قانچە سۈرىدە ئىنكارچى قەۋملەرنىڭ بۇ خىل مۆجىزە تەلەپلىرىنى كۆرۈپ ئۆتكەنىدۇق. ئەسلىدە ئۇلارنىڭ زېھنىدە ھەقىقەتنى ئىنكار قىلىش ئۈچۈن باھانە ئىزدەش پوزىتسىيىسى ياتماقتا ئىدى. بۇ سۈرىدە تىلغا ئېلىنغان قىسسەلەردە ھالاك قىلىنغان قەۋملەر ھەققىدىكى بايانلار، بۇ باھانىنىڭ يالغان باھانە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە. سۈرىدە ھالاكىتى بايان قىلىنغان قەۋملەرگە تەلەپ قىلغان مۆجىزىلىرى كەلدى، نەتىجە نېمە بولدى؟ ئۇلارنىڭ بۇ مۇئامىلىسى، ئۆزلىرىنىڭ ھالاكىتىنىڭ باشلىنىشىغا ۋە قايتۇرۇش مۇمكىن بولمايدىغان يوق بولۇشقا ئېلىپ باردى. ئىلاھى قانۇننىڭ تەقەززاسى مۇشۇنداق ئىدى. ئىنكارچىلار ئالدى بىلەن مۆجىزە تەلەپ قىلىدۇ، ئاندىن تەلەپ قىلغان مۆجىزىلەر كېلىدۇ، لېكىن ئۇلار يەنىلا ئىنكار قىلىشتا چىڭ تۇرىدۇ ۋە مۆجىزىنى « سېھىر » ياكى « ئەپسۇن » دېگەندەك بىر باھانە بىلەن ئىنكار قىلىدۇ. نەتىجىدە ئۇلار ھەققىدە ئىلاھىي قارار بېرىلىدۇ ۋە ھۆكۈم ئىجرا قىلىنىپ، ئۇلار تارىخ بەتلىرىگە كۆمۈلۈپ، بىر ئىبرەتكە ئايلىنىدۇ.

مانا بۇ ئەقىل دۇنياغا بېرىلىپ كەتكەن ئەقىل بولۇپ، بۇ ئەقىل ( چۈشەنچە ) ئاخىرەتتىن نېسىۋە ئالالمايدۇ:

مَنْ كَانَ يُرِيدُ الْحَيَاةَ الدُّنْيَا وَزِينَتَهَا نُوَفِّ إِلَيْهِمْ أَعْمَالَهُمْ فِيهَا وَهُمْ فِيهَا لَا يُبْخَسُونَ (15) أُولَئِكَ الَّذِينَ لَيْسَ لَهُمْ فِي الْآَخِرَةِ إِلَّا النَّارُ وَحَبِطَ مَا صَنَعُوا فِيهَا وَبَاطِلٌ مَا كَانُوا يَعْمَلُونَ (16)

« ( قىلغان ياخشى ئەمەللىرى بىلەن پەقەت ) ھاياتىي دۇنيانى ۋە ئۇنىڭ زىبۇزىننىتىنى ( يەنى دۇنيانىڭ نېمەتلىرىنى ) كۆزلەيدىغان كىشىلەرگە ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنىڭ ئەجرىنى بۇ دۇنيادىلا تولۇق بېرىمىز، دۇنيادا ئۇلارنىڭ ئەجرىدىن ھېچ نەرسە كېمەيتىلمەيدۇ. بۇنداق كىشىلەرگە ئاخىرەتتە دوزاختىن باشقا نەرسە يوقتۇر، ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشلىرى يوققا چىقىرىلىدۇ، قىلغان(ياخشى) ئەمەللىرى ھېسابقا ئېلىنمايدۇ » ( 15 – 16 ).

سۈرىدە قىسسەلەر بايان قىلىنىشتىن بۇرۇن، مۇئمىنلەر بىلەن مۇنكىرلەرنىڭ ھايات، مال – مۈلۈك، دۇنيا، بايلىق، يوقسۇللۇق، ئاللاھ، ئىنسان، پەيغەمبەرلىك ۋە ۋەھىي ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرى ئارىسىدىكى ئاسمان – زېمىن قەدەر چوڭ پەرىقلەر بايان قىلىنغان ۋە ئاخىرىدا بۇ ئىككىسىنىڭ باراۋەر بولمايدىغانلىقى ئىپادىلەنگەن : « ئۇلارنىڭ ئەھۋالى بىر – بىرىگە ئوخشامدۇ؟ » ( 24 ). ئاندىن سۈرىدە قىسسەلەر بايان قىلىنىشقا باشلانغان.

ئالدى بىلەن قۇرئاندا رەسۇللارنىڭ تۇنجىسى سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنغان ھەزرىتى نۇھنىڭ قىسسىسى بايان قىلىنغان. ھەزرىتى نۇھ قىسسىسى ئارقىلىق ۋەھىينىڭ تۇنجى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى خىتاپ قىلىنغۇچىلىرىغا : « تۇغيان بولغان يەردە توپان بولىدۇ. ئەگەر بىر يەردە تۇغيان بولسا، توپاننىڭ قوپۇشىنى كۈتۈڭلار. بىراق، توپان ئىمان ئېيتقانلار ئۈچۈن بىر رەھمەت، ئاسىي بولغۇچىلار ئۈچۈن بىر پالاكەتتۇر. ئاسىي قەۋملەر شۇنداق تەكەببۇرلىشىپ كېتىدىغان بولۇپ، « بىزنى قورقۇتقان ئازابنى چۈشۈرۈپ باققىن » ( 32 ) دېگۈدەك دەرىجىدە ھەددىدىن ئاشىدۇ.

مانا بۇ ئازغۇنلۇقنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى ئىدى. ئاسىي قەۋم ئۆزىنىڭ ھۆر ئىرادىسى بىلەن ئسىيان قىلىشنى تاللىغانىدى. دىللاردىكىنى بىلگۈچى ئاللاھ ھەزرىتى نۇھقا : « قەۋمىڭدىن ئىلگىرى ساڭا ئىمان ئېيتقانلاردىن باشقا يەنە ئىمان ئېيتقۇچىلار بولمايدۇ » دەپ خەۋەر بېرىدۇ ( 38 ) ۋە ھەزرىتى نۇھنى كېمە ياساشقا بۇيرىيدۇ. ۋەھىينىڭ بارلىق دەۋرلەردىكى مۇئمىنلەرگە ۋە ئىبرەتى ئالەم ئۈچۈن ئاچچىق ساۋاق قىلىپ سۇنغان بۇ قىسسەدە كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان بىر نوقتا بار. يەنى، ھەزرىتى نۇھقا بېرىلگەن ئەمىر « قۇرۇقلۇقتا / چۆلدە كېمە ياساش » ئىدى. ئاسىي قەۋمى ئۇنى يەنە مەسخىرە قىلىشقا باشلايدۇ ( 38 ). بەلكىم ئۇلار « بۇنىڭ دېڭىزى قەيەردە؟ » دەپ مەسخىرە قىلىشقانىدى. بۇ قىسسە ئارقىلىق رەسۇلۇللاھقا ۋە بارلىق مۇئمىنلەرگە: سەن چۆلدە / قۇرۇقلۇقتا كېمە ياسا! دېڭىز لازىم بولسا، دېڭىزنى رەببىڭ ئالدىڭغا ئېلىپ كېلىدۇ، دېمەكچى بولسا كېرەك. ئاقىۋەتتە تۇغيان بولغان يەردە توپان بولىدىغانلىقىدىن ئىبارەت ئىلاھىي ھۆكۈم رىئاللىققا ئايلاندى ۋە « تونۇردىن سۇ ئېتلىپ چىقتى » ( 40 ). ھەزرىتى نۇھ « تاغلاردەك ھەيۋەتلىك دولقۇنلار ئارىسىدا يول ئېلىشقا باشلىغان كېمىدىن، ئىنكار قىلىشتا چىڭ تۇرغان ئوغلىنى كۆردى ۋە دادا مېھرى قەلبىدە قايناپ تېشىپ ئۇنى كېمىگە چاقىردى:

« ئى ئوغلۇم، بىز بىلەن بىللە كېمىگە چىققىن، كاپىرلار بىلەن بىللە بولمىغىن! » دەپ توۋلىدى ( 42 ). بۇ نوقتىدا ھەزرىتى نۇھنىڭ كېمىگە چاقىرىشى بىلەن، ئىمانغا چاقىرىشى ئوخشاش مەنىنى بىلدۈرمەكتە. بۇ قوقتىدا ئىنكارچى ئوغلىنىڭ كېمىگە چىقىشى بىلەن، ئىمان ئېيتىشى ئوخشاش مەنىگە ئىگە بولاتتى. لېكىن، ئوغلى ئىماننىڭ ئورنىغا، ئىنكارنى / كۇپۇرنى تاللىدى. دېمىسىمۇ، ھەزرىتى نۇھ كېمە ياساشتىن بۇرۇن بۇ ھەقىقەت ئۇنىڭغا ئەسكەرتىلگەنىدى: « ( بۇنىڭدىن كېيىن ) ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغانلار ھەققىدە ماڭا سۆز ئاچمىغىن! ئۇلار چوقۇم ( توپان بالاسىدا ) غەرق قىلىنىدۇ » ( 47 ).

« ئى زېمىن سۈيۈڭنى يۇتقىن، ئى بۇلۇت تارقىغىن! » ئەمرى بىلەن يەر ۋە ئاسمان رەببىنىڭ ئەمرىگە بويسۇندى. ھالاك قىلىنغان قەۋمدىن كېيىن، ئىلاھىي ھالاكنىڭ بارلىق تىللاردىن ئۈستۈن بولغان ئېنىق ۋە قەتئىي بولغان تىلى زۇۋانغا كەلدى، ھەقىقەت ھالاك سۈرىتىدە مۇنداق دېدى: « زالىم قەۋم ھالاك بولسۇن! » (44).

ئوغلى ئۈچۈن « رەببىم! ئوغلۇم مېنىڭ ئائىلەمدىكىلەردىن ئىدى » دېگەن ھەزرىتى نۇھقا، ئىمان ئائىلىسىدىن بولمىغانلارنىڭ ئائىلە ئەزاسى قاتارىدىن ھېسابلانمايدىغانلىقى ئەسلىتىلىپ : « ئى نۇھ! ئۇ ئائىلەڭدىكىلەردىن ئەمەس! » دېيىلدى ( 45 – 46 ). ھەزرىتى نۇھ دىلىدىن مۇشۇنداق بىر تۇيغۇ ئۆتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن تەۋبە قىلدى ۋە مەغپىرەت تىلىدى ( 47 ). ئادەتتىكى كىشىلەر گۇناھلىرى ئۈچۈن تەۋبە قىلىدۇ، شۇنداق ئەمەسمۇ؟ ئەمما ئاللاھ قا يېقىن بولغان پەيغەمبەرلەر غاپىل ھالدا ئالغان بىر نەپىسى ئۈچۈنمۇ تەۋبە قىلىدۇ. بۇمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىر تەۋبە ئىدى.

ئىككىنچى قىسسە، ئاد قەۋمىنىڭ قىسسىسى ئىدى. بۇ قىسسەدە ھەزرىتى نۇھنىڭ ئورنىنى ھۇد، ئاسىي نۇھ قەۋمىنىڭ ئورنىنى تەكەببۇر ئاد قەۋمى ئالغانىدى ( 50 – 60 ). بۇ سۈرىگە ئىسم قىلىپ بېرىلگەن بۇ بۆلەكتە، بايان قىلىنغان قىسسەنىڭ بىلىنگەن قەھرىمانلىرى تارىختا ياشاپ ئۆتكەن ھۇد پەيغەمبەر ۋە ئاد قەۋمى ئىدى. ئەمما، بۇ قىسسەنىڭ نازىل بولۇش مۇھىتىدىكى باش قەھرىمانلىرى ھەزرىتى مۇھەممەد ۋە قۇرەيش قەبىلىسى ئىدى. بەلكىم قىسسە قەھرىمانلىرىنى ئىسىم ۋە جىسىملاردىن خالىي ھالدا، پوزىتسىيىسىنى نەزەرگە ئېلىپ تۇرۇپ ئوقۇغان ۋاقتىمىزدا، قەھرىمانلارنىڭ ئىسمىنى « ئىمان » ۋە « كۇپۇر » ۋەياكى « ئاللاھ قا ئىشەنچ قىلىش » ۋە « ئاللاھ قا ئىشەنچ قىلماسلىق »  دەپ قويۇشقا بولىدۇ. بۇ قىسسە ئىچىدە تىلغا ئېلىنغان بىر نوقتىغا دىققەت قىلماستىن ئۆتۈپ كەتكىلى بولمايدۇ. يەنى، قەۋم رەببىگە ۋە ئۇنىڭ ئەلچىسىگە ئاسىي بولغان ۋاقتىدا، ھەر بىر ئۇچىغا چىققان تەرسا، شەپقەتسىزنىڭ بۇيرىقىغا بويۇن ئەگكەنىدى ( 59 ). بۇ ئېلىشىپ قالغان ساراڭنىڭ ئىشىغا ئوخشايدۇ. يەنى، ئەگەر بىرسى باش ئىگىشكە تىگىشلىك زاتقا قارشى گەدەنكەشلىك قىلسا، تىك تۇرۇشقا تىگىشلىك يەردە تىك تۇرالمايدۇ. بۇ ئايەت مانا بۇ ھەقىقەتنىڭ بىر بايانىدۇر.

سۈرىدىكى ئۈچىنچى قىسسە، سەمۇد قىسسىسى بولۇپ، ئاد ۋە سەمۇد قىسسىلىرىنىڭ ئارقىمۇ – ئارقا بايان قىلىنىشىنىڭ بىر سەۋەبى بار. چۈنكى ئىككى قەۋم ئارىسىدا ھەم قانداشلىق، ھەم ئىنكاردا ئوخشاشلىق، ھەم ئىنكارچى ئەقىل نوقتىسىدىن بىردەكلىك مەۋجۇت. تارىخىي مەنبەلەردە ئاد قەۋمى « بىرىنچى ئاد »، سەمۇد قەۋمى « ئىككىنجى ئاد » دەپ تىلغا ئېلىنغان. سەمۇد قەۋمى، ھالاك قىلىنغان بىرىنچى ئاد قەۋمىنىڭ قالدۇقلىرى دەپ قارىلىدۇ. بۈگۈنكى يەمەننىڭ سانا رايۇنى بىلەن ئۇممان ئارىسىدىكى ساھىلغا پاراللىل بولغان بىر جايدا، يەنى ھادرامەۋت ( ئۆلۈك يېشىل ) رايونىدا ياشىغان بولۇپ، بۇ جاي يېرىم ئارالنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىنى ئىگلىگەن ۋە ئۆلۈمنىڭ يەنە بىر ئىسمى بولغان رۇبۇل خەلىل چۆلىنىڭ ئاخىرقى ئۇچىغا توغرا كېلىدۇ. ئالەم بوشلىقىدىن ئېلىنغان سۈرەت قاتارلىق مەلۇماتلار ئاساسىدا ئېنىقلانغان قەدىمقى ئىرەم شەھرى ۋە ئاد مەدەنىيىتىنىڭ ئىزنالىرى، بەزى جايلاردا 12 مېتىردىن ئارتۇق قۇم بارخانلىرى ئاستىدىن چىققانىدى. ئىسمى تىللاردا داستان بولغان ئىرەم شەھرىنى بىنا قىلغان ئاد مەدەنىيىتى، قۇرئاندا تەپسىلاتى بايان قىلىنغان بىر ئاپەت سەۋەبىدىن ھالاك بولغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ قالدۇقلىرى يېرىم ئارالنىڭ شىمالىغا قاراپ كۆچۈپ، بۈگۈن مەدائىنى سالىھ ئىسمى بىلەن ئاتالغان شەھەرنىڭ يېقىن ئەتراپىغا جايلاشقان ۋە قورام تاشلار ئويۇپ ياسالغان، بىنالىرى ھازىرمۇ دەسلەپكى مەزگىلىدىكىدەك ھەشەمەتلىك سەلتەنەتنى ئەسلىتىدىغان ھىجر رايۇنغا كەلگەنىدى.

سەمۇد « ئاز سۇ » دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ھىجر رايۇنىدا گۈللەنگەن بۇ مەدەنىيەت، ھۆل – يېقىن ناھايىتى ئاز بولغان بىر رايۇننى بوستانلىققا ئايلاندۇرغانىدى. بۇ مەدەنىيەتنىڭ سىرى، ئۇلارنىڭ سۇنى تىجەشلىك بىلەن ئۈنۈملۈك ھالدا ئىشلەتكەن سىستېمىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەنلىكىدە ئىدى. قورام تاشلاردىن ئويۇپ ياسالغان كۆپ قەۋەتلىك شەھەرلەردە ياشىغان سەمۇد قەۋمى، قورام تاش شەھەرلەر ئارىسىدا تاشلارنى ئويۇپ ياسىغان قاناللار بىلەن بىلەن بۇ شەھەرلەرگە سۇ ئېلىپ كەلگەن ۋە سۇنى ساقلىيالىغان بولۇپ، يىلنىڭ قۇرغاقچىلىق مەزگىلىدە ئامبارلىرىدىكى سۇ بىلەن چۆلنىڭ بىر چېتىنى بوستانلىققا ئايلاندۇرغانىدى.

بۇ ئىككى قىسسەنىڭ قۇرئاندا ھەممە جايدا ئارقىمۇ – ئارقا بايان قىلىنىشنىڭ سىرى تۆۋەندىكى سوئالغا مۇجەسسەملەشكەن. يەنى:

سەمۇد قەۋمى نېمە ئۈچۈن شەھەرلىرىنى قورام تاشلارنى ئويۇپ بىنا قىلغان؟

بۇ سوئالنىڭ جاۋابى ناھايىتى ئېنىق. يەنى، ئۆتمۈشتە ئەجدادلىرى بولغان ئاد مەدەنىيىتى چۆلنىڭ يەنە بىر چەت قىسمىدا شەھەرلەر ۋە تىللاردا داستان بولغان ئىرەم باغلىرىنى بەرپا قىلغانىدى. ئەمما بۇ پارلاق مەدەنىيەت گۇمران بولغان. بۇ ھالاكەتتىن ساق قالغانلار – سەمۇد مەدەنىيىتىنى بەرپا قىلغۇچىلار، ئەجدادلىرىنىڭ ھالاكىتىنىڭ سەۋەبىنىڭ ھەقىقەتنى ئىنكار قىلىشتا چىڭ تۇرغانلىقىدىن دەپ قارىماستىن، « بىنا ماتېرىياللىرى »نىڭ پۇختا بولماسلىقى دەپ قارىغانىدى. ئۇلارنىڭ بۇ قىڭغىر چۈشەنچىسىنىڭ شەكىللىنىشىدە، ئادى – ئۇلا مەدەنىيىتىنى بەرپا قىلغان قەدىم ئەجدالىرىنىڭ، مېمارچىلىقتا قۇمنى ئاساسلىق ماتېرىيال قىلىپ ئىشلەتكەنلىكى ۋە ئاقىۋەتتە بۇ مەدەنىيەت يىقىلىپ ۋەيران بولغانلىقى سەۋەپ بولغانىدى. ئۇلار بۇ تەجرىبىدىن ساۋاق ئالغانلىقتىن بۇ خاتالىقنى تەكرارلاشنى خالىمىغان، مەدەنىيەتلىرىنى قورام تاشلار ئۈستىدە بىنا قىلغانىدى. ئۇلار ئۆيلىرىنى ۋە شەھەرلىرىنى قورام تاشلارنى ئويۇپ ياسىدى. يەنى بۈگۈنكى تەبىر بىلەن ئېيتقاندا، شەھەرلىرىنىڭ ئاستى – ئۈستى قورام تاش بولغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ نەزرىدە بۇ يەر تەۋرەش ۋە بوران – چاپقۇنغا چىداملىق بولاتتى، ھېچقانداق زىيانغا ئۇچرىمايتتى.

ئۇلار مەسىلىگە خاتا نوقتىدىن نەزەر تاشلىغان بولۇپ، ئۆتمۈشكە ھېكمەت نەزىرى بىلەن قارىمىغانىدى. ئەگەر ئاللاھ نەزەر تاشلا دېگەن نوقتىدىن تۇرۇپ قارىغان بولسا، مەسىلىنىڭ ئىنشائات ماتېرىياللىرىدا ئەمەس، ئاللاھ قا بولغان ئاسىيلىقىدا ئىكەنلىكىنى كۆرەتتى. لېكىن، بۇنى قىلالمىدى ۋە ئەجدادلىرىغا ئوخشاش تەكەببۇرلۇق قىلىپ، ئاللاھ تىن يۈز ئۆرىدى. پەيغەمبىرى ھەزرىتى سالىھنى يالغانغا چىقاردى. توغرا بولغان قۇربان ئىبادىتىنى ئۆزىنىڭ بۇتپەرەست ئەنئەنىسى بىلەن بۇلغاپ، ئاللاھ قا بېغىشلانغان، « ئاللاھ نىڭ تۆگىسى » دەپ ئاتىغان بىر ئاتاق تۆگىدىن سۇنى قىزغاندى ۋە « بۇ تۆگە ئاللاھ نىڭ تۆگىسى بولغانىدىكىن، ئاللاھ سۇغارسۇن، بىز جاپا تارتىپ قانال ياساپ ئېلىپ كەلگەن سۇدىن ئۇنىڭغا بىر يۇتۇم بەرمەيمىز! » دېدى. چۈشەنچىدىكى بۇ قىڭغىرلىق ئۇلارنىڭ ئۆزىنى ئۆزى كولدۇرلىتىشىغا سەۋەپ بولدى ۋە نەتىجىدە ئاستى – ئۈستى قورام تاش بولغان بىر ماكاندا ھالاك قىلىندى:

وَأَخَذَ الَّذِينَ ظَلَمُوا الصَّيْحَةُ فَأَصْبَحُوا فِي دِيَارِهِمْ جَاثِمِينَ (67) كَأَنْ لَمْ يَغْنَوْا فِيهَا أَلَا إِنَّ ثَمُودَ كَفَرُوا رَبَّهُمْ أَلَا بُعْدًا لِثَمُودَ (68)

« زالىملارغا قاتتىق ئاۋاز يۈزلەندى ـ دە، ئۇلار ئۆيلىرىدە ئولتۇرغان پېتى قېتىپ قالدى. گويا ئۇلار ئۆيلىرىدە تۇرمىغاندەك ( يەنى ئۇلارنىڭ تۇرغان جايلىرى ئادەمزات تەرىپىدىن ئاۋات قىلىنمىغاندەك ) بولۇپ قالدى، بىلىڭلاركى، سەمۇد رەببىنى ئىنكار قىلدى، سەمۇد ھالاك بولسۇن ( سەمۇد مانا مۇشۇنداق شەكىلدە تارىخ سەھنىسىدىن يوقالدى ) » ( 67 – 68 ).

سۈرىدە بىرىنچى ۋە ئىككىنجى ئاد قەۋمى قىسسەلىرىدىن كېيىن لۇت پەيغەمبەر ۋە ئۇنىڭ ئازغۇن قەۋمىنىڭ قىسسىسى بايان قىلىنغان ( 69 – 83 ). لېكىن، قىسسە ھەزرىتى ئىبراھىمدىن باشلانغان. بەلكىم بۇ ئارقىلىق، قۇرئان ۋەھىينىڭ تۇنجى خىتاپ قىلىنغۇچىلىرى بولغان ئەرەب مۇشرىك قەۋملىرى ھۆرمەتلەيدىغان بىر ئىسىم بىلەن، ئۇلارنىڭ دىققىتىنى ئىلاھىي خەۋەرگە ئاغدۇرۇش مەقسەت قىلىنغان بولسا كېرەك. بۇ قىسسەدە خاتا چۈشەنچە شەكىللىنىپ قېلىش ئىھتىمالى بولغان بىر نوقتا، ھەزرىتى لۇتنىڭ ئازغۇن قەۋمىگە: « ئى قەۋمىم! مېنىڭ بۇ قىزلىرىم سىلەرگە ئەڭ پاكتۇر! » دېيىشى ئىدى ( 78 ). ھەزرىتى لۇتنىڭ بۇ سۆزى بىلەن دېيىلمەكچى بولغان مەقسەت، ھەرگىزمۇ قىزلىرىنى زالىم قەۋمىگە ئۈستەك بېرىشى ئەمەس، ھەمجىنىس مۇناسىۋەتنى رەت قىلىپ، فىترەتكە مۇۋاپىق بولغان تەرەپكە دەۋەت قىلىش ئىدى. بەزى مۇپەسسىرلەر « مانا قىزلىرىم » ئىبارىسىنى مۇنداق تەپسىر قىلغان: « ھەزرىتى لۇت پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلگەن قەۋمىنىڭ قىزلىرىنى نەزەردە تۇتقان. چۈنكى پەيغەمبەرلەر ئەۋەتىلگەن قەۋمنىڭ ئاتىسىنىڭ ئورنىدا ». شۇئەرا سۈرىسى 166 – ۋە بۇ سۈرىنىڭ 79 – ئايىتىگە ئاساسەن ھەزرىتى لۇتنىڭ سۆزىنى مۇنداق چۈشۈنۈش كېرەك: « مانا قىزلىرىم! ئۇلار بىلەن توي قىلىڭلار! ».

بۇ سۈرىنىڭ تۆتىنجى بولۇپ شۇئەيب پەيغەمبەرنىڭ قىسسىسى بايان قىلىنغان ( 84 – 94 ). مەديەن خەلقىگە ئەۋەتىلگەن بۇ پەيغەمبەرمۇ قەۋمى تەرىپىدىن ئىنكار قىلىنغان بولۇپ، بۇ سەۋەپتىن ئۇ قەۋمنىڭ ئاقىۋىتىمۇ ئىلگىرىكى قەۋملەر بىلەن ئوخشاش بولغانىدى. ئىنكارچى مەديەن خەلقى ھەزرىتى شۇئەيبگە، ئۇنىڭ پەقەت نەسەپلىك بىر ئائىلىدىن كەلگەنلىكى ئۈچۈن چىقىلمىغانلىقىنى ئېيتقاندا، ھەزرىتى شۇئەيب بەرگەن بۇ جاۋاپ ھەقىقەتەن چوڭقۇر مەنىگە ئىگە:

قَالَ يَا قَوْمِ أَرَهْطِي أَعَزُّ عَلَيْكُمْ مِنَ اللَّهِ وَاتَّخَذْتُمُوهُ وَرَاءَكُمْ ظِهْرِيًّا إِنَّ رَبِّي بِمَا تَعْمَلُونَ مُحِيطٌ

شۇئەيب ئېيتتى: « ئى قەۋمىم! مېنىڭ قەۋم قېرىنداشلىرىم سىلەرگە اﷲ تىنمۇ ئەتىۋارلىقمۇ؟ سىلەر اﷲ نى ئارقاڭلارغا چۆرىۋەتتىڭلار ( يەنى اﷲ قا ئىتائەت قىلمىدىڭلار ۋە اﷲ نى ئۇلۇغلىمىدىڭلار )، رەببىم سىلەرنىڭ قىلمىشلىرىڭلاردىن ئەلۋەتتە خەۋەرداردۇر » ( 92 ).

سۈرىنىڭ بەشىنچى قىسسىسى، ھەزرىتى مۇسا – پىرئەۋن قىسسىسى بولۇپ، بۇ قىسسە پەقەت تۆت ئايەت بىلەن بايان قىلىنغان. يەنى شۇنداقلا تىلغا ئېلىپ ئۆتۈلگەندەك تۇيغۇ بېرىدۇ. باشقا سۈرىلەردە بۇنىڭغا قارىغاندا خېلى تەپسىلى توختالغان. لېكىن، بۇ سۈرىدە ھەزرىتى مۇسا ھەققىدە توختالغان بۆلەك پەقەت بۇ ئەمەس. بىر قانچە بۆلەكتىن كېيىن يەنە ھەزرىتى مۇسا قىسسىسى تىلغا ئېلىنغان. ئەمما، بۇ بۆلەكتە پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ زالىم قەۋمى بىلەن كۆرەش قىلغان ھەزرىتى مۇسا ئەمەس، ئۆز قەۋمى بەنى ئىسرائىلنىڭ يەھۇدىيلىشىش مايىللىقى بىلەن كۆرەش قىلغان ھەزرىتى مۇسا قىسسىسى بايان قىلىنغان ( 110 ). بۇ ئارقىلىق يەھۇدىيلارنىڭ ۋاستىلىق تۇزكورلىقى بىلەن، مۇشرىكلارنىڭ بىۋاستە ئىنكارچىلىقى ئارىسىدىكى ئوخشاش نوقتىنى تەكىتلەش مەقسەت قىلىنغان.

بارلىق ھالاك قىلىنىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك قىسسەلەردىن كېيىن مۇنداق دېيىلگەن:

وَمَا ظَلَمْنَاهُمْ وَلَكِنْ ظَلَمُوا أَنْفُسَهُمْ فَمَا أَغْنَتْ عَنْهُمْ آَلِهَتُهُمُ الَّتِي يَدْعُونَ مِنْ دُونِ اللَّهِ مِنْ شَيْءٍ لَمَّا جَاءَ أَمْرُ رَبِّكَ وَمَا زَادُوهُمْ غَيْرَ تَتْبِيبٍ

« بىز ئۇلارغا زۇلۇم قىلمىدۇق، لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى زۇلۇم قىلدى. رەببىڭنىڭ ( ئۇلارنى ھالاك قىلىش ) پەرمانى كەلگەندە، ئۇلارنىڭ اﷲ نى قويۇپ ئىبادەت قىلغان مەبۇدلىرى ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمىدى، بۇلار ئۇلارغا پەقەت ھالاكتىنىڭ تىزلىشىشىدىن باشقا بىر پايدا ئېلىپ كەلمىدى » ( 101 ).

بۇ ئايەتلەردىن كېيىن، رەسۇلۇللاھنىڭ چاچلىرىنىڭ ئاقىرىپ كېتىشىگە سەۋەپ بولغان ئايەتلەر بايان قىلىنغان:

فَاسْتَقِمْ كَمَا أُمِرْتَ وَمَنْ تَابَ مَعَكَ وَلَا تَطْغَوْا إِنَّهُ بِمَا تَعْمَلُونَ بَصِيرٌ (112) وَلَا تَرْكَنُوا إِلَى الَّذِينَ ظَلَمُوا فَتَمَسَّكُمُ النَّارُ وَمَا لَكُمْ مِنْ دُونِ اللَّهِ مِنْ أَوْلِيَاءَ ثُمَّ لَا تُنْصَرُونَ (113)

« ( ئى مۇھەممەد! ) اﷲ سېنى بۇيرۇغاندەك توغرا يولدا بولغىن، ساڭا ئىمان ئېيتقانلارمۇ توغرا يولدا بولسۇن. ( مەنئى قىلىنغان ئىشلارنى قىلىپ ) اﷲ نىڭ چەكلىرىدىن چىقىپ كەتمەڭلار، شۈبھىسىزكى، اﷲ قىلمىشىڭلارنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. زالىملارغا مايىل بولماڭلار، ( مايىل بولساڭلار ) دوزاخ ئازابىغا قالىسىلەر، سىلەرگە اﷲ تىن باشقا ( دوزاختىن قۇتۇلدۇرىدىغان ) ھېچ ياردەمچى يوقتۇر، ئاندىن كېيىن ھېچ ياردەمگە ئېرىشەلمەيسىلەر » ( 112 – 113 ).

رەسۇلۇللاھنىڭ چېچىنىڭ ئاقىرىپ كېتىشىگە سەۋەب بولغان ئەسلى مەسىلە، قەۋمىنىڭ دەپئىسى مۇمكىن بولمايدىغان بىر ھالاكەت باسقۇچىغا كىرىپ قېلىش ئەندىشىسى ئىدى. بۇ سۈرە نازىل بولغان مەزگىلدە، رەسۇلۇللاھنىڭ روھى ھالىتىنى مۇنداق تەخمىن قىلىش مۇمكىن. يەنى، ئۇ ئىلاھىي ئىرادىگە بويسۇنۇشتا گەدەنكەشلىك قىلغان قۇرەيشكە، سەركەشلىك قىلغان بۇ تۇققانلىرىغا بىرە بالا كېلىپ قالارمۇ دەپ ئەندىشە قىلغانىدى. بۇ سۈرىدىكى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇشلار رەسۇلۇللاھنى تېخىمۇ ئەندىشىگە سالغان بولۇپ، رەسۇلۇللاھنىڭ چاچلىرىنىڭ ئاقىرىپ كېتىشىگە بۇ ئامىل سەۋەپ بولغان بولسا كېرەك.

سۈرىنىڭ ئاخىرىدىكى ئايەتلەر ئارقىمۇ – ئارقا تەھدىد خاراكتېرىگە ئىگە بولۇپ، ئوچۇق ھالدا تەھدىد بولمىغان ئايەتلەردىمۇ يېپىق ھالدا تەھدىد پۇرىقى چىقىپ تۇرىدۇ. ئىلاھىي ھالاك قانۇنى دېيىلىدىغان بىر قانۇن بولغان بولسا، ئۇ قانۇننى تۆۋەندىكى ئايەتلەر ئېنىق بايان قىلماقتا:

وَمَا كَانَ رَبُّكَ لِيُهْلِكَ الْقُرَى بِظُلْمٍ وَأَهْلُهَا مُصْلِحُونَ (117) وَلَوْ شَاءَ رَبُّكَ لَجَعَلَ النَّاسَ أُمَّةً وَاحِدَةً وَلَا يَزَالُونَ مُخْتَلِفِينَ (118)

« رەببىڭ ئاھالىسى ياخشى بولغان يۇرتلارنى، پەقەت ئازغۇن ئېتىقاد سەۋەبىدىن زۇلۇم سېلىپ ھالاك قىلمايدۇ. ئەگەر پەرۋەردىگارىڭ خالىسا ئىدى، پۈتۈن ئادەملەرنى ئەلۋەتتە بىر ئۈممەت ( يەنى بىر دىندا ) قىلاتتى، ( ئۇ بۇنداق بولۇشىنى خالىمىغانلىقى ئۈچۈن ) ئۇلار  ( يەنى ئىنسانلار ) پەرقلىق چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولۇپ كەلدى » ( 117 – 118 ).

ھەر چاچ مەيلى دۇنيالىق بولسۇن ۋەياكى باشقا بىر يولدا بولسۇن، بىر داۋا يولىدا ئاقىرىدۇ. چاچلىرىنى ۋەھىي بىلەن ئاقارتقانلارغا سالام بولسۇن!